- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 319
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 319
- تىزىملاتقان
- 2011-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-17
- UID
- 18486
- يازما
- 319
- تېما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 319
- تىزىملاتقان
- 2011-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-17
- توردا
- 197 سائەت
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەنىۋى ئۇستازىم مۆمىنجان ئاكا ئامانمۇسىز ؟
قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارا ئۆتكۈزگەن بۇ كىچىلىكىنڭىزنى كۆرۈپ ھاياجانلاندىم .
ئالدىراشلىقىڭىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يازمىنى كۆرۈشكە نىسىپ بولسا سىز بەلكىم مىنى قايسى شاگىرتىمدۇر دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، مىڭلىغان ياشلىرىمىز قاتارىدا مەن سىزنىڭ بىر ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىڭىز ،ئەڭ بۇرۇنقى ناخشىللىرىڭىزدىن تارتىپ يېقىندا ئىلان قىلىنغان بىر قاتار ناخشىللىرىڭىزنى ئىزچىل ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن ، كەمىنىنڭ قارىشچە سىزنىڭ سەنئەت ھاياتڭىزدىكى بىر مۇۋەپپقىيەت دەل سىزنىڭ ئىزچىللىقىڭىزدا ، يەنى 90-يىللاردا چىققان ناخشىللىرىڭىزدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە (ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىن ھەم ) بىز بىلەن يۈز كۆرشىۋاتقان ناخشلىرىڭىز مۇۋەپىقەتلىك ھالدا ئالدنقىسىدىن ھالقىپ تۇرىۋاتىدۇ ، بىر سەنئەتكارغا نىسبەتەن .ئۆزى ياراتقان پەللىنى ھالقىش ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس ، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق ، ئىزدىنىش ، قېتىرقىنىش كىتىدۇ ئەلۋەتتە ،ئەمما سىز شۇنداق قىلىپ كىلىۋاتىسز ، گەپتىن مەلۇمكى سىزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەپ كىلىۋاتقىنىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ ،ئىھتىمال تۆلىگەن بەدەل ، تىرىشچانلىق يەنىلا ئۆزىڭىزگە ئەڭ ئايان بولسا كىرەك ، ئىگىسى ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام كىچگىمدىن ئابدۇللا ئاكام ۋە سىزنىڭ خۇددى پەزىلىتىڭلاردەك ئىسىل كۈيلىرىڭلار بىلەن ئۇچۇرشۇپ كىلىۋاتىمەن ، بىر ئاڭلىغۇچىغا نىسبەتەن ئۆزى ياقتۇرىدىغان ، ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىنىڭ ئاۋازى بەلكى ئەسىلىدىكىدىنمۇ مۇڭ ئاڭلانسا كىرەك ، يېشىمنىڭ چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ مەنمۇ ئۆزۈمدە سەنئەتكە ، سەنئەتكارغا نىسبەتەن سوغۇق قان پوزىتسىيە تۇتىدىغان خاراكتىر يىتىلدۈردۈم ، سەنئەت دىگەن بۇ نەرسىنىڭ قېلىپى يوق ، ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە ئوتتۇرغا چىقىپ تۇرىدۇ ، ناخشمۇ ھەم شۇنداق ، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇنىڭ ئىچىدىن مېغىزىنى تاللاش ، ‹‹چىمەننىڭ ئىچىدىن نازۇك چىمەننى تاللاش ›› بىر ئەقلى بار ئادەمنىڭ ئۆزىگە بىرىلگەن ئەقلىي تاللاش . بەلىكم ئۆزۈم بىلىپ بىلمەي كىچىگىمدىن يىتىلگەن ناخشىغا بولغان زور ئىشتىياقىم سەۋەبلىك شۇنداق بىر ‹‹نازۇك چىمەننى ››ئابدۇللا ئاكام ۋە سىزنىڭ سەنئەت بېغىڭىزدىن تاللىۋالغان ئىكەنمەن . ھەر قېتىم ئابدۇللا ئاكام بىلەن سىزنىڭ يېڭى ناخشلىىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقىنمدا ئەڭ ئالدى بىلەن دىققەتتە ئەستايىدىل ئاڭلاپ چىقىمەن ، مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلىمەن ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ناخشلارغا قانچىلىك كىرىپ كىتىدىغىنىمنى بۇرۇن ھىس قىلماپتىكەنمەن ، بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ تېخمۇ ھىس قىلىۋاتىمەن ، ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن قىلىدىغىنىم بىر بىرلەپ ناخشا ئۈگىنىش بولىدۇ ،ئاۋاز ئۇسلۇبۇڭلارنى ئۈلگە تۇتۇپ مەشىق قىلىۋاتىمەن . ئەلۋەتتە ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ناخشچىنىڭ بىر ناخشىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ چىقىشمۇ كىشنى شۇ ناخشىچىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرىدۇ ، يۈز كۆرشىدىغان قۇتلۇق كۈنلەر تېخى نىسىپ بولمايۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مەن ناخشلىىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرشىۋاتىمەن ، سىردشىۋاتىمەن ، ناخشلىرىڭىز سىزنىڭ يۈرىكىڭىزدىن چىققانلا بولسا ئىشىنىمەن قۇتلۇق بىر كۈن كىلىپ كۆرشۈشكە نىسىپ بولغاندا بىز بەلكىم ياتسىرىشىپ كەتمەيمىز ، چۈنكى سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن ئېتىلىپ چىققان كۈيلىرىڭىز بىلەن تونۇشمەن ، ئۇلار بىلەن دوستمەن ، دوستلۇرۇمنىڭ يۇرۇقلۇققا كۆز ئاچقۇزغۇچىسمۇ مىنىڭ سىردىم بولار دەپ ئويلايمەن . مانا شۇنداق قىلىپ ئابدۇللا ئاكام ئىككىڭلار مەنۋى ئۇستازىم بولۇپ قالدىڭلار، دادام دائىم مىنىڭ ناخشىلىرىڭىلارغا ۋە سىلەرگە بولغان قىزىقىش ھەم ھۆرمىتىمنى كۆرۈپ ‹‹ ئارلىق يېقىن بولغان بولسا يېنىدا تۇرۇپ تەلىم ئالغان بولساڭ تەشنالىقىڭمۇ قانار ئىدى ، ئۆزۈڭمۇ تېخمۇ يىتىشىپ قالار بولغىيتتىڭ ›› دەيدۇ ، ئىنشائاللاھ ، شۇ كۈننىمۇ نىسىپ بولشىنى ساقلايمەن .
شۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىمدە ئىسىل كۈيلەردىن مەنۋى تەشنالىقمنى قاندۇرىمەن ، ئوقۇشۇمدىن سىرىت تىكىست ئىجات قىلمەن ، ئاھاڭ ئىشلەيمەن .....سلەردەك ئاكىللىرمىز يول كۆرسىتىپ تۇرسا بىر كۈنلىرى بۇلارمۇ روياپقا چىققۇسى .
خوش ،تورلارنى ئارلاۋېتىپ مۇنداق گەپلەرنى ئۇچرىتىمىز:‹‹شۇ ناخشچى دىگەن گەپنى ئاڭلىسام مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ››،‹‹يەنە شۇ سەنئەتنىڭ گېپىما؟.....››،‹‹سەنئەت ،ناخشا دېگەن جىن نەدىن چاپلاشتى بىزگە؟؟››........ۋەھاكازالار .
توغرا ، بىز ئۇيغۇرلار سەنئەتخۇمار خەلق، سەنئەتخۇمارلا بولۇپ قالماستىن خاس مىللىي سەنئەتتە يۈكسەك پەللىنى ياراتقان خەلق بىز.‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى موقامى››،‹‹دولان موقاملىرى››‹‹ئۇيغۇر مەشرەپلىرى››ۋە باشقا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە تۇتقان ئورنىنى ئاددىي چاغلاشقا بولمايدۇ.چۈنكى مەدەنيەت دېگەن يارىتاي دەپلا يارىتىۋالدىغان، مۇقام دىگەن ئىجات قىلاي دەپلا ئىجات قىلىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس.
يېقىندېن بۇيان ئارىمىزدا ئاز بولمىغان بىر قىسىم كېشلەر ئۇيغۇرلارنى سىگانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،ھەم سىگانلارنىڭ پاجئەلىك تەقدېرنى مىسال قىلىپ ‹‹بىز گە سەنئەتنىڭ لازىمى يوق، ئۇيغۇرلار سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ خارابلىشىپ كىتىمىز ››دەيدىغان بىمەنە قاراشنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. ماكانىمىزنىڭ قۇرغاق شارائتىدا ياشاپ ، ئۈزلۈكسىز قۇم -بوراننىڭ تەسرگە ئۇچراپ تۇرغان مىللىتىمىز كىشلىرنىڭ ئارسدا ھەرقانداق ئىشقا قولاشماي چېچىلاڭغۇلۇق قىلىدىغان ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ چىقىپ قېلشى مۇقەررەر ئەھۋال بولسا كىرەك.
كەمىنىنىڭ قارىشچە :‹‹بىزگە سەنئەتنىڭ لازىمى يوق››قارىشىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرشىدا مۇنداق بىرنەچچە خىل ئامىل سەۋەپ بولغان بولشىى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.
1. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قېنىدىلا سەنئەتكە نىسبەتەن سىزىم يوق، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ قارىشىنى بازارغا سېلىپ جاھىللىق قىلغىنى قىلغان .
2.بەزى بىر قىسىم كىشلەرگە سوپىلار دەۋرىدىكى ‹‹ھۈم ھەييا ھۈم››لەر ۋە جەررە سامالار تەسىر قىلغاچقا ئۇلاردا خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەتتكى سەلتەنىتىنى يوقىتىپ قويشىغا سەنئەت سەۋەپچى دەيدىغان يۈزەكى قاراش مەۋجۇت .
3. بىر قىسىم كىشلەر تۆۋەن قاتلامدىكى بىر قىسىم ھەۋەسكار ناخشچىلارنىڭ سەنئەت پۇرىقى سۇس ناخشىللىردىن سەسكىنىپ كەتكەن ،شۇنىڭ بىلەن ‹‹كۆتەر قاسقنىڭنى ››دەپ پېشىنى قېقىپ كەتكەن.
4.نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە مايكول جىكسوندەك دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە ناخشچىلار بىزگە نىسىپ بولمايۋاتقاچقا،بەزىلەر سەنئەت بىلەن ئۇيغۇرنى جاھانغا تونۇتقىلى بولمايدۇ،شۇڭا باشقا يولدا ماڭغان تۈزۈك دەپ قاراشقان.
5. ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇيغۇر ناخشچىلىرىمىزنڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالغاچقا بىر قىسىم كىشلەردە‹‹200كويغا ناخشا توۋلايدىغان ناخشچى ئۇيغۇرغا نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيتتى›› دەپ ئويلايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
6.بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ چاكىنلىقى ھەم ئەخلاق مەسىللىرى بىر قىسىم كىشلەرنى سەنئەتكە نىسبەتەن ئىشەنچسىز قىلىپ قويغان.
7.بىزدە تېخى مۇكەممەل تۈردىكى سەنئەت ئوبزورچىلىقى شەكىللىنىپ بولالمىغاچقا بۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەر ۋاقتىدا تۈزتىلىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ.
بىرىنچى خىلدىكى كىشلەر قارشىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ ،ئەمما ھەممە يەردە داۋراڭ سېلشى توغرا ئەمەس، ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىشتىن ھەممە ئادەمنى چەكلەش ھەم تەشۋېقات ئېلىپ بېرىش ئەخلاققىمۇ ماس ئەمەس. ئىككىنچى خىل كىشلەرگە نىسبەتەن : ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئالمىقىمىز زۆرۈر ،تارىخي ساۋاقلارنى يەكۈنلەش مۇھىم ، ئەمما يىلاندىن قورققان ئادەم ئارغامچىدىنمۇ قورققاندەك ئىش قىلساق قاملاشمايدۇ. ئۈچىنچى خىل كىشلەرگەنىسبەتەن: قاملاشمىغان ‹‹ۋايجان، ۋاي توۋا....ساڭا بولغان ئەقىدەم ئاقسۇ كاۋىسىدۇر...››دىگەندەك لاۋزا توۋلانما(ناخشا دىيىشكە تىلىم بارمىدى)لارنى سەنئەت دەپ چۈشنىۋېلىشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق،خەلقىمىزنڭ ھەقىقىي مەندىكى سەنئىتى بىر مەكتەپ.كىيىنكى مەسېللىەرمۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ھەم ئاڭ -سەۋىيمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە تەدرىجىي يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.سىز ھەم باشقا سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا سوغۇق قان پوزىتسيە تۇتۇپ ، ئۆز ئەمەليىتى بىلەن تېخمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى تىلەيمەن ، ئىجادىيەتتكى كەمچىلىكلىرىڭىز توغرىسىدا توردىشىمىز ئالىمجان توختالغاچقا، مەن يەنە گەپنى ئۇلغايتىشنى خالىمىدىم .
بىزگە سەنئەت بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇمۇ بىزنىڭ بىر مىللىي خاسلىقىمىز ، ئۇ بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى . مىللىي سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش مىللىي مەدەنيەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك ۋەزىپىسى. نۆۋەتتىكى دۇنيادا مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى رېقابەت مەدەنيەت ئوتتۇرسىدىكى رېقابەت بولۇپ ئىپادلەنمەكتە. ئۆزىمىزگە خاس مەدىنىيتىمىز بولمىسا بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقىمىز نەدە قالىدۇ، سەنئەت بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىكەن مىللىي سەنئەتنىمۇ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر. بىزنىڭ مىللىيلىكى كۈچلۈك سەنئىتىمىز نۆۋەتتىكى مەدەنيەت تاجاۋۇزى كۈچېيۋاتقان ۋاقىتتا بىز ئۈچۈن مەنۋىي ئىلھام بىرەلەيدىغان بولشى كىرەك. مىللي سەنئەت ياشلارنى ئالغا ئىلگىرلىتەلەيدىغان بولشى ،زۆرۈر بولغىندا قانلىرىنى تومۇرىدا ئۇرغۇتالايدىغان شەكلدە ئۇتتۇرغا چىقسۇن .
شۈكۈرلەركى ئابدۇرىھىم ھېيىت ئاكىمىزدەك ، ئابدۇللا ئاكىمىزدەك ، سىز ھەم يەنە باشقا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ، ئىسىل پەزىلەتلىك سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ تىرىششى ۋە بۇندىن كىيىن يىتىشىپ چىقىدىغان ياش ئىز باسارلارنىڭ مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ تىرىششى بىلەن يۇقۇردا تىلغا ئالغان غەملىرىمىزمۇ شىپا تاپقاي .
گەپلىرىمىز جىق ، ھەممنى بۇ يەردە دەپ بولالمايمىز ، ھازېرچە گەپلىرىمنىڭ ئاخرىنى بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە تېخمۇ كۆپ ئۇتۇق ، يېڭى ‹‹سابا ›› غا بەرىكەت ، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇراي ، ئامان بولۇڭ ئاكا .
مۇھەممەدتۇرسۇن ئارسلان.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-25 11:23):
ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن ، بۇ ئىنكاسنىڭ ئاخىرى مۆمىنجان ئاكىنىڭ
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-25 11:24):
ئالدىنقى كىچىلىكىدىن كىيىن يېزىلغان ئىدى . تەھرىرلىگىنى بولمىدى |
|