- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 236
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 246
- تىزىملاتقان
- 2012-2-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- UID
- 29309
- يازما
- 236
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 246
- تىزىملاتقان
- 2012-2-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- توردا
- 62 سائەت
|
كىچىك بالىلار جېدەل قىلسا ئاتا-ئانىلار:«گەپ ئاڭلىمىساڭ يوغان قورقۇنچلۇق جىندىن بىرى كېلىپ،سېنى تۇتۇپ ئەپكېتىپ يۈرىكىڭنى سۇغۇرۇپ يەۋېتىدۇ،»دەپ، بالىلىرىنى قورقىتىدۇ. بالىلار تالاغا چىقىمەن دېسە:«يولدا شامالدىن ئالۋاستى پەيدا بولۇپ سېنى ئۆيىگە ئەپكېتىدۇ» دەپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ قوللىرىنى سوزۇپ بالىنى پەش قىلىدۇ.
ئەجىبا بىز كىچىك بالىمۇ نامەلۇم بىرسى:«پالانى يەردە پەرىشتە چىقىپ،ناماز ئوقۇمىغانلارنى چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ!!»دەپ بىر نەرسىنى قۇراشتۇرۇپ ئەۋەتسە راسىتكەن،دەپ ئىشىنىدىغان؟!؟! بۇنداق كېتىۋەرسە كىم بىلىدۇ، «مەن چۈشۈمدە پەيغەمبەرنى كۆردۈم، ئۇ ماڭا سالام قىلىپ تەۋبە قىلىڭلاردېدى »دەپ ساختا مۆجىزە يوللامدۇ-تېخى!
ساختا نەرسىلەرگە پەقەت بۇتپەرەس،مۇشرىك،خىرىستىئان شامان قاتارلىقلار ئىشىنىدۇ. تاش بۇتتىن مەدەت تىلەيدۇ،يولدا سىلىق تاش ئۇچرىسا ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ، ئۆيلىرىگە رەسىملەرنى ئېسىپ ئاپەتتىن ساقلىنىمىز دەيدۇ،ھىندىستانلىقلار كالىنى ئىلاھ دەپ سېغىنىدۇ،كالا زىرائەتلىرىنى دەسسىۋەتسە گەپ قىلمايدۇ. مۇشرىكلارنىڭ 360بۇتى بار ئىدى.
ئىسلام يېتىپ كەلگەندىن كېيىن سېھىرگەرلىك،پالچىلىق چەكلەندى،ئۆزىنى:«مەن خىسلەتلىك ئەۋلىيا »دەپ دەۋا قىلىشنى چەكلىدى،يالغانچىلىقنى چەكلىدى.بۇتلاردىن ياردەم تىلەش ئۈچۈن ۋە بۇتلاردىن قورقۇپ ياخشى ئەمەل قىلىش شېرىك ئەمەل دەپ كەچۈرگۈسىز گۇناھ ھېسابلاندى. پەقەت ئاللاھتىنلا قورقۇشقا،ئاللاھ ئۈچۈنلا ياخشى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: «كىمكى مېنىڭ نامىمدىن يالغان گەپ قىلسا ئۆزىگە دوزاختىن جاي تاللىۋالسۇن»دېدى، ھەدىس توقۇپ چىقارغانلار،قۇرئاننى بۇرمىلىغانلارغا ئېغىر گۇناھ بىلەن ئاگاھلاندۇردى. ئىسلامدىكى ھەممە نەرسە راسىت،بەرھەق،زەررىچە توقۇلما، قورقاق سېلىش يوق.
باشقىلارنى ياخشىلىققا تەۋسىيە قىلاي دەپ ساختا مۆجىزە تارقاتتىم دېگۈچىلەرگە:
بۇددىسىتلارمۇ سىزگە ئوپمۇ-ئوخشاش،مۇشرىكلارمۇ ھەم. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى يالغان-ياۋىداق نەرسىلەر بىلەن قورقىتىدۇ،دەۋەت قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ قارىغۇلارچە بۇتلىرىدىن،ئەرۋاھلىرىدىن قورقىدۇ،بىمەنە ئەپسانىلەرگە ئەگىشىدۇ.خۇراپىي ئىشلارنى ياخشى ئىش دەپ قىلىدۇ.
ئىسلامدا تۈپتىن قارىمۇ-قارشى، قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە قىلچىمۇ يالغانچىلىق يوق ھەم يالغان ئەپسانىلەر بىلەن قورقاق سېلىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئەسلا بىھاجەتمىز. ھەم ئاللاھتىن ئەمەس بىمەنە ئەپسانىلەردىن قورققۇچىلارنى مۇشرىك دەيمىز.
بىر بالا ئوت ئويناۋاتىدۇ، سىز: «قولۇڭنى كۆيدۈرۈۋالىسەن،ياكى ئوت كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار.»دەپ توسۇڭ ياكى :«ئوت ئوينىساڭ ئالۋاستى سېنى ئۆيىگە ئەپكېتىدۇ.»دەڭ قايسىسى توغرا تەربىيە ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ؟؟؟ |
|