بۇ 2قەۋەتتىكىhujanasirdin يوللىغان 2010-08-03 02:39 غا قارتىلغان :
مۇشۇ ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ چىقمايدىغانلىق بوپ قېلىشنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا خاپولاي بىر دەپ بەرسە بوپتىكەن، بۇ باشقۇرغۇچىلارمۇ يوللاپلا قۇيۇپ چىقامدۇ، چىقمامدۇ چاتىقى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئۆزىنىڭ ماسۇلىيەت دائىرىسى بويىچە ئايدا بىرەر نۆۋەت قاراپ، چىقمىغانلىرىنى ئوڭشاپ، مۇمكېن بولمىغانلىرىغا ئىككى ئىلىك خەت بىلەن ئىزاھات بېرىپ قويسا ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىمۇ يۇقۇرى بولاتتى، بىز خەقتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ.

ئەسسالام تورداش hujanasirdin .
سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزدىن تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغىنىم بۇ ئىنكاسىڭىزدا ئىملا خاتالىقلىرى بەكلا كۆپكەن، مەسئۇلىيەتتىن سۆز ئېچىپسىزيۇ لېكىن ئۆزىڭىز مۇشۇ تۆت قۇرلۇق ئىنكاسىڭىزغا مەسئۇلىيەتچان بولالماپسىز . قارىسام ساق 6 يەردە ئىملا خاتالىقى باركەن، بەلكىم مەن بايقىمىغان خاتالىقلارمۇ باردۇر ، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلسىڭىز !
بۇ ھازىر بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنىڭ ئەۋەتىلگەن ۋاقتىنى كۆرۈپ ئاندىن چىقماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.
يوللىغۇچى:qediriye | يوللىغان ۋاقىت :2008-10-04 23:22 |
ئۈستىدىكى ماۋۇ قۇرلارغا دىققەت قىلىڭ، 2008 -يىلى 10- ئايدا ئەۋەتىلگەن تېما ئىكەن، ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك ئۆتكەن يىلى تور ئۈزۈلۇپ ئەسلىگە كەلگۈچە ۋە ھازىرغا كەلگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بەزى تور بەتلەر تېخىچىلا نورمال ئېچىلىپ بولالمىدى، شۇڭا بۇنى توغرا چۈشەنسەك ، بەلكىم بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنىڭ چىقماسلىقى دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك .
تەكلىپىم : تېما ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا تېخىمۇ دىققەت قىلىپ " مەسئۇلىيەتچان " بولوش بىلەن بىللە سەۋەبىنى باشقۇرغۇچىلاردىنلا ئەمەس باشقا جەھەتلەردىنمۇ ئىزدەپ باقساق !