ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر شېئىرلىرى
ئىز
]
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز ،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا ، گاھى داۋانلاردا يەنە ،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسىز.
قەۋرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا ،
گۈل-چىچەككە پۈركىنۇر تاڭنا باھاردا قەۋرىمىز.
قالدى ئىز ، قالدى مەنزىل ، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز .
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق ،
تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز .
گۈللا بولسا گۈل ئەمەس گۈلدەك پۇراقى بولمىسا ،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش بەزەن ئېيىقمۇ تىك تۇرۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس ، ئادەم سىياقى بولمسا .
ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس ،
ھۆسنى بىر سۈرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراقى بولمىسا.
بىر مىسال : پانۇسنى كۆر شام چىراقسىز يورۇماس،
نۇر چاچامدۇ شام چىراق پىلىك ۋە ياغى بولمىسا .