تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 3

يېڭىچە ساخاۋەت ۋە خالىس خىزمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       قانۇنلۇق ھالدا ھەقسىز خەلق مۇرەسسە كومىتىتى قۇرۇلۇپتۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئويلۇنۇپ قالدىم.  بۇ ساخاۋەتنىڭ يېڭىچە شەكلى ئىكەن. ئىلگىرىتىن ئاڭلاپ تۇرىدىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئاساسەن باشقىلارغا پۇل ۋە ماددى بۇيۇم ئىئانە قىلىناتتى، سوغا قىلاتتى. ئەمما، بۇ قېتىمقى خۇسۇسى شىركەت ئىگە بولغان،  «خالىس ھاجىم» دەپ نام ئالغان ئابلىمىت خالىس ھاجىم ئىقتىسادىي چىقىمنى ئۈستىگە ئالغان خەلق مۇرەسسە كومىتىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھەم ياردەمگە ئېھتىياجلىقلارغا پۇلمۇ بەرمەيدىكەن، ماددى بۇيۇممۇ سوغا قىلمايدىكەن. بەلكى باشقىلار بىلەن بولغان ھەر خىل زىددىيەت-توقۇنۇشلىرىنى ھەل قىلالماي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، جىدەل-ماجرالاردىن بېشى قاتقانلارغا خالىس ھالدا مۇرەسسە قىلىش  ياردىمى بىرىپ ئەمىلىي ئىش قىلىپ بىرىدىكەن. توغرا، پۇلغا ئېھتىياجلىقلارغا پۇل بىرىۋاتقان ساخاۋەتچىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، بەزى پۇلى كۆپ ئابرويلۇق شەخسلەر بىلەن كارخانىچى -تىجارەتچىلەرنىڭ، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا پۇللىرى يىتىپ ئاشىدىغان ھەرقايسى  قاتلامدىكى كىشىلەر ھەم ئائىلىلەرنىڭ تۈرلۈك توقۇنۇش-زىددىيەت، مەنپەئەت-ماجرالىرى بىلەن نىكاھ مەسىلىلىرىنى پۇل بىرىش ياكى بىرنەرسە ئىئانە قىلىش بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىشلارغا جامائەت ئەرباپلىرى، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر، دىنى ساھەدىكى مۆتىۋەرلەر، قانۇن بىلەن ئەخلاقنى ماسلاشتۇرۇپ تەدبىقلىيالايدىغان مۇرەسسە قىلىش ماھىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئورنى، ئەقلى، بىلىمى ئارقىلىق مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.  
     مۇرەسسە قىلىش خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا بۇرۇندىن تارتىپ يۇرت چوڭلىرى، ئاقساقاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ھەم «قازى» نامىدىكى  مەخسۇس كىشىنىڭ جىدەل-ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان شەكلى بىلەن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە مۇرەسسە قىلىش ئاساسەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئايلىنىپ قالغان. نۆۋەتتە سالا قىلىش شەكلىدىكى كىلىشتۈرۈش، مۇرەسسە قىلىش خەلقىمىز ئىچىدە ئىختىيارى ھەم تەكلىپ بىلەن ئاندا-ساندا بولسىمۇ، ئەمما پۇخرالار ئىلكىدىكى مەخسۇسلاشقان تەشكىللىك تۈسىنى ئېلىپ بۇلالمىغان ھالەتتە ئىدى. .
    ھەممىمىزگە مەلۇم، دۆلەت قانۇنىنى ئۆلچەم قىلىدىغان سوت مەھكىمىلىرى ھەرقانداق جىدەل-ماجرالارنى داۋالاشقۇچىلارنى يۈزدە-يۈز رازى قىلىدىغان ھۆكۈم بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ بۇلالمايدۇ. چۈنكى، ھەق-ناھەق، زىددىيەت مەسىلىلىرىگە قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ سەۋەپ-نەتىجىلىك ھەم توغرىلىق ئاساسىدا  ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. شۇنداقلا  سوت مەھكىمىسىدە داۋالاشقۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرىدىغان، سۆزلەپ قايىل قىلىدىغان ئىش بولمايدۇ.  قايىل بولساڭ بول، بولمىسا بىر دەرىجە يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلساڭ بولىدۇ دەپ ھۆكۈمنامىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ خاتالىقى ئەمەس، سوتنىڭ خىزمىتى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان.
   ئەمدى نېمە دېمەكچى دىگەندە، مۇرەسسە خىزمىتى سوت مەھكىمىسىدەك قانۇنى ئۆلچەم بۇيىچە ھۆكۈم چىقىرىش ھالىتىدە بولمايدۇ. بەلكى، ئاساسلىقى ئەخلاقى ئاڭ، مىجەز-خارەكتېر، پىسخىكىلىق بىلىملەر ئارقىلىق كىلىشتۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ دەپ قارايمەن. مۇرەسسەدە  چۈشەندۈرۈش، ھەر تەرەپتىن سۆزلەپ قايىل قىلىش، سەۋەپ-نەتىجىلىك جەريان بۇيىچە توغرا-خاتالىقنى ئايرىشقا نىسبەتەن كەڭ قوساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەۋسىيە-تەشەببۇس  ئۇسۇللىرى قوللۇنۇلۇپ، يول قويماسلىق بىلەن كىلىپ چىقىدىغان ھەم ھەل بولمايدىغان ھەم تېخىمۇ زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.
   مۇرەسسە قىلىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرويىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىپ بالىلىرىنى يىتىم قىلماسلىقى مۇمكىن. نۇرغۇن سوت ھەققى تۆلىيەلمەيدىغان، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلالمايدىغان كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋېتىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ماجرالار قانۇن بۇيىچە مۇرەسسە قىلىش، ئەخلاق بۇيىچە  كىلىشتۈرۈش بۇيىچە ۋاقتىدا ھەل قىلىنىپ، ئاداۋەت-ئۆچمەنلىك تۈگۈتۈلۈپ جىنايەتنىڭ ئالدى ئېلىنىشى مۇمكىن.
     بۇ ھەقسىز خىزمەت قىلىدىغان مۇرەسسە كومىتىتىنىڭ رولىنىڭ، تۆھپىسىنىڭ مۇھىملىقى خەلقىمىزدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئەمىلىيەتكە يۈزلىنىپ تېخىمۇ ئەمىلىي ئىش قىلىشىنىڭ قىممەتلىك باشلىنىشى بۇلۇپ، نۇرغۇن دەرتمەنلەرنىڭ ھالىغا يىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپتىمەن.
   ھەقسىز خەلق مۇرەسسە كومىتىتى قۇرۇپ، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت-مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايۋاتقانلارغا خالىس خىزمەت قىلىشتەك بۇنداق  روھىقا ئىگە بولغان  ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشى تېخىمۇ قايىل بۇلۇشقا، كۈچلۈك قوللاشقا، كەڭرى تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىغى ھەم مۇشۇنداق جامائىت ئەرباپلىرى بىلەن ھەر قايسى تەرەپتىكى ئوقۇمۇشلۇقلار، سەرخىل كەسىپ ھەم سۆھبەت ئەھلىلىرى  يىغىلغان ھەقسىز مۇرەسسەگە ئېھتىياجلىقلارغا خەۋەر-ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىم قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، تورداشلارنىڭ مۇرەسسەگە مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئورتاقلىشىپ بېقىشىنى ئويلاپ بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.
   سىز مۇرەسسەگە قانداق قارايسىز؟ مۇرەسسەنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بۇلىدۇ؟ سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا مۇرەسسەگە ئېھتىياجلىق قانداق كىشىلەر ھەم ئەھۋاللار بار؟ سالا قىلىش-كىلىشتۈرۈش، مۇرەسسە قىلىش ئەھۋاللىرىغا نىسبەتەن خەلقىمىز ئارىسىدا قانداق چۈشەنچە-كۆزقاراشلار بار دەپ ئويلايسىز؟
  مەن خەۋەر تاپقان ھەقسىز خەلق مۇرەسسە كومىتىتى قۇرۇش  توغرىسىدىكى ئادرىسنى چاپلاپ قويدۇم.
    http://news.alkuyi.com/show.php?mid=14240

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
40788
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەمىلىي ئىش قىلىدىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ  تەشكىللىك ئوتتۇرىغا چىققىنى بەك ياخشى بولۇپتۇ. توغرا، نۇرغۇن ئىشلارنى پۇل بىرىش بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. جىدەل-ماجرالارنىڭ ھەممىسىنى ساقچى بىلەن  سوتقا يۈگرەپلا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. خەلىق ئۈچۈن بىكارغا ئىشلەيدىغان مۇرەسسەچى-كىلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە خېرىدارلىق قىلىشى بىزنىڭ قايىل بۇلىشىمىزغا، ئالقىشلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان ئىش. شۇنداقلا مەسىلە-ماجرالىرىنى ھەل قىلالمايۋاتقانلارغا خەۋەر-ئۇچۇر يەتكۈزۈپ قويساقمۇ باشقىلارغا خالىس ياردەم قىلغان بولىمىز. ئەتراپىمىزدا پۇلدىن قىسىلىپ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالماي يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئويلىساق، بۇ مۇرەسسە كومىتىتىنىڭ قۇرۇلىشى ھەقىقەتەن ئاچقان يەرگە بارغاندەكلا ئىش بولۇپتۇ. مەسىلىنى كۆرۈپ قايناۋەرگەندىن كۆرە مەسىلە ھەل قىلىش يۇلىنى مېڭىشقا باشلىغانلارغا ئاپىرىن ئېيتىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.

UID
42707
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كەتسۇن. بولسا ئاساسى قاتلاملارغىچە كىڭەيسە ياخشى بولاتتى.

باھا سۆز

mahsat  قايسى يۇرتتىن ئىلتىماس سۇنسا شۇ يەرگە چىقىمنى ئۆزلىرى قىلىپ بارىدىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىشىمچە، بۇ مۇرەسسە كومىتىتى ئۈرۈمچى شەھرىدىن باشقا ناھىيە-شەھەردىكى مۇرەسسەگە ئىلتىماس سۇنغىچىلارنىڭ يېنىغىمۇ بارلىق چىقىمنى ئۆزلىرى چىقىرىپ  بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلە-ماجرالىرىنى كىلىشتۈرۈپ ھەل قىلىپ قۇيالايدىكەن. خالىس خىزمەتنى قايسى يۇرت بولسا بېرىپ قىلىۋېرىدىكەن. ھەق ئالماي تۇرۇپ كىشىلىرىمىزنىڭ ماجرا-مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى نەدە بولسا بېرىپ ھەل قىلىپ بىرىش ھەقىقەتەن خالىس خىزمەتتۇر. بۇنداق خالىس خىزمەتنى قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلمەي قالمايمىز. سوت مەھكىمىسى بىلەن ئادۋۇكارلار جېنىدا ھەق ئالىدۇ، ئەمما بۇلار ھىچقانداق ھەق ئالمايدىكەن ئەمەسمۇ. مۇشۇ يېرى ئاپىرىن ئېيتىشىمىزغا يىتىپ ئاشىدۇ ئەلۋەتتە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش