ئىگىسى: muddia

بالىلارنىڭ بىر كۈنى زادى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
20399
يازما
64
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-29
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 18:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئوقۇتقۇچى، بىز مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى ھىس قىلىمىز،ھەتتا بۇ كەسىپ تولىمۇ مەنىسىزدەك بىلىنىپ كىتىدۇ.مەن يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئككى ئايلىق ئۆگىنىشتە بولدۇم،ئۇ تەرەپلەرنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن ،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى،ئۇنۋىرسال ساپاسىمۇ بىزنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن،مائارىپقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدىكەن.لىكىن شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭمۇ ھازىرقى مائارىپنى «مەغلۇپ بولغان »دەپ قارايدىغانلىقىنى،تەربىيلەپ چىقىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇددى ماشىنا ئادەمدەك،يىڭىلىق يارىتىش تۇيغۇسى ۋەئىقتىدارىنىڭ كەملىكى ئوقۇتقۇچىلاردا ھەرقانچە تىرىشسىمۇ نەتىجى تۇيغۇسى ئاجىز دەپ قارايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

UID
6054
يازما
326
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7440
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-12
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 12:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن  1-2 سىنىپقا چىققاندا ئېلىپبە ماتىماتىكا دەرسىنى 3-سىنىپقا چىققاندا ئۇيغۇر تىلى گىراماتىكىسىنى ھەم خەنزۇ تىلى دەرسىنى ....تەدرىجى قوشۇپ بېرەتتى، يېزا مەكتەپلىرىدە يازلىغى كوللۇپتىپ ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇغداي ئورۇش  قوناق ئورۇش، يەر تۇزلەش... قاتارلىق جىسمانى پالىيەتلەر بىلەن بىيۋاستە يۇز كورۇشتىرەتتى،دىھقانلارنىڭ جاپاسىنى  ئەمگەك قىلىشنىڭ شەرەپلىگىنى تېتىيتتۇق، ئېتىزلىقتا ئولتۇرۇپ ئەمگەك مۇسابىقىسى ئېلىپ باراتتۇق، ناخشا ئوقۇيتتۇق،ھازىر يېزىلاردىمۇ  تۇزۇلمە ئۆزگەرگەچكە يەرلەرمۇ شەخسكە بېرىلىپ بولغاچ ئۇنداق پۇرسەتلەرمۇ يوق دىيەرلىك،بالىلار ئوزىنىڭ تىلىدا ئوقۇپ يېزىشنى بىلمەي تۇرۇپ  خەنزوچىدىمۇ تەڭ ئوقۇپ يېزىشنى تەلەپ قىلغاندىكىن  بىر ھەسسە ئوقۇش ئۇچۇن ئڭككى ھەسسە تىرىشمىسا بولمىغاشقا بالىلارغا بېسىم كۆپ، بالىلارنىڭ كىتاپ سومكىسىنى ئېچىپ باقسا بۇ بالىلار موشۇنچىۋالا كىتاپنى قاچان ئوقۇپ بولار دىگۇسى كېلىدۇ،لېكىن تاپشۇرۇق ئىشلىمىسە بولمايدۇ-دە،تاپشۇرۇق بۇرۇندىلا بار ئىش ،لېكىن دەرس تۇرى كۆپ! يەنىلا بېسىم  كۆپ ، خەخنىڭ بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئوقۇسا بىزنىڭ بالىلرىمىز زىيادە ئەقىللىق بولغاچقا خەنزوتىلدىمۇ تەڭ ئوقۇيدۇ. باشقا مىللەتلەر ئۆزتىلىدا ئوقۇپمۇ بېسىم ئېغىر دەيدىكەن،بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى نىمە دىسە بولار!

UID
53240
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2013-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 14:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپىتىكى باللارنىڭ يۇكى راستىنلا ئېغىر ، بىركۇن دەرس ئاڭلاپ ئويگە كىلىپ يەنە بىر ۋاقىتقىچە تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ .
‹‹قانداق گۈزەل چاغلار ئۇ بالىلىق چاغ››
لىكىن ھازىرقى باللىق چاغلارمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشمايدىغان بۇلۇپ كەتتى،ھازىر ئاتا-ئانلار ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى، ئىشقا بارمىسا تېخى بولمايدۇ،شۇ مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ئۇماقلارنى بىر بولسا ئۆيگە بالا باققۇچى بىلەن سۇلاپ قۇيدۇ، يەنە بىر بولسا يەسلىلەرگە ئاپىرىپ بىردۇ ، بۇنىڭغىمۇ ئامال يوقتە، كەشتە ئالدىراش ئىشتىن چۇشۇپ تاماق ئىتىمەن دەپ ئاشخاندىن چىققاي تۇزۇكمۇ بىر قاريالمايىمز، تاماقنى يەپبۇلغۇچە ئۇخلايدىغان ۋاقىت بۇلدۇ، ئۇخلاپ قۇپۇپ يەنە شۇ كۇندىلىك ئىشلار باشلىنىدۇ. مۇشۇ ئاياللارغا بالسى مەكتەپ يېشىغا يەتكۇچە دەم ئېلىش بەرسە دەپ ئويلايمەن.

UID
58029
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2014-1-21
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 14:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014年本人愿意培训一批对【网-上-赚-钱】感兴趣的朋友,可以做到日赚500左右(免培训费)。可以联系企鹅号:1636+900+885
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش