تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 4

شائىرغا نىمە كىرەك؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2274
يازما
33
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرغا نىمە كىرەك؟


ساداقەتجان ھاجى


بىلىمەن قولۇمدا بىر قەلەمنىڭ بارلىقىنى.
بىلىمەن يېزىش كىرەكلىكىنى توختىماي.
بىلىمەن قەلبىمدە دەرد-ئەلەمنىڭ بارلىقىنى.
بىلىمەن ياشاش كىرەكلىكىنى ئۇخلىماي.

شۇڭا ھاياتنىڭ
مەن بىلىدىغان دوقمۇشىدا ئولتۇرۇپ
يازدىم جۇۋازدىكى كالىدەك.
يازدىم بەزىدە ھىسسىياتچان قۇشتەك.
يازدىم كۆڭۈل سىرىمنى تۆكۈپ بىراقلا
خۇددى شېئىر مەن بىلەن تونۇشتەك.

يازدىم شېئىر يېزىش شۇنچە ئاساندەك.
يازدىم ئىلاھىي سىرلار ماڭا ئاياندەك.
يازدىم ... جەننەت ... كەۋسەر ... پەرىشتە ... دەپ
قەلبىم كۆيۈۋاتسا باياۋاندەك ...

يازدىم قەلبىمدە لاۋۇلداپ ھەۋەس.
بىر تىنىق چىقمىدى ئالسام مىڭ نەپەس.
مەن مۇھەببەتنى كۈيلىگەن بىلەن،
مۇھەببەت ئىكەن شېئىرغا قەپەز.

مۇھەببەت - شائىرنى ئازدۇرغان مۇھەببەت.
مۇھەببەت - يالغاننى يازدۇرغان مۇھەببەت.
مۇھەببەت سىغىشالمايدۇ ھەقىقەت بىلەن.
شۇڭلاشقا شېئىر يازمىغان مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام).

لېكىن مەن ئازغۇچى.
ساراڭدەك شېئىرغا قىلىمەن ھەۋەس
يېزىش ئۈچۈن
ھامان بىر كۈنى يازىدىغان شېئىرنى.
تۈننىڭ پايانى يوق باياۋانىدا
ئەيلەپ كالىدەك ياكى قۇشتەك نىدا
مۇھەببەتنى كۈيلەيمەن يەنە
كۈيلەيمەن ئازدۇرغۇچى مۇھەببەتنى
توشقۇزۇپ جەننەت، كەۋسەر، پەرىشتە بىلەن دەپتىرىمنى.

جەننەت - شېئىرمۇ؟
كەۋسەر - شېئىرمۇ؟
پەرىشتە - شېئىرمۇ؟
شېئىرمۇ شائىرنىڭ مەجنۇن يۈرىكى؟
مۇھەببەتكە مەپتۇن يۈرىكى؟
مۇھەببەت چۆلىدە شائىرنىڭ ئۆلۈكى
ساپايە چالار قەلەندەر كەبى
يانار-يانار سەمەندەر كەبى
قۇيۇندا قەبرەسىنى تاپالماي...

ئەي ئاللاھىم!
مېنى قۇتۇلدۇر مۇھەببەتتىن،
مۇھەببەتتىن ئازدۇرغۇچى مۇھەببەتتىن،
ھەقىقەتتىن ئازدۇرغۇچى مۇھەببەتتىن،
قەبرەلەرگە قەسىدە يازدۇرغۇچى مۇھەببەتتىن،
ئالۋاستىنى پەرىشتە قىلىپ كۆرسەتكۈچى مۇھەببەتتىن،
زىمىننى ئەرشتە قىلىپ كۆرسەتكۈچى مۇھەببەتتىن...

ئەي ئاللاھىم!
مېنى قۇتۇلدۇر پاساھەتلىك شېئىرنىڭ مۇھەببىتىدىن،
بالاغەتلىك پىكىرنىڭ مۇھەببىتىدىن،
كىبىرنىڭ مۇھەببىتىدىن...

ئەي ئاللاھىم!
مېنى قۇتۇلدۇر مىڭ مەررە ئۆلمەكتىن،
مىڭ مەررە ئۆلتۈرمەكتىن ھەم.
ئۆلۈم گەرچە ھەقىقەت بولسىمۇ...

ھەقىقەت - بىردۇر، ئېگىلسە سۇنار.
مۇھەببەت - مىڭدۇر، مىڭ مەررە يانار.
ھەقىقەت - ئىماندۇر، يولدۇر.
مۇھەببەت - ئىسياندۇر، قۇلدۇر.
ھەقىقەت - سەبرىدۇر، مۇھەببەتنى كۈتەر ئۇ.
مۇھەببەت - قەبرەدۇر، ھەقىقەتنى كۆمەر ئۇ.
ھەقىقەت - مۇھەببەتتۇر، مۇقەددەستۇر.
مۇھەببەت - ھەقىقەتتۇر، ھەۋەستۇر.
ھەقىقەت - قىلىچتۇر، تىلىمىزنى كېسەر ئاخىرى.
مۇھەببەت - قەلەمدۇر، قېنىمىزنى ئىچەر ئاخىرى...

ئېيتقىنا ئەي سۇ بولغان يۈرەك
شائىرغا نىمە كىرەك؟؟

★★★★★
(2008-يىل 1-ئايدا يېزىلدى. 2012-يىلى 2-ئايدا تولۇقلاپ يېزىلدى.)
★★★★★

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
676
يازما
185
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6166
تىزىملاتقان
2008-11-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز؟ شېئىرىڭزنى ئۇقۇپ  ، پىكىر چوڭقۇرلىقىدىن سۈيۈنۈپ كەتتىم.

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ھايات ئىزدەيدۇ، ئەمما شائىر ھايات ياشاۋاتىدۇ. شائىر ئادەم بىلەن ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزدەيدۇ، ئەمما ئادەم شائىر ھايات ياشاۋاتىدۇ.  شائىر مۇھەببەتنى ياراتماقچى، ئەمما مۇھەببەت شائىرنى ئازاپلايدۇ. شائىر تىل ئارقىلىق ئادەمنى چۇۋۇيدۇ، ئەمما ئادەم شائىرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شائىر ئادەملەر ياراتقان، ئەمما ئادەملەر ئىرشەلمەيدىغان ھەقىقەتنى ھىس قىلىدۇ. شائىرلىق شېئىردا مۇھەببەتكە قارايدۇ.

UID
42499
يازما
20
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزغا رەھمەت . خېلى بوپتىكەن بۇنداق ۋەزنى بار شېئىرلارنى كۆرمىگىلى ، ھارمىغايسىز ...

UID
32098
يازما
233
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
233
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرغا زادى نىمە كېرەك؟؟؟


مەن بۇ شېئىرنى ياقتۇردۇم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش