تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1349|ئىنكاس: 8

يىلدا ئىككى مىليارد يۈەنلىك زەھەر چىكىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئاپتونوم رايۇنىمىزدا زەھەر چەككۈچىلەر يىلىغا ئىككى مىليارد يۈەننى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرىۋېتىدىكەن

      زەھەرنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە چېكىش، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يوقىلىشى، خانىۋەيران بۇلۇشى، جىنايەتنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 26-ئىيۇن خەلقارا زەھەر چەكلەش كۈنى، بۇ يىلقى خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنىڭ باش تېمىسى -«زەھەرگە قارشى تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش ھەركىتىگە قاتنىشايلى!». بىز مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى زەھەر چەكلىگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، زەھەر چېكىش ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنى نامايەن قىلىپ، زەھەر چەكلىگۈچىلەرنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقلىرىغا شاھىد بولىمىز.  
    گەرچە كۆپ يىللاردىن بىرى شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولساقمۇ، زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى يەنىلا شۇنچە جىددى بولماقتا. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا تىزىملانغان زەھەر چەككۈچى 40 مىڭدىن ئاشقان. كۆپ  تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربى جەنۇپ رايۇنى چېگرا سىرتىدىن  زەھەر كىرىدىغان، دۇنيادىكى يەنە بىر زەھەر مەنبەسى- «ئالتۇن ھىلال ئاي» بىلەن خوشنا بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى چېگرادىن زەھەر ئۆتۈش بىلەن زەھەر ئىستىمال قىلىش تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان رايۇنغا ئايلانغان.
   شىخەنزە ئۈنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستۇتىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ فېي مۇنداق دېدى: « ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ زەھەر ئەھۋالىدا مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار بار، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان زەھەر ۋەزىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ».
   2006-يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى زەھەر چەككۈچىلەر يىلىغا 5000 ئەتراپىدا ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خىروئىن  ۋە نەشەدىن ئىبارەت ئىككى خىل زەھەرنى چەككۈچىلەر ئومۇمى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىدۇ. %5 زەھەر چەككۈچى كىرىستال زەھەر، ك تالقىنى، ماگۇ قاتارلىق بىرىكمە زەھەرنى چىكىدۇ، ئاپتونوم رايۇنىمىزدا خىروئىن چەككۈچىلەرلا يىلىغا ئاز بولغاندىمۇ ئىككى مىليارد يۈەننى كۆككە سورىۋېتىدۇ. بىز دۇچ كىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، زەھەر مەسىلىسى بىر تۈرلۈك ناھايىتى كۆپ پۇل سەرىپ بولىدىغان ئىجتىمائىي سېستىما قۇرۇلۇشى. زەھەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك تارماقلىرى ئەسلىدە باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىدىغان چەكلىك مەبلەغدىن يەنە بىر مەبلەغ ئاجرىتىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. زەھەر چەكلەش، زەھەر تاشلاتقۇزۇش دۆلەت مالىيەسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر يۈككە  ئايلىنىپ، ئوبىكتىپ جەھەتتىن نۇرغۇن مەبلەغنى ئىسراپ قىلىۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر يۇشۇرۇن زىيان ئادەم كۈچى بايلىقىغا بولغان زەربە بولدى. بىر قىسىم ياشلار زەھەر چەككەنلىكتىن، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي قېلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يىتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەت باقىدىغان «يۈك»كە ئايلاندى. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى شەك-شۇبھىسىزكى، زەھەرنى غايەت زور ئىستېمال بازىرى بىلەن تەمىنلىدى. بىراق زەھەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ئۇنىڭدىكى غايەت زور پايدا ئېلىش بوشلىقى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن زەھەر باھاسى ئۆرلىدى.  
  دۆلەت زەھەر تاشلاش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايۇنىمىزدا زەھەر چەكلەشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى يۈننەن بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قۇيۇلغان. بىر ساقچى مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا «ئالتۇن ھىلال ئاي»نىڭ دۆلىتىمىزگە زەھەر ئېلىپ كىرىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولغان. «ئالتۇن ئۈچ بۈرجەك»، «ئالتۇن ھىلال ئاي» زەھەر مەنبەسە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا « شەرق-غەرپتىن قىستاپ ھوجۇم قىلىش، كۆپ تەرەپتىن چېگرىدىن كىرىش» ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
  «ئالتۇن ھىلال ئاي»نىڭ كېڭىيىشى ئاپتونوم رايۇنىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال زىيانغا ئۇچراتقان. ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى ئاپتونوم رايۇنىمىز «ئالتۇن ھىلال ئاي»دىن كەلگەن زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق ئون دېلونى پاش قىلىپ، 12 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، 610.92 كىلوگىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 20 ھەسسە ئاشقان. بۇ ئون دېلونىڭ تۆتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەر 1000 گىرامدىن ئاشىدىكەن. 2011 يىلى 2-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى تامۇژنىسى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش تارماقلىرى قۇنجىراپ چېگرا ئېغىزىدا  پاكىستاندىن ئېلىپ كىرىلگەن 590.96 كىلوگىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن، بۇ ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى دېلولىرى ئىچىدە زەھەر مىقتارى ئەڭ كۆپ دېلو ئىكەن.
   نۆۋەتتە «ئالتۇن ھالال ئاي » زەھەر ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھىنىڭ زەھەر يۇشۇرۇش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىللاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى « ئالتۇن ھالال ئاي» دىكى زەھەرلەر مالنىڭ ئارىسىغا، يۈك-تاقنىڭ ئارىسىغا، ئادەم بەدىنىگە يۇشۇرۇش ۋە پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگەن، كىيىن يەنە گىلەمنىڭ ئارىسىغا زەھەر يۇشۇرۇش، ئاپتوموبىل چاقىغا زەھەر يۇشۇرۇشتەك يېڭى ئۇسۇللار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇلارنىڭ زەھەر يۇشۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ كەسپىيلىكى خەلقئارا زەھەر سېتىش شايكىسىنىڭ تەشكىلچانلىققا ۋە كەسپىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. «ئالتۇن ھىلال ئاي» يەر ئاستى زەھەر سېتىش تورى ئۆزگىچە خاسلىقنى شەكىللەندۈردى، پارچە بولاقتا سېتىش يوللىرىمۇ تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. قىسمەن سېتىش تور نۇقتىلىرى زەھەر چەككۈچىلەرگە تونۇشلۇق بۇلۇپ كەتتى. زەھەرنى توشۇش-سېتىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ زەھەر سېتىش ئارقىلىق زەھەر چېكىشىنى قامدىشى، ۋاستە تاللىماسلىقى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بۇلۇپ قالدى.  
   مەملىكەت بۇيىچە زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى تورىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايۇنىمىز 2011-يىلى زەھەرگە چېتىشلىق تۈرلۈك دېلولاردىن جەمئىي 1620 نى پاش قىلىپ، 660.82 كىلوگىرام خىروئىن، 18.96 كىلوگىرام كىرىستال زەھەر، 43.39 كىلوگىرام كېتامىن، 24 مىڭ 375 كىرىستال زەھەر تابلېتكىسى، 409 باش چايقاش تابلېتكىسى، 1561.72 كىلوگىرام نەشە قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن. جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايۇنىمىز يەنە پۈتۈن بىر يىلدا 2879 زەھەر چەككۈچىنى مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزغان، 1786 زەھەر چەككۈچىنى مەھەللىدە زەھەر تاشلاتقۇزغان.  
   جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىچە، بۇنىڭدىن كىيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى دۇچ كىلىدىغان ۋەزىيەت يەنىلا جىددى ئىكەن، بۇلۇپمۇ خىروئىننى تىزگىنلەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرىكمە زەھەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ كىتىش بېسىمىنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى جىددى بولىدىكەن. بۇ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايۇنىمىز زەھەر چىكىدىغانلار 500 ئادەمدىن ئاشىدىغان ناھىيە   (شەھەر، رايۇن)دە مەھەللە زەھەر تاشلاتقۇزۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىناق نۇقتىسى قۇرىدىكەن. ھەرقايسى تارماقلار يەنە زەھەر چەكلەش پىدائىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىسى قاتارلىق ئاممىۋى خارەكتېردىكى زەھەر چەكلەش كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ مەھەللىگە، يېزا-كەنت، ئىدارە-ئورۇن، مەكتەپ، مەيدان، ئائىلىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. زەھەر مەسىلىسى ئېغىر بولغان رايۇنلاردا ۋىۋىسكا ئېسىپ تەرتىپكە سالىدىكەن. دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى زەھەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولغان رايۇنلاردىكى ئەھۋالغا ئاساسەن ۋىۋىسكا ئېسىپ تەرتىپكە سالىدىكەن.
         ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
37030
يازما
25
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا  ما پۇل سانىنىڭ جىقلىقىنى ؟ نىمە ئۈچۈن زەھەرنى توسقاندىكىن بىراقلا توسمايدىغاندۇ دەيمەن !  ئاشۇ پۇللارنىڭ 1000 دە بىر قىسمىنى يىتىم يىسىرلارغا بىرىدىغان بولسا بۇ دۇنيادا يوقسىزلىق ئۇنچە ئەۋجى ئېلىپ كەتمەس ئىدى !

UID
35418
يازما
8
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ پۇللاردا مەكتەپ سالسا ياكى خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلسا يا بولمىسا سانائەت كەسىپلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىنسا ئىشسىزلىق ئازىيىدۇ  ..ئۇف !!

UID
5684
يازما
190
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5441
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇسىتاتىسكىلارغۇ ناھايتى ئوبدان بوپتۇ .لىكىن زەھەر چەكلەش ئىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تاپالماپتۇ.مەن سىلەرگەبىرئىشنى سۆزلەپ بىرەي مەسلىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىۋالساڭلا ئەجەپ ئەمەس،
1-بىزنىڭ ئۆيدىمۇ نەشەچىكىدىغاندىن بىىرسى بار 30ياشتىنمۇ ئاشتى ئىككى باللىقمۇ بولدى لىكىن 12يىلدىن بىرى.
نەشەدىن يىراقلاشمىدى قىلىدىغان چىرايلىق گەپ نەسىھەتنىڭ ھەممىنى قىلدۇق لىكىن تەسىر قىلمىدى .ئاخىرى بولماي ساقچغىمۇ باردۇق ساقچىلارمۇ تۇتۇپ ئەكەتتى .لىكىن ئىككى سائەتتىن كىيىن ئۆيگە يەنە قايتىپ كەلدى .ھەمانا ساقچىلارمۇ نىمە قىلالىدى يەنە ساقچغا مەلۇم قىلساڭلارمۇ مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ مىنىڭ ساقچى ئىدارىسىدا مەن بىلەن بىللە چىكىدىغان ئاغىنەم بار ساقچىلار مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ.ئەمدى ماڭا پۇل بىرىش دەپ پىچاق كۇتۇردى.يەنە شۇزەھەرچەكلەش ئەترىتىگە باردىم ئۇلارماڭا پۇل تۆلەڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىمىز 2يىل يىتىپ زەھەرتاشلاپ چىقسۇن دىيىشتى، بولىدۇ دىسەك پۇل تۆلەڭلار دىدى ئۇنىڭغىمۇ ماقۇلدىدۇق .لىكىن زەھەرچەكلەش ئەترىتىدىكىلەر ھازىر زەھەرتاشلاش ئورنىغا ئاپىرىدىغان سان توشۇپ قالدى .سان كەلسە سىلەرگە خەۋەر قىللى دەپ ئىشنى تۇگەتتى.مانا نەچچە يىل بولدى بۇسۇيۇملۇك سان بىزگە كەپ بولالماي ئوينىمۇ شۇنەشە چىكىدىغان قىرىندىشىمىزغا تاشلاپ بىرىپ كىتىپمۇ قۇتۇلالماي يۇرىمىز..............

سۆزلىسەم بۇنداق مىساللار ساماندەك مۇھىم نۇقتا شۇيەردىكى ھۆكىمەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا زەھەرنى چەكلىمەكچى بولسا1-بولۇپ ئاشۇ زەھەر ساتقۇچىلاربىلەن كىچەكۇندۇز بىللەيۇرىدىغان زەھەر ساتقۇچىلانىڭ ماشىنىسنى 360كۇن تىلەپ ھەيدەيدىغان زەھەر چەكلەش ساقچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىيقى زەھەرنى يۇقاتىقىلى بولىدىغان لىقىنى بىلىشى كىرەك.

UID
11412
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
652
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەقلەرنىڭ خىروئىننى نەدە  قايسى كوچىدا ساتىدىغانلىغىنى مىللىتىنىڭ نىمە قايسى ئىكەنلىگىنى ساقچى ئەمەس  تۇرۇپ مەنمۇ بىلىمەن ئەمما ئۇلۇغ  خەلىق ساقچىللىرى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا چەككۈچى ئاۋانگارتلار ۋە سورىلىپ تۈگەيدىغان پۇل  ھەممىسى  تەڭ نىسبەتتە ئاينىيدۇ !!!!

UID
11177
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1649
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەھەرلىك چىكىملىك ھەممىمىزنىڭ بىشىمىزنى قاتۇرىۋاتقان مەسلە، بىر مەھەللىدە بىر يىلدا 32ياش يىگىتنىڭ مىيىتى ئۇزېتىلسا بۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە ، بۇ بىر ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدېغان خەۋەر.
زەھەرلىك چىكىملىك ساتېدىغانلار يوقىتىلمىسا زەھەرلىك چىكىملىك چېكىدىغانلار نى يوقىتىش تەس.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
589
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
589
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
220 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەھەرنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UID
37135
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       جەمئىيەتتىكى بۇنداق ئىشلارنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئىشلارخۇددى ئوزۇقلۇق زەنجىرىگە ئوخشاش بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. مەلۇم بىر تۈرنىڭ ئازىيىشى ياكى يوقىلىشى بىر قانچە تۈرنىڭ ھەتتا نەچچە ئون تۈرنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
       مېنىڭچە بۇ ئىشلارنى ئازايتقىلى بولىدۇ ،بىراق،دۆلىتىمىزدە قانۇن ئەزەلدىن مۇقىم تۇرمايدىغان تۆت پۇتلۇق قانۇن، ئىجرا قىلغۇچىلارمۇ شۇنداق.قانۇن قاچان ئۈچ پۇتلۇق مۇقىم تۇرىدىغان بولغاندا ئاندىن بۇ ئىشلار ئازىيىدۇ.

باھا سۆز

uyghurzuwan  قانۇننىڭ پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ قويدىڭىزمۇ قانداق؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
40788
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خىروئىننىڭ زەھەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، چىكىدىغانلارنىڭ ھەم ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغانلارنىڭ يىلسىرى كۆپۈيىش ئەھۋالىنى ئويلىغاندا، خەلقىمىزنىڭ ئىدىيە-دۇنيا قاراش، قىممەت ئېڭىدا مەسىلە بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى، خىروئىن چىكىش يۇرت-مىللەتلەر ئارا پەرىقلىق بولىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ. مەدەنىيەت مۇھىتىدىن قانغىدەك خوشاللىق تاپالماسلىقتىنمۇ چۈشكۈنلىشىش ئېغىرلىشىپ كىتەمدىكىن دەپ ئويلايمەن. خەلقىمىزنىڭ قىممەت ئېڭى ئەقىدە-ئېتىقاتتىكى پەرىق سەۋەپلىك ئەتراپىمىزدىكى باشقىلاردىن پەرىقلىنىدۇ.  خەلقىمىزنىڭ قىممەت ئېڭىنى  مەخسۇس تەتقىق قىلىپ  ھەم باھا بىرىپ يىتەكلەيدىغان ئىشلار ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مۇھىم خىزمىتى ئىدى. ئەمما، ئۇلار خەلقىمىزنىڭ قىممەت ئېڭىدىكى قالايمىقانچىلىققا دىققەت قىلىشنى بىلمەيدىغاندەك. ھاياتلىقتا نىمىنى مۇھىم-قىممەت بىلىشنى بىلمىگەندە چۈشكۈنلىشىدىغان، ھاياتلىقنىڭ مەقسىدىنى ئۇنتۇيدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. تىزىملانغان زەھەر چەككۈچىلەر قىرىق مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئەمما زەھەردىن ئايرىلغانلار ھەم مەھەللىدە زەھەر تاشلاتقۇزىلىۋاتقانلار تۆت مىڭغا يەتمەيدىكەن. زەھەر چىكىدىغانلار چىكىدىغان زەھەرگە پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي زەھەر سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. زەھەر چەككەنلەرنىڭ زەھەر ئىستىمال قىلىشتىن باشقا مۇھىم ئىشى بولمىغاچقا، زەھەر چەككۈچىلەرنىمۇ خۇددى زەھەر ساتقۇچىلارغا ئوخشاش جازالاشنى يولغا قويغاندا تۈگەتكىلى بۇلامدىكىن دەپ ئويلايمەن. زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ھۆكۈمەت سىياسىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك پۇزىتسىيەدە تەدبىر قوللىنالىسا ئاندىن يوقامدىكىن دەيمەن. دىمىسىمۇ زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك سودا-سېتىقتىن دۆلەت يە باج-سىلىق يىغالمىسا.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش