كۆرۈش: 249365|ئىنكاس: 266

ئۇيغۇرلارنى ئالداۋاتقان ساختا ‹‹مۆجىزىلەر››   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42664
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 19:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئېنتىرنىت تور دۇنياسى ئومۇملاشقان يېقىنقى  12 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان «مۆجىزە» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تېمىلارنى، شۇ تېمىلاردىكى ئاجايىپ-غارايىپ رەسىملەرنى  ۋە كۆرۈلمە چاستوتىلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، «مۆجىزە» ئاتالغۇسىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكىمىكىن مۇنبەرلەردىكى بۇنداق تېمىلارنىڭ ئىپادىلىگەن مەقسىتى، ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆپچىلىك تورداشلىرىمىز ئالدىنئالا پەرەز قىلىپ بولىدۇ، بۇنداق تېمىلاردا ئىپادىلىنىدىغىنى «ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى»، تورداشلاردىن كۈتىدىغان ئىنكاس بولسا «ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى بۇ، بەزىلەر مۇشۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيىتمايدۇ»، ئەگەر پەرەز قىلغىنىدەك چىقمىسا قارشى قىرغاقتىن چىقىپ ئىنكاس يېزىپ قالغان تورداشلىرىمىز «بىر كۆزلۈك قوزا» تېمىسىدەك مەنمەنچى، ھەقنى تونۇمايدىغان ئاتىلىپ كېتىدىغان گەپكەن، ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بويىچە بولغاندا ئاشۇنداق «مۆجىزە» لەر چىقىپ تۇرمىسا ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بىردىنبىر قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇلار ھەر قايسى مۇنبەرلەردە بازارغا سېلىپ كەلگەن «مۆجىزە» لەر زادى قانداق گەپ؟ ئۇلار راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟ ئىسلام دىنىنى ئاشۇنداق «مۆجىزە»بولمىسا ھەق بولمامدۇ؟  


1.مېنىڭ نەزىرىمدىكى مۆجىزە ئاتالغۇسى ۋە چۈشەنچىسى  

مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنسانلار پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ مۆجىزسى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ھەر بىر تەپەككۇرى، تەپەككۇر تىزلىكى، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى دىگەندەكلەرنى ھازىرقى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار دىگەن ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى بىلەن سېلىشتۇردىغان بولساق، بۇ ئەسۋابلارنىڭ تىزلىك كونتىروللىغۇچىسى ۋە ئەستە تۇتۇش دىسكىلىرىنىڭ ھەجىمى بىزنىڭ كاللىمىزدىن نەچچە ھەسسە چوڭ، ئەمما بىزنىڭ كىچىككىنە كاللىمىز، توختىماي ھەركەت قىلىپ ئارام ئېلىشنى بىلمەيدىغان كاللىمىز ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە تېز ھەم ساقلايدىغان نەرسىلىرى كۆپ، بۇ ھەقتە ئارتۇق توختىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.  

بۇلاردىن ئارتۇق كىشىلەرگە بىۋاستە مۆجىزە تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىغان تەپسىلاتنى دىسەك ئەينى ۋاقىتتا يۇنۇس ئەلەيھىسالامنىڭ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كۈن يېتىپ ئاندىن قىرغاققا چىقىرلىشى، داۋۇت ئەلەيھىسالام ۋاقتىدا كۈننىڭ ئارقىغا ياندۇرۇلۇشى، تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ قۇلىقىدىن ئۆتۈشى بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ، بۇ مۆجىزىلەر بەھىس مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، بىراق بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئېقىپ يۈرگەن مۆجىزىلەر زادى قانداق گەپ؟  


1.گىگانىت ئادەم سۆڭىكى تېپىلىش «مۆجىزىسى»  


  

يۇقارقى رەسىمنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرگەن، بۇ رەسىم ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن خەۋەر تور بەتلىرىدە تارقالغان، بۇ خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ئامرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بۇ گىگانىت ئادەم سۆڭىكى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە تارقىلىپ «قۇرئان كەرىمدە قەيىت قىلىنغان ئاد قەۋمىنىڭ سۆڭىكى تېپىلدى» دەپ خەۋەر قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۆجىزىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ھاياجانغا سالغان، بىراق بۇ خەۋەر چەتئەل خەۋەرلەردە ھەقىقي ئىش ئاشكارە بولدى، بۇ رەسىمنى كانادالىق بىر يىگىت رەسىم لاھىيىلەش مۇسابىقىسىگە تەييارلاش ئۈچۈن، ئامرىكىدىكى گىگانىت پىلنىڭ سۆڭىكىنى كولاۋاتقان رەسىمنى ئۈچ سائەت سەرىپ قىلىپ ھازىرقىدەك ئۆزگەرتىپ چىققان ئىكەن،

    مانا بۇ ئەسلى رەسىم ،ئارخىلوگلار ئەسلى  سۆڭەكنى بۇرۇنقى پىلسىمان «مامۇق»دەپ پەرەز قىلىشقان.

مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلغان، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بۇ «مۆجىزە» رەسىمى يۈتمەكتە يوق يەنىلا مۇنبەرلىرىمىزدە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە «مۆجىزە» دەپ ئېلان قىلىنىۋەردى.  


2.« مايمۇنغا ئۆزگىرىپ قالغان قىز»  
(ئاللاھ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلىغىن، ساڭا سېغىنىپ  شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن پاناھ تىلەيمەن)، بۇ ئەينى ۋاقىتتا تارقالغان «مۆجىزە» نىڭ تېمىسى  





ئۇ قىزنىڭ رەسىمىمۇ يۇقارقى رەسىم بىلەن ئوخشاش بولغاچ مۇشۇنى ئەۋەتتىم.  

بىر مەزگىل تور بەتلىرىمىزدە «مايمۇنغا ئۆزگىرىپ كەتكەن قىز مۆجىزە» ىسى تارقىلىپ كەتتى، ھەتتا كىشىلىرىمىز ئۇ رەسىمگە ئەرەپچە خەت ۋە ئاۋازلارنى كىرىشتۈرۈپ سىن ھۆججىتى ئىشلەپ، ئەرەپچە گەپنى ئاڭلىسىلا چۈشەنمىسىمۇ «قۇرئان سۈرىسى» دەپ چۈشىنىدىغان ساددا كىشىلىرىمىزنى شۇ دەرىجىدە ئالدىدىكى، ھەتتا سىنتەخسىلەرگە كۆچۈرۈپ سېتىپ ھارام پۇلنى راسا تاپتى.  

ئەمەلىيەتتە ئۇ رەسىمدىكىسى ئاۋىستىرالىيىلىك موم ھەيكەل ئۇستىسى (ئىسمىنى تاپالمىدىم) ياسىغان موم ھەيكەل ئىدى، بىراق بىزنىڭ ساددا كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ موم ھەيكەل ئىكەنلىكىنى ئۇقماي «مۆجىزە» دەپ يۈرىۋەردى.  
كىشىلىرىمىزنىڭ ساددىلىقىدىن، پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ مۆجىزىلەرمۇ تاپالمىغاندەك باشقا يەردىن چىقماي بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىقىۋەردى، «خوتەنگە شىر چۈشتى، قاغىلىقتا يەر ئۈنۈپ چىقتى»، باشقا بىر يەردە شىر بىلەن خوراز «ئاللاھ» دەپ تەكبىر ئېيىتتى، بۇ سىنلار شۇنداق بازار تاپتىكى بەزى ئۈن-سىن سودىگەرلىرى بېسىپمۇ ئۈلگۈرتەلمىدى بولغاي.  


3.«مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە»  

بۇ سىننى دىمىسەممۇ كۆپىنچىڭلار بىلىسىلەر، بۇ سىن يېقىندا تور دۇنياسىدا بەك داۋراڭ سېلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئاتايىن چوڭ ئۆلىمالارنىڭ بۇ سىن توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.  
مەن بۇ سىن داۋراڭ سېلىنغاندىلا كۆرۈپ ئىشەنمىگەن، چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان ئېيتىمىز، ھەم ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوڭ-سول دۇلىسىدا بىردىن ئىككى پەرىشتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىزيۇ، بەزى كىشىلىرىمىز مۇنداق بىر نەرسىنى ئويلاپمۇ قويۇشمىدى:  
ھەر بىرىمىزنىڭ دۇلىسىدا ئىككىدىن پەرىشتە بار تۇرۇپ، يەنە كېلىپ ئۇ پەرىشتىلەرمۇ كۈندە بامدات ۋە دىگەر نامىزى ۋاقتىدا ئالمىشىدىغان تۇرۇپ، ئەجەپ ئۇ پەرىشتىلەر بىز رەسىمگە چۈشكەندە ۋە سىنئالغۇغا ئالغاندا چىقىپ قالماي، مەككىدە پەستىكى ھەج قىلىۋاتقانلارنى سىنغا ئالماي مۇنارنى سىنغا ئېلىۋاتقاندا چىقىپ قاپتۇ؟ يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى ئاجىز ئىنسانلار ياسىغان سىنئالغۇلار سىنغا ئالالارمۇ؟ دىگەننى ئويلاشمايلا داۋراڭ پېتى كېتىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۆلمالىرى بۇ سىنغا ئىشەنمەسلىك توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلدى. ئەگەر شۇ بايانات ئېلان قىلىنمىغان بولسا بۇ سىننىڭ قاچىلىك داۋراڭ قىلىنىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت.  


4. يىلانغا ئايلانغان قىز فىلىمى

بۇ ھەققىدە يىقىندىن بۇيان دىيارىمىزدا ھەرخىل شەكىلدىكى گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ كەتتى ،بەزىلەر ئۈرۈمچىدە بىر قىز شۇنداق يىلانغا ئۆزگىرىپ قاپتۇ دىسە بەزىلەر ھەرەمگە بارغان قىز كۇپۇر سۆزلەرنى قىلىپ ،مۇشۇنداق بولۇپ قاپتۇ دىيىلگەن كىمنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنى تارقتىۋاتىقىنى بىزگەقاراڭغۇ .
لىكىن پاكىتنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ قارا نىيىتىنى بىلەلەيسىز .

ئىنگلىزچە مەتبۇئاتلاردا دىيىلىشچە :بۇ فىلىم ئەسلى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ13-كۈنى مالايسىيەدە سۇرەتكە ئىلىنغان بولۇپ ، شۇ جايدىكى بىر دىھقاننىڭ ئىجادىيىتى  ئىكەن ،بۇ دىھقان پۇل تىپىش مەقسىتىدە بۇنى تىپىۋالدىم دەپ كۆرگەزمە قىلغان ، ئۇ مالايسىيالىق دىھقان ئەسلى بۇ بىر-جۇپ چىشى ئەركەك مەخلۇق ئىدى.پەقەت چىشىسىنى تۇتىۋالدىم  دەپ جامائەت پىكىرى توپلغان ،كىيىن بۇ جانسىز قۇرۇق مودىل خەلىق ئالەم ئالدىدا شەرمەندە بولغان بىر ۋەقە ئىكەن .سىز «گۇگۇل »تورىغا «human headed snake » (ئادەم باشلىق يىلان ) ،تۈرۈكچە «insan başlı yılan» دەپ يازسىڭىز بۇ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاللا بۇرۇن پاخشەك بولغىلى 2 يىل بولغان  نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالاييسىز .تۈركىيە تاراتقۇلىرىمۇ بۇنى خەۋەر قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا جاجسىنى بەرگەن .


لىكىن ئارىمىزدىكى  قارا نىيەتلىك بىر كىشى بۇ فىلىمدىكى ئىككى مالايسىيالىق ئايال ۋە ئىككى ئەركىشىنىڭ ئاۋازىنى باستۇرۋىتىپ ،قۇرقۇنۇشلىق ئاۋاز قوشۇپ قويغان .شۇنداقلا ئۇلۇغ ئاللاغا شىرىك ساناپ ،مۆجىزە دەپ تارقاتقان .

بۇ سۈرەتلىك فىلىمنىڭ ئىككى يىل بورۇن تورغا چىقىرىلغان ئەسلى فىلىم

ئىسپات ئادرېسى:يوللانغان ۋاقتىغا قاراڭ

http://v.youku.com/v_show/id_XMTY1OTc4OTgw.html

ئارىمىزدىكى كىم بولسۇن يامان نىيەتتە بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى ئاۋازىنى ئۆچۈرۋېتىپ ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە دەپ تارقاتقان،تۆۋەندىكىسى ئۆزگەرگەن ھالىتى

[flash=480,650][/flash]

بۇ  بولسا 12 كۈن بورۇن ئارىمىزدىن بىرەيلەن تورغا ئاۋاز قوشۇپ ئۈرۈمچىدە يۈز بەردى دەپ يوللىغان .



بۇ ئۆزگەرتىلگەن ساختا فىلىم ھەققىدە باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىككى يىل بورۇنلا مۇتەخخەسىسلەر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ،تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

ئۇنىڭدىن باشقا  گوگلى ئىزدەش تورىغا كىرىپ ئېنگلىزچە human headed snake دەپ ئىزدىسەك ياكى ،تۈرۈكچە «insan başlı yılan» دەپ يازسىڭىز بۇ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاللا بۇرۇن پاخشەك بولغىلى 2 يىل بولغان  نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالاييسىز .تۈركىيە تاراتقۇلىرىمۇ بۇنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا جاجسىنى بەرگەن .

تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز، بۇ فىلىمنىڭ چەتئەل تور بېكەتلىرىگە يوللانغان ۋاقتى،شۇنداقلا ئازراقلا ئېنگلىزچە ،تۈركچە سەۋىيەسى بار كىشىلەر فىلىمنىڭ ئالىملار،مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقىنى كۆرمەك تەس ئەمەس،ئەمما باشقا يەرلەردە پاخشەك بولۇپ كەتكەن ساختا مۆجىزىلەر نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ دىيارىمىزغا كەلگەندە نۇرغۇن ئادەملەرنى ئالداشقا ئاساس بولۇپ قالىدۇ؟ نىمىشقا بىرەرسىمىز تەپەككۇر بىلەن ئويلانمايمىز.

چەتئەللىكلەر بۇ نەرسىنى 2 يىل بورۇن يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۈلۈپ ئولتۇرسا ، بىز يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەردى دەپ يۈرسەك توۋۋا دېمەي نىمە دەيمىز؟

ئەمەلىيەتتە ھازىرقى تېخنىكىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇنچىلىك سىنلارنى ئىشلەش ۋە ئاۋاز كىرىشتۈرۈش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس، ھەم ئىسلام دىنىمۇ ئۇنداق بەس مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان «زەئىپ مۆجىزە» لەرگە ھاجەتمۇ ئەمەس، ئىسلام دىنىدا بەس مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، ھەممە قول قويىدىغان پاكىتلار يېتىپ ئاشىدۇ، بىراق بىزنىڭ كىشىلىرىمىز بولسا ئاشۇنداق «زەئىپ مۆجىزە» لەر بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئاۋارە. ئەگەر بىز مۇشۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ مۆجىزىسى، مۇشۇ مۆجىزىلەر بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز دەپ يات دىندىكىلەر بىلەن بەس مۇنازىرىگە چۈشۈپ قالساق، باشقىلار نەق مەيداندا بۇ سىنلاردىنمۇ ئاشۇرۇپراق «مۆجىزە» ئېلىنغان سىن ئىشلەپ بەرسە بىزنىڭ كىشىلىرىمىز قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالار؟  

بۇنداق زەئىپ مۆجىزىلەر ئىسلام دىنىنىڭ يۈزىنى تۆكسە تۆكىدۇكى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالمايدۇ.  

يېقىندىن باشقا «تۆت پۇتلۇق، ئىككى باشلىق بوۋاق»، «كىچىك تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغان بىر ياشلىق بوۋاق»، «ئۈچ پۇتلۇق موزاي، بىر كۆزلۈك قوزا» دىگەندەك «مۆجىزە» خەۋەرلىرىنى تولاپ كۆرۈپ كەتتۇق، كىشىلىرىمىز بۇلارنىڭ رەسىمىنى ۋە ئۆزىنى «مۆجىزە» دەپ داۋراڭ سالسا سالدىكى ھەرگىزمۇ بۇلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى، ۋە كىشىلەرگە بىلدۈردىغان ھەققى تۇيغۇسىنى بىلىپ بولالمىدى، ئەمەلىيەتتە تكت پۇتلۇق، ئىككى باشلىقلار قوشكېزەك ھامىلىلەرنىڭ ئانا قورسىقىدىكى ۋاقتىدا بىرسى بىرسىنىڭ تېنىدە يېتىلىپ قېلىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كىشىلەر ئەسلىدە بۇلارنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ تېنىنى ساق-سالامەت ياراتقان ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىشى، تەن ساقلىقنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى، بىراق كىشىلىرىمىز بۇنىڭ ئورنىغا بىنورمال يېتىلىپ قالغانلىكى جانلىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىبرەت ھىسابلىماي ئەكسىچە «مۆجىزە» دەپ داۋراڭ سالدى، ھەتتا شۇ موزايلارنى ماشىنىغا ئاچىقىپ بازارمۇ بازار چۆرگىلىتىپ ئۆزلىرى ماشىنا ئۈستىگە ياسىۋالغان «كىچىك موزىي» دا بېلەت سېتىپ كۆرگەزمە قىلىپ پۇل تاپتى، بىزنىڭ «بىر يەردە توپا كولاش ماشىنىسى بىلەن بىنا چېقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىمۇ مىدىرلىماي توپلىشىپ تاماششا كۆرىدىغان» ساددا كىشىلىرىمىز ئاشۇ موزايلارنى ئۆچرەت تۇرۇپ پۇل تۆلەپ كۆردى، مەن بۇنداق ۋاقىتلاردا ياقامنى تۇتتۇم خالاس.  

3-ئايلاردا يۇرتىمىزدا «قاغىلىقتا بىر دىھقاننىڭ يېرى 18مىتىر ئۆسۈپ مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ، ھۆكۈمەت ئۇ يەرنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن تانكا ۋە ئەسكەرلەر بىلەن قوغداۋېتىپتۇ» دىگەندەك مىش-مىش گەپ تارقىلىپ كەتتى، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆيۈمنى بېزىتىۋاتقان بولغاچ قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى دۇكىنىغا ھىساۋات قىلىش ئۈچۈن بارسام خوجايىننىڭ ئىنىسى يوق، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى سورسام ئاچىسى «مۆجىزە كۆرۈش ئۈچۈن دوسىتلىرى بىلەن قاغىلىققا كەتتى» دىمەسمۇ، كۈلەي دىسەم تېخى، شۇنىڭ بىلەن «بىكار قاپتۇ دە» دەپ كېتىپ قالدىم.  

ئۇ يەرنىڭ ئۆسكەن ۋە ئۆسسمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن، چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولسام يەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشەنگەن بولغۇيتۇم، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزمۇ قىززىقكەن، ئاللاھ زىمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن زىمىنغا قوزۇق قىلىپ قېقىپ بەرگەن تاغلارنىڭ ئىگىزلىكىنى مۆجىزە دىمەيدىكەن، شۇنچە چوڭ زىمىىدىكى يانار تاغلارنىڭ ماگما ھەركىتى سەۋەبىدىن پارتىلىشىنى، زىمىننىڭ تەۋرىشىنى مۆجىزە دەپ ئىبرەت ئالمايدىكەن، ئەمما يۈز بەگەن تەقدىردىمۇ يەر قاتلىمىنىڭ ھەركىتى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا دىيىلگەنلىرى بويىچە بولغاندا 18مىتىر (كىم بىلىدۇ قاغىلىقتا 18سانتا ئۆرلەپ قالغان يەر 350كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يۇرتۇمغا كەلگۈچە كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا يەنە 17.82 مىتىر ئۆسۈپ كەتتىمۇ) ئىگىزلەپ قالغان يەر «مۆجىزە» بولۇپ تارقىلىپ كەتتى، «ھۆكۈمەتمۇ بۇ مۆجىزىنىڭ سىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس تانكا بىلەن قوغداۋېتىپتىمىش»، بۇ كوچا خەۋەرلىرنىڭ شۇنچە تېز تارقىلىشى ۋە غۇلغۇلا قوزغىشىدىن بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاشۇنداق «مۆجىزە» لەر بولمىسا ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنىۋېلىش تەس ئەمەس.  


بۇ تېمىنى باپكار ناملىق تورداشنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تېمىسىغا مەزمۇن قوشۇپ، بىر قىسىم پاكىتلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساستا تولۇقلىنىپ قايتىدىن يوللىدىم.

UID
9077
يازما
50
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-12-2
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 20:59:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،بەزى كىشىلىرىمىز ئاللاھنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنىنى ئۆستۈرىمەن دەمدىكى ياكى مەقسىتى بارمىكىن ، ئەكسىچە كۇپۇر بولىدىغان خەۋەرنى تارقىتىپ بىزنى ئالداۋاتقان بۇ تېما يوللىنپ بەك ياخشى بوپتۇ .

خىرىستىيان مۇناپىقلار يوقالسۇن.........!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

باھا سۆز

hlar  سېرلار ېچېلېشې كېرەك.  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 02:53:19

UID
15294
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
96
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-6
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 21:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا ، 3كۈننىڭ ئالدىدا كوچا ئابتۇبۇسىغا چىقسام ، بىر بالا ھە دەپ ئۈرۈمچىدە ئۇنداق بوتۇيەي ، مۇنداق بوپتۇ يەي ، دەپ تەتۈر تەشۋېق تارقاتقىلى تۇرۇپتىكەن ، نىمىكىن دىسەم ، مۇشۇ تەشۋېقكەندە ،

UID
34560
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 21:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بىلەن تالىشىپ قالغانتىم ئەگەر راسلا مۇشۇنداق ئىشلار بولسا خەلقارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرى يوق شىنجاڭدا تارقىلىپ يۈرەمدۇ ؟

UID
42402
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 22:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىدئەت،سېپى ئۆزىدىن بىدئەتلىك...
    مۇشۇنداق تايىنى يوق مۆجزىلەر ئالدى بىلەن «مۆجىزە» نامىدا بازار تاپسا، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلانسا، بىرقىسىم ئېتىقادى سۇس كىشىلەر ۋە يېڭىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلماقچى بولىۋاتقانلار(چەتئەللەردە ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىسلامغا كىرىۋاتقانلار خېلى بار) يېنىۋالىدۇ، ئىسلامنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
    ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز، يىغىپ ئېيتقاندا ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسى تۆۋەن، بىلىم سەۋىيىسى كەمچىل. رەسۇلۇللاھ (ئۇ زاتقا دۇئا ۋە سالاملار بولغاي) «ئوتلۇبۇل ئىلىم ۋەلەۋبىسسىيىن(ئىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار)»دېسە، بىز ئۇنىڭ ئەكسىچە بالىلىرىمىزنى ئوقۇتمايمىز، بۇ ھەدىسنى باشقىلار بىلمىدى دېگەندىمۇ موللىلار بىلىدۇ. ھەيرانمەنكى، كۆپ قىسىم ساقالنى قويىۋېتىپ، بەش ۋاق نامازنى تەرك قىلماي ئۆتەيدىغان، بىتاھارەت يەر دەسسىمەيدىغان موللىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى مەكتەپتىن بالدۇر ئايرىلىدۇ ياكى مەكتەپ يۈزى كۆرمەيدۇ.  رەسۇلۇللاھ (ئۇ زاتقا دۇئا ۋە سالاملار بولغاي) «تەپەككۇر قىلىڭلار، بىر سائەتلىك تەپەككۇرنىڭ ساۋابى ئاتمىش يىللىق ئىبادەتتىن ئارتۇق»(بۇ يەردە دېيىلگەن تەپەككۇر كىمنى قانداق ئوڭدا قويۇش، تويغا بارغاندا قايسى كىيىمنى كىيىش...ھەققىدىكى ئەمەس، بەلكى كائىناتنىڭ ۋە مەۋجۇدات-مەخلۇقاتلارنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر كۆرسىتىلىدۇ، ئەلۋەتتە) دېسە، تەپەككۇرنىڭ ئورنىغا غەيۋەت-شىكايەتلىرىمىز تەييار. بولمىسا رەسۇلۇللاھ (ئۇ زاتقا دۇئا ۋە سالاملار بولغاي) نىڭ باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىۋاتقان ساھابىلەرگە«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ چىشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى كۆردۈم» دېيىش ئارقىلىق، غەيۋەتنىڭ ئادەم گۆشى يېگەن بىلەن باراۋەرلىكىنى بىلدۈرۈپ، غەيۋەتتىن توسقانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما قىممەتلىك ۋاقتىمىز يەنە شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆتىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئالەمنىڭ سىرلىرى ھەققىدە، ئىلىم-پەن ئەمدىلەتىن بايقاۋاتقان ياكى تەكىتلەۋاتقان ئىشلارنىڭ 1400يىل بۇرۇن نازىل بولغان قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان يەرلىرىنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئىزدىنىپ كۆرمەيمىز، مۆجىزە لازىم بولغۇچىلارغا يېتىپ ئاشقۇچە مۆجىزە تېپىلاتتى.
    ئۆز ۋاقتىدا قايسى بىر ئۆلىما دىيارىمىزدىكى پىرلارغا خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئېتىقاد قىلىش ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ «ئىسلام بۇ ئەلگە كەينىچە كىرىپتۇ»دەپ خۇرسىنىپتىكەن، توردىشىمىز jawhar1 ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىمۇ يۇقارقى پاجىئەلىك تارىخنىڭ بەرپا بولۇش سەۋەبى بىلەن كۆپ پەرق قىلمىسا كېرەك.

UID
21373
يازما
104
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
104
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-18
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 22:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋۋا تېخى ئالدىنقى كۈنى كەچتە كۆرگەن ئىدۇق ، ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىپتۇ دەپ ، بىز خەق نىمانچە دۆت دەيمەن، ھەي

UID
42680
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 22:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما يۇللۇنۇپ بەك ياخشې بوپـتۇ!!!!

UID
10479
يازما
115
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2160
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 22:51:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان. ئەتراپىمىزمۇ نۇر. بۇ خۇددى بىر چىنە سۇغا يەنە بىر چىنە سۇنى قوشىۋەتسە ئايرىيالمىغىنىمىزدەكلا ئىش.

UID
18125
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 22:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاخاىا...............

باھا سۆز

hlar  ھەي ھەي........توۋا......  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 02:55:35

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
710
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1100
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-19
توردا
765 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 22:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيىگە ئاجايىپ نادىر تېمىلار يامغۇردەك ياغقىلى تۇردىغۇ! جەۋھەر ئەپەندى مۇنبەرگە تىزىملىنىپ كىرىپلا ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى ئالغاچ كەپتۇ. ئىنشائاللا جەۋھەربىك، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
بىزگە مۇشۇنداق پاكىتلىق دۇرۇس تېمىلار لازىم. مىڭ ئېغىز كاپ - كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ - چاپ ياخشى دەپتىكەن. دەل جايىدا دېيىلگەن گەپلەر.
ئەسكەرتىش:
پىلسىمان «مامۇق» ئەمەس، مامۇنت (10 مىڭ يىللار ئىلگىرى نەسلى قۇرىغان بىر خىل يۇڭلۇق پىل تۈرىدىكى ھايۋان)

باھا سۆز

tayanq  ئاللا سزگە رەھمەت قىلسۇن سزگە كوپ رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:11:03
ixtiyah  ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 20:30:19
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش