تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 21

يىلدا قانچىلىك كىتاب ئوقۇيسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   يىلدا قانچىلىك كىتاب ئوقۇيسىز؟
                              
                                             ئابدۇغەنى توختى

    دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم، ئارىلىقتا ئۇ مەندىن:
  _ سىزچە دۇنيادا قايسى مىللەت ئەڭ كۆپ كىتاب كۆرىدۇ؟ - دەپ سوراپ قالدى.
  _ ئاڭلىشىمچە يەھۇدىيلارنى كۆپ كىتاب كۆرىدۇ دەيدىكەن، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ماتېرىيال ياكى ئاخبارات خەۋىرى ئالغىنىم ئېنىق ئېسىمدە يوق. لېكىن بىر كىتابتىن ياپۇن مىللىتىنىڭ ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىغى توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. يەنى ئۇلار كىتاب ئوقۇپ كىلىپ بىر خام سۆزگە دۇچ كەلسە، ئۇدۇل كىتابخانىغا كىرىپ بىر لوغەت سېتىۋېلىپ، شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالىدىكەن؛  يەنە بىر ماقالىدىمۇ  « كىتاب-فىرانسىيەلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ 'يىلىغا  يۈز كىتاب ئوقۇمىغان كىشى فىرانسىيەلىك ئەمەس' دەيدىغان شۇئارى، ئۆلچىمى بار. ئاپتوبۇستا، مېترودا، پويىزدا، بانكىدا، ھەتتا تېز تاماقخانا، قەھۋەخانىلاردىمۇ كىتاب، گېزىت-ژورنال كۆرۈش ئومۇمىيەتكە ئايلانغان. فىرانسىيەدە كىتابخانىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن توملۇق كىتابلار باپ ياكى قىسىملار بۇيىچە كىچىك، يىنىك، ئەپلىك ئىشلىنىپ نەشىر قىلىنغان، شۇڭا بۇنداق ئەپلىك كىتابلار پارىژلىقلارنىڭ  ئەڭگۈشتەرىگە ئايلىنالىغان... فىرانسىيەلىكلەر بىر-ئىككى كۈن كىتاب ئوقۇيالماي قالسا ئۆزلىرىنى دۆتلىشىپ قالغاندەك سېزىپ، بىئاراملىق ھىس قىلىشىدىكەن » دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغىنىم ئېنىق ئېسىمدە، شۇڭا مەن فىرانسۇزلارنى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەت بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن،- دېدىم.  
   _ ۋاي شۇنداقمۇ، فىرانسۇز مىللىتى دۇنيا بۇيىچە كىتاب ئوقۇشقا چېمپىيونمۇ قانداق؟_ دىگىنىچە دوستۇم ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.  
   شۇ ئارىدا ئويلىمىغان يەردىن دوستۇمغا تېلېفۇن كىلىپ قالدى، دوستۇم تېلېفۇننى ئېلىپ قارشى تەرەپ بىلەن ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ئاز كىتاب كۆرىدىغان مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىۋېدى، قارشى تەرەپ بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگەپ، ئۆزئارا بىر-بىرسىگە تىنچ-ئامانلىق تىلىشىپ، ئىللىق خوشلىشىپ تېلېفۇننى قۇيۇۋېتىشتى.
  _كىمكەن تېلېفۇن بەرگەن؟ نېمە دەيدۇ؟ _دەپ سورىدىم مەن ئۇلارنىڭ تېلېفۇندا قىلىشقان پارىڭىغا قىزىقىپ:
_ مۇئەللىم ئىكەن، دەرسكە چىقمامسەن دېۋىدى، گەپتىن-گەپ چىقىرىپ ئەرەبلەرنى ئەڭ ئاز كىتاب كۆرىدىغان مىللەت دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى دېسەم، سەن ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن بىر مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇشى بىلەن بولماي، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭدىن سوراپ كۆر، سەن يىلدا، ئايدا، كۈندە قانچىلىك كىتاب كۆرىۋاتىسەن، شۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورىنى دەپ باق دەيدۇ،_ دېدى دوستۇم خىجالەت ئىلكىدە.
  مۇئەللىمنىڭ يۇقۇرى سۆزىنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن قوزغىلىپ دەرسكە ماڭاي دەپ ئىشىكنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا دوستۇم:
_ ئاداش سەن ھازىرغىچە يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە كىتاب ئوقۇپ باقتىڭ؟ ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورى كىملىكىنى بىلەمسەن؟ بۇنىڭدىن كىيىن يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇش ئارزۇيۇڭ بار!_دەپ سوراپ قالدى.
  مەن دوستۇمنىڭ بۇ سۇئالىغا نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشمنى بىلەلمەي، ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ دەرسخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
   ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزدىنمۇ بىراۋ مەيلى تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە باشقا بىر پاراڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغىچە يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇپ باقتىڭىز؟ ئۇ كىتابلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورى كىم؟ بۇنىڭدىن كىيىن يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇماقچى دەپ سوراپ قالسا، سىز نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟!
    ( ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 26-ئىيۇن سانىدىن ئېلىندى.)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
15385
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ھاياتى بىلىمگە مۇھتاج،بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيلى.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
287
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
677
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
213 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم. چۈنكى ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن.

يېڭى يۇلتۇز

ئۇنتۇلماس نەپرەت

UID
42330
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكىمىز خىجىل بوپ قالىمىز ...

UID
42499
يازما
20
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپسىز ئۆي دېرىزىسى يوق ئۆيدۇر. كىتاپ بىلەن ياشىساڭ مەڭگۈ ھەسرەتتە قالمايسەن . ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ:    مېنىڭ ھاياتىم پۇل  چېكى ياكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ساناش بىلەن ئەمەس، بەلكى كىتاپ-ژورنال سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاش بىلەن ئۆتتى ،  دېگەنىدى. ھاياتىڭىزنىڭ بارىدا شاھانە كىتاپلىرىمىزنى ئوقۇۋېلىڭ ، بولمىسا ئۈلگۈرەلمەيسىز .  يىقىلىپ چۈشسىڭىز قوينىڭىزدىن كىتاب چۈشسۇن. ئەجداتلىرىڭىزنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن ،كىتاب ئوقۇپ چىرىغىنى ياندۇرۇڭ. ..

باھا سۆز

khan  ئەجەب ياخشى گەپ قىلىپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

كۆيۈمچان ئەزا

تۇخۇمنى تاشقا ئۇ

UID
9429
يازما
102
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3433
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ چاققىچە تارىخى كىتاپلارنى ‹‹ گەرچە بەزى تەرەپلىرى بۇرمىلانغان بولسىمۇ ›› نەزىردىن چىققانلىكىسىنى سېتىۋېلىپ ئۇقۇۋاتىمەن ، ئەمما يىلدا مانچە كىتاپ ئۇققۇغان دەپ ئاغزىمغا ئالالمايمەن .

UID
29309
يازما
134
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە قانچە كىتاب ئوقۇدىڭىز دەپ سورىسىمۇ جاۋاب بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن.

UID
5751
يازما
31
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
781
تىزىملاتقان
2010-9-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يىلدا 20 دەك كىتاب ئوقويدىكەنمەن، يىلدا 2000 سوم ئەتراپىدا كىتاب سېتىۋالىدىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن كىتاب ئىشكاۋىمغا كىتاب پاتماي قالىدىكەن. بولسا كۆپرەك كىتاب ئوقويلى، كىتاب سېتىۋالىلى،  ئايدا بىرنى بولسا سېتىۋالساقمۇ ھېساب.  يىلدا چەككەن تاماكا، ئىچىكەن ھاراقنىڭ پۇلىغا كىتاب سېتىۋېلىنسا ئۇ چاغدا سىز باي ئادەملەردىن بۇلۇپ قالىسىز !

UID
31389
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ئۆيۈمدە كىتاپ خېلى جىق بولسىمۇ، نىمىشقىكىن كىتاپنى ئانچە بەك كۆرۈپ كەتمەيمەن. كۆرسەممۇ ھازىرقى يېزا-شەھەر تۇرمۇشى سۆزلەنگەن كىتابلارنى قىزىقىپ كۆرىمەن. يولدىشىم كۆرگىن دەپ بەرگەن تارىخىي رومانلارنى، چەتئەلنىڭ داڭلىق رومانلىرىنى ئانچە كۆرگۈم كەلمەيدۇ.

UID
37030
يازما
25
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noruzbanu يوللىغان ۋاقتى  2012-6-27 18:33
گەرچە ئۆيۈمدە كىتاپ خېلى جىق بولسىمۇ، نىمىشقىكىن كىتا ...

ئۇنداق قىلماي ھەدە چۇقۇم تولدىشىڭىز دىگەندەك تارىخى كىتابلارنى ئۇقۇپ بېقىڭ !  تارىخنى ئۇتۇغان مىللەت ئاسىي مۇناپىق مىللەتتۇر دىگەن ___ ئەلشىر ناۋايى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش