بېل گەيتىسنىڭ قىزىنى كىلىن قىلىش

ھەممىمىزگە مەلۇم ، بېل گەيتىس دۇنياغا داڭلىق باي ، مىكروسوفت (microsoft) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ قىزىنىڭ توي ئىشى توغرىسىدىكى بىر ئالاھىدە ۋەقەنى ئاڭلاپ باقايلى .
قولىدىن ئىش كىلىدىغان سودىگەر جېك مەلۇم بىر كۈنى ئوغلىغا مۇنداق دېدى:
مەن كېلىن قىلىدىغان قىزنى تاللاپ قويدۇم ، سېنى شۇ قىزغا ئۆيلەپ قويماقچىمەن .
ئوغلى: توي قىلىدىغان قىزنى ئۆزۈم بىكىتىمەن .
جېك : ئەمما ، مەن دىگەن قىز بېل گەيتىسنىڭ قىزى .
ئوغلى : ھە ! ئۇنداق بولسا ........
بىر قىتىملىق يىغىلىشتا جېك بېل گەيتىشنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دېدى :مەن سىزگە ياردەم قىلىپ قىزىڭىزغا ياخشى بىر لايىق تونۇشتۇرۇپ قوياي .
بېل گەيتىس : قىزىم تېخى ياتلىق بولۇشنى ئويلانمىدى .
جېك : ئەمما مەن گىپىنى قىلغان بۇ ياش دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش درېكتورى بولىدۇ .
بېل گەيتىس : ھە ! ئۇنداق بولسا ......
جېك داۋاملىق ئايلىنىپ دۇنيا بانكىسىنىڭ باش دىرېكتورى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى : مەن بىر ياشنى سىلەرنىڭ بانكىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورلىقىغا تونۇشتۇرىمەن .
باش دىرېكتور : بىزدە مۇئاۋىن باش دىرېكتوردىن نۇرغۇنى بار ، ھىلىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ .
جېك : ئەمما ، مەن گىپىنى قىلغان بۇ ياش بېل گەيتىسنىڭ كۈيئوغلى بولىدۇ .
باش دىرېكتور : ھە ! ئۇنداق بولسا .....
ئاخىرىدا ، جېكنىڭ ئوغلى بېل گەيتىسنىڭ قىزىغا ئۆيلەندى ھەم دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورىمۇ بولدى .
بىلدىڭىزمۇ ، تىجارەت مانا مۇشۇنداق سۆھبەتتە پۈتىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى