- ھوقۇقى
 - 1
 - يازما
 - 6
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 7
 - تىزىملاتقان
 - 2012-7-5
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-12-11
  
 
 
 
- UID
 - 43153
 - يازما
 - 6
 - تېما
 - 1
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 7
 - تىزىملاتقان
 - 2012-7-5
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-12-11
 - توردا
 - 7 سائەت
  
 | 
مۇقەددەس ، بويى 1.70لەر ئەتراپىدا بار ، ئۆزى ئانچە چىرايلىق ئەمەس ، لىكىن بەدەن قۇرۇلىشىدا گەپ يوق ، ئىنتايىن قاملاشقان ، مودىل بولىدىغانلا قىز .مۇقەددەس رىژىسورلۇق كەسپىدە ئوقۇيدۇ . 
گۈلمىرە ، ئۇنىڭ بويى ئانچە ئىگىز ئەمەس لىكىن ئۆزى بەك چىرايلىق، مىجەزى شۇنداق مۇلايىم ،مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپلا ئۇنى يىگىتلەر قوغلىشىشقا باشلىغان،گۈلمىرەنىڭ  ئائىلىسى راۋۇرۇس باي ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىكىدىلا ئاجرىشىپ  ، ئىزچىل روھىي ئازاپ ئىچىدە ياشاپ  ئۆزىنى قىينايدىغان مىجەزىنى يىتىلدۈرىۋالغان ،بىلىكىدە تاتۇقلار بەك كۆپ ، ھەممە تاتۇقنى ئۆزى قىلغان . گۈزەل-سەنئەت كەسىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى . 
ماھىرە ، ئۇ ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى . ئائىلە شارائىتى نورمال ، ئۆزى بەك چىرايلىق ، ئورۇق ، ئىگىز كەلگەن قىز . مۇشۇ دوستىمىز مانا بۇ مەكتەپكە  ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى . 
ئەلفىرە ، ئەلفىرەنىڭ ئاتا – ئانىسى قازاقىستاندا سودا قىلىدۇ ، شۇڭا ئەلفىرە مومىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان، مومىسىمۇ ئەلفىرەنى بەك ئەركە چوڭ قىپتىكەن ، شۇڭا بۇ قىزنىڭ مىجەزى سەل ئۆز بىشىمچى ، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان بىشەم مىجەز ، ئۇ بەك ئويۇنچى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ تولۇقسىزنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا بىر ئوقۇتقۇچىسى بىلەن  مۇھەببەتلىشىپتىكەن .توۋا ، بۇ قانداق ئىش ئەمدى ...ئۇسسۇل كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى . 
{2} 
    شۇنداق قىلىپ ئويۇننى ئاساس ، ئۆگىنىشنى قوشۇمچە قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە دوستىمىز مۇقەددەس گۈزەل – سەنئەت كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ، ئىسمىنى  ئېرفات دەمدۇ ئەرفات دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرنىمە فات ، ئۇنى ھازىرچە ئېرفات دەپ ئاتاپ تۇرايلى ئەمدى . ئېرفات كىچىك بالا چىراي ، ئاق پىشماق كەلگەن ئورۇق ، ئىگىز بالا ئىدى . ئۇ كۈندە دىگۈدەك مەيداندا رەسىم سىزاتتى ، بىزنىڭ ياتاقتىن مەيداننى ئۇدۇل كۆرگىلى بۇلاتتى ، مۇقەددەس دېرىزىدىن ئۇ بالىغا قاراپ سائەت سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى . بىز ئۇنى تارتىپ تاماققا ئېلىپ چىقمىساق ئۇ ئاشلىقتىن ھۇشۇدىن كەتكۈچە ئولتۇرىشى مۇمكىن . بۇ ئاق پىشماققا نىمانچىۋالا قىلىدىغاندۇ دەيمەن . بىرىپ ئۇ بالىغا گەپ قىل دىسەك خىجىل بۇلىمەن دەيدۇ ، بىز بىلەن سىرتقا ئوينىغىلى چىققاندا ئۇنىڭدىن  ھەر چىرايلىق بالىلار ،ھەر يەرنىڭ باشلىق ، خوجايىنلىرى بىلەن ھاراق سوقۇشتۇرۇپ ئىچىدىغان بۇ دوستۇم ئەمدىلىكتە بىر ئاق پىشماقتىن خىجىل بۇلىمەن دېيىشى بىزنى ھەيران قالدۇرۋاتاتتى ، ئۇنىڭ خىجىل بۇلىمەن دىگەن سۆزىدىن چىرايلىرىمىز ئۆزگۈرۈپ كەتتى زادى ... 
ئاخىرى دوستىمىز ئۈچۈن ئاززاق بەدەل تۆلەشنى لايىق تاپتۇقتە ، يالغاندىن ماھىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ ھىلىقى كونا قاۋاقخانىنى بىر كۈن كۆتىرىگە ئالدۇق ، مەكتەپتىكى تونۇيدىغان تونىمايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىنى چاقىردۇق ، ئەلۋەتتە ئېرفاتنى ئېرفاتنىڭ مەلۇم بىر دوستىغا پۇل بېرىپ چوقۇم ئەكىلىشنى تاپشۇردۇق .مۇقەددەس بۇ سورۇن ئۈچۈن مەخسۇس بازارغا چىقىپ بىر نەچچە قۇر كىيىم ئىلىپ ، ھۆسىن تۈزەيدىغان يەرلەرگە كىرىپ گىرىم قىلىپ ، ياسىنىپ چەستەيلا بولدى . بىز ئەسلى ماھىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىلىمىز دىگۈچە مۇقەددەسنى ئەرگە بېرىمىز دىسەكمۇ بوپتىكەن ، بۇ قىز بالا ئۆزىنى ئۆزى چاندۇرۇپ ....خەير  ، بوپتۇلا ، ئاشۇ ئاق پىشماقنى كەلتۈرۋالسىلا بولمىدىمۇ .. 
بۇ يالغان تۇغۇلغان كۈن سورۇنىمۇ شۇنداق ياخشى بولدى ، مۇقەددەس بىلەن ئېرفات ئىككىسى بىر – بىرىگە قاش كۆزلىرىنى ئوينىتىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر يەرگە كەلدى. بۇ سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەنە تامدىن ئارتىلىپ ياتاققا قايتقان ۋاقتىمىزدا مۇقەددەس ياتاقتا يىغلاپ ئولتۇراتتى . مۇقەددەس سورۇننىڭ يېرىمىدا ئېرفات بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى ، قاچانلاردىن ياتاققا قايتىپ كەلگىنىنى بىلمىدۇق ، شۇنچىلىك ئىچىنىشلىق يىغلاۋاتقان بۇ دوستىمىزغا ئىچىمىز ئاغرىپ كەتتى ، نىمە بولدۇڭ دەپ سورىغىنىمىزغا   ئاغزى – بۇرنىمىزغىچە تويغۇزۋەتتى بۇ .. 
     - ھۈ ھۈ .. مەن سەن بىرمىلەرگە سورۇن ھازىرلاپ بە دىگەنمىتىم ؟ ماڭا ئۇ شۇمنى كەلتۈرۈپ بېرىڭلار دىگەنمىتىم ، يۈزۇمنى يەر بىلەن تەڭ قىلدى بۇ شۇم ، ئۆزى بىر مۇنچە تاتلىق گەپلەرنى قىلىدۇ ، شۇنىڭدىن كىيىن  بىر مۇنچە گەپ قىلىپ كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلسام مەن ياخشى كۆرىدىغىنى ئەسلى سىزنىڭ دوستىڭىز ماھىرە دەيدۇ ! #$^%^%$@&(سەت گەپ ).  ھۈ  ھۈ  ھۈ ... 
   شۇنداق ئاچچىقىمىز كەلدى ، ماھىرە سەكرەپلا قوپۇپ : 
       -        قارا ماۈۇ ھارامدىن بولغاننىڭ قىلغان قىلىقىنى ، ھازىرلا بېرىپ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقمايدىغان بولسام .. 
      -        يىغە زۇۋانىنىڭنى ، بۇ پولىرىڭنى بېرىپ ئاچاڭغا دەپ بەر ، ماۋۇ يۈزۈمنىڭ مۇشۇنچىلىك تۆكۈلگىنى يىتىپ ئاشا ماڭا ھۈ ھۈ ھۈ  .... 
       بىچارە دوستۇم ، تۇنجى ئاشىقى تەرىپىدىن مانا مۇشۇنداق ئەخمەق قىلىندى ، خۇيلىرىمىز نەدىن تۇتا ، شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئېرفات دىگەننى نەدە كۆرسەك شۇ يەردە تىللاپ ، سىلكىپ يۈردۇق . ئۇنىڭدىن باشقا تېلفون نومۇرىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە يىزىپ ئاخىرىغا « ھەمرا لازىممۇ » دەپ قوشۇپ قويدۇق .  شۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇقەددەس ئىككىنچى بىرسىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن گەپنى قىلىپ باقمىدى .قىزلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىغا نىمە تەڭ دەيسىلەر ؟شۇنىڭدىن كىيىن مۇقەددەس ماھىرەگە ئانچە گەپ قىلمايدىغان بۇلىۋالدى .  
شۇنداق قىلىپ كۈنلىرىمىز مۇشۇنداق ئۆتىۋەردى ، بىز كۈندۈزلىرى ئاساس جەھەتتىن كەسپىمىز بىر بولمىغاچقا ئۇچرىشالمايتۇق ، كېچىسى خېلى بىر ۋاققىچە ئۇخلىماي پاراڭلىشاتتۇق ، پاراڭ مەزمۇنلىرىمىز ئاساس جەھەتتىن قايسى بازاردىكى قايسى دۇكانغا يېڭى كىيىملەر كەپتۇ ، قەيەرگە يېڭى كۇلۇپ ئىچىلىپتۇ ، مەكتەپتىكى  كىم بىلەن كىمنىڭ ئىشى بار  ، كىمنىڭ تۇتۇق دادىسى بار دىگەندەك مەزمۇنلار بۇلاتتى .. 
        بىز دائىم بارىدىغان ھىلىقى مەكتىپىمىزنىڭ يىنىدىكى ھاۋاقخانىغا يېقىندىن بېرى چەت ئەللىك قېرىنداشلار جىق كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى ، ئاساس جەھەتتىن ئومۇملىشىپ كەتتى ، بىزمۇ شۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتۇق ، كېيىن بۇ يەرنىڭ بىر ھاراق تەڭشىگۈچىسى ئىشتىن ھەيدىلىپ بىر چەت ئەللىك ئىشقا چۈشتى ، ئۇنىڭ بىلەن چالا-پۇچۇق ئۆگەنگەن ئىنگىلىز تىلىمىز بىلەن قول ئىشارەتلىرىمىزنى قوشۇپ يۈرۈپ خېلى ياخشى تونۇشىۋالدۇق ، ئۇ گوللاندىيەلىك بۇلۇپ ئىسمى ماييور ئىدى ،كېيىن بىلسەك ئۇنىڭ بىر جۇڭگولۇق قىز دوستى بۇلۇپ ئىنتايىن چىرايلىقكەن ، لىكىن بىر قېتىم قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى چىرايى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ماييور ئۇ قىزنى تاشلىۋىتىپتۇ ... بۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ بۇنداق سۇسلىقىغا قاراپ ئۇنى ناچار دەپلا چۈشەندۇقتە گەپمۇ قىلماس بولدۇق ، ئۇ بىز ھەر قېتىم كەلگەندە بىزگە قاراپ سالام قىلسا قاراپمۇ قويمايتۇق .  
         كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاۋاقخانا خوجايىنى بىزگە «يىڭى ۋەزىپە» تاپشۇردى ، بۇ خوجايىن بىزگە مۇئاش بىرىدىغان ، بىز بۇ قاۋاقخانىنى باشقا قاۋاقخانىلارغا بېرىپ ئوغۇرلۇقچە شۇ يەردىكى مېھمانلارغا تەشۋىق قىلىدىغان بولدۇق .خوجايىن بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن كەينىمىزگە ئۆزىنىڭ قولچۇماقچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى .   راست گەپ قىلساق باشتا شۇنچە خوش بۇلۇپ كەتتۇق ، لىكىن كىيىن بىر دەككىمىزنى يىگەندىن كىيىن ئىككىنچى بۇنداق ئىشنى قىلمايدىغان بولدۇق ، ئەلۋەتتە ئادەم بىر قېتىم بۇرنىغا يىگەندىن كىيىن ئاندىن ئەقلىنى تاپىدۇ ئەمەسمۇ !  
         مەلۇم بىر كۈنى بىزمۇ شۇ تەشۋىقات خىزمىتىمىزنى ئىشلىگەچ باشقا بىر قاۋاقخانىغا باردۇق ، بىز بەشىمىز بىراقلا كىرگەنكى باشقىلار ئاسانلا دىققىتىنى بىزگە قارىتاتتى ، بىزمۇ كۈلكە – چاقچاق ، كىلىپ بىر ئۈستەلدە ئولتۇردۇق ، ئالدىرماي بىزگىمۇ ھەر خىل مېۋە سالات ، ئىچىملىكلەر سوۋغا قىلىنىشقا باشلىدىدە بىزمۇ خىزمىتىمىزنى باشلاپ باشقا ئۈستەلگە بىرىپ ئوغۇرلۇقچە تەشۋىقاتىمىزنى باشلىدۇق . بىردەمدىن كىيىن قارىساق مەلۇم بىر ئۈستەلدە ئەلفىرەنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ھەممەيلەن بىرىپ قارىساق ئۇنى بۇ قاۋاقخانىنىڭ ئىككى قوغدىغۇچىسى تارتىپ سىلكىشلەپ ئىچىگە ئەكىركەتتى ، بىز ۋاقىرساق بىزنىمۇ قوشۇپ ئەكىركەتتى-دە ، بىزنى سىلكىشلەپ  ۋارقىراپ ، قورقۇتۇپ دىگۈدەك ئاغزىمىزدىن گەپ ئالدى ، ئارىمىزدا ئەلفىرە بىلەن مۇقەددەس ئەڭ «باتۇر»بولغاچقا ئۇلار ۋارقىراپ سوقۇشۇپ ئارىسىدىكى بىر چوقۇر يۈز چېچى يوق تاز تەرىپىدىن قولىدىكى پىچاق بىلەن قوقاق سېلىنىپ تاس قالدى بىر قولىدىن ئايرىلغىلى ، بىردەمدىن كىيىن بىزنىڭ قاۋاقخانا خوجايىنى قوشۇپ قويغان قوغدىغۇچىلار كىرىپ بىر جەڭگە جىدەللەردىن كىيىن ئاران تەستە قۇتۇلۇپ چىقتۇقتە ئىككىنچى بۇ قاۋاقخانىغا ئاياغ باسمىدۇق ، قورقۇپ كەتكىنىمىزدىن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ يىنىدىكى كونا قاۋاقخانىغىمۇ ھازىرغىچە  بىرىپ باقمىدۇق .... 
{3} 
        شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ ئىككىنچى يىلىغىمۇ قەدەم باستۇق، ئىككىنچى يىلى يىغىلغاندا قىزلاردىكى زور ئۆزگۈرۈشلەرنى ھېس قىلدۇق ، ماھىرە سۇس گىرىم قىلىۋالغان بۇلۇپ  ئۇ چېچىنى  قىزىل رەڭگە بوياپ چوڭ بۈدۈر قىلىۋەتكەن بۇلۇپ كىيىنىشىمۇ شۇنداق ئىلمىي ، سىپتا بۇلۇپ باي ئائىلىگە يېڭى كىلىن بۇلۇپ كىرگەن قىزلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇردىن باشلاپ  يۈرگەن يىگىتى بولىدىغان ، ئۇ ھىلىمۇ شۇ يىگىتى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىدۇ ، لىكىن ئۇنىڭ يىگىتى  ھازىرمۇ ماھىرەنىڭ بۇرۇنقى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدىكىدەك مۇلايىم ، ئەدەپلىك ، پاك ، غۇبارسىز بىر قىز دەپ ئويلايدۇ ، لېكىن ئەپسۇس بۇ يىگىت پۈتۈنلەي خاتالاشقان ، تاكى مۇشۇ ئىش يۈز بەرگىچە ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىغا ئىزچىل ئىشەنمەي كەلدى .  
مەكتەپتە ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمىزغا قارىغاندا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمىز جىق ، ئۇلار بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى ، دائىم بىللە بېرىپ ناخشا ئېيتىپ ، كۇلۇپلارغا بىرىپ ئويناپ كىلىمىز ، ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسى بىزنىڭكىدىن خېلىلا ياخشى ، ئۇلارنىڭ بۇلارنىڭ باقىدىغان ، بارلىق ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان تۇتۇق دادىلىرى ئىنتايىن جىق ، بۇ قىزلار ئۆزلىرى ئىنتايىن چىرايلىق ، خۇددى قونچاقلاردەكلا ، لېكىن كۆپىنچىسى تەبئىي چىرايلىق ئەمەس، ئاساس جەھەتتىن ھەممىسى دىگۈدەك يۈزىگە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش پىچىقى تەككۈزگەن سۈنئىي  چىرايلىق قىزلار  . بۇنداق قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئائىلە شارائىتى دىگەندەك ياخشى ئەمەس، بىز بەشىمىزنىڭ ئائىلە شارائىتىنىڭ قانداقلىقىنى سىلەر بىلىسىلەر ، ئەلۋەتتە ئارىمىزدىكى ماھىرە ئائىلە شارائىتى نورمال ، ئاساس جەھەتتىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بۇ مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچى . بىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرىمىز ھەپتىسىگە كارتىلىرىمىزغا نەچچە مىڭ يۈەن ئۇرۇپ تۇرسا ماھىرەگە ئاتا-ئانىسى ئايلىقىغا ئاران نەچچە يۈز يۈەن ئۇرۇپ بىرىدۇ ، ماھىرە لاتارىيەگە بەك قىزىقىدۇ ، دائىم 500مىڭ يۈەن پۇل چىقىپ قالسا ئۇنى ئالىمەن ، بۇنى ئالىمەن دىگەن گەپلەرنى توختىماي قىلىدۇ، ئۇنىڭغا شۇ پۇل چىقىپ قالسا بىرىنچى بۇلۇپ ئالىدىغىنى iphone  !!! 
          تەتىل  تۈگەپ مەكتەپكە يىغىلغاندا بىز باشقا بىر ماھىرەنى كۆردۇق ، ئۇنىڭ قولىدا ئارزۇسىدىكى تېلفون ، پۇتىدا پاشنىسى ۋەھشى ئىگىز قارا رەڭلىڭ ئاياق ، ئۇچىسىدا تارلىقىدىن نەپەسلىنىشمۇ قىيىنلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان قارا رەڭلىك قىسقا كۆينەك كىيىۋالغان بۇلۇپ قولىدا ھەر قىممەت باھالىق ئۈزۈك ، قۇلقىدا بىز ئۆتكەندە ماھىرەدىن باشقا ھەممەيلەن ئوخشاش ئالغان 4999يۈەنلىك ھالقا كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى . ئۇ ياتاققا كىرگەندە ھەممەيلەن ھەيرانلا قالدۇق ، ئۇ ئاۋۋال قارا كۆزەينىكىنى ئېلىۋىتىپ : 
       -        ياخشىمۇ تۇمۇچۇقلار ، مىنى كۆرگىڭلار كەلدىمۇ ؟ 
ئۇنىڭ ئەركىلەپ قىلغان سۆزلىرىدىن بىز بەكلا ھەيران قالدۇق ، ھەيرانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەركىلىشىدىلا  ئەمەس  بەلكى ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل ئۆزگىرىش ئىدى . بۇ ھەيرانلىقىمىز تاكى ئۇ مەكتەپتىن قوغلاندى بولغىچە داۋاملاشتى .....  
           بۇ مەۋسۇم باشلىنىپ بىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ھەممەيلەن ئاساس جەھەتتىن قوبۇل قىلىپ ، رېئاللىققا تەن بېرىپ دىگەندەك ياشاۋەردۇق ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمىزدا بىز يېڭى ئوقۇغۇچى بۇلغاچقا دەرس تاشلاش مەسىلىسى دېگەندەك ئېغىر ئەمەس ئىدى . لىكىن ئىككىنچى يىللىققا چىقاندا بۇ مەسىلە ئېغىرلىشىشقا باشلىدى ،بارا –بارا دەرس تاشلاش مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ  ياتاققا قايتماسلىققا تەرەققىي قىلدى . ئەلۋەتتە ياتاققا قايتمايۋاتقىنى ماھىرە بىلەن مۇقەددەس ئىدى . مەكتەپتىكى ياتاق تۈزۈمى ئەلۋەتتە باشقا مەكتەپكە ئوخشاش، ئەمدى بىزنىڭ مەكتەپ سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ بولغاچقا باشقۇرغۇچىلارمۇ بىر كۆزىنى يۇمۇپ بىر كۆزىنى ئىچىپ بىر- ئىككى قېتىم ياتاققا قايتمىغانلارنى ئۆتكۈزۋىتەتتى ،ئەلۋەتتە چەكتىن ئاشۇرۋەتسە بۇ مەسىلە قاتتىق سۈرۈشتە قىلىناتتى .  
بۇ ئىككىسىنىڭمۇ قىزىل رەقىمى توشۇپ قالاي دىگەندە مەكتەپ بۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى . بىر كۈنى بۇ ئالدىراش مەلىكىلەرنى چاقىرىپ ئەكىلىپ ئۇلار بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىشنى ئويلاپ تېلفون قىلدۇق : 
          - ماھىرە ، نەدە سەن بۈگۈن قىزلار يىغىلىپ ئويناپ كېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز ، دائىم ئوينىغىلى چىقساق سەن بىلەن مۇقەددەسنى تاپقىلى بولمايدۇ ، ئەمدى كەلمىسەڭ سىلەرنى تىزىملىكتىن چىقىرۋەتمەيلى يەنە .. 
      - جىنىم ، بۈگۈن چوقۇم كۆرۈشەيلى ، ھەممىنى مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن ، مېنىڭ تېلفۇنۇمنى ساقلاڭلار ھە ~~ 
بۇ قانداق گەپ ئەمدى ، بۇ بىزنىڭ ماھىرەنى تونۇغان ۋاقتىمىزدىن باشلاپ ھازىرغىچە دېگەن ئەڭ ھەيران قالارلىق گىپى بولدى . ئەزەلدىن بىز باشلىغان يەرگىمۇ نازلىنىپ ئاران بارىدىغان دوستىمىز ئەمدىلىكتە سورۇننى مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن دەۋاتاتتى . بىز مۇقەددەسكىمۇ تېلفون قىلدۇق ،ئۇ « بۇنداق قىزىق ئۇيۇندىن مەن  قالسام قانداق بۇلىدۇ ، ھىلى بارىمەن» دەپلا قويىۋەتتى . ھەي ، مۇقەددەسچۇ ئىمتىھان دىسەكمۇ « بولدىلا ئاداش ، ئۇخلاۋاتقانتىم» دىگەن ئادەم ماھىرە سورۇن تۈزىمەن دەيدۇ دىسەم بىردەمدە كىلىدىغان بولدى ھەم دېگىنىدەك بىردەمدە كەلدى . بىز ياسىنىپ تەييار بۇلۇپ ماھىرەنىڭ تېلفۇنىنى ساقلىدۇق ، ساقلىغاچ بىراقلا مۇقەددەس بىلەن پاراڭلىشىشنى ئويلاپ تۇرسام ئەلفىرە ئېغىز ئاچتى : 
      -دوستۇم مۇقەددەس ، ئىككى كەلىمە سۆز قىلايمۇ جىنىم ؟ 
     -قىلە ئاداش ، قۇلقۇم سەندە .- ئۇ شۇنداق دىگەچ سومكىسىدىن تاماكىدىن بىرنى ئېلىپ ئۆزىگە تۇتاشتۇردى .بىز تېخىمۇ ھەيران قالدۇق ، ھاراق ئىچكىنىمىز بىلەن تاماكا چەكسە چىرايى بۇزۇلۇپ كىتىدىكەن دىگەن گەپكە بەك ئىشىنىپ تاماكىغا يىقىن يوللىمىغانتۇق، مۇقەددەسنىڭ ئېغىر ئولتۇرىشىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىچىدە بىزگە دىمەيۋاتقان دەردى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم .  
    - تاماكىغىمۇ ئۆگىنىپسەندە ، تاماكا چەكمەيمىز دىيىشكەنغۇ ؟ 
   - سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ، گېپىڭنى دە ! 
ئەلفىرە توختىسا مەن سۆزلەپ ، مەن توختىسام گۈلمىرە سۆزلەپ مۇقەددەسكە بىز خۇددى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىدەك بار نەسىھەتنىڭ ھەممىنى قىلىپ بولدۇق ، خۇددى ئۆزىمىزدە مەسىلە يوقتەك .... 
       -        مېنىڭ يۈرىۋاتقان يىگىتىم بار .- دىدى مۇقەددەس قولىدىكى تاماكىنى ئۆچۈرۋىتىپ . 
       -        يىگىت دىگەن ھەممىسىدە بار ئاداش ، بەزىلەرنىڭ تېخى بىر ئەمەس ئۈچتىن تۆتتىن بار... 
       -        مېىنىڭ يىگىتىم كانادالىق ، ئىسمى كارلوس ، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن  
   سۈكۈت .... 
     سۈكۈت .... 
        يەنە  سۈكۈت .... 
      ھەيرانلىقتا ئىڭىكىمز چۈشۈپ قالايلا دېدى ، گەپمۇ قىلالماي قالدۇق . توۋا ماۋۇ قىز نېمە دەيدىغاندۇ ئەمدى؟  چەتئەللىك بىلەن يۈرسىغۇ كۆڭۈل خوشى دەپ چۈشەنسەك ، ئەمدى توي قىلىمەن دەيدىغۇ ؟؟؟!!! بىز ئۇنىڭغا خېلى گەپ قىلدۇق ، ھېچبىر گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس ...  
    شۇ ۋاقىتتا ماھىرەدىن تېلفون كەلدى : 
   - قىزلار تەييار بولدۇڭلارمۇ ؟ مەن مەكتەپنىڭ ئالدىدا ، تېز چىقىڭلار .. 
مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىقساق  BMWماشىنىدىن بىرسى تۇراتتى ، ماھىرە ماشىنىدىن چۈشتىدە بىز بىلەن كۆرۈشۈپ ماشىنىغا چىقىڭلار قىزلار ، دىدى . ئۇ بۈگۈن تېخىمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇچىسىدىكى تار قىزىل كۆينەك بىلەن بۇ چىرايلىقلىقىدا ماشىنا بۇنىڭغا تولىمۇ ماسلاشقان ئىدى . بىز ماشىنىغا چىقتۇقتە بۇ بېيجىڭدىكى ھاياتىمىزدا تېخى كىلىپ باقمىغان بىر كۇلۇپقا كەلدۇق ، بۇ كۇلۇپ ئۈچ قەۋەتلىك بۇلۇپ ماھىرە بىزنى VIP مېھمانلار ئورنىغا باشلىدى . .... 
     بۇ يەردىكى ئويۇنمۇ ئاخىرلىشىپ قايتايلى دەپ تۇرساق ماھىرە : 
       -        يۈرۈڭلار قىزلار ، مەن سىلەرگە ياتاق ئىلىپ قويغان ، شۇ يەرگە قايتىمىز .-دېدى . 
شۇنداق قىلىپ يەنە ماھىرەنىڭ باشلىشى بىلەن مەلۇم بىر بەش يۇلتۇزۇق مېھمانسارايغا كەلدۇق . بۇ يەرنىڭ شارائىتىنى دىمەيلا قوياي بولدى . ئاخىرى جىمجىت جايغا كىلىپ پاراڭلىشىشقا پۇرسەت بولدى –دە ، مەن ئاۋۋال ئېغىز ئاچتىم .  
     -ماھىرە ، توختىماي ئوينىغان لاتارىيەرىڭدىن مۇكاپات چىققان ئوخشىمامدۇ ؟ 
    -ياق ئاداش ... 
   -ئەمىسە تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كەتتىڭغۇ ؟ 
        -        داداڭغا چىققان ئوخشىمامدۇ لاتارىيە ؟-دىدى مۇقەددەس . 
        -        ياق ، لاتارىيە ئۇنداق ئاسان چىقمايدىكەن بىزگە .  
       ...خېلى بىر تالاش تارتىشلاردىن ئۇ ئاخىرى بۇنىڭ جەريانىنى دەپ بەردى ، ماھىرەنىڭ بىر تۇتۇق دادىسى بارمىش ، ئۇ بىر ئۆي مۈلۈك شىركىتىنىڭ خوجايىنىمىش ، بۇ خوجايىننىڭ راۋۇرۇس پۇلى بارمىش ، ماھىرەنىڭ ئاغزىدىن چىققاننى تەل قىلىپ بىرەرمىش .....تەرەققىياتىنى ئوقۇرمەملەرنىڭ خىيالىغا قويدۇم . 
........ 
     بۇ مەۋسۈمگە خاتىمە . 
    بۇ مەۋسۈم شۇنداق قىلىپ ھەيرانلىق بىلەن باشلىنىپ ھەيرانلىق بىلەن ئاخىرلاشتى ، ھەرقىسما ئىشلار بۇلۇپ كەتتى . دوستىمىز مۇقەددەس شۇ سورۇندىن كىيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى . مەۋسۈم ئاخىرىدا چەت ئەلدىن تېلفون قىلىپ مەن توي قىلىپ بولدۇم دەيدۇ .خەير ، دوستىمىزغا بەخت تىلەپلا قالدۇق شۇ ، مەكتەپ ئۇنى جىق سۈرۈشتۇرۇپ كەتتى ، ئاخىرى بىزدىنمۇ گەپ ئالالماي ، ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ ئالاقىلىشالماي مۇقەددەسنى ئۆزلىكىدىن ئوقۇشتىن چېكىندى دىگەن نام بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزدى .   
       ئېسىڭلاردا بولسا دوستىمىز ماھىرەنىڭ يۈرگەن يىگىتى بار ئىدى دەپ ھىكايەمنىڭ ئوتتۇرسىدا تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدىم . ماھىرە ئۇ يىگىت بىلەن ئايرىلىپ كىتىمەن دىگەندە ، بۇ بالا ماھىرەدىكى قىسمەن  ئۆزگىرىشلەرنى  ھىس قىلىپ ماھىرەنى ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلدى . ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەرخىل جەڭگە- جىدەلەردىن كىيىن ماھىرەگە گېپىنى ئۆتكۈزەلمىگەن بۇ بالا ئازاپ ئىچىدە يۇرتىغا قايتتى . ئۇ قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ماھىرەنىڭ تۇتۇق دادىسى ئېغىر ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىردى ، بۇ ئىشقا ماھىرەمۇ چىتىلىپ قىلىپ مەكتەپ ماھىرەنى مەكتەپتىن ھەيدىدى . شۇنىڭدىن كىيىن ھازىرغىچە ماھىرە بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدۇق . لىكىن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن سۆز چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇق، بەزىلەر ماھىرەنى تۇتۇق دادىسى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كەتتى دەيدۇ ، يەنە بەزىلەر ماھىرەنى چەتكە چىقىپ كىتىپتۇ دەيدۇ ، يەنە بەزىلەر ماھىرەنى سودا قىلىپ ۋەھشى بېيىپ كىتىپتۇ دەيدۇ ... خەقنىڭ ئاغزىنى ئىتىۋالغىلى بولمايدۇ ، سۆزلەيدىغانلار سۆزلەۋىرىدۇ ئەلۋەتتە  ...  
{4} 
       شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىزنىڭ قىزلاردىن ئاران ئۈچىمىزلا قالدۇق ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقى ئەمىلىيەتتە ھەممىزنىڭ كەسپىمىزگە بولغان قىزغىنلىقىمىز بارا-بارا سۇسلىشىدىغان ۋاقتىمىزكەن ، ئاساس جەھەتتىن كەسپىمىزگە بولغان مەشىق ئازىيىپ مۇناسىۋەت كۆپىيىدىغان مەزگىل بۇلۇپ ، بۇ مۇناسىۋەتنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ يارىتىپ بىرەتتى . ئۇ-بۇ يەرلەردىن كەلگەن كىنو رىژىسورلىرى بۇلۇپ قالسا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا بىزگە تېلفون بېرەتتىدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يەيتۇق ، بۇنى ئەمدى ياخشى پۇرسەت دەپ چۈشىنەتتۇق ، ھە راست ،سىلەرگە دەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،  مەن ئەسلى مۇزىكا ئىشلەش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، كەسىپنى دىگەندەك ياخشى ئۆگەنمىگىنىم بىلەن ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىمەن ، شۇڭلاشقا ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ بالىلىرى بىلەن ياخشى ئۆتكەچكە، ۋە شۇنداقلا ئۆزۈممۇ خېلى چىرايلىق ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىم ياخشى بولغاچقا بۇنداق رىژىسورلار كەلگەندە ئۇلار مېنىمۇ چاقىرىۋالاتتى ، مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بەزىدە  كىنولارنىڭ قوشۇمچە روللىرىغىمۇ چىقىپ قالاتتىم ، ھىلىقى ئۆھۆ دەپ بولغىچە ئۆتۈپ كېتىدىغان روللارغا ... 
         مەكتىپىمىزنىڭ  كەينىدە بىر باغچە بار ، ئۇ باغچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى بىرنىڭ مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىنىڭ رەسساملىرى ، ئۇلار بىكار ۋاقىتلىرىدا بۇ يەرگە كىلىپ  كۈنلەپ –كۈنلەپ رەسىم سىزىدۇ ،بىزنىڭ چىرايلىق قىز گۈلمىرەمۇ شۇ ، ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىگە قاراپ ھەيران قالىمەن ، ھەقىقەتەن تالانت باشقىدە ، ئۇ باغچىدىكى مەنزىرلىك يەرلەرنى سىزسا خۇددى ئاپپارات بىلەن تارتقاندەك چىن چىقاتتى . ئەلۋەتتە بۇ ئەڭ يارقىن نۇقتا ئەمەس ، گۈلمىرە ئۆزى بەكلا چىرايلىق ، ئۇنى قوغلىشىدىغان بالىلار بەك جىق ، ئۇ رەسىم سىزغىلى باغچىغا كىرسە ، ئۇنى كۆرگىلى بىر مۇنچە ئوغۇللار باغچىغا ئوغۇرلۇقچە تەڭ كىرىدۇ ۋە ياكى بەزىلىرى باغچىدا گۈلمىرەنى ساقلايدۇ . لېكىن بۇ گۈلنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىر بۇلبۇل باردە ئەپسۇس . بۇ بۇلبۇل دەل گۇلمىرەدىن بىر قارار يۇقىرى كەسىپتىكى فىرقەت دىگەن ئاكاش . بۇ بالا تولىمۇ كىلىشكەن ، بويلىرى ئىگىز ، قاش-كۆزلىرى قاپقارا ئىنتايىن قاملاشقان بىر بالا . گۈلمىرەنىڭ مەكتەپتە « مەكتەپنىڭ گۈلى » دىگەن نامى بار ، بۇ بالىنىڭمۇ مەكتەپتە قىزلار كەينىدە يۈرگىنى يۈرگەن . بۇ  بالىمۇ ئارىلاپ باغچىغا كىرىپ رەسىم سىزىدىغان ، فىرقەت باغچىدا رەسىم سىزسا گۈلمىرە ئۇنىڭ كەينىدىرەك يەردە تۇرۇپ فىرقەتنى سىزاتتى .  
        بىر كۈنى گۈلمىرە بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ كىردى ياتاققا ، نىمە بولغىنىنى سورىساق ئۇ يۈزلىرى قىزىرىپ تۇرۇپ فىرقەت بىلەن بۈگۈندىن باشلاپ يۈردۇق ، دەيدۇ .  بىز ھەسەت ، ھەۋەس ، ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇلارغا بەخت تىلىدۇق ، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىنتايىن ماسلاشقان ، بۇلارنىڭ يۈرگىنى بىردەمدە مەكتەپكە پۇر كەتتىدە ، بۇلارنىڭ كەينىدە يۈرىيدىغان قىز – ئوغۇللار ھەسەت ئىچىدە يىغلاپلا قالدى . شۇنداق قىلىپ بۇلار ھازىرغىچە ئىنتايىن بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ .  
        مانا ئالىي مەكتەپكە بىللە كىرگەن بىر ياتاقتىكى قىزلاردىن ھازىر قېقىلىپ – سوقۇلۇپ ئەلفىرە ئىككەيلەن قالدۇق ،   ئەلفىرەنىڭ كەسپىي ئۇسسۇل بولغاچقا ئۇ ئىككىنچى يىللىقتىن باشلاپلا ئۇيەردە ئۇسسۇل ئويناپ بۇ يەردە ئۇسسۇل ئويناپ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شەھەرمۇ-شەھەر ئۇچۇپ يۇرۇپ مەكتەپتىن توختىماي رۇخسەت سوراپ ئۇمۇ ئاگاھلاندۇرۇش جاساسىدىن بىرنى يىدى . ئۇنىڭمۇ كۈنى ئاز قالدى . ئەگەر ئۇمۇ سەل ئۆزىنى بىلمىسە مەكتەپ ئۇنىمۇ قوغلىشى ئىنىق .  
ئۈچىنچى يىللىققا كەلگەندە قىزلاردا ئاساس جەھەتتىن ئالاقە ئازىيىپ ھىلىقىدەك كۇلۇپلارغىمۇ جىق بارماس بولدۇق ، ھەممەيلەن پراكتىكا  ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلاتتى ، پراكتىكا يەرلەرنى ئۇقۇشۇپ كېيىنكى يىلى ئۇدۇللا پراكتىكىغا چۈشۈشنى ئويلايتتى . لىكىن مەن پىراكتىكا ئىشىغا ئانچە كۈچەپ كەتمىدىم ، ناخشىنى ياخشى ئېيتىدىغان بولغاچقا مەكتەپتىن خېلىلا يىراق بىر قاۋاقخانىدا ناخشا ئېيتتىم ، بۇ يەردە بەرگەن پۇلنىڭ تايىنى يوق ، ماڭىمۇ ھەم ئانچە پۇل لازىم بولمىغانكى مۇشۇ يەردە كۆڭلۈمى خوش قىلىپ يۈردۈم . .... 
.....  
    خاتىمە  
         قەدىرلىك ئوقۇرمەن ، بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلارنىڭ قىسسەلىرى ئاساس جەھەتتىن مانا مۇشۇنداق  ئاخىرلاشتى . تۆتىنچى يىللىقتا ھەممىسى ئۆزلىرى خالىغان ۋە ياكى ئاتا ئانىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان يەرلەردە پراكتىكا قىلدى ، پۈتتۈرگەندە ئۆزلىرىنىڭ جايلىرىغا قايتىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى ، ئەلفىرە بىيجىڭدا كىيىم دۇكىنى ئىچىپ شۇ يەردە قالدى ،ھازىر ئۇ كاتتا بايغا ئايلىنىپ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئورنىنى بىسىپ چەتئەلمۇ چەتئەل سودا قىلىپ يۈردى .  گۈلمىرە بىلەن فىرقەت گۈلمىرە ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا توي قىلدى ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۇلاردىنمۇ چىرايلىق بىر ئوغلى بار . پەقەت گۈلمىرە بىلەن ھىلىمۇ ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن . مەن بولسا ئىككى دادام ئىككى ئاپامنىڭ ياردەملىرى ئاستىدا بىر ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن . ....  
       ........ 
        ئوقۇرمەن ، بەلكىم  بۇ بىر توقۇلما ۋە ياكى چىن ھىكايە ، ئىشقىلىپ بۇ ھىكايە تۇرمۇشتىن كەلگەن تۇرمۇشقا قايتىدۇ . مەن  بۇنىڭ قايسىسىنىڭ توقۇلما قايسىسىنىڭ چىن ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن ، پەقەت سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا بىر ھىكايە سۇندۇم خالاس .... 
تامام .  
 
 |   
 
  
 |