تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 6

تەكلىپ بېرىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       تەكلىپ بېرىڭ

                                                     ئەسقەرجان ئەنۋەر
  
   ھايات دوقاللىرىدا نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىش ھەمدە تۇرمۇشۇمدا يولۇققان تۈرلۈك ئىشلارنى كۈزىتىش جەريانىدا، مەسىلىنى بايقاش ھەمدە ئۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم.  
  بىر قېتىم مەلۇم ساتراشخانىغا كىرىپ، ساتراشخانىنىڭ تازىلىق، ئۈسكىنە، مۇلازىمەت قاتارلىقلارغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى كۆردۈم-دە، خوجايىنغا ساتراشخانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم. ئۇ تەكلىپىمگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بىرەلمىگىنىگە مەندىن ئۆزرىخالىق سورىدى. يەنە بىر قېتىم مەلۇم ئەدىپ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، پاراڭ ئارىلىقىدا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بەزى يىتەرسىز تەرەپلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇۋاپىق تەكلىپىمنى بەردىم، ئۇ تەكلىپىمنى كەمتەرلىك بىلەن قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماڭا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە كىيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەكلىپلەر بولسا ئۆزىگە يەتكۈزۈپ تۇرۇشۇمنى تاپىلىدى.
   تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق تۇغدۇرىۋاتقان مەسىلىلەر بولسا، ئۇنى «ئاۋارىچىلىق» دەپ قارىماستىن، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ياكى مەسئۇل ئوقۇتقۇچۇمغا ئىنكاس قىلاتتىم ھەمدە ئۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپىمنى بىرەتتىم، شۇنداق چاغلاردا بەزىلەر       ماڭا  « ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلىشىپ نېمە قىلىسىز، بۇ مەكتەپنىڭ ئىشى، يا سىزنىڭ ئىشىڭىز بولمىسا» دەپ قوياتتى، بىراق كاللامدا « ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئۇنىڭمۇ كارى بولمىسا، مىنىڭمۇ كارىم بولمىسا، ئۇ ئىشلار ھەل بولمىسا شۇنداق تۇرىۋېرەمدۇ» دېگەن ئوي بولغاچقا، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن ئانچە ھىساپلاشماي، مۇۋاپىق تەكلىپلىرىم بولسىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاتتىم. چۈنكى مەن مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىشنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى دەپ قارايتتىم.
   بۇرادەر، ئەتراپىڭىزدا ئۆزىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىسىز ئىشلارنى بايقىغاندا، ئۇلارغا تەكلىپ بېرىپ، مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلامسىز ياكى جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىپ، ئۇ مەسىلىلەرگە كارى بولماسلىق نەزىرىدە قارامسىز؟ مۇبادا كېيىنكى يولنى تۇتۇۋالغان بولسىڭىز، بۇ ئادىتىڭىزنى بالدۇرراق ئۆزگەرتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزدە « بالا يىغلىمىسا ئانا ئېمىتمەيدۇ» دېگەن گەپ بار، سىزنىڭ كۆزئالدىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكىڭىز دەل « يىغلىمىغانلىق»، شۇنداقلا مەسىلىدىن ئۆزىڭىزنى قەستەن ئېلىپ قاچقانلىقىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھاياتىڭىز دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئەمەس، سۈيى تىنىپ قالغان كۆلگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىراۋغا باھا بەرگەندە، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلا گەپنى قىلىۋەرمەي، كەمچىلىكلىرىنىمۇ كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ شۇ كەمچىلىكىنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈشكە مۇۋاپىق تەكلىپلىرىڭىزنى بىرىڭ. ئەمما بۇ جەرياندا قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش مەقسىتىدە، زەھەرخەندە تەكلىپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، بولمىسا قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە « تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان» ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز-دە، كىيىنكى تەكلىپلىرىڭىز ھەرقانچە پايدىلىق بولسىمۇ، قۇبۇل قىلىشقا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. خىزمەت ئورنىڭىزدا تەكلىپ بېرىشكە تىگىشلىك ئىشلاردا تەكلىپ بېرىڭ، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ، تەكلىپىڭىزنىڭ قارشى تەرەپكە پايدىسى تىگىدىغانلىقىنى ھىس قىلسىڭىزلا ئۇنى رەھبىرىڭىز، دوستىڭىز ياكى شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئىشلىرىڭىزدا غەلىبە قازىنىپ، ھاياتىڭىزنى ئۆزگىچە مەنالار بىلەن بېزىيەلەيسىز.
     مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
42931
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئويلىغانلىرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقاندا ئويلىمىغان نەتىنجىلەرگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ.

UID
40788
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، مەسىلە بولسا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. جەمىيەت دېگەن يالغۇز باشقۇرغۇچىلارنىڭلا بولۇپ قالماستىن بەلكى شۇ جەمىيەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ئادەملەرنىڭ ھاياتلىق دۇنياسى بولغاچقا، كوللىكتىپنى، مۇھىتنى، جەمئىيەتنى ئورتاق باشقۇرۇش ئېڭىغا كەلگەندە مەسىلىلەر دۆۋۈلۈنۈپ كەتمەي ۋاقتىدا تۈزۈتۈلۈپ ھەم ئالدى ئېلىنىپ مېڭىلىنىدۇ. ئورۇنلۇق تەكلىپ-پىكىر بېرىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ھوقۇقى. توغرا بولماسلىققا سۈكۈت قىلىش ئاقىۋەت زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، توغرا قىلمىغۇچىلارنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. توغرا قىلماسلىق ئۆزىنىلا ئويلاشتىن كىلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادىللىق يوقاپ كىتىپ نارازىلىق-قارشىلىشىش ئەۋىج ئالىدۇ.

UID
8992
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
406
تىزىملاتقان
2011-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز، تەكلىپ بەرگەن ياخشى ئىش، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ، مۇۋاپىق تەكپىپ بەتمەكمۇ بىر سەنئەت،  تەكلىپنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قۇبۇل قىلىش بولسا ساپا ، تەكلىپ بىلەن ئاسلا خوشى يوق ، مىنىڭ راست دەيدىغانلارغا ئۇچراپ قىلسىڭىز چاتاق......

UID
37030
يازما
25
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى ياخشى كۈرەتتىم .لېكىن بىر كۈنى  بىر ساۋاقدېشىم كومپىيوتۇرسىنىڭ سىستىمىسىنى قاچىلىيالماي  قاپتىكەن . مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ قاچىلاپ بەردىم . ئۇ كۈنى شۇنداق ياخشى ئىشلەپتۇ ئەتىسى يەنە كۆك ئىكران بولۇپ قاپتۇ . مەن يەنە ئېرىنمەي نەچچە سائەت ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ قاچىلاپ بەرىم ، لېكىن  تۇيۇقسىز ئەتىسى كومپىيۇتېرىسدىكى نەرسىلەر يۇقاپ كىتىپتۇ ئ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇرۇشۇپ قالدى . يىمىگەن سامسۇنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بىكا نەچچە يۈز يۇۋەن تۆلەپ بەردىم !  شۇنىڭ ياقى باشقىلارغا ياردم قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدىم !!!!!!

UID
11177
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1649
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 12 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقېلارنىڭ تەكلىپىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىش، باشقېلارغا سەمىيمىلىك بىلەن تەكلىپ پىكىر بىرىش ياخشى خىسلەتتۇر، ئەتراپىمىزدىكىلەر بىزگە نىسبەتەن ئەينەكلىك رولىنى ئوينايدۇ، بىز ئەينەكتىن ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكىمىزنى تونۇپ يىتىشىمىز ۋە ئۇنى تۈزىتىش بىلەن بىرگە باشقېلارغىمۇ ھەم ئۆزىمىز نىڭ ئەينەكلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كىرەك.

UID
35789
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ پىكىر بىرىش ياخشى لىكىن تەكلىپنى ئەھۋالغا قاراپ ،كەيپىياتقا قاراپ ،ئورۇن شەخىسكە قاراپ بىرىش يەنى شۇ تەكلىپنىڭ ئۈنۈمىگە قاراش تىخىمۇ ياخشى!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش