ئارزۇ تولدۇرۇش ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنگە ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم پاتىمە ئەيسا ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدى – كەينىدە نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى مائارىپ تارماقلىرىغا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا، تونۇشلىرىغا يول مېڭىپ ئاۋارە بولىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنماي قالغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئارزۇنى توغرا تولدۇرالمىغانلىقىدا.
بۇلتۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورنىغا بارغانىدىم. ئۇ يەردە ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، غۇلجا، قاراماي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن، لېكىن چاقىرىق ئۇقتۇرۇشى كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى ئۇچراتتىم. ئاتۇشتىن كەلگەن بىر ئايال سۈرۈشتۈرۈش كۆزنىكىدىكى خادىمدىن: ئوغلۇمنىڭ نومۇرى ئالىي مەكتەپ نومۇر چېكىدىن خېلىلا ئاشقان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىنمۇ ئۆتكەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئوغلۇم نېمە ئۈچۈن شاللىنىپ قالىدۇ؟ دەپ زەردە بىلەن سورىدى. خىزمەتچى خادىم: ئاچا، ئوغلىڭىزنىڭ بىرىنچى ئارزۇسىدىكى مەكتەپنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە قويىدىغان تەلىپى بار ئىكەن، ئوغلىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۇ مەكتەپنىڭ تەلىپىگە يەتمىدى، دېدى. بۇلتۇر بىر تونۇشۇمنىڭ بالىسى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتكەنىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ نومۇرى تولۇق كۇرسنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە توشقانىدى، لېكىن ئاخىرىدا ھېچقانداق مەكتەپكە تاللىنالماي، قايتا ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. سەۋەبى ئۇ ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئۆزىنىڭ مۆلچەر نومۇرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەن، ئالغان نومۇرى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نومۇر چېكىدىن تۆۋەن بولۇپ قالغان، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپلەر قوبۇل قىلايلى دېسە، ئارزۇ جەدۋىلىدىكى تەڭشەشكە قوشۇلامسىز دېگەن يەرنى ئاق قويغان، بۇ تەڭشەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارىلىپ، ھېچقانداق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغان. دېمەك، بۇ ئىككى ئىشتىن ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ خۇددى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئارزۇ تولدۇرغاندا ئەستايىدىل بولۇڭ
ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشقا خۇددى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپ، كەسىپنى تاللاش كېرەك. مۆلچەر نومۇرىنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى قېتىملىق مانېۋىر ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىغا قاراپ توغرا مۆلچەرلەپ، مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىن پايدىلىنىپ توشقۇزۇش كېرەك، بولمىسا نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئارزۇ قىلغان مەكتىپىنىڭ نومۇر چېكىگە يەتمەي قالسا ئوخشاشلا تاللىنالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتىپىدىكى ۋە تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك. چۈنكى ھەر بىر جاينىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئوخشاش بولمىغاچقا نومۇر پەرقىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇ رايون بويىچە يۇقىرى نومۇر ئالغانلار باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى توغرا مۆلچەرلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك.
ئارزۇنى ئۇنىۋېرسال تەڭشەشكە، كەسىپ تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، بىرىنچى ئارزۇ بويىچە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا ھە دېگەندىلا داڭلىق مەكتەپلەرنىلا يېزىۋالماي، ئارزۇنى ئۇنىۋېرسال تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، نومۇرى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ تاللاش نومۇر چېكىگە توشماي قالسا، قوبۇل قىلىنماي شاللىنىپ قالىدىغان گەپ. بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلماي، بازار ئېھتىياجىنى قوغلىشىپ، قىزىق نۇقتا كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىۋالىدۇ، مەسىلەن: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، بالىلار تەربىيەسى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى، ئايروپىلان مۇلازىملىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلار، ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپلەرنىڭ شۇ كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كەمچىل، ئەمەلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، تەجرىبىسى يوق. ھەر بىر مەكتەپنىڭ كوزىر كەسپى بولىدۇ، شۇڭا نوقۇل ھالدا داڭلىق مەكتەپ قوغلىشىشتىن ساقلىنىپ، قىزىققان كەسىپنى تاللىغان ياخشى.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىنى ئوبدان ئوقۇپ چۈشىنىپ، ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇڭ
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، تۇرمۇش، ئوقۇتۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشتىكى كۆزنەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىدا تولۇق بار. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قانۇنلۇق شەكلى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى. ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىدىكى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى، تەرتىپى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى، چەكلەنگەن شەرتلەر ۋە ئېتىبار بېرىلىدىغان شەرتلەر، شۇ مەكتەپنى بىرىنچى ئارزۇسىغا يازغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى تولۇق كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ مۆلچەر نومۇرىنى، سالامەتلىكى، بوي ئېگىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان – چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىش زۆرۈر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى ئارزۇ تولدۇرۇشتا كومپاس بولالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى
|