- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7
- تىزىملاتقان
- 2012-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-11
- UID
- 43153
- يازما
- 6
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7
- تىزىملاتقان
- 2012-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-11
- توردا
- 7 سائەت
|
-مۇبارەك بولسۇن قىزىم !
ئۆگەي ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز مىنى كومپىيۇتىر ئالدىدىن تارتىپلا ئەكىلىپ مىھىرلىك ھالدا پىشانەمگە سۆيۈشىدىن چۆچۈپلا كەتتىم ، ئەزەلدىن بۇنداق كۆزىگە ياش ئىلىپ باقمىغان بۇ ئايال ئەمدىلىكتە ئالدىمدا« پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن» مىنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتاتتى .
- سىزدىن شۇنداق خۇش بولدۇم ئاپپاق قىزىم ، مىنىڭ ئۈمۈدۈمنى يەردە قويماپسىز ، قاراڭ سىزگە بېيجىڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن چاقىرىق كەپتۇ ، دوست-دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تازا كۆتۈرۈپ قويدىڭىزدە ، قىزىڭ نەدە ئوقۇيدۇ دىسە بېيجىڭدا دىسەم ... پاھ دەپلا قالىدىغان بولدىدە ، ھا ھا ھا ھا ..... چىقىپ قوشنىلارغا دەيچۇ ...
ئەسلى بېيجىڭدىكى مەكتەپكە ئۆتۈپتىمەن ئەمەسمۇ ، مەندە يا خوش بۇلۇش يا بىئارام بۇلۇش ھىسياتى يوق ، راست گەپ قىلسام بۇ مەكتەپكە ئۆتىدىغىنىمنى بىلەتتىم ، بۇ مەكتەپكە بارماي باشقا قانداقلا مەكتەپ بولسا ، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئايالدىن يىراقلىشىدىغان ئىش بولسا بىر تاغلىق يېزىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولساممۇ كىتەتتىم .
شۇنداق ، مەنمۇ ھەم بىر چۇۋۇلغان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ، تولۇقسىزغا ئىمتىھان بىرىمەن دىگەندە ئاپام دادام بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىمەن دىگەندە دادام چىرايلىققىنە بىر قىزى بار ئايالغا ئۆيلەندى يەنى ھازىرقى ئۆگەي ئاپام . ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمەن دىگەندە ئۆز ئاپام بىر ئوغلى،ھوقوقى ، پۇلى بار بىر كىشىگە ياتلىق بولدى . ئۇلار توي قىلىدىغان ۋاقىتلىرىنى شۇنداق ياخشى دەملەرگە ئورۇنلاشتۇرغاچقا ئىككىلىسىنىڭ تويىغا قاتناشمىغانتىم ، مانا بىردەملىك ۋاقىت ئىچىدە مىنىڭ ئىككى ئاپام ، ئىككى دادام ، بىر ئاكام ،بىر سىڭلىم بار بولدى . مانا ئەسلىدىكى بىر قانچە ئائىلە ھازىر بىرلىشىپ ئىككى ئائىلىگە ئايلاندى ، بەلكىم ئۆگەي ئاپام ، ئۆگەي دادىلىرىمنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ مېنى تولىمۇ تەس كۈندە ياشاۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپ قالغانسىلەر ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ، مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەركە قىزى ، مەن نىمە دىسەم بۇ دادىلىرىم بۇ ئاپىلىرىم ئاغزىمدىن چىققاننى تەل قىلاتتى ، مەنمۇ ئۇلارنى ئايىمايمەن ، چۈنكى مەيلى ئۆز بولسۇن مەيلى ئۆگەي بولسۇن ھىچقايسىسىنى ياخشى كۆرمەيمەن ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئەزەلدىن كۆيۈنۈپ باقمىغان ، ئىشقىلىپ ھىچنىمەم بىلەن كارى يوق ، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىنى پۇل بىلەن ئىپادىلەيدۇ ، تېخى ئۆزلىرىچە كىم پۇلنى جىق بەرسە شۇ ماڭا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن بولىدۇ .ماڭىمۇ ھىچ گەپ ئەمەس پۇل لازىم بولسا ئوخشاش بىر ئۇچۇرنى تۆتىلىسىگە يوللايمەندە ،شۇنىڭ بىلەن بانكا كارتامغا كەينى كەينىدىن پۇل كىرگەن ئۇچۇر كىلىدۇ .كىمنىڭ پۇلى جىق بولسا خىيالىمدا شۇ ئۇتقان بولىدۇ .
مانا ئالىي مەكتەپ قوينىغىمۇ ئۆزۈمنى ئاتتىم ، بۇلار مەكتەپكە مىنى شۇنچە داغدۇغىلىق ھالدا ئۇزاتتى . راست گەپ قىلسام ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىمدىن ئەمەس ۋە ياكى يىڭى رايونغا كەلگىنىمدىن ئەمەس بەلكى ئەمدى بۇلارنى كۆرمەيدىغىنىمدىن شۇنچە خۇشال ئىدىم .
شۇنداق قىلىپ مەكتەپكىمۇ يىتىپ كەلدىم ، بۇ مەكتەپ مەملىكەت بويىچە داڭلىق مەكتەپ بولغاچقا كىرىشمۇ تەس ئىدى ، ئاساس جەھەتتىن كىرگەنلەر ئائىلە شارائىتى ئىنتايىن ياخشى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوقوق-ئەمىلى ، قولىدا راۋۇرۇس پۇلى بار ئائىلىنىڭ مەلىكىلىرى ۋە ياكى شاھزادىلىرى كىرەلەيتتى . مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كىرگىنىنى ۋە ياكى ئىككى دادام ئىككى ئاپامنىڭ قايسىسىنىڭ يول ماڭغىنىنى بىلمەيتىم ، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا نەچچە نومۇر ئالغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم . ئىشقىلىپ باشقىلارنىڭ بىر ئاپىسى بىر دادىسى بار تۇرۇپ بۇ مەكتەپكە كىلەلىگەنكى مەنمۇ تاغدەك ھوقۇق مەرتىۋىسى بار ئىككى دادام ئىككى ئاپام بار يەردە بۇ مەكتەپكە ئۆتەلمىسەممۇ سەت تۇرا . بۇنداق دىسەم بۇ مەكتەپنى پۈتۈنلەي تۈگەشكەنكەن دەپ قالماڭلار ، ئەلۋەتتە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كىرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس . راستىمنى ئىيتسام بۇ ھەقىقەتەن ئۇماق بىر مەكتەپ .
مەكتەپنىڭ ياتاق شارائىتى ئىنتايىن ياخشى ، قىزلار ياتىقى ئالتە كىشلىك ، ياتاققىمۇ ئورۇنلاشتىم . ھازىر ئويلاپ باقسام مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەڭ غەلىتە قىزلار مۇشۇ ياتاققا يىغىلغانىكەن . ئاخىرىدا بىلىپ قالىسىلەر . مەن بىلەن بىر ياتاقتىكى مۇقەددەس ، بويى 1.70لەر ئەتراپىدا بار ، ئۆزى ئانچە چىرايلىق ئەمەس ، لىكىن بەدەن قۇرۇلىشىدا گەپ يوق ، ئىنتايىن قاملاشقان ، مودىل بولىدىغانلا قىز ، ئەگەر ئۆزىمۇ بەك چىرايلىق بولغان بولسا خېلى ئىشلارنى تەۋرىتىۋىتەتتى . ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئىنتايىن ئوچۇق –يورۇق ، بىرسى بىلەن بەك ئاسان چىقىشىپ كېتىدۇ ، تىلىنى چۈشەنمەيدىغان بىر توپ چەت ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىغا تاشلاپ قويسىمۇ بۇ قىز بالا ئىشارەتلەر ئارقىلىق ئۇلار بىلەن تېزلا چىقىشىپ كېتەمدىكىن دەيمەن . مۇقەددەس رىژىسورلۇق كەسپىدە ئوقۇيدۇ .
يەنە بىر قىز بولسا گۈلمىرە ، ئۇنىڭ بويى ئانچە ئىگىز ئەمەس لىكىن ئۆزى بەك چىرايلىق، مىجەزى شۇنداق مۇلايىم ،مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپلا ئۇنى يىگىتلەر قوغلىشىشقا باشلىغان، ھىلىمۇ قوغلىشىدۇ ، يا ئۇلار قوغلاپ ھارمىدى ، يا بۇ دوستۇم قېچىپ ھارمىدى .ئۇ گۈزەل-سەنئەت كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى .گۈلمىرەنىڭ ئائىلىسى راۋۇرۇس باي ئائىلە، لىكىن كىيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىكىدىلا ئاجرىشىپ كەتكىنىنى بىلدۇق، ئۇ ئىزچىل روھىي ئازاپ ئىچىدە ياشاپ ئۆزىنى قىينايدىغان مىجەزىنى يىتىلدۈرىۋالغان ،بىلىكىدە تاتۇقلار بەك كۆپ . شۇڭا دەيمەنغۇ ، بەك باي بۇلۇپ كىتىشمۇ ئانچە بەخىتلىك ئىش ئەمەس .
يەنە بىر قىزنىڭ ئىسمى ماھىرە ، ئۇ ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى . ئائىلە شارائىتى نورمال ، ئۆزى بەك چىرايلىق ، ئورۇق ، ئىگىز كەلگەن قىز . مۇشۇ دوستىمىز مانا بۇ مەكتەپكە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى .
ماھىرە مۇشۇ ياتاقتىكى يەنە بىر ئۇسۇل كەسپىدە ئوقۇيدىغان قىز بىلەن بەك ياخشى ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلفىرە ، ئەلفىرەنىڭ ئاتا – ئانىسى قازاقىستاندا سودا قىلىدۇ ، شۇڭا ئەلفىرە مومىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان، مومىسىمۇ ئەلفىرەنى بەك ئەركە چوڭ قىپتىكەن ، شۇڭا بۇ قىزنىڭ مىجەزى سەل ئۆز بىشىمچى ، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان بىشەم مىجەز ، ئۇ بەك ئويۇنچى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ تولۇقسىزنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا بىر ئوقۇتقۇچىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپتىكەن .توۋا ، بۇ قانداق ئىش ئەمدى ...
يەنە بىر قىزنىڭ ئىسمى مۇنىرە ، مۇنىرەنىڭ مىجەزى سەل ياۋايى ، ئۇ ئاساس جەھەتتىن ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشمايدۇ ، بىز دائىم ئۇنى كۆرگەندە ئۇ يا دەرەخكە ، يا بىرەر قۇشقاچقا ۋە ياكى بىرەر ئىتقا قاراپ گەپ قىلىۋاتقىنىنى كۆرىمىز .
يۇقىرقىلا مانا بۇ ھىكايىنىڭ باش قەھرىمانلىرى ، ئەمدى ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىگە دىققىتىڭلارنى يۆتكەڭلار .
ھەر قانداق بىر نورمال ئالىي مەكتەپ يىڭى ئوقۇغۇچىلار كەلگەندە ئۇلارغا ھەربىي مەشق ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، شۇڭا بىزمۇ بۇ جاپادىن قېچىپ قۇتۇلالمىدۇق . قىزغىنلىق ئىلكىدە بېيجىڭدىكى مەلۇم چەت ياقىلىقتا بۇ ھەربىي مەشىق باشلاندى ، بىزنى مەشىق قىلدۇرىدىغان ھەربىيلەرنىڭ .. ياق ، ئۇلارنى ئەسلى ئىنسترۇكتور دەپ ئاتىسا توغرا . بۇ ئىنسترۇكتور كۈندۈزى ئاچچىقى بەك يامان ، كەچ بولغاندىلا كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن قىزلارنىڭ تىلفون نومۇرىنى سوراپ ئۇچۇر يوللايتتى . دىمىسىمۇ شۇ ، بۇ بىچارىلەر ئايلاپ-يىللاپ سىرتقا چىقالمىغانكى مۇشۇندا ۋاقىتتا كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ ئولتۇردۇدە، كىيىن مۇشۇ يەردىكى بىر ئىنسترۇكتور بىلەن مۇزىكا كەسپىدىكى بىر قىز يۈرۈپ قاپتۇ دىگەن گەپلەرمۇ تارقىلىپ يۈردى .
ھەربىي مەشىق تۈگىگىچە بىزنىڭ بۇ بىر ياتاقتىكى قىزلارنىڭ مۇناسىۋىتىمىز خېلىلا يىقىن بۇلۇپ كەتتى . مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ياتاقلىرىمىزنى ياساشقا كىرىشىپ كەتتۇق، ھەممىزننىڭ مىجەزى ، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىمىز ئوخشىمىغاچقا كارىۋاتلىرىمىز ھەرەڭ-سەرەڭ ئىدى ، لىكىن مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى مۇقەددەس تاملىرىغا پۈتۈنلەي دىڭ شىياۋپىڭ ، ماۋزىدۇڭلارنىڭ رەسىملىرىنى چاپلىۋەتكەنتى ، نىمىشقىلىغىنى سوراپمۇ يۈرمىدۇق ، ئادەتتە پارتىيەنىڭ بۇنداق ياخشى پەرزەنتلىرى بەكلا ھۆرمەتلەيمىزدە .
بۇ بېزەش ئىشلىرىمۇ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنە شۇ قورقۇنۇشلۇق «ھەربىي مەشىق جېڭى»دە ھايات قالغانلىقىمىزنى تەبرىكلەپ ئويناپ كەلمەكچى بۇلۇپ بىرەر كۇلۇپقا بارماقچى بولدۇق ، لىكىن ماھىرە بۇنداق يەرلەرگە بارمايمەن دەيدۇ . بىز ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بۇ دوستىمىزنىمۇ ئالداپ ئەچىقتۇق ، «مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دىگەندەك بۇ دوستۇمىزنىڭ كىيىن بۇنداق يامان ئۆگىنىپ كىتىدىغىنىنى بىلگەن بولساق مۇشۇ چاغدا ياتاققا باغلاپ قويۇپ كىتەكەنمىزتۇق ...
شۇنداق قىلىپ مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر كۇلۇپقا كىردۇق ، چوڭ شەھەرنىڭ ھەيۋىسى مۇشۇنداق ئالىچىپار،يىرىم يالىڭاچ كىيىنگەن قىزلار بىلەن توشقان ، قىزىل يىشىل چىراققلار ئېسىلغان كاتتا يەرلەردە جىلۋىلىنەتتى .ھەممە خەق بىرتوپ بىرتوپ بۇلىۋىلىپ ئۇسۇل ئوينايتتى ، بۇ قىزلار كىرىپلا بىر مۇنچە قىممەت پۇللۇق ھاراقلارنى بۇيرۇتتى-دە ، ئۇسسۇل ئوينىغىلى چۈشۈپ كەتتى . ماھىرە ئىككەيلەن بۇنداق يەرگە كىلىپ باقمىغان ھاراقمۇ ئىچىپ باقمىغان بولغاچقا چاي بۇيرۇتۇپ ئىچتۇق ، مەنمۇ ئۆيدە دەملىيەلەيدىغان چاينى بۇ يەردە نەچچە يۈز كويغا ساتىدىكەن ، تۇيۇقسىز شۇنداق خوش بۇلۇپ قالدىم ، چۈنكى دەملىيەلەيدىغان چىيىمنىڭ قىممىتى بۇ كۇلۇپتا ئىنتايىن يۇقىرىتى . .....
كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتمەكتە ، ئەمدى يىڭىلىقلارغا كەلسەك مەكتىپىمىىزنىڭ يىنىدا يىڭى بىر قاۋاقخانا ئېچىلدى ، بىز بۇ يەرنىڭ ئېچىلغىنىنى مۇبارەكلەپ كەلمەكچى بولدۇق ، بۇ قىزلارمۇ بىر-بىرىدىن چىرايلىق بولغاچقا كىرىپلا ھەممىسىنىڭ دىققىتى بىزگە بۇرۇلدى ، دىمىسىمۇ چىرايلىق بەش قىز بىر توپ بۇلۇپ بۇ يەرگە كىرسە خەقنىڭ دىققىتى بىزگە بۇرۇلماي قالامدۇ ، بۇنى سېھرىي كۈچ دەپ ئاتاپ قويساقمۇ ئېغىر كەتمەس ... شۇنداق قىلىپ تاللاپ بىر ئايرىم كىرسلولىرى ئەڭ ئالاھىدە ھەم تاللاپ ناخشا ئېيتقىلى بولىدىغان ktv لىق ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇقتە بىر نەچچە پىۋا ۋە مىۋە سالات بۇيرۇتۇپ ناخشا ئېيتىشنى باشلاپلىۋەتتۇق .بۇ قىزغىنلىقتا بۈتكۈل قاۋاقخانىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزى بىزدە ئىدى ، توختىماي باشقا ئۈستەلدىكى كىشىلەرنىڭ بىزگە تۇتقان سوۋغات ھاراقلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى . بىز خىيالى ئويناپ يۈرگەندە بۇ قاۋاقخانىنىڭ خوجايىنى بىزنىڭ ئۈستەلگە كىلىپ :
- قانداق قىزلار ، شارائىتىمىز ، ھاراقلىرىمىز كۆڭلۈڭلاردىكىدەك بولدىمۇ ؟
بىز ئاغزى – ئاغزىمىزغا باقماي سۆزلەپلا كەتتۇق .
-ھا ھا ھا ، بىزنىڭ قاۋاقخانا دەل سىلەردەك مۇشۇنداق چىرايلىق قىزلارنىڭ دائىم كىلىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . سىلەر كەلسەڭلەر بۇ يەر تېخىمۇ قىزىپ كىتىدىكەن . بۇندىن كىيىن دائىم كىلىپ تۇرۇڭلار ، سىلەردىن پۇل ئالمايمىز ، قايسى ئۈستەلگە بىرىپ ئوينىساڭلار بۇلىۋېرىدۇ .
بىز ھەيرانلا قالدۇق ، بۇ خوجايىننىڭ كاللىسىنى ئىشىك قىسىۋالدىمۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ قاۋاقخانىسادا مەس بۇلۇپ قالدىمۇ بىلمىدۇق ، بۇندىن كىيىن كەلسەڭ پۇل ئالمايمەن دەيدىغۇ ؟! بىز بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەي قايتتۇق . ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۇ بىزنى شۇ قاۋاقخانىغا دائىم كىلىپ ھەمرا قىزلار بولسۇن دەپ چوتنى سوقۇپتىكەن . شۇ چاغدا بىز دائىم ئۇ قاۋاقخانىغىمۇ بېرىپ تۇردۇق ، دائىم كەلسەك بۇ خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ بىزنى قارشى ئالاتتى ، بىرەسى قاۋاقخانىدا بىزنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنسا بۇ خوجايىن قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇپ بىزنى قوغدايتتى . سەل چوڭ خېرىدارلار كەلسە بىزنى تونۇشتۇرۇپ قوياتتى . شۇنداق قىلىپ بىز ھەقىقەتەن بۇ قاۋاقخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بۇلۇپ قالدۇق .
داۋامى بار . |
|