كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر alip28 ئەپەندىم. شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئىنكاسىمغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەكلا خۇشال بولدۇم."مەسئۇلىيەتچان"لىقىڭىزغا ئاپىرىن. ھەقىقەتەن ئىملانىڭ توغرىلىقىغا ئەھمىيەت بېرەلمەپتىمەن. ئىنتايىن خىجىلمەن. بۇ خاتالىقىمنى تۈزتىشكە تىرىشىمەن.
كۆرسەتمىڭىزدىن بەزى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ چىقماسلىقىنىڭ يوللانغان ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولۇش سەۋەبىدىن؛ تور توختاپ قايتا ئەسلىگە كەلگەندە بەزى توربەتلەرنىڭ ئېچىلماسلىق سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى؛ باشقۇرغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىگىنى ئاندىن ئۇقتۇم(ئەسلى مەن مەزكۇر بىكەتتە ئىلان قىلىنغان ئاۋازلىق ئەسەرلەر مۇشۇ بىكەت بوشلىقىغا يوللىنىدۇ دەپ ئويلايتتىم). مەن ئويلاپتىمەن ئەمدى، باشقۇرغۇچىلار ئىنكاسلارغا ئانچە مۇنچە قۇلاق سېلىپ، مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن مۇنبەر يۈزىدە قىسقىچەئىزاھات بېرىدىغۇ دەپ ئويلاپتىمەن.مانا بۇنى مەسئۇلىيەتچانلىق دەيمىز. خوش، ئەمدى، بۇ ئەسەرغۇ يوللانغىلى ئۇزاق بوپتۇ، شۇڭا چىقماپتۇ دەيلى، تېما:ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم نوتۇقى
يوللىغۇچى:yalghuz | يوللىغان ۋاقىت :2010-09-30 19:30 بۇنىڭغىمۇ ئۇزاق بولغانمىدۇ؟ ئەلكۈيىگە يوللانغان ئاۋازلىق ئەسەرلەرگە نىسبەتەن "مانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن قۇيۇلمايدۇ "دەيدىغان بەلگىلىمىنىڭ بارلىقىنى ئوقماي بىلجىرلاپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ. خىجىلمەن، ئىنتايىن خىجىلمەن.
