ئىگىسى: جاللات

يەكەندىكى قەلەمكەشلەرگە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

يارتىلىشىمىزدىكى مەقسەت ياخشى

UID
12641
يازما
135
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3316
تىزىملاتقان
2011-6-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 23:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بورھاننى ئاكامدەكلا ياخشى كورىمەن ، ئىچى - ئىچىدىن قايناپ تۇرىدۇ ، ناخشىچىلىرىدا چىن ھىسىيات توكۇلۇپ تۇرۇدۇ . ھازىر چەتئەلدىمۇ ، مەن شۇنداق ئويلىدىم ،بەك ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتتى سەھنىدە كورمىگىلى .

UID
34323
يازما
64
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 23:16:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان  سادىققا ئاتاپ يازغان شېئىر قالتىس  تېتملىق چىقىپتۇ.  سەنئەتكار لىرىمىز،شائىر-يازغۇچىللىرىمىزنىڭ پىكىرلىشى، قوشۇلىشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش...

UID
41967
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 00:40:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
4227
يازما
699
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19751
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-17
توردا
124 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 01:50:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن ساچلىق شۇشەن ئاكاڭنى، دەۋاتامسىزا جاللاتخان؟
ئۇنىڭدىن كۆرە «ئاشق ئاكاڭنى» دەۋەتسىڭىز بولماسمىدى؟

بىزدە ئاشق قالمىدى، ئەمما ئاشقنىڭ سىيماسى قالدى، ئۇ زاھىر بۇرھان!
زاھىر بۇرھان نىمجاننى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن 1985-يىلى  ئىسكىرىپكىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئاقسۇ كوچىلىرىدا  ئەتىگەن بارىدىغان يېرىگە ماڭىدىغان بىر بالىنى تونۇيتتىم، ئۇ بىر ئاشق ئىدى، ئۇنىڭ زاھىر بۇرھان ئىكەنلىكىنى  ئاغا بۇرادىرىمىز ئېھسان دەپ بەرگەن ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ ئاشق تېخى بۇرۇتى خەت تارتمىغان بىر ئۆسمۈر ئىدى، مېھرىگۈلنىڭ ئۇسسۇل مەشق قىلىۋاتقىنىنى  تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە تارتىۋاتقىنىمدا، ئېھسان ئاغا زاھىر مۇشۇ قىزنىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەن ئىدى!

ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپ، ھەق رەھمىتىدىكى باتۇر روزى تويۇمغا قولداش بولغىنىدا، زاھىر بۇرھان توي مۇراسىمىمغا زامانىسىدىكى ئېسىل ناخشىلىرى بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىپ بەرگەن ئىدى. تەقدىر شۇنداق بولىدىكەن، ھازىر بىز تونۇشمايمىز!

UID
11177
يازما
168
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1698
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-16
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 04:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستلا ئۇزۇن بولدى زايىر بورھان ئاكېمىزنى سەھنىلەردە كۆرمىگىلى، زايىر بورھاننىڭ باقالامسەن ناملىق ناخشىسىنى قەۋەتلا ياقتۇرىمەن.

UID
33405
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 11:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللات  بۇ تېمىنى يىراقتىكى بىزگە ئوخشاش دوستلىرىڭنىڭمۇ  كۈرەلىشى ئۈچۈن يوللىغىنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن.

يوقاپلا كەتتتىڭ ئۇنداق قىلما....

UID
4398
يازما
91
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
2291
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 11:16:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن ئىشىققا دوست ئۈمۈد

ئەخمەتجان توختى (بۆرە ئوغلى)

ئەمدى مەن قانداق قىلارمەن،
بۇ كۆڭۈلنىڭ كارىنى.
قايدى كىم ،نەدىن تاپارمەن،
ئۇشبۇ دەرتكە دارىنى.

مەن كېزىپ چىقتىم جاھاننى،
ئىزلىمەك بوپ چارىنى.
نە تەسەللى،قىسمىتى
چاچتى ھەردەم شالىنى.

ئىزلىمەك بولساڭ ئازاپنىڭ،
ئەي كىشى گەر كانىنى.
ھىچ كىشىگە سالمىغاي،
ئەھمىدىنىڭ زارىنى.

مەن پېقىر ئاشتى داۋان،
بىلمەيدۇ ھىچبىر سانىنى.
ھەر قەدەمدە مۈشكىلات،
ئەپ قويدى ياندا جانىنى.

مەن ماكان تۇتتۇم ئىشەنسەڭ،
بارچە دەرتنىڭ غارىنى.
بىر ساراڭ دەيمىش كىشىلەر،
بىلمىسە ئەھۋالىنى.

قانچە يازساممۇ تۈگىمەس،
ئەمدى دەرتنىڭ بارىنى.
ئەي ئىگەم ياراتمىغايسەن،
ئەمدى بۇنداق بالىنى.

قايسى ئىنسان ئىزلىگەي،
مەن سۈپەت نىگارىنى.
تاغ ئېشىپ،كېچىپ دېڭىز،
ئايلىنىپ يەر شارىنى.

مىڭ مۇشاقەت -جەبرىلەر،
ياندۇرالماس رايىنى.
چىن ئىشىققا دوست ئۈمۈت،
تاپقۇسى رەيھانىنى.

2012-يىلى10-ئىيول سۇيدۇڭ ناھىيەسىى،
12-ئىيول شەھىرى بورتالادا قايتا تۈزۈتۈلۈپ يوللاندى.





UID
43845
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-7-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 17:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   ئەزىز  تورداش  دوسلا  مومكىن بولسا  زاھىر بورھان  بىلەن  سىڭلىسى  ئىيتقان   ئانىلار  ۇلۇغ   ئاتىلار  قەيسەر  دىگەن   ناخشىنىڭ   ئادىرسىنى  بىلسەڭلا   يوللاپ  بەرگەن  بولساڭلا    خۇرسەن  بولاتتىم    رەھمەت  

UID
41180
يازما
19
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن شەنبە

ئابلەت مۇھەممەت كۈيزار

( كومپۇزىتۇر زاھىر بورھاننىڭ شۇ ناملىق ناخشىسىغا تەقلىد )


بۈگۈن شەنبە ئۆيدە مەن يالغۇز،
زېرىكىشلىك تۆت تامنىڭ ئىچى.
ماڭا سىرداش بىچارە كارۋات،
مۇھەببەتنىڭ سۇنۇقتۇر كۆڭلى...!


بۈگۈن شەنبە ئۆيدە مەن يالغۇز،
دېرىزەمدە ھوۋلايدۇ بوران.
خىياللىرىم قۇرىغان دېڭىز،
يۈرىكىمدە پىژغىرىم ئارمان.


بۈگۈن شەنبە ئۆيدە مەن يالغۇز،
ئۆز- ئۆزۈمگە پاتقان ھېسلىرىم.
ئۇنتۇلغاندەك يامغۇرلۇق تۈنلەر،
ئەسلىمەيدۇ مېنىلا ھېچكىم....


2012- 7- 14


UID
41180
يازما
19
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 21:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش