تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 10050|ئىنكاس: 53

شىنجاڭدا پۇتبولىدىن باشقا نەرسىمۇ بار مەدەت بىرىدىغانغا     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12592
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-20
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 02:26:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا پۇتبولىدىن باشقا نەرسىمۇ بار مەدەت بىرىدىغانغا

شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسى، 20نەچچە ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن كىچىككىنە كوماندا، ئۇلارغا دىققەت قىلىدىغان تۈزۈك ئادەممۇ يوق. چۈنكى ئالتىنجى ئاينىڭ پىژقىرىم ئاپتىپىدا كىممۇ مەيدانغا چىقىپ باشقىلارنىڭ مەشىقىنى كۆرىدۇ دەيسىز؟
ئۇلار ھەققىدە ئازراق سۆزلىگۈم كەلدى. سۆزلىۋالاي، كۆرۈپ قويۇڭلار.
ئۇلار كالتەك توپنى سۆيىدۇ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئەسلىھە سېتىۋالىدۇ، باشقىلار ئىمتاھان بېرىپ بۇلۇپ سايىدا ئارام ئالىدۇ، قىز دوست ئوغۇل دوستلىرى بىلەن ئۈچرىشىشقا بارىدۇ. بىراق ئۇلار ئۇياقتىن ئىمتاھان بېرىپ بولۇپ بۇياقتىن مەيدانغا چىقىپ مەشىقنى باشلايدۇ. باھانە تېپىپ قاچمايدۇ، ۋايسمايدۇ.
ئارتۇق سۆزنىڭ لازىمى يوق، بىر نەرسە ئېنىق، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسى قان تەر ئاققۇزدى. ئۇنىڭ بەدىلىگە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۆتكەن يىللىق مەملىكەتلىك كالتەك توپ مۇسابىقىسىگە كوماندا ئەزالىرى ئۆز يېنىدىن پۇل يىغىش قىلىپ تىزىمغا ئالدۇردى، گۇاڭجۇغا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بېلەت ئېلىپ بېرىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئەجىر يەردە قالمايدۇ. ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەسپىي كوماندىلار ۋە ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بار كوماندىلارنى يېڭىپ چىقىپ مەملىكەت بويىچە ئىككىنجى بولدى.
ئۇلار بۇ نەتىجىگە قانائەت قىلمايدۇ، ھەممە يەردە سۆزلەپ ماختىنىپمۇ يۈرمەيدۇ. شۇڭا بىلمەسلىكىڭىز تەبئىيلا. سىز ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كالتەك توپ مەيدانىدا شۇڭقار كەبى تاشلانغىنىنى پەرەز قىلالمايسىز. نىمىلەرنى قۇربانلىق بېرىپ ، نىمە جاپالاردا سەپەر قىلىپ ھازىر نەدە نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل ئالتىنجى ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار بار، مەمۇرىيلار ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئۆتكەن، ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانىغا(特岗) قاتنىشپ ئۆتكەن، يۈزتۇرانە ئىمتانھانغا قاتناشسىلا بولىدىغان نەچچە يىگىتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيسىز،  ئالتە مىڭ يۇەنلىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان، پەقەت بىر قېتىم بېرىپ تىزىملاتسىلا بولىدىغان ئىشنىمۇ قايرىپ قويۇپ مۇسابىقە  سەپىرىگە ئاتلانغان يىگىتنىڭ ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيسىز؛ ئۆيىدىكى توينى قايرىپ قويۇپ 33سائەت پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ مۇسابىقىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن قازاق يىگىتنىڭ چىرايىدىكى جەسۇرلۇق ۋە مۇسابىقىگە بولغان ئىشەنچنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز.  كوماندا ئەزاسى ئەسقەرنىڭ توپ تىگىپ زېدە قىلىۋەتكەن پۇتىدىكى يارا ئىزىنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت قانچىدە قايسى كوماندا بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئويناپ قانداق نەتىجە بىلەن ئاياقلاشقانلىقىنى بىلگۈڭىز يوقمۇ؟
شىنجاڭ پوتبول كوماندىسى ئۇياقتىن قۇرۇلۇپ تۇرۇشىغا بۇياقتىن ئاتمىش مىڭ ھەۋەسكارنىڭ نەزىرى ئۇلارغا تىكىلدى. پۇتبول، دۇنياۋى تەنھەرىكەت، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭمۇ ئۈمۈدىمىزنى يەردە قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.  بىراق بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسىغىمۇ دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ. تېرىنىر لېتىپجاننى تۇنۇۋېلىڭ، دەرىجىدىن تاشقىرى مارىيو دەپ نام ئالغان ماھىرىمىزنىڭ ئىسمىنى بىلىۋېلىڭ، كوماندا خىزمەتچىسى(棒球部经理) گۈزەل قىزچاق گۈلنىگارنى تونۇۋېلىڭ، ئەڭ قالتىس توپ ئاتقۇچىمىزنىڭ قارامتۇل ئەمما كىلىشكەن چىرايىنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋېلىڭ....
ئۇلارنى بوش چاغلىماڭ، گەرچە شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسى بى دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى ئۇلار يەڭگەن بىر نەچچە كوماندا بۇ يىل ئۆلكىلىك كوماندا بۇلۇپ قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭىلگەن ئاشۇ كوماندىلار ئا دەرىجىسىگە ئۆتۈپ، بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قېلىش خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ قېلىپ ئۇف دېدى.
كوماندا ئەزالىرى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بېلەت ئېلىپ تۆنۈگۈن يەنى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت  ئونلاردا بېجىڭغا يېتىپ كەلدى. ئۇلارنى پايتەختنى كۆرگىلى، ئوينىغىلى كەلدىمىكىن دەپ قالماڭ. ئۇلار ھېچيەرنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا شەھەر سىرتىدىكى لۇچېڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە جايلاشقان مۇسابىقە رايونىغا يېتىپ كېلىپ مەشىقنى باشلىۋەتتى.
ئادەتتە قاتتىق داق يەردە مەشىق قىلىپ كۆنگەن يىگىتلىرىمىز ئۆلچەملىك مەشىق مەيدانىدىكى بوش توپىلارغا قاراپ غەمگە چۆكتى، بوش توپىلاردا توپ ئۆرلەپ قاڭقىپ چىقماي جايىدا توختاپ قالاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەشىق ئۇسۇلى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. كېچىچە ئۇلارنىڭ جىددىيلەشكەن چىرايى پېقىر بارماق ئېگىسىنىمۇ غەمگە سالدى. بىراق باشقا كوماندىلار ئادەتتە مەخسۇس كالتەك توپ مەيدانىدا ئۆلچەملىك ئەسۋابلار بىلەن ئوينايدۇ. توپلار ئازراقلا تىتىلىپ كەتسە يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدۇ. بىزنىڭ يىگىتلەردەك ئاياپ ئاسراپ يۇرمەيدۇ. سۈيىنى توشۇپ لۆڭگە سۇنىدىغان خىزمەتچىلەر تەييار.  ئەزىمەتلىرىمىز تۆنۈگۈن كەچ مەشق ۋاقتىدا ھەتتا ئىچىدىغان سۇمۇ تاپالمىدى، چۈنكى باشقا كوماندىلار ھەممىسىگە ئۆز ئورۇنلىرىدىن مەخسۇس ئىچىملىك تەييارلاپ قويغانىدى، شۇڭا ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپمۇ بىزنىڭ يىگىتلەر ئۈچۈن مەخسۇس سۇ تەييارلىمىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئۇلار مەشق قىلىۋاتقاندا، گۈلنىگار، يۇلتۇز قاتارلىق تۆت ئارقا سەپ پىدائىي قىز  سوراپ يۇرۇپ يېقىن ئەتراپتىكى بازاردىن ئىككى ساندۇق مېنىرال سۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى.
بىراق بۇ قىيىنچىلىقلار  ئەزىمەتلىرىمىزنى قورقۇتالمىدى. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئونبىردىن باشلانغان ئىككى سائەتلىك جىددىي مۇسابىقىدە ئۇلار تۆككەن ئەجرىگە يارىشا يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن قارشى تەرەپ جوڭشەن ئۇنۋېرستىتى كوماندىسىنى يەڭدى. ئەتە ئەتىگەن (19-چىسلا)ئۇلار شيامىن ئۇنۋېرستىتى كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە سۈرەتلەرنى كېيىكى كۈنلەردە ئۇلاپ يوللايمىز .شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىغىلا ئەمەس،  شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسىغا دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ، ئۇلارمۇ مەدەتكە موھتاج، رەھمەت.

ئىختىيارىي مۇخبىر ئالىم نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىدۇ. بېجىڭدىكى دوسلارنىڭ ئارلىقنى يىراق دىمەي بېرىپ مەدەت بېرىپ قۇيۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-20 01:55):
كەينىگە ئىنكاس شەكلىدە قوشۇلغان  مەزمۇنلارنى  ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ........

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-27 11:17):
http://v.youku.com/v_show/id_XNDMyMzAzNjg0.html مانا كەتتى سىن ھۆججىتى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
38920
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 09:55:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئۇلارغا  كۈچ ۋە مەدەت بەرسۇن!!!!!مەيلى پوتپول ،مەيلى كالتەك توپ بولسۇن بىز ئەزىمەتلىرىمىزنى  مەڭگۈ قوللايمىز!

باھا سۆز

alma423  رەخمەت دوستۇم.بۈگۈنكى مۇسابىقە 12يېرىمدا باشلىنىدىكەن. ياخشى نەتىجە ئالغاي  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 10:26:41

UID
39244
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-20
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 12:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بىر  ياخشى  خەۋەركەن  ،  ئۇلارنىڭ  ياخشى  نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن ،

غەيرەت قىلىڭلار ئەزىمەتلەر.

ئۈمىدلىك ئەزا

مۇز ئۇخلاۋاتقان

UID
13088
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
273
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 12:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالتۇن بولسىڭىز ھامىنى پارقىرايسىز!
ئەزىمەتلەر ،غەيرەت قىلىڭلار!

UID
4374
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
346
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرشىگە تىلەكداشمەن !!!!!!!!!!!

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:42:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يازمىڭىزنى ئوقۇپ، سەلدەك ئېقىۋاتقان يېشىمنى توختۇتۇپ بولالمىدىم، نىمە دىگەن جەسۇر، نىمە دىگەن جاسارەتلىك يىگىت- قىزلىرىمىز بۇ؟ ، دەپ ئىچىمدە ئۇلارغا ئۇلۇغ ئاللاھىمدىن قۇتلۇق نەتىجە تىلىدىم. تىرىشىڭلار ئەزىمەتلىرىم، سىزلەرنىڭ ئاققۇزغان قان- تەرىڭلارنىڭ بەدىلىگە شانلىق غەلىبىلەر قۇچاق ئاچقاي، ئىشىنىمەنكى، سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار يەردە قالمايدۇ!!!!!!
     بولسا ئۇلار ئوينىغان مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنىشىنى قايسى تېلېقانىلىدىن كۆرۈدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولسىڭىز، ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىز ئۆزگىچە بولغان ئۇشبۇ يازمىڭىزدىن سۈيۈندۈم، قېرىندېشىم..

UID
14154
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-24
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 16:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ! يارايسىلەر ! سىلەرگە نۇسرەت يار بولسۇن !  ئىمكان بولسا ، بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ سىن ھۆججەتلىك، سۈرەتلىك خەۋەرلىرى بولسا خەۋەردار بولساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ....بۇ تېمىنى يوللاپ، بىزگە بۇ ياخشى خەۋەرنى يەتكۈزگەن قېرىندىشىمىزغا رەھمەت !

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
849
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
34806
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 17:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بۇ توغرىدا ھىچقانداق  خەۋەر ئۇقمايدىكەنمىز.. سىلەرگە غەلىبە يار بولسۇن!!
ئۇلارنىڭ شۇنداق جاپالىق شارائىتلاردا قىلىۋاتقان مەشقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ھەممىمىز قوللاشنى خالايمىز ئەلۋەتتە

UID
43664
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 18:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زاماندا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ھەر قانداق ئادەم نەتىجە قازىنىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن تەشۋىقاتقىمۇ مەبلەغ سېلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر كوماندا ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، جەمئىيەتنىڭ بۇ تەنتەربىيە تۈرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىشى كېرەك.
مەزكۇر يازمىنى يېزىپ بۇ كوماندىنى تەشۋىق قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-19 18:41):
alma423 سىزگە ئىگىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ مەدەت تىلەيمەن.

باھا سۆز

alma423  رەھمەت بۇرادەر، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئەزىمەتلىرىمىزگە يېقىندىن ياردەمدە....  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 02:03:07

UID
43664
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 18:49:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بايا بەيدۇ ئارقىلىق بۇ كوماندىنىڭ رەسىمىنى تېپىپ چىقتىم. قاراپ بېقىڭلار شۇمىكىن.

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

باھا سۆز

alma423  ئۆتكەن يىلقى سۈرەت ئوخشايدۇ، بەزىلىرى ھازىر يوق. يېڭى سۈرەتنى ئەتىچە.....  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 02:05:35
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش