‹‹ساھىپجامالنىڭ ئۆلىمى›› فىلىمى توغرىسىدا
attachimg]2688[/attachimg]
بۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى-گۇاڭ چۈنلەن،دۈەن باۋشەن بولۇپ، فىلىمگە گۇاڭ چۈنلەن 1986-يىلى رىژىسۇرلۇق قىلىپ ئىشلىگەن. ئاساسلىق روللارنى مىرادىل ئابلىمىت، گۈزەلنۇر قۇپىدىن، مىھرىگۈل ئەمەت قاتارلىقلار ئالغان. بۇ فىلىم خەلق ئارىسىدىكى گۈزەل رىۋايەتكە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. فىلىمنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى مۇنداق: ئۈچيۈز يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى زەرەپشان دەرياسى بويىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى سېپىل شەكىللىك قورۇسى بار ئىدى. ھەسەنباي مۇشۇ قورۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇراتتى. ئارقا قورۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ قىزى-مەريەم خېنىم تۇراتتى. بىر كۈنى مەريەم قورۇنىڭ كارىدورىدا ناخشا ئېيتىۋىتىپ،نەۋرە ئاكىسى- ئەلىنىڭ ئوغۇرلۇقچە تامغا يامىشىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مەريەم ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن يۈزىگە ياپقان ياغلىقىنى ئېچىۋىدى،ئەلى چۈچۈپ كېتىپ، تامدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ-دە، شۇ سەۋەپتىن ساراڭ بولۇپ قالىدۇ.
ئەسلىدە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ھەسەنباي ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىنىڭ مىراسىنىڭ ھەممە مال-مۆلكىنى مەريەمگە تەۋە بولىدۇ، دەپ جاكالايدۇ.بۇ ۋەسىيەتنامە ئۇنىڭ كىيىنكى ئايالى-لالەگۈلنىڭ گۈزەل چۈشلىرىنى بەربات قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاچچىغىنى بېسىۋالالماي، زەھەرخەندىلىك بىلەن بىر مەيدان ئوت كېتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ، مەريەمنىڭ چىرايىنى بۇزىۋىتىدۇ. ئاندىن كىيىن لالەگۈل بۇ قورۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرىدۇ. قۇربان ھېيىت كۈنلىرىدە يۈنۈس ھەسەنباينىڭ ئۆيىگە كىلىپ، مىھمان بولىدۇ.قەيسەر كۈتۈلمىگەندە يۈزىنى يېپىۋالغان مەريەمنىڭ بەش يىل ئىلگىرى ئاققۇ كۆل بويىدا ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا تونۇشقان ياخشى كۆرگەن قىزى-مەريەم ئىكەنلىگىنى بىلىۋالىدۇ. قەيسەر شۇ چاغدا كەلگۈسىدە بۇ قىز بىلەن توي قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈنۈسباينىڭ ئۆيدىكىلەر ھەسەنباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئىبەرتىدۇ. بۇ ئىش ھەسەنباينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ چاغدا لالىگۈل ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسۈتۈپ، دىدەك قىز پەرىدەنى ئۇنىڭ ئورنىدا يىگىتكە بەرمەكچى بولىدۇ. قىزنى يۆتكەيدىغان ۋاقىتتا ئاقكۆڭۈل سەمىمىي قىز پەرىدە قەيسەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئۆزى زەھەر ئېچىپ ئۆلىۋالىدۇ. قەيسەر غەزەپلىنىپ، مەريەمنى ئىزدەشكە ئادەم ئىبەرتىدۇ.
مەريەم گۈمبەز ئىچىدە دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئوقۇيدۇ. قەيسەر ئاتلىق بېرىپ مەريەمنى تاپىدۇ. ئەكسىچە مەريەم ئۇنىڭ بىلەن قايتىشنى خالىماي، ئىگىز راۋاقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ياۋا گۈلنى ئاسمانغا تاشلىۋىتىپ، ئۆزىنى ئىگىز راۋاقتىن پەسكە تاشلاپ ئۆلىۋالىدۇ. زەھەرخەندە لالىگۈل كىيىن قىساسىنى تارتىپ، ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ تۈگەيدۇ.
بۇ فىلىم گۇاڭ چۈنلەننىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە ئىنتىنىشلىرىنى ئىپادىلەپ، رىيالىزىم ۋە رومانتىزىم بىر گەۋدە قىلىنىپ، رىۋايەت شەكلىدىكى ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن نادىر فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. فىلىمدە 12مۇقامنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى ۋە شوخ ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارغا ھەقىقىي مەنىۋىي زوق ئاتا قىلالايدۇ. بۇ فىلىمنى ئىشلەشتە گۇاڭ چۈنلەن سەنئەت، مۇزىكا، تاماشىبىن قاتارلىق ئۈچ ئامىلنى بىر گەۋدە قىلىپ، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىجادىيەت موھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىگەن. بۇ فىلىم ئەينى يىللاردىكى پۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ روھىنى ۋە ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.
نەشىرگە تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
تېلفۇن: 2012-يىلى 18-ئاپرىل يېزىلدى.