- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 31
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 33
- تىزىملاتقان
- 2012-6-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-2
- UID
- 40788
- يازما
- 31
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 33
- تىزىملاتقان
- 2012-6-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-2
- توردا
- 2 سائەت
|
مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 4161 ئائىلە باشلىقى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى «بالىلار بىر كۈندە زادى نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سۇئالغا يېتەرلىك جاۋاپ بەردى. بۇ جاۋاپلاردىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنى مۇنداق سۈرەتلەشكە بولىدۇ: ئادەتتە ھەر كۈنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالتە ياكى يەتتە سائەت دەرس ئوقۇيدۇ، مەكتەپتىن قۇيۇپ بىرىلگەندىن كىيىن، ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا دەرسلىكىنى تولۇقلىغاندىن باشقا، يەنە ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىنمۇ ئاز بولغاندا ئۈچ سائەت دەرس تەكرارلايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ۋە كۆڭۈل ئاچىدىغان ۋاقتى ئاساسى جەھەتتىن يوق، ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقى ئېنىق، كەچ سائەت ئونلاردا كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلايدۇ.
گەرچە دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆڭۈل ئېچىشقا ئانچە كۆپ ۋاقىت چىقىرالمايدۇ.
ھەممە ئادەم ھازىر بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتتى دىيىشىدۇ. دىمىسىمۇ ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇش، ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەش، تۈرلۈك دەرستىن سىرتقى دەرس تولۇقلاش ياكى ئىقتىدار تەربىيەسى بىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئۇلارنىڭ تىگىشلىك كۆڭۈل ئېچىش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىقى مۇمكىنمۇ؟ بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن سىرتقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، « خەلق گېزىتى» تورى مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن «بالىڭىز بىر كۈندە زادى قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟» دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، جەمئىيەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
نەتىجە ھەر ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، ئاخىرقى مۆھلەت توشقىچە 4161 ئائىلە باشلىقى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى %52 ئادەم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، %34 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، %14 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى.
دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ۋاقتى قانداق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ؟
تەكشۈرۈش نەتىجىسگە قارىغاندا، تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىكەن. %31 بالىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقتى تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن ئۆتىدىكەن، %28 بالا تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە، %30 بالا بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە ۋاقىت سەرىپ قىلىدىكەن. تاپشۇرۇق ئىشلەشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى بىر سائەتكىمۇ يەتمەيدىغان بالىلار ئاران %11 نى ئىگەللەيدىكەن. تاپشۇرۇقتىن باشقا، يەنە دەرستىن سىرتقى تۈرلۈك نامدىكى تەربىيەلەش كۇرسلىرى بالىلارنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %68 بالا چوقۇم مەلۇم خىل تەكرارلاش كۇرسىغا قاتنىشىدىكەن، بۇنداق كۇرسلارنىڭ ئاز بولغاندىمۇ %53 ئەدەبىيات، ماتىماتىكا ۋە چەتئەل تىلى يەنە تېخى ئولىمپىك ماتىماتىكىسى بولىدىكەن.
بالىلارنىڭ بىر كۈندە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى قانچىلىك؟
ئاتا-ئانىلارنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا، %57 بالىنىڭ كۈندە بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ۋاقتى زادىلا يوق ئىكەن، يېرىم سائەتكىچە بەدەن چېنىقتۇرىدىغان بالىلار %23 كە، يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بەدەن چېنىقتۇرالايدىغان بالىلار ئاران %15 كە، ئىككى سائەتكە يېقىن بەدەن چېنىقتۇرىدىغان بالىلار %5 كە يىتىدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %49 ئوقۇغۇچى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان، بۇ نەتىجىنى ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش يەكۈنىگە سېلىشتۇرساق، چوقۇمكى كۆڭلىمىز تىنچسىزلىنىدۇ.
ئېغىر دەرس يۈكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئويناش ۋاقتى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى بەكلا قىسىۋەتكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلىدۇ: ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يوق بالىلارنىڭ %33 كە يىتىدىغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، %39 بالا ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئاتا-ئانىلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرالايدىكەن، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن مۇڭدىشىدىغان ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكە يىتىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى %18 كە، بىر سائەتتىن ئاشىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %10 كە يىتىدىكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، « جاھاندا قانغىچە ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش، قانداق ئوينىغىسى كەلسە شۇنداق ئويناشتىنمۇ خوشاللىق يوق» دەپ قارايدىغان بالىلارنىڭ %78 كە يىتىدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك. ئەمىلىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ قايسىبىرى بالىلىرىنىڭ ئارزۇ-تىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ؟ ئەمما رىئاللىق شۇكى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ بۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن قاندۇرۇپ بولالمايدۇ، قاندۇرالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بالىلارنىڭ كۈنلىرى ئەنە شۇنداق جاپالىق ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۇنى دەرھال ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |
|