- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 244
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 4662
- يازما
- 244
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 130 سائەت
|
مەنمۇ ئالدىنقى كۈنى بىرسىنىڭ تېلېفۇنىدا كۆرگەن، ئاندىن ھېكايىسىنى مۇنداق ئاڭلىغان:
بۇ بىر ئايالكەن، دوختۇركەنتۇق، ھەرەمگە بېرىپ كەپتىكەن. دوستلىرى يوقلاپ كېلىپ،«ھەرەمدە نىمە ئىش قىلدىڭلار؟»دېسە، «مايمۇندەك تاش ئېتىپ، يىلاندەك تولغىنىپ كەلدۇق»دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىلا مۇشۇنداق بوپ قاپتۇ. مەچىتنىڭ ئالدىغا ئەچىقىپ ئىبرەت ئېلىڭلار دەپ كۆرگەزمە قىپتىكەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئېپ كېتىپ، مۇزىيغا قويۇپ قويۇپتۇ.
« بۇ ئايال قاچان ھەرەمگە بېرىپتىكەن »دەپ سورىسام، بۇ يىل دەيدۇ،»ئويلاپ باقمامسىز، بۇ يىل تېخى ھەرەمگە بارىدىغان ۋاقىت بولمىدى، ئادەتتە ھەج قىلغۇچىلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئاشۇ مۇبارەك جايدا ئوقۇيدىكەن، بۇ يىل تېخى قۇربان ھېيت ئەمەس، روزى ھېيتمۇ كەلمىگەن تۇرسا. ئۆتكەن يىلى باردىمىكىن دېسە، دوستلىرىمۇ بىر يىل بولغاندا ئەھۋال سوراپ كەلمەس، ھەرقانچە بولسىمۇ. »دېسەم، ۋاي تاڭ مەنمۇ ئۇقمىدىم دەيدۇ. بىلگىنىم بۇيىچە بىر مۇنچە رەددىيە بېرىپ، بۇنداق ساختا مۆجىزىلەرگە ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ قويغانتىم. دېمىسىمۇ بۇنىڭسىزمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزىغۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ 99.9% گېنى ئوپمۇ ئوخشاشكەن، ئاشۇ ئوخشىمايدىغان 0.1% گېن بىلەن سىز سىز، مەن مەن،ئۇ ئۇ بولغانىكەن. شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىن ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدىكەن. مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزىغۇ. ھەتتا پەن-تېخنىكىدا ئىسپاتلانغان مۆجىزىغۇ. بۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق، نەدىكى بىر نىمىلەرگە ئىشىنىپ. |
|