تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: alma423

شىنجاڭدا پۇتبولىدىن باشقا نەرسىمۇ بار مەدەت بىرىدىغانغا     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12592
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 01:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەرنىڭ خۇيىنى تازا بىلىپ بولالمىدىم، سۈرەتلەرنى چىقىرىشمۇ تازا تەس كەلدى مەندەك يېڭىياچىغا

بىر قىسىىم ياخشىراق چىققان سۈرەتلەرنى پرىسلاپ چىقىرىپ قويدۇم. چۈشەندۈرۈشلىرىنى يېزىشنى ئۇنتۇپتىمەن، سەت بولدى جۇمۇ.

بۈگۈنكى يېڭى خەۋەر: بۈگۈن چۈش 12يېرىمدىن 2يېرىمغىچە بولغان مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز زور شىجائەت بىلەن مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزلىرىنىڭ چېكىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شيامىن ئونۋېرستىتى كوماندىسى بىلەن تىركەشتى.
بىراق ئەھۋال يىگىت قىزلىرىمىزنى تەمتىرەتتى. چۈنكى قارشى تەرەپتە ئىككى نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر پۈتۈن مۇسابىقىنى كونتىرول قىلىۋالغىلى تۇراتتى. ئۇ ئىككىسىنىڭ توپ ئېتىش، ئۇرۇش ۋە يۈگۈرۈش سۈرئىتى ماھىرلىرىمىزنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. قارشى تەرەپنىڭ ھەممە نۇمۇرىنى شۇ ئىككەيلەن ئالغانىدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئاخىرقى يېرىم سائەتكە كىرگەندە، كوماندىمىز خىزمەتچىسى(新疆大学棒球部经理)دىلنىگار تېرىنىرغا ئەھۋال مەلۇم قىلدى. ھېلىقى ئىككى نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر مۇسابىقىگە تىزىملاتقان خاتىرىدىكى سۈرەتتىكى ئىككى ماھىرغا ئوخشىمايۋاتاتتى.
تېرىنىر لېتىپجان دەرھال زاپاس ئەزالارنى بۇيرۇپ قارشى تەرەپ ماھىرلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆرەتكە تارتىپ ئىسپات ئالدۇردى ۋە دەرھال مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتىتىغا مەلۇم قىلدى. گەرچە مەيداندىكى مۇسابىقە نەتىجىسى كوماندىمىزنىڭ ئۇتتۇرۇشى بىلەن ئاياقلاشقان بولسمۇ، بىراق تەشكىلىي كومىتىتنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئەھۋال ئايان بولدى. ھېلىقى ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر ئەسلىدە تەيۋەندىكى مەلۇم بىر كەسپىي كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بۇلۇپ، شيامىن ئونۋېرستىتى كوماندىسى ئەزاسى سىياقىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىكەن. ئۇلار ھازىرقى خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيىدە بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىگەن ئىدى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلىي كومىتىت ئاخىرىدا شيامىن ئونۋېرستىتى كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلدى، كوماندىمىزنىڭ نەتىجىسى ھېساب قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن ئەزىمەتلىرىمىز 0گە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم غەلبە قىلدى.

كوماندا ئەزالىرىنىڭ دىيىشىچە، ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە، ھەر قېتىملىق تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار ئۇتتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىدە 5كە قارشى 11 نەتىجە بىلەن جوڭشەن ئونۋېرستىتى كوماندىسىنى يەڭدى.
ئۆتكەن يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كوماندىمىزنى يېڭىپ چىمپىيون بولغان گۇيلىن كوماندىسى بۇ يىل ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەسكەن. خېبىي يېزا-ئېگىلىك ئونۋېرستىتى كوماندىسى، فۇدەن ئونۋېرستىتى كوماندىسى قاتارلىقلارنىڭ سەۋىيىسىدە زور ئىلگىرلەش بار بولسىمۇ، ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىممۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ يۇرتىمىزغا شەرەپ كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچى كامىل.

2012-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ خەۋىرى

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-20 12:18):
2012.7.20 بۈگۈنكى مۇسابىقىدىمۇ يوقۇرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپتۇ.

UID
16707
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 02:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇرررااااا~~~ئاللاھ سىلەرگە يار بولسۇن ئېزىز قېرىنداشلار~~

UID
16707
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 02:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilalyusuf يوللىغان ۋاقتى  2012-7-19 19:05
فىلىمنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز
http://movie.douban.com/su ...

مەن كۆرەلمىدىم....百度 ئىزدەش ماتورىدىن تاپقىلى بولامدىكى~؟

UID
6825
يازما
500
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11761
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-27
توردا
226 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 22:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارغا غەلىبە ۋە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،بىز بىر نىيەتتە ئۇلارنى قوللايمىز،چۈنكى ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ پەخرىلىرى

UID
11266
يازما
56
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1766
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە سىلەرگە جۈملىدىن بىزگە مەنسۈپ .

UID
40538
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا،ئوتكۈزۈلگەن بولسا چۇقۇم بېرىپ مەدەت بەرگەن بولاتتۇق،!!!!!!!!ۋوررا!!!!!!!!!!!!.غەيرەت قىلىڭلا!!!!!!!!!!!!!!!.

UID
43656
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپنى بىسمىللاھ دەپ ئۇرۇڭ قېرىندىشىم  . ئاللاھ ئەزىز كىلسۇن !

UID
28680
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ خوشاللىنارلىق خەۋەركەن بۇ ،،،،، مەكىتۋىمىزدىن چىققان ئەزىمەتلەر پۇتۇن شىنجاڭغا شان - شەرەپ ئېىلىپ كەلگۇسى !!!!!!!

UID
44033
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەتلەر  ..... ھۇررا ........

UID
12592
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەتلەر بۈگۈن فۇدەن ئونۋېرستىتى كوماندىسىنى 0گە قارشى 10نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە  ئەتە كەچ سائەت 5يېرىمدا باشلىنىدۇ.
ئامەت تىلەيمىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش