كۆرۈش: 5386|ئىنكاس: 37

يەكەندىكى قەلەمكەشلەرگە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
41180
يازما
19
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 10:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەكەندىكى قەلەمكەشلەرگە


زاھىر بۇرھان



ئىلاۋە :زاھىر بۇرھان ئەلكۈيى مۇنبىرىگە چەكسىز سالامغا تولغان بۇ تەلقىنلىرىنى يوللاپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغانلىغى سەۋەبىدىن توراشلارنىڭ نەزىرىگە تاپشۇرۇلدى .

بىلدۇرگۇ:ئويۇن قويۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، قەدىمقى يۇرت يەركەنتتە، 2012 – يىلى 6 –ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 7 –ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە، بىر ئايغا يېقىن تۇرۇپ قالدىم. بۇ جەريانلاردا، شۇ يەردىكى قەلەم ئىگىللىرى بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولغىنىمدىن كۆپ خۇرسەنمەن.
ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۇش ئۈچۈن، شېئىر ئارقىلىق سالام يوللۇدۇم.
شېئىرىمدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر، مەن ئۇچراتقان سىرداشلىرىمدۇر. ئۇلارنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىراتى، مېنى شېئىر يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى.
شائىرلىق ھېسسىيات تەبىئى ۋە چىن تۇيغۇغا سادىق بولىشى كېرەك دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن، شېئىرىمدا تەسۋىرلەنگەن شەخىسنىڭ ئىككىنچى يۈزى، مېنىڭ غەليان بىلەن تولغان روھى دۇنيارىمدا سۇغۇرۇلغان ئەينەن تۇيغۇدۇر.

ھۆرمەت بىلەن : زاھىر بۇرھان


























ئابدىرېشىت سۇلايمان (جاللاتنىڭ) داچىسى



شائىر ھەققىدە قىسىقىچە قارىشىم:

شائىر ئابدىرېشىت سۇلايمان ئۈيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ ئۇگەنچىلىرىنىڭ  بىرى. ئۇنىڭ كېشىنىڭ قەلبىنى لەرىزگە سالىدىغان ئاجايىپ تەسەۋۋۇرغا ئىگە چاچما شېئىرلىرى، مېنىڭ قەلبىمدە، شائىرلىق سالاھىتىنىڭ، كىملىك نۇقتىسىدا چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى ناھيىتى روشەن بىر تۈستە گەۋدىلەندۇرگەن.

تاغاچىنىڭ بۇرۇن تۆشىكى،

ئىدى جاللاتنىڭ ياسىداق كۆشۈكى.

ئاسپېلىندا ياسالغان كاۋاپ،

كېسەللەرگە قىلىنغان ساۋاب،

ئىدى....

ئەشۇ تۆشۇكتە.

ئۇ  يەردە ھەم،

CT مۇ يوق ياكى رېنتگېن

پەقەت ئەشۇ ئىبنىسىنا

جاللات بىلەن بىرگە ياشايتتى.

سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ تۇرۇپ،

ئىشىكىگە سېلىپ قويۇپ دەم.

ئۇزۇن ئورۇق تومۇر پەلەمپەي،

خالتسىز دوختۇرنىڭ ئاياق ئاستىدا،

پىلسىراتتەك ياتار سوزۇلۇپ............

جاللاتنىڭ داچىسى...

تىترەپ تۇرار،

زىقسىز كاۋاپتا.

پىياز بىلەن تەڭ،

كۆيۈپ قورۇلۇپ.

سوۋۇپ سورۇلۇپ.

بىر كۈنى ئۇ

بىر قۇتا " نۇڭفۇ" مىنېرال سۈيىنى،

ماڭا تەستە تەڭلەپ تۇرۇپ،

تاماق يەمدۇق دېدى تىترەپ.

مەن قارىدىم ئۇنىڭ كۆزىگە.......

يىغلاپ سالدىم... ئۈنسىز ئېسەدەپ....

ئۇنىڭ ئورۇق ۋىجىك گەۋدىسى،

ئاڭا تەۋە  500 مو يەردەك،

كۆرۈنۈپ كەتتى،

كۆزۈمگە غېرىب....

ئەي قەدىرلىك ناتىۋان دوستۇم...!!

يەركەنتىكى يېنىپ تۇرغان شام.

سەن شائىرلىق ھىجرانى بىلەن،

بىرگە ئۆتكۈزگەن ئۇيقۇسىز ئاخشام...

ماڭىمۇ ھەم بولغانتى ھەمرا....

سېنىڭ داچاڭ ماڭا قەۋرىدۇر.

500 مو يەر ساڭا سەۋرىدۇر.

ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ كۆز يېشى
يازغۇچى ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم :

يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر  ھېسسىيات دولقىنى يازغۇچىلىق ئىدىراكىدىن كۆپ قەھىرلىك بولغان كىشى ئىدى. گەرچە ماڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئامىتى نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، مەن بۇ كىشىنى، ئۇ يازغان ئەسەرلىرىدىن بەكەرەك ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

ئۇنىڭ ماڭا دېگەن قەلب سۆزلىرىدىن «تىنىچ دوننىڭ» «يۇز يىل غېرىبلىقنىڭ» ھىدلىرى كېلىپ تۇراتتى.ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدىكى يەنە بىر تالانت ئىگىسى يەركەنتتە قىيامىغا يېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم....

يىغلاپ سالدى يازغۇچى دوستۇم

مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆسمۇر چېغىنى

ھېكايە قىپ سۆزلەپ بەرگەندە....

مەن پىئونېر بولغان شۇ كۈنى

دەپ باشلىدىم كەچمىشلىرىمنى.

ئابدۇكېرىم يىغلاپ ئولتۇرۇپ،

سۈرتۈپ قويدى ئاستا يېشىمنى.

مەن پىئونېر بولغان شۇ كۈنى،

پىپەن قىلدى مېنى بالىلار.

بىر سىنىپتا،

بىر پارتىدا،

بىرگە نان يەپ ئولتۇرغان،

ئەشۇ سەبىي ساۋاقداشلىرىم.

بىرگە ئويناپ بىرگە چوڭ بولغان،

مىللەتداشلىرىم قان قېرىنداشلىرىم،

ئۇرۇپ كەتتى باش كۆزلىرىمگە....

سەن نېمىشقا پىئونېر بولدۇڭ ؟

پومېشچىكنىڭ نەۋرسى تۇرۇپ،

يەرلىك مىللەتچى، ئوڭچى ۋە سولچى

بۇزۇق ئۇنسۇر سېسىق زىيالى

قارا يىپنىڭ بالىسى تۇرۇپ؟

چىڭ تۈگۈلگەن كىچىك مۇشتلارنىڭ

زەربىسىدە داڭ قېتىپ قالدىم،

ئېگىز ئۈستەل ئۇستىدە تۇرۇپ،

قان يىغلىدىم

ياشلىرىم قۇرۇپ.........

يوقىتايلى زاھىر بۇرھاننى...!!

يوقىتايلى بۇرھان ناسىرنى...!!

يوقىتايلى ناسىر توختىنى...!!

ئۇلار مېنى...

نېمىشقا يوقىتىدىغاندۇ؟

مەن ئەمدىلا ئالتە ياش تۇرسام.

دەرسلەردە ئەڭ باشتا تۇرسام.

ئۇلار مېنى يوقىتىۋېتىپ،

سومكامدىكى ئاخىرقى ناننى،

ئېلىپ كەتسە قانداق قىلارمەن؟

دەپ ئويلۇدۇم تەخىرسىزلىنىپ......

پىئونېرلىق سالاھىتىمچۈن،

خۇشال بولغان مۇئەللىمىمنىڭ،

ئېغىزىغا نىجاسەت تىقىپ،

ھەيدىۋەتتى مەكتەپتىن شۇ كۈن.

قىزىل يەڭلىك قوغداش خادىمى....

يىغلاپ سالدى يازغۇچى دوستۇم.

مەن سۆزۈمنى تۈگەتمەستىنلا.

كەل ئىچەيلى !

دېدىم دوستۇمغا

كۆز يېشىمىز يەرگە ئاقمىسۇن.

ئۇنى مەي قىپ ئىچىۋېتەيلى

ئۇلار نادان

كۆپ ئەخمەق ئىنسان

گۇناھىدىن كېچىۋېتەيلى.










----------------------


ياسىنجان سادىق )چوغلان( يېرىم سائەت ئىچىدە



يازغۇچى ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم :

قىممەتلىك ئادەملىرىمىز ساناقلىقلا قەۋۇم بىز. ياسىنجان سادىق ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىرسى. ئۇ قىلىچ بىلەن ئەمەس قەلەم بىلەن تارىخ يارىتىشقا كۈچەۋاتقان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى جاللات خېنىم، باشقىچە بىر سىياقتا كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغىنىدا، ئەسلى تارىختا ئۆتكەن جاللات خېنىمنى ئىختىيارسىز ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇرمىز.

تارىخ ئۇ ھامان چىنلىقنىڭ كۆمۈلمەس ئىزى.

شۆھرەت تاجىنى خەلىق سېنىڭ بېشىڭغا كەيگۇزگىنىدە، سەن، ئەتراپىڭدىكى ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرگىمۇ چوڭقۇر تازىم قىلىشقا مەجبۇرسەن.

مەن 97 - يېلى،

ئىشتىنىمغا پاتماي قالغاندەك،

ئۇ

پاتماي قالغان ئىدى ئايىقىغا.

مەن ئۇنىڭغا روھىي يۆلەك بولاي دېسەم،

ئۇ

تېيىلىپ كېتىپ باراتتى،

شۆھرەت مايىقىغا...

ئۇنىڭ يوغان قوي كۆزلىرىدىن،

ئەقىل ئەمەس خىيال تۆكۈلەتتى.

ئۇ

يىرتىلغان يەركەنت كوچىسىدا،

ئەتتىگەن توقۇلۇپ،

كەچتە سۆكىلەتتى....

جاللات خېنىم قانداق يېزىلدى؟

كونا تارىخ قانداق قېزىلدى ؟

باھادىرنىڭ يېڭى چۆچىكى،

تەكچىلىرىگە قانداق تىزىلدى ؟

ئۇ

ماڭا قاراپ تۇراتتى جىم - جىت.

يۈرەكلىرىم بولاتتى تىت- تىت.

يېرىم سائەت يېرىم ئەسىردەك،

چاچلىرىمغا زىمىستان قوشتى.

يازغۇچىنىڭ مەزمۇت گەۋدىسى،

يېنىمدىلا

ئاھ.....

غۇلاپ چۈشتى.

جاللات خاننى ئوقۇپ باقمىدىم.

باھادىرنى ھەم يەنە شۇنداق.

ئوقۇغۇم بار ئىدى چۇغلاننى.

يەركەنتىكى بۈيۈك ئوغلاننى.....

ئۇ ماڭا بىر بەرمىدى پۇرسەت

يۈرىكىمدە يىغلىدى ھەسرەت.



------------------------




ئابلىمىت ئابلەتنىڭ كۆزىدىكى مەن
بۇ يىگىت ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم ؛

ئابلىمىت ئابلەت، يەكەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە كاتىپ بوپ ئىشلەيدىغان، ساددا ئاق كۆڭۈل، ئەدەبىيات ئاشىناسى. دائىم كۈلۈمسىرەپلا يۈرىيدىغان بۇ تۇز كۆڭۈل ئۆزبەك يىگىتى، ئۆزبەك ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ نامايەندىسى سۇپىتىدە، يەركەنتتە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ توغرا پىكىرلىك، سەزگۈر ئەقىل ئىدىراكى، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

فوتوگراف ئۆزبېك يىگىتى،

تارتىپ قويدى مېنى سۈرەتكە.

ئوداللىقنېڭ غېرىب رەستىدە،

قويۇپ مېنى تۇگىمەس دەرتكە.

ئاپئاق ساقال دېھقان بوۋاينىڭ،

قوللىرىنى قولۇمغا ئېلىپ،

يۈرىكىمنى پىچاقتا تىلىپ،

تارتتى سۈرەتكە.

ئۆزبېك يىگىتى

خۇددى فۇرقەتتەك.

ئۇ ناھىيدە كاتىپلىق قىلغان.

خەۋەر ئۇچۇر پەرمانلار كۆرگەن.

بۈگۈن كۆردى مېنى سىنچىلاپ.

يۈرگىنىدە ئىچى تىتىلداپ....

ئۇ شائىرلىق كوچىسى تامان،

ياشاپ كەلگەن ئىدى تېچ ئامان.

مېنى كۆرۈپ ئارامى كەتتى.

ئارامىدا مۇرادقا يەتتى.

سىز بەك كەمتەر چولپان ئىكەنسىز،

شاخلىرىڭىز ئىكەن تىكەنسىز.

دېدى ماڭا،

ئۆزبېك يىگىتى.

تەكەللۇپ قىپ كەمتەرلىك بىلەن.

ئەي سۆيۈملۇك قېرىنداش ئىنىم،

نۇقسانلارغا كۆمۈلگەن تىنىم.

ئۇزۇن چېچىم،

شۇشەن ئۇستىباش،

ئەمەس ئىچىم...

ئەمەستۇر ئىچىم....!!!


------------------------



ئابدۇجاپپار يىغلار ئۇدۇمدا
بۇ يىگىت ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم ؛

ئۇدۇم شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، ئۇدۇم چايخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاشپەزلىك ھۇنىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئۆتكۇر پىكىرلىك بۇ يىگىت، يەركەنتدىكى بارلىق ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئەقىللىق كارخانىچىدۇر. ئۇ، ياسىنجان سادىق چۇغلاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىنى دوستى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان قىسقىغىنى ۋاقىتتا مەن، بۇ يىگىتنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆڭلىگە پۇككەن، ئەقىل ۋە ھۈنەردە تەڭ يېتىلگەن، پاراسەت ۋە پاساھەت دوقمۇشلىرىدا قايمۇقىپ قالماي دادىل ئالغا بېسىۋاتقان، بىر ئەۋلاد  ياش ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرىۋالدىم

مېزىلىك تائام سېنىڭ يېشىڭدا،

دۇملەنگەندەر قەدىرلىك ئىنىم.

ئۇدۇم ئۈچۈن يىغلاپ يۇرۇيسەن،

يىغلىيالماي يۈرگەنلەر بىلەن.

سىنى كۆرۈپ تىتىرىدى تىنىم.

چىقىپ كەتتى تېنىمدىن جېنىم.

ۋاپادارىڭ ئاكاردىيون چېلىپ،

كۈتىۋالدى مېنى سەمىمى.

ئوماق بالاڭ ناخشىلار ئېيتىپ،

بادام باققا ئەپ كىردى مېنى.

ئاكاردىيون ئاۋازى تامان،

سىڭىپ كەتتى ئايالىڭ بالاڭ…

سەن تىرمىشىپ جاپادا قاپسەن،

تېخى ئونغا يەتمەپتۇ كالاڭ.

چايخانەڭگە قاچان باشلايسەن؟

ئۇزۇن چاچلىق شۇشەن ئاكاڭنى.

زىننەتلىنىپ بولدىمۇ تاملار،

قاچان پىشار مېزىلىك تائاملار....؟

سەن پۇل تاپقىن !

پۇل تاپقىن كۆپلەپ.

ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەل تىزدىن.

سەھرا كەڭرى...مۇھىتى بەك تار..

ئۇمۇت كۈتۈپ يۈرمە ئېتىزدىن







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 22:06  


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
83
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2623
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 12:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ .مەنمۇ بۇ ھۆرمەتلىك ئاكىمىزنى يەكەن ناھىيىسىگە كەلگەندە ئويۇنىنى كۆرگەن ، ھەقىقەتەن ئۆتكۈر پىكىرلىك ، قىززىقچى ، ئېسىل ئادەم ئىكەن بۇ. ئويۇن كۆرگۈچىلەرگىمۇ شۇنداق ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلغانتى.  مەنمۇ بۇئاكىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن

UID
22356
يازما
193
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-16
توردا
167 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 14:22:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىركام بىلەن ئۆتكەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئوتتەك سېغىندىم. جاھان تەرىپىدىن بىز ئۇنتۇلۇپ كەتسەك سەن ياشايسەن زاھىركا. بۇنى يوللىغان دوستۇم جاللاتقا رەھمەت...

UID
41180
يازما
19
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 14:49:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنى مارالبىشىدا چوقۇم كورىشىپ ئوتىمەن .ئۇ ئىىسىل بالا دەپ تەرىپىڭنى قىلىشىپ ئوتتۇق .ئاقسۇدىكى سەنئەتكار،شائېرلار تولا ساقلاپ كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن كىبىرسىز دوستۇم ئارماندا قالدى.9-ئايدا يەكەندىكى خانلىق ئوردىسى پۇتكەندە ئابدۇرېشىتخاننىڭ قەسىرىدە ياخشى سوھبەتلەردە بولىمىز .

UID
5684
يازما
218
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5469
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 16:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بۇرھان ئەپەندى ناخشىچى بولغاندىن سىرىت ئۆتكۇر شائىركەن ئەمەسمۇ بڭلمەي يۇرۇپ تۇق....

UID
29380
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 16:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم زاھىركا ئوغلىڭىزنىڭ ئىسمى زەبۇر ئىكەن بۇ ئىسىم باشقا نەرسىگە قارتىلغانمۇ ياكى مەنىسى چوڭقۇرمۇ ؟

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-29
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 16:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى يېزىلغان شىئېرلار ئىكەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىئونېر بولغان چاغدىكى تەسىراتىنى ئوقۇپ، بەدەنلىرىم قۇژلىشىپ، نەزىرىم ئاشۇ ئالجىغان يىللارغا ئىختىيارسىز ئاغدى. ھەي، راستىنلا ئاجايىپ مالىمان بىر جاھان ئىدى، ئۇ. مېنىڭ دادامنىڭ يېرىم ئۆمرىنى خورىتىۋەتكەن ناكەس يىللار ئىدى، ئۇ.

UID
13423
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
258
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-25
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 19:10:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىنلاردا بەك ناخشا ئوقۇماس بولۇپ قالدىڭىزغۇ ئاكا؟ئىكرانلاردىمۇ بەك كۆرۈنمىدىڭىز؟

UID
40084
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 19:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بۇرھان مۇيەكەنگە كەممىگىلى 10 يىلدىن ئاشتى .. كەشىپدىشىمىز زاھىر بۇرھان يەكەن سەنئەت ئۆمىكىدە زىياراتتە بولۇش يۈزىسىدىن سەنئەت ئۆمىكىگە كەلدى ...       ....... .... ... .. ئادىشىم زاھىر ئويۇن قويۇش بىلەن يەكەنگە كەلمىسىڭېز باشقا ۋاقىتتا كىلەممەمسېلەن ......

UID
13423
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
258
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-25
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 19:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ئاكا تىنىڭىز سالامەت ئىشلىرىڭىز ياخشى كىتىۋاتامدۇ؟ئابدۇرىشىت ئاكىمىزمۇ ئوبدان تۇرۇۋاتامدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش