تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1829|ئىنكاس: 13

رونالدو ۋە ھازىرقى ئىسپانىيە (نەق مەيدان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
613
يازما
175
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
4612
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۈگۈن كەچ ئېلىپ بېرىلىدىغان ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى دۇنيا چىمپىيۇنى ھەم ھازىرغىچە ئىپادىسى ئەڭ موقىم بولۇۋاتقان دۆلەت كوماندىسى ئىسپانىيە بىلەن دۇنيادا ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان قاتىل ھۇجۇمچى رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.رونالدومۇ ئوبدان بىلىشى مومكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى پەقەت ياۋرۇپا لوڭقىسى بىلەن ئىسپانىيە ئۈستىدىن غەلبە قىلىشلا ئەمەس بەلكى ئەڭ موھىمى ئۆزىنىڭ مىسسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاش.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پورتۇگالىيەنىڭ يېڭىش مومكىنچىلىكى ئەلۋەتتە يۇقىرى،لىكىن پۇتبۇل مەيدانىدا ھەرقانداق كۈتۈلمىگەن نەتىجىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى تامامەن مومكىن.شۇ ۋەجىدىن مۇسابىقە باشلانغۇچە مۇنازىرە قىلغاچ ئولتۇرايلى.

مېنىڭچە بۇ مۇسابىقە بىلەن مىسسىنىڭ ئالاقىسى يوقتەك تۇيۇلسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇ مىسسى بىلەن رونالدونىڭ ،بارسېلونا بىلەن مادرىدنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن مۇسابىقىسى ،رونالدو ئۈچۈن پورتۇگالىيەنىڭ غەلبە قىلىشىنى ئۆمىد قىلىمەن .


ھازىرقى ئىسپانىيە بىلەن گىرمانىيەنى نەزىرىيە جەھەتتىن ھەل قىلغۇچقا كىرىپ بولدى دىيىشكە بولسىمۇ ،لىكىن ئىسپانىيە دۇچ كەلگەن پورتۇگالىيەدە دۇنياۋى قاتىل ھۇجۇمچى رونالدو بار،پىپى ،نانى،كونتىرۋا،رامىلىس قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلار بار.ئۇلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە گىرمانلاردىن يېڭىلگەندىن باشقا مۇسابىقىلەردە يېڭىلىپ باقمىدى.2004-يىلدىكى قائىدە بويىچە بولغاندا پورتۇگالىيە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلگەن گىرمانىيە بىلەن ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىپ يەنە بىر قېتىم گىرمانىيەگە ئۇتتۇرسا بولاتتى،ئەمما بۇنداق ئوخشاشلىقنى كۆرۈش ئۈچۈن بىردىنبىر ئۆتكەل-ئۇيقۇ دورىسى بولغان ئىسپانىيەنى يېڭىشى كېرەك.ئىسپانىيەنى يېڭىش ئۈچۈن دەسلەپكى 20مىنۇت ۋاقىتتا چوقۇم پۈتۈن زېھنىنى توپ كونترول قىلىشقىلا قارتىشى كېرەك.توپ ئۇرۇش ياكى خاس مۇداپىيەگە چۈشىۋېلىش مەغلۇبىيەتكە باشلىشى مومكىن.پورتۇگالىيەمۇ دەسلەپتە خۇددى ئىسپانىيەگە ئوخشاش ئۇسلۇپتا ئوينىشى كېرەك.يەنە بىرى چىلىسىنىڭ بارسېلونانى يەڭگەن مۇسابىقىدىكى تەجىربىلەرنى ئۆرنەك قىلىشى كېرەك.




تەجىرىلىك تېرىنىر بۇ قېتىم پورتۇگالىيەگە  باشتىنلا ئۆزىنى رۇسلىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىكى ئۈچۈن تورىس بىلەن پېدىرونى ياكى فبرىگاس بىلەن پېدىرونى تۇنجى سەپتە مەيدانغا چىقىرىشى مومكىن.


رونالدو بىلەن نانى ياخشى ھەمكارلىشىپ پۈتكۈل پورتۇگالىيە كوماندىسى كۈچلۈك ھەمكارلىشىپ ،جاھانگىر ئىسپانىيەنى يېڭىپ،رونالدونى شۇنداقلا پورتۇگالىيەنى كۆزگە ئىلمىغانلارغا مەن رونالدو،بۇ پورتۇگالىيە كوماندىسى دەپ جاكارلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن.   
گرمانىيە ئۈچۈن ئەنگىلىيەنىڭ ئورنىغا ئىتالىيە بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى ئانچە خۇش قىلمايدىغان خەۋەر.چۈنكى 16دۆلەتنىڭ ئىچىدە مۇداپىيە سېپى ئەڭ كۈچلۈك،دۇنيا بويىچە كۈچلۈك مۇداپىيەدە داڭقى چىققان كوماندا پەقەت ئىتالىيە.گىرمان نوتىلىرى ئىتالىيە ئوتتۇرا ياشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا تەسلىم بولامدۇ ياكى ئىتالىيەلىكلەر غەپلەتتە قالامدۇ بۇنىسى مۇسابىقىدىن كېيىن ئايان بولىدۇ.

مەيلى ئىسپانىيە ئۇتۇپ گىرمانىيە بىلەن ئۇچراشسىمۇ ياكى ئىتالىيە بىلەن ئۇچراشسىمۇ بۇ 3كوماندا يېقىنقى يىللاردا ئېتراپ قىلىنغان چىمپىيۇن ياكى چىمپىيۇنلۇققا ئەڭ يېقىنلاشقان كوماندىلار،دىمەك بۇلار نىڭ مۇسابىقىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قىززىق نوختا.پورتۇگالىيە ئۇتسىمۇ يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىككى كوماندىنىڭ بىرسى ساقلاپ تۇرىدۇ.مەن پۇتبۇل مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 4كوماندىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇتۇشىنى ئۆمۈد قىلىمەن،لىكىن بۇ مومكىن ئەمەس،شۇڭا رونالدونىڭ چىمپىيۇن بولۇپ دۇنيا پۇتبۇل مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.
پورتۇگالىيە ئۇتۇش ئۈچۈنمۇ تۇنجى توپنى ئاۋال ئۇرۇشى كېرەك ،ئىسپانىيە ئۇتۇشى ئۈچۈنمۇ تۇنجى توپنى ئاۋال ئۇرۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقە تېخنىكا ،ماسلىشىش ھەم پىسخىكا جېڭى تەڭ ئورۇننى ئېگىلىگەن مۇسابىقە
كىم ئاۋال توپ ئۇرسا ئۇتۇشى مومكىن.رونالدو بىلەن نانى ياخشى ماسلاشسا ،پىپى،كونتىرۋا ،رامېلىسنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا ،ئاندىن 9-نومۇر مۇ ئېسىل ئوينىسا پورتۇگالىيە زەپەر قۇچۇشى مومكىن




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
613
يازما
175
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
4612
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مارادونا : c رونالدو ۋە مېسسى ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش ئۇرۇندا تۇرىدۇ ! پورتۇگالىيەنىڭ ئىسپانىيە كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىش ئېھتىمالى چوڭ !
6-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە بۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن چىمپىيۇن بۇلۇش ئېھتىمالى يۇقۇرى دەپ قارالغان ئىسپانىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى داڭلىق قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو دەسلەپتە ئوينىغان تۆت مەيدان مۇسابىقىدا جەمى ئۈچ توپ ئۇرۇپ بولدى.ھازىرقى روھى ھالىتى ئىتايىن ياخشى ،شۇنداقلا كىشىلەر تەرىپىدىن، ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بولىدىغان بۇ مۇسابىقىدا يەنە توپ ئۇرۇشى مۈمكىن دەپ قارالماقتا. ."N`X\  
ئارگىنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا مۇشۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان بىر نەچچە قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئۈزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرا قويۇپ ئىپادە بىلدۈردى.بۇ قېتىم مارادونا مۇنداق دىدى،كىرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسى ھەر ئىككىلىسى ھازىرقى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە ئوخشاش ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچىلار،ھەر ئىككىلىسى بىربىرسىدىن قېلىشمايدۇ.رونالدو يېقىندىن بۇيان ئۈزىنىڭ ئەڭ ياخشى دەۋرىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا،كوماندىنىڭ تېرىنىرى بېنتو گەرچە ياش بولسىمۇ ،لېكىن تەجىربىلىك تېرىنىر،پېي پېي بولسا دۇنياۋى سەۋىيىلىك تۈمۈر بېك،چېلىسى كوماندىسىدىكى مېرىلىس،مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى نانى قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ مۇشۇ مۇسابىقىدا رونالدوغا ياردىمى چوڭ بۇلىدۇ.  
قانداق قىلغاندا ئىسپانىيە كوماندىسنى مەغلۇپ قىلغىلى بۇلىدۇ ؟ بۇ سۇئالغا مارادونا مۇنداق جاۋاپ بەردى.پەقەت ئارقا مەيدانغىلا مۇداپىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئوينىغاندا چۇقۇم ئۇتۇرۇپ قۇيىدۇ.پورتۇگالىيە كوماندىسى خۇددى ئىتالىيە كوماندىسغا ئوخشاش ھۇجۇمنىمۇ ئاساس قىلىپ ئوينىشى كىرەك،ئىسپانىيەنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدىكى توپ كونتورول قىلىشى يۇقۇرى،يەنى شاۋى،ئىنىستا،بۇسكۇس قاتارلىق بۇ ئۈچ نەپەر پۇتبولچى مۇشۇ ئۇرۇندا قالتىس ئوينايدۇ،ماسلشىشىمۇ ئىنتايىن ياخشى،بۇلار بارسلونادا بىرگە توپ ئويناپ پىشىپ يىتىلگەن.شۇنداقلا بىربىرىسنى ياخشى چۈشىنىشىدۇ،بىراق ئىسپانىيە كوماندىسى دەسلەپكى ئوينىغان ئىتالىيە ۋە كىرودىيە كوماندىسى ئوتتۇرسدىكى مۇسابىقىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى.ئۇتتۇرۇپ قويغىلىغى تاسلا قالدى.ھازىرقى ئىسپانىيە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى كۈچلۈك ئىسپانىيەگە ئوخشىمايدۇ.پورتۇگالىيە كوماندىسنىڭ ئىسپانىيە كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىشىدا ئۈمۈت چوڭ !


مەنبەلەر پۇتبول مۇنبىرى

UID
6174
يازما
100
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3000
تىزىملاتقان
2010-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەندىكى سىنا تەنتەربىيە خەۋىرىدە رونالدونى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان دەيدۇ،
ھەممەيلەن دىققەت قىلىلى،  


UID
613
يازما
175
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
4612
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەيدان مۇسابىقە ھازىر باشلانغىلى 11 مىنۇت بولدى،ھەر ئىككى تەرەپ ناھايتى كەسكىن مۇسابىقىگە چۈشمەكتە.مەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيدان ئۇلاپ تارقىتىشنى كۆرگەچ تورداشلار بىلەن بىرگە مۇسابىقىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىنكاس يېزىشقاچ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۈرىۋاتىمەن.

UID
613
يازما
175
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
4612
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى رونالدونىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى كەيپىياتىنى تۆۋەنلەشتۈرۈش مەقسىتىدە بۇنداق پەلپەتىش خەۋەرلەرنى بىرىشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە دۇنياغا داڭلىق چولپانلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەڭ جىق گەپ بۇلىدۇ.،مىش مىش گەپلەر مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئەڭ يېقىن.ئاكسىيە توردىشىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋالمۇ شۇنىڭ بىر تەرىپى.

UID
14401
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2011-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە ئامما دەھشەت... ئۇزۇن بوپتىكەن بۇ قەدەر مۇسابىقە كۆرمىگىلى

UID
14401
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2011-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى قىزىمىغىلى تۇردى...

UID
613
يازما
175
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
4612
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىۋاتىدۇغۇ ، 105مىنۇتقا قەدەم قويدى ، ھەرئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسى بەك كۈچلۈك ئىسپانىيە كوماندىسىغا ئارقا ئارقىدىن پايدىلىق پۇرسەت كىلىۋاتىدۇ.بىراق بۇلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمايۋاتىدۇ.پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ۋارتارى قۇشۇپ بىرىلگەن 30مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ناھايتى چاققانلىق بىلەن بىر قېتىم پورتۇگالىيە ئۈچۈن چوڭ  تۆھپە قوشتى.

UID
613
يازما
175
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
4612
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتنى قوشقاندا ھازىر مۇسابىقە 117مىنۇقا قەدەم قويدى.ھازىرغىچە ھەر ئىككى كوماندا بىر توپ كىرگۈزەلمىدى،مۇداپىئە بەكلا چىڭ، رونالدو ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئويناۋاتىدۇ.ئىسپانىيە كوماندىسى رونالدوغا بولغان مۇداپىئەنى بەك چىڭ تۇتىۋاتىدۇ.يەنە كىلىپ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشمۇ كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ.نوقتا توپتىن بورۇن رونالدو بىر توپ كىرگۈزسە بۇلاتتى.

UID
613
يازما
175
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
4612
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا كەسكىن ھالدا ئوينالدى.90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ نومۇر كىرگۈزەلمىگەچكە 30مىنۇتلۇق قۇشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە جەريانىدىمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولغاچقا توپ كىرمەي،بۇ ئىككى كوماندا رەھىمسىز نوقتا توپ تىپىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش