مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ 2012-يىللىق قازاقىستاندىكى ناخشا كېچىلىكى ئەلكۈيىدە  ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىدىكى مۆھتىرەم تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا تورىمىز نامىدىن چوڭقۇر سالاملارنى يوللايمىز!
مۇڭلۇق ئاۋازى، جۇشقۇن ناخشىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان تالانتلىق ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم دىيارىمىزدىلا ئەمەس ، ئوتتۇرا ئاسىيا،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۆزىنىڭ قابىلىيتى ، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن زور ئالقىشلارغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقاچقا، ئادەتتە ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئويۇن قويۇش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ يېقىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە قازاقىستاننىڭ بورۇنقى پايتەختى، ئىقتىساد- مەدەنىيەت مەركىزى ئالمۇتا ھەم ئالمۇتا ئەتراپىدىكى ياركەنت،چۇنجى،چىلەك قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەردە 6مەيداندىن ئارتۇق ‹‹يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ››ئۆتكۈزدى.
ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم قازاقىستان خەلقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇ 2004-يىلىدىن ھازىرغىچە ئېيتقان ناخشىلاردىن ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 22 ناخشىنى ئورۇنلاپ كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئورتاقلاشتى.قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر،قازاق،تۈرك،ئەرمەن،روسلاردىن تەركىب تاپقان 20مىڭدىن ئارتۇق تاماششىبىن مۆمىنجان ئابلىكىمنى قىزغىن قارشى ئېلىپ،ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشتى. ھەر بىر ناخشا ئورۇنلانغاندا كېچىلىك زالىدىن ئوزاققىچە چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.ئويۇن قويۇشقا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى،شۇنداقلا ئويۇن تەشكىللىگۈچى قەدىردىن ئاۋۇتوف ، يەرلىك ناخشىچىلاردىن زۇلپىقار، ئارتور، ئارزۇ ئۇسۇلچىلار گۇرۇپپىسى، ئالامەت پىرودىيوسسوللۇق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار شۇنداقلا تۈرك،ئەرمەن،روسلاردىن تەشكىل تاپقان سەنئەتكارلار يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، مۆمىنجاننىڭ قازاقىستاندىكى ‹‹يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى››گە رەڭدار مەزمۇنلارنى ئاتا قىلدى.
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەلكۈيى تورى بۇ خۇشاللىنارلىق ئىشنى خەلقىمىزگە سونۇش مەقسىتىدە، مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ قازاقىستاندىكى ‹‹تەكلىپلىك ئويۇن قويۇش پائالىيتى››نى باشتىن ئاخىرى ئىز قوغلاپ تۇرۇپ خەۋەر ئىشلىدۇق.ھەمدە تورداشلار بىلەن بۇ مىنۇتلارنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ ھەقتىكى فىلىمىمىزنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئېنىقلىقى ئالاھىدە يۇقىرى نۇسخسىنى كۆرۈشنى خالىسىڭىز بۇنى كۆرۈڭ 



بۇ قېتىمقى ئويۇن جەريانىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر يارقىن نوقتا شۇكى: مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈشكە كەلگەن تاماششىبىنلار ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە چوڭلارنىڭ سالمىقى ئالاھىدە يۇقىرى، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى پەۋقۇلئاددە ئالاھىدە بولدى.ئۇنىڭدىن باشقا ئالمۇتادىكى كېچىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كىيىن ،يەرلىك خەلق بۇ كېچىلىككە تېخى قانمىغانلىقىنى يەنە بىر مەيدان ئۆتكۈزۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ تورىۋالغاچقا ،مۆمىنجان ئابلىكىم يەنە بىر قېتىم يالغۇز كىشىلىك كېچىلىك ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا قازاقىستاندىكى بىر قىسىم تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،رادىيو ئىستانسىسى ۋە شۇ جايدىكى نوپۇزلۇق تور بېكەت ۋە گېزىتلەردە مۆمىنجان ئابلىكىم ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ۋە زىيارەتلەر ئىشلەندى. 
10كۈن ۋاقىت ناھايتى تېزلا ئۈتۈپ كەتتى،شۇ جايدىكى يەرلىك خەلق بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇشقا تېخى قانمىغان ئىدى،ئۇلار مۆمىنجاندىن كېچىلىكنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنى ،مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىلىرىدىن تەركىب تاپقان ناخشا كېچىلىكىنى داۋاملىق ئۈرۈمچىدىلا ئۆتكۈزىۋەرمەي ، قازاقىستاندىمۇ ئۆتكۈزىشىنى تەلەپ قىلدى. 
ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئېگىلىشىچە، مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ بۇ قېتىملىق قازاقىستاندىكى ناخشا كېچىلىكى پىلاستىنكىسى كەلگۈسى بىر ئاي ئىچىدە قازاقىستاندا تارقىتىلىدىغان بولۇپ، پات ئارىدا خەلق بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.
ئاخىرىدا بىز ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ قازاقىستان ئەللىرىدە بۇ قېتىم زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ،تەكلىپلىك ئويۇن قويۇش پائالىيتىنىڭ مۇۋۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار ۋە تورىمىز نامىدىن تەبرىكلەيمىز ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا يەنىمۇ پارلاق مەنزىللەرنى تىلەيمىز!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئەسكەرتىش:مەزكۇر فىلىمنى توردىن چۈشۈرۈپ روخسىتىمىزسىز باشقا تور بېكەتلەرگە يۆتكەشكە،ئۈستىگە قالايمىغان سۆزلەرنى يېزىشقا،ماركىلارنى چاپلاشقا ۋە ھەرقانداق سەۋەب ۋە باھانە بىلەن سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىشكە يول قويۇلمايدۇ.
|