تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 1

ھوقۇق ۋە بايلىق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35586
يازما
9
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                 ھوقۇق ۋە بايلىق
                                                         ھىكايە
    ئاسىم بۈگۈنكى يېغىنغا بوينىدىن سۆرىگەن قويدەك كىرىپ، يېغىن زالىنىڭ بىر بۇلىڭىغا بېرىپ سالپىيىپ ئولتۇردى. يىغىن زالىدا ئادەم شالاڭ  ئىدى. ئۇ يەر-بۇ يەردىن كۆتۈرلىپ چىقىۋاتقان موخىركىنىڭ، بۇلۇتلۇق تاماكىنىڭ تۇتۇنى ئاستا-ئاستا تورۇسقا يامىشىپ، يۇقۇرى بوشلۇققا تارقالماقتا...
   -يولداشلار يۇقۇرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشى توغۇرىسىدىكى ھۆججەت روھىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇش پىكىرىنى ئومۇملاشتۇرغىلى مانا ئۈچ يىل بولاي دىدى، بىراق بىرقىسىم ئورگان خادىملىرىمىز، يېزا رەھبەرلىكى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بۇ خىزمەتنى ياخشى ئورۇنلاپ بولالماي، خىزمەتنى ئاقسىتىپ، بۇ تۈردە خىزمەت ناھىيە بۇيىچە ئەڭ ئاخىرىدا چىقىشى، يېزىمىزنىڭ ھەر يىللىق خىزمەت  باھالاشتا، ناچار باھالىنىشىغا سەۋەپ بولۇپ كەلمەكتە...  مەن بۈگۈن بۇ تۈر خىزمىتىدە ناچار بولغان ئورۇنلارنىڭ يىللىق خىزمىتىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىپ، يىللىق مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلمەن.
      يېغىن تەنقىتلەش، تۇرغۇزۇپ جاۋاپكارلىققا تارتىش بىلەن بەكمۇ تەستە ئاخىرلاشتى. يېغىن زالىدىن ھەممەيلەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىسىدىن تەنبىھ ئىشىتكەن ئوقوغۇچىدەك تولىمۇ ناچار روھىي ھالەتتە چىقىشقا باشلىدى. باشلىق بۇچاغدا ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ  باشلىقى ئاسىمنى ئىشخانسىغا چاقىرىتىپ كىردى-دە:
    -سەن بېغەم ،لامزەللە دائىم دېھقانلارغا ياخشىچاق بولىمەن دەپ، بەزىدە تېخى ‹‹ مۇشۇ ئۆي قۇرلىشنىڭ يۇقۇردىن كەلگەن پۇلىنى يېزا رەھبەرلىكى يەپ ، بودىلىپ كەتتى››، دەپلا يۈرىدىكەنسەن. لېكىن نېمىشقا شۇ نامرات دېھقانلارنىڭ بۇ ئۆي قۇرلىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماي يۈرسەن. بىلىپ قوي! سىنىڭ يىللىق مۇكاپات پۇلىڭغا قېتىپ، ئىككى ئايلىق مۇئاشىڭمۇ تۇتۇپ قىلىنىدۇ. يېزا باشلىقى، يېزىنىڭ پارتكوم  شۇجىسى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇنى قارار قىلىپ بولدى. چىقىپ بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلە، بولمىسا كىيىنكى يېرىم يىللىق مۇئاشىڭنىمۇ ئالالماي، شۇ نامراتلاردىن تېلەپ يەپ قالمىغىن؟! خىزمەتتە جانلىق، كەسكىن بول، ھە دىسە ئۇلارغا ئىچ ئاغىرتىپ يۇرمە يەنە؟...
    ئاسىم سالپايغانچە ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. ئىشىكتىن كىرىشى بىلەن ئايالى قاپىقىنى تۈرۈپ، سۇئال-سوراققا ئالغىلى تۇردى:
   -يەنە بۈگۈن مۇئاشىم تۇتىلدى دەپ، يۈرمەيدىغانسەن؟ نەچچە ئاي بولدى مۇئاش ئالماي ئىشلىگىلى! قاراڭ! ئاۋۇ شوھرەت قاپاقمۇ جېنىدا ماشىنا ئېلىپ، نامرات بىر مۇئەللىمە بىلەن گۈلدەك ياشاپ، مەغرۇر ئوتىدۇ كىشنىڭ ئالدىدىن. كىرىم پاقىغۇ باشلىقلارنى ۋاي!  دەپ قويۇپ ئۆسۈپ ھېچ بولمىسا تېخنىك پونكىتىنىڭ باشلىقى بولىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى شۇنداق ياسنىپ، قاتار چايلاردا ئەرلىرىنىڭ نامىنى ئېغىزدىن چۇشۇرمەي ماختىنىپ يۇرگەن. مەن نىمانچە بىتەلەي بولغىيتىم دەيمەن!!!....ھېلىمۇ ياخشى مەن مۇئاشلىق بولۇپ قاپتىمەن، بولمىسا بىر ئۆيدىكى ئۈچ جان نىمە بىلەن جان باقار بولغىيتۇق.
    ئايالىنىڭ ئەلپازى، يېزا باشلىقىنىڭ مۇئامىلسىدىن جاق تويغان ئاسىم، سىرىتقا قاراپ موتسىكلىتنى ھەيدەپ مەقسەتسىزلا ئاستىدا شىددەتلىك ئېقىن ئېقىپ تۇردىغان يار بويغا يۇرۇپ كەتتى.
     ‹‹نېمانچە شور پىشانە بولغىيتىم...›› دەپ خىيال قىلاتتى ئۇ بۇ جەمئىيەتتىن نارازى بولۇپ، خىيالىنى داۋام قىلاتتى: ‹‹مەن ئۆلۈپلا قۇتىلاييا بۇ ئالەمنىڭ ئازاپلىرىدىن، ئۆيدە ئايالىمغا ياخشى بولالمىسام، يا بىر ئاتا-ئانامغا ياخشى پەرزەنىت بولالمىسام؟ نېمە قىلىمەن بۇنداق ئازاپلىنىپ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۆلۈمىنى  يارىتىشى بىر مۆجىزە ئىكەندە؟! بولدىلا ئەلۋىدا يورۇق ئالەم!!! ئەلۋىدا ئازاپقا تولغان كىشىلىك دۇنيا!!!›› ئاسىم يار لىۋىدە شۇنداق دەپ ئۇزاق پىچىرلىغاندىن كېيىن، يار لىۋىدىن دەرياغا قارىدى، شىددەتلىك ئۆركەشلەپ، ئەركىن ئېقىۋاتقان دەريادىن چىقۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازى خېلى يەرگىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاسىم تۇنجى قېتىم ئېگىزدىن دەرياغا قاراپ، يۈرىكى سالغاندەك بولۇپ كەينىگە داجىدى، ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى، ‹‹ جان نىمانچە تاتلىقتۇ؟ بۇ دۇنياغا نىمانچە تارتىشىدىغاندىمەن؟...››. ئۇنىڭ بەدىنى تىتىرەپ، پۇت -قوللىرى ماغدۇرسىزلىنۋاتقاندەك تۇيىلىشقا باشلىدى.
ئۇ ئۈچۈنچى قېتىم، بارلىق كۈچىنى يىغىپ، قورقۇنۇش چىرمىۋالغان يۈرىكىنى سەل پەسەيگەندەك  ھېس قىلىپ، يارلىۋىگە كەلدى.  كۆزىنى يۇمۇپ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ دەرگايىغا تاپشۇرۇشقا تۇتۇنغاندا، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان غەيرى بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ توختىدى. بىر يەرلەردىن:
   -ھەي، گۇناھكار پاتقىقىغا پېتىۋاتقان ئاسىي ئىنسان،  نىمە قىلۋاتسەن بۇ يەردە؟ بىردەم يار لىۋىگە كىلىپ تېكىلىپ قارايسەن، بىردەم كەينىڭگە داجىيسەن؟ بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئاللاھ بەرگەن بۇ جاننى مۇشۇنداق خاراپ قىلماقچىمۇ سەن؟
   -مەن... مەن بۇ جاھاننىڭ زۇلمىدىن جاق تويدۇم! ئۆلۇپلا قۇتىلايمىكىن دەيمەن.  سەن كىم؟
   ئاسىم كەينىگە بۇرۇلۇپ، ھېچنىمنى كۆرمىدى. ئۇيەر-بۇيەرگە قاراپ تۇراتتى، بايىقى ئاۋاز قايتىلاندى:
   -مەن سىنىڭ ئۇستىڭدىكى يانتۇ چوققىدا، نىمە ئېھتىياجىڭ بار ئىدى، ئىيىتقىنە؟ مەن بىر جاننى قۇتۇلدۇراي!
   ئاسىم بېشىنى كۆتۇرۈپ ئېگىزرەك چوققىغا قاردى. ئادەم چىقىش قېيىن بۇ تىك چوققىنىڭ ئۇستىدە بوينى ئاق رەڭلىك پەي بار، قالغان قىسمى قارا رەڭلىك بىر بۇركۇت ئۇنىڭغا قاراپ سۆزلەپ تۇراتتى.
  ‹‹ئوڭۈممۇ-چۈشۈممۇ؟ ›› ئاسىم بەدىنىنى سىلاپ، بىلىكىنى قاتتىق چىمداپ كۆردى، بىلەك ئاغرىدى، دېمەك ئۇ چۈش كۆرمەپتۇ. ‹‹ توۋا! لائىلا ئىللەللۇھ، مۇھەممىدۇ رۇسۇللاھ...›› دەپ ، ئىمان ئېيتىپ ،ئۆزى دادىسىدىن ئۇگەنگەن سۈرىنى ئوقۇشقا باشلىدى.
    سەن ھەيران قىلۋاتامسەن؟ بىز سىلەر ئىنسانلارنىڭ  تىلىنى بىلىمىز. لېكىن سىللەر بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلمەي، بىزنى تىلسىز مەخلۇق دەپ، خالىغانچە تىللاپ، قىيناپ، ئۆلتۈرۈپ  خالىغانچە تالانچ-تارانج قىلىپ، بىز  ياشايدىغان مۇشۇ تاغنىمۇ ئىگەللەپ بولدىڭلار. ئەمما بىز ئۇلۇغ رەببىمنىڭ ‹‹سىزلەرنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى، ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن ياراتتىم...››دېگەن ئايىتىنىڭ شاپائىتىدىن ھېچنىمە قىلماي، سىللەر ئوۋغا سالساڭلار ئوۋ قوغلاپ، ئۆي ساقلاشقا قويساڭلار ئۆي ساقلاپ، ھەتتا كۆزىمىزنى ئىتىپ قويۇپ تەييار گۇش بەرسەڭلارمۇ  ماقۇل دەپ يۈرۈپتىمىز. ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋالساڭلارمۇ بولۇپتۇ دەپ ياشاپ، سىللەردىن ئىنساپ، شاپائەت تېلەپ يۈرۈپتۇق.
بولدىلا، سەن بولساڭمۇ بىز ئۇچار قۇشلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلساڭ ئەجەپ ئەمەس، مەن ساڭا بىر نەرسە بېرەي، ئىلىپ بېرىپ  تۇرمۇشىڭنى ياخشى ئۆتكۈزگىن، بۇنداق ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلتۈرۋالدىغان بىمەنە ئىشنى قىلمىغىن...ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ يۇرمە.
    -مەن راسلا تۇرمۇشتا بەك قىينىلىپ، تىل-ئاھانەتكە قالغان، رەھمەت ساڭا بۇركۇت شاھ!
    ئاسىمنىڭ  كۆزلىرىگە خۇشاللىق ياشلىرى يامراشقا باشلىدى. ئۇ بەكمۇ ھاياجان ئىچىدە ياراتقۇچىسىغا رەھمەت-ھەشقاللا ئېيتىپ، يېشىنى تۈكۇپ تۇراتتى، بۇركۇت ئېغىزىدا تۇخۇم شەكلىدىكى بىر تاشنى چىشلەپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. ئاسىم پاقىراپ تۇرغان، شۇنداق سۈزۈك تاشنى قولىغا ئېلىپ:‹‹رەھمەت!!!...›› دېگىنىچە موتوسىكىلىتنى مېنىپ ئۆيگە يۈرۈپ كەتتى.
    ئارىدىن بىر  يىل كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە ئۆتۈپ كەتتى. ئاسىم  مۇشۇ يېزىدىكى داڭلىق بايلارنىڭ قاتارىغا ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكىم ناھىيلىك دائىمىي كومىتىت ئەزاسى بولۇپ، ناھىينىڭ مائارىپ، سەھيە خىزمىتىگە مەسئۇل ناھىيە ھاكىمىلىك ھوقۇقىقا مۇيەسسەر بولدى، ھوقۇق ۋە بايلىق ئىچىدە ھوزۇر-ھالاۋەت سۈرۈپ، ھاياتنىڭ مېغىزىنى چاقماقتا ئىدى. ئايالىمۇ بۇرۇنقىدەك ئېرىگە تاپا-تەنە  قىلىشتىن، ۋاي ، سىلى- ئۆزلىرى دىيىشكە ئالماشقان ، بۇرۇنقى ناچار سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەيدىغان يېزا باشلىقى، يېزىنىڭ سېكىرىتارى بىراقلا ئۈچيۇزئاتمىش گېرادۇس بۇرلۇش ياساپ، ھازىر ۋاي چاڭۋىي، ۋاي ھاكىم دەپ قول باغلاپ تۇرىدىغان بولدى.
   ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە  ۋىلايەتلىك پارتىكۇم شۇجىسى ئالايىتەن ئاسىمنى چاقىرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق زىياپىتى  بىلەن كۇتىۋالدى ۋە:
ئا شەنجاڭ سىزنىڭ باي بولۇش، ھوقۇقتا بالداقمۇ بالداق ئۆسۇپ بىرىشىڭىزنىڭ بىر سىرى بار دەيدۇ، سىز مىنى يات كۆرمىسىڭىز مۇشۇ توغۇرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
-نىمە سىر دەيسىز؟ بەكلا ئاددىي، ئاڭلاپ بەلكىم سەن ماڭا چۆچەك سۆزلەپ بىرىۋاتامسەن  دەپ ماڭا ئىشەنمەي قېلىشىڭىز مومكىن.
-ئىشىنمەن، قەتئىي ئىشىنمەن سىزگە شۇجى. بولىدۇ، مەن باشتىن سۆزلەپ بىرەي، مۇشۇ رۇمكىدىن كېيىن، خوش، ئىچۋەتتۇق. سالامەتلىكىمىز، ھۆقۇقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۆسۇشى ئۈچۈن گەنبىي(خوشە).
      ئاسىم ئۆزىنىڭ بۇركۇت بىلەن سۆزلەشكىنىنى، كېيىن ئۇنىڭ بىر بىباھا گۆھەرنى ئالدىغا تاشلاپ بەرگەندىن تارتىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
   -ئاشۇ گۆھەرنى قاشتىشى سودىگەرلىرگە كۆرسەتكەن ئىدىم، بىر خوتەنلىك ھاجىم ماڭا مەھكەم ئېسىلىۋىلىپ : ‹‹ئوبدان ئۇكام بۇنى ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز، مەن بىر مىليۇن يۈەن بەرسەم...››دەيدۇ، مەن قىزىل رەڭگى خۇيمۇ ياراشقان بۇ كىچىكىنە تۇخۇم شەكلىدىكى تاشنىڭ بۇنداق پۇلغا يارايدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن. تۇرۇپلا قالدىم، ئېچىمدە: ‹‹ۋاھ، بۇ بىر گۆھەرمۇ نىمە؟ ياق دەپ باقايچۇ؟ ئۇنى بىر سىناپ، ‹توڭگۇزنىڭ بىرتال مويىنى يۇلغىنىم يۇلغان بولمامدۇ›، ئاللاھ مەن تا بۈگۈنگىچە بۇنچە كۆپ پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلىساممۇ، كورۇپ باقمىغان ئىكەنمەن، يەنە باھا قاتسا بىرىۋىتەيچۇ؟...›› دېگەنلەرنى ئويلاپ: ‹‹ئەرزانلا دەيلىغۇ ھاجىم، چاقچاق قىلماي تۈزۈك بىر نەرسە دېمەملا ›› دېسەم، ھاجىم ، بىردەم تۇرۋالغاندىن كېيىن: ‹‹مۇنداق بولسۇن ئۇكام، بۇ ماشىنامدا ساق بىرمىليۇن يۇەن خەلق پۇلى بار، ھەم ئون نەچچە تال ھەقىقىي قاشتىشى قاچلانغان بىر يەشىكمۇ بار ئىدى، شۇنى ، بۇ بەش يۈز مىڭ يۈەنلىك ماشىنىنى قېتىپ بىرىۋېتەي، سودىمىز پۈتسۈنمۇ؟ رازى بولامسىز؟›› دەيدۇ، ئالە شەھىرىڭنى، ‹‹پۇتۇشتۇق، بىراق مەن ماشىنا ھەيدىيەلمەيمەن، قانداق قىلمەن؟ بولسا مۇشۇ پۇل، قاش تېشى، ماشىنىنى ئۆيۈمگە يەتكۈزۈپ بەرسىلە بولدى،  سودىمىز پۈتسۇن. قانداق؟...›› دىۋىدىم، ھاجىم دەرھال ماقۇل بولۇپ، مىنى، ھېلىقى ئالىي ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى باشقا ماشىنا بىلەن  ئۆيۈمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ، مەندىن تېلخەت ئېلىپ، ھېلىقى گۆھەرنى ئىلىپ كىتىپ قالدى؛ مانا سىلىگە بەرگەن ھېلىقى 3تال قاشتېشى مانا ئاشۇنداق تارىخنى  باشتىن ئوتكۇزگەن.
پەن شۇجى ماڭا ئەمەلدارلىقتىكى تاكتىكىلارنى سۆزلەپ بەرمەمسىز؟
   -ئەمەلدارلىقتا نۇرغۇن تاكتىكا بار، سىز چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز لازىم. بىزدە: ‹‹ھوقۇقۇڭ بولسا پۇلۇڭ بولىدۇ، پۇلۇڭ بولسا ھوقۇقۇڭ بولىدۇ. سەن پۇل تاپ، پۇل تاپالمىساڭ ھوقۇق تاپ›› دېگەن ماقال بىكار كەلگەن ئەمەس. بىز بىزگە كۆپرەك كىشىنىڭ مۇھتاج بولۇپ كىلىشنى بەكمۇ ياقتۇرمىز، سىزمۇ شۇ. باشقىلار سىزگە مۇھتاج بولمىسا، سىزنىڭ ئىززەت-ئابرويىڭىز بولمايدۇ-دە!  مانا بۇنى‹ئەمەلدارلىق دەستۇرى› دەيمىز.
    -نىمە بولسا سىلى  ئۇزۇن يىل ھوقۇق يۈرگۈزگەن ھوقۇقدار، مەندەك خام ئەمەلدارلارنى كۆپرەك تەربىيلەپ ، پۇشۇرغان بولسىلا؟
  -بۇنى ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمىز ئاسىم باي. بېراق سىزگە ئىيتىپ قوياي، باشقىلاردا  ھەرقانچە سىز ئېھتىياجلىق نەرسە بولسىمۇ، ھەرگېز يۈز تۇرانە ئالماڭ. ئۇنى بىۋاستە ئەمەس، ۋاستىلىق ئىلىش كېرەك. قانۇن ھەممەيلەنگە ئوخشاش.  سىز چوقۇم سىز ئۈچۈن قۇربانلىق بولدىغان بىرسىنى يېنىڭىزدا ساقلىشىڭىز لازىم.
   -بۇنى چۈشىنەلمەيلا قالدىمغۇ؟
  -سىزنىڭ كاتىپىڭىز، ياكى بوغالتىرىڭىز باردۇ؟ ماڭىمۇ قاشتېشىنى شۇنداق كىرگۈزگەنغۇ- ھە؟  شۇنداق بىرسى ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇلارمۇ ئارىلىقتا ئۆز نېسىۋىسىنى تېپىپ يەيدۇ، سىزمۇ شۇ. تاساددىبىي ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولسا شۇنى تۇتۇپ بىرىپ، دەرھال ئۇنىڭغا قارىتا قارىشى پىكىر پەيدا قىلىپ، بىردەمدىلا ئۇجۇقتۇرۋىتىپ، قانۇننىڭ ئادىللىقىنى قوغدىمامدۇق.
  -ھا...ھاھ ...قانۇندىن بۇنداق پايدىلىندىكەنمىز-دە!؟
  -ھازىر چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش، پاكلىق قۇرلىشى دىگەنلەرنى بىز تەشۋىق قىلىۋاتىمىزغۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى تۆۋەندىكى ھوقۇقى يوق ئورگان خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى دېگەن نەزەرىيىچى، قۇرۇق سۆزمەنلەر ھارماي تالماي ئۆگۈنۈش قىلىپ، يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدۇ. بىز تەكشۈرۈش، باھالاشنى ياخشى قىلساق بولدى، قالغاننى سىز ئەمىلىيەت داۋامىدا ئۈگىنىپ، ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۇزۇپ پىشىپ كىتىسىز.
   ئۇلار خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئاخىردا شۇجى، مۇنۇلارنى تاپلىدى:
  -ئاڭلىسام ھېلىقى بۈركۈتنىڭ گۆشى ئادەمنى ياشارتارمىش. ياشلىققا قايتۇرۇپ، مۇرادىنى ھاسىل قىلارمىش، ناۋادا سىز ماڭا ئاشۇ ئەركەك بۇركۇتنىڭ گۆشىنى ئەكىلىپ بەرسىڭىزغۇ، بەك ياخشى بولاتتى. سىزنى ئەڭ يېقىنىم قىلىپ، ۋىلايەتنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى قىلىپ ئىلىپ كىلىش توغۇرىسىدا  دوكلاتنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم شۇجىسىگە يوللاپ بولدۇم.  ياخشى ئىشلەڭ! سىزدەك قابىل رەھبىرى كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىمىز....
-بولىدۇ، پەن شۇجى مەن چوقۇم ھېلىقى بۇركۇتنى تۇتۇپ، سىزگە ئېلىپ كىلمەن، ئۇنىڭ زۇۋانىنىمۇ ئاڭلايسىز تېخى. ئۇلۇغ داھىمىزنىڭ روھى بىزنى يۈلىگەي.
    ئاسىم پەن شۇجىنىڭ قېشىدىن قايتقاندىن كېيىن، قانداق ھىلە بىلەن ھېلىقى بۈركۈتنى قىلتاققا چۈشۈرۈشنىڭ خىيالىنى قىلىپ، بىرنەچچە كۈن ياخشى ئويلانغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆزى ۋە شوپۇرى، بوغالتىرىنى ئىلىپ يار بويغا   ماشىنىلىق يول ئالدى.
    تۇمان بىلەن قاپلانغان ئېگىز تاغلىق ئىدىرلار.  ئۇلار بۈركۈت ئۇۋا سالغان تاقىر چوققىغا قاراپ يامىشىشقا باشلىدى. تاغنىڭ ئەڭ ئاستىدا شىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەريا، سۇنىڭ ئاۋازى دىۋىنىڭ نەرە تارتقان ئاۋازىدەك شاۋقۇنلايتى. ئۇلار ھاسىراپ-ھۆمىدەپ چوققىغا نەچچە سائەتتە چىقىپ، بۈركۈت ئۇۋىسىغا يېقىنلاشتى. يۇملاققىنە چاتقال بىلەن قورشالغان، ئىچىدە يۇمشاق پەيلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئۇۋىدا ئىككى دانە بۈركۈت چۈجىسى تۈگۈلۇپ ياتقان بولۇپ، ئاسىملارنىڭ تاراق-تۇرۇق ئاۋازى بىلەن ئۇلارغا بويۇنداپ قاراپ، ئېغىزنى ئېچىشتى. ئۇۋىدا نە  ئانا بۈركۈت،نە ئەركەك بۈركۈت كۆرۈنمەيتى.  
    ئاسىم دەرھال شوپۇر بىلەن بوغالتىرغا ئىشارەت قىلىپ ئۇۋا ئەتراپقا قىل قويغاندىن كېيىن دەرھال ئۆزلىرىنى پىنھانغا ئېلىشتى. ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىن ۋاقىت ئۆتكەندە ئەركەك بۈركۈت يوغان قانىتىنى كىرىپ،  يېقىن بوشلۇقتا پەيدا بولۇپ، ئۇۋىغا قاراپ پەسلەشكە باشلىدى. بۈركۈت قونۇشقا  تەييارلانغاندا، ئۇنىڭ ئاغىزىدىكى ئۆلۈك توشقان مانا دەپ كۆرۈلۈشكە  باشلىدى. ئۇ بۈركۈت توشقاننى پارچىلاپ بالىلىرنىڭ ئالدىغا تاشلاۋاتقاندا، خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك قىل تور ئارىسىغا ئىلىنىپ، تىپىرلاشقا باشلىدى. بۈركۈت چوجىلىرى ئولجىنى يىيىش بىلەن بەنىت بولماقتا ئىدى.
   ئاسىم  بۈركۈتنىڭ پۇتىنى مەھكەم باغلاپ، تور بىلەنلا كۆتۈرۈپ، تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلىدى. بۇچاغدا بۈركۈت بۇرۇنقىدەك زۇۋاننغا كىلىپ:
    -مىنى نەگە ئېلىپ بارماقچى سەن؟مېنىڭ بالىلىرىمنى باققىلى قويغىن، مەن ساڭا نۇرغۇن بايلىق بىرەي. مېنى ئارامىمدا ياشىغىلى قويساڭ بولامدۇ؟-دىدى، قايغۇلۇق قاراپ.
   -بايلىق؟ ماڭا بايلىق كېرەك ئەمەس، سىنى باشلىققا سوۋغا قىلىمەن.  مەن يەنە بالداقمۇ- بالداق ئۆسۈپ، ھەممىگە ھۆكۈمران بولۇپ، باياشات ياشايمەن.  يادىڭدىمۇ؟ مەن ئۆلۈۋالاي دەپ ئۆزۈمنى مۇشۇ ياردىن شېددەتلىك ئېقىنغا تاشلىماقچى بولغاندا، سەن ماڭا بىر ئېسىل گۆھەر بىرىپ قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.  مانا شۇنىڭ دۆلىتىدە باياشاتلىققا، ھۆقۇققا ئېرىشتىم. بۈگۈن سىنى ۋىلايەت رەھبەرلىرىگە تاپشۇرسام يەنە بىر بالداق ئۆسۈپ ۋالىي بولىمەن. بولدى، سەن مەندىن كۆپ نەرسە سورما. باشلىقنىڭ ئالدىغا بارغاندا ‹‹ئىنسان››دەك سۆزلەپ،  ئۇنىمۇ ھەيران قالدۇر. بەلكېم مۇشۇ ھېممىتىڭ ئۈچۈن باشلىقىم نوبىل مۇكاپاتىغا داخىل بولسا ئەجەپ ئەمەس...
   ئاسىم سۆزلەۋېتىپ، بىر قورام تاشقا پۇتلىشىپ،  شېددەتلىك ئېقىن ئىچىگە دومىلاشقا باشلىدى. بېچارە بۈركۈت ئاللاھنىڭ ھېممىتى بىلەن توردىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، قاناتلىرىنى قېقىپ،ئاسمانغا ئۆرلەشكە باشلىدى. شوپۇر ۋە بوغالتىر باشلىقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ ئۆزلىرىنى باشقۇرۇشقا ئۈلگۈرمۈي شېددەتلىك ئېقىنغا  دومىلاشقا باشلىدى...
    ھىكايە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ئويلاپ قالىمەن: ھوقۇق تۇت. شۇ ھوقۇقنى كىم ئۈچۈن ئىشلىتىسەن؟ شۇ ھوقۇقنى كىم بەردى؟ كىمىڭ ئۈچۈن ئىشلىتىسەن؟؛ پۇل تاپ،  پۇللىرىڭ ئاۋىسۇن. بايلىقنى توغرا يولدا، ھەق يولدا تاپ، توغرا يولغا ئىشلەت.
    داڭلىق ئېمپىراتۇر قوش مۆڭگۈزلىك ئىسكەندەر ئۆلۈش ئالدىدا: " مىنى خەلق پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىدىن ئاشۇرۇپ، تاس قالدى ئىلاھلاشتۇرغىلى. مەن نۇرغۇن زېمىنغا، نۇرغۇن بايلىق ۋە ئەڭ ئالىي ھوقۇق- ئېمتىيازغا ئېرىشتىم. مەن ئۆلگەندە مىنىڭ ئىككى قولۇمنى جىنازامدىن چىقىرىپ ، كۆتۈرۈپ ماڭساڭلار، خەلق مىنىڭ قۇرۇق قول كىلىپ، قۇرۇق قول كىتىۋاتقانلىقىمنى كۆرسۇن". دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن.  مانا شۇ ھوقۇق، مانا شۇ بايلىق سىزگە  بىردەملىك. سىزنىڭ ئىمانىڭىز، ئېتىقادىڭىز، ۋىجدان-غورۇرىڭىز بىر بايلىق بۇلۇپ ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلار تارتىپ بولماس،ئاللاھ ئېگەم سىزگە بەخشەندە قىلغان ھوقۇقىڭىز. بۇ بايلىق، بۇ ھوقۇق مەيلى بۇ ئالەمدە بولسۇن، مەيلى ئۇ ئالەمدە بولسۇن سىزگە مەڭگۈ ئەس قاتقۇسى.
مەنبە: شۇڭقار قادىر ئىجادىيتى
2012-يىل28-ئىيۇن   ئۈرۈمچى
مەزگۇر ئەسەر  مۇئەللىپىگە خاس.  باشقىلارنىڭ خالىغانچە كۆچۈرۈپ، تارقاتماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوقۇق بولغاندا بايلىق بولىدۇ، ھوقۇق بولمىسا بايلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بايلىقنىڭ قىممىتىنى بىلگەندە ھوقۇقنىڭ ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.  ھوقۇقنى مۇھىم بىلمىگەندە بايلىقنى قولدىن بىرىپ قۇيۇدىغان گەپ. بايلىق بىلەن ھوقۇق  بىر-بىرسىنى شەرت قىلىدۇ، بىرسى بولمىسا يەنە بىرسى بولمايدۇ. ئائىلىدىمۇ، جەئىيەتتىمۇ، سىياسىدىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بايلىق ئېڭى سىياسى ئېڭىنى پەيدا قىلىدۇ. ھوقۇق دىگەن سىياسى دىمەكتۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش