تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 998|ئىنكاس: 21

مەن قانداق قىلسام بولار؟     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42165
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 14:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر دۆلەت مەمۇرى (ساقچى ) خىزمەتكە قاتناشقىلى تۆت يىل بولدى،ئايالىم ۋە بىر ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن قىزىم بار .خىزمىتىمنىڭ خارەكتىرى تۈپەيلىدىن ئائىلەمگە قارىيالمايمەن،شەنبە يەكشەنبىلەردىمۇ ئارام يوق ئىشلەيمەن،خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولغاچقا كۆپ سۆزلىگىم كەلمەيدىغان،چۈشكۈن بولۇپ قالدىم. مىجەزىممۇ چۇسلىشىپ كەتتى،ئۆزۈمنىڭ پىسخىكامنىڭ كاردىن چىققانلىقىنى ھىس قىلدىم،،ئائىلىدىمۇ جېدەل-ماجرا قۇرىماس بولۇپ قالدى.خىزمىتىمنى ئالماشتۇراي دىسەم ئىدارە باشلىقى يۆتكىلىشىمگە قۇشۇلماي خىزمىتىمنىمۇ ئالماشتۇرالمىدىم. قانداق ئامال قىلساقمۇ بولمىدى.ئايالىمنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ بىر نەچچە قېتىم خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىۋېتىشنى ئېيتقان بولسىمۇ دەماللىققا خىزمەت تاپالماي ئايالىمنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ چىشىمنى چىشلەپ ئىشلىگەن ئىدىم، بىراق ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئايالىمنىڭ سەۋرى تاقىتى توشۇپ مەن بىلەن قەتئىي ئاجرىشىش قارارىغا كەلدى.گەرچە ئەر-ئايال  ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرسەكمۇ يەنىلا ئاجرىشىشقا مەجبۇر بولدۇق.مەن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئايالىم بىلەن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ ئاجرىشىپ كەتتىم ( ئاجراشقانلىقىمىزنى مەن ۋە ئايالىمنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلمەيدۇ ) شۇ كۈندىن باشلاپ ئىدارىگىمۇ بارماي تېلىفۇننى ئىتىۋېتىپ مېڭەمنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلەي دەپ نارات كۈنەسلەرنى ئايلىنىپ يۈردۈم ( خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان تۇرۇشلۇق شەھىرىمدىنمۇ چىقىپ باقماپتىكەنمەن،ھەقىقەتەن كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى. بۈگۈن ئايالىمغا تېلىفۇن قىلسام ئىدارەمدىكىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ ئۆيگىمۇ كەلگەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ مەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇلارغا ئېيتقانلىقىنى دېدى،ئىش ئورنۇمدىكىلەر مېنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىمنى ئىدارە باشلىقىغا تېخى دوكلات قىلماپتۇ.ئۇلار ئايالىمغا مەن ئون كۈنگىچە ئىشقا كەلمىسەم مېنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
مەن ئايالىم بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ئېيتسام ئۇ ماڭا خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرسەم مەن بىلەن يېنىشىپ قالدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن شۇ ئائىلەمنى دەپ شۇنچە جاپا تارتساممۇ شۇ خىزمەتنى قىلغان ئىدىم.بۈگۈنگە كەلگەندە خىزمەت سەۋەبىدىن ئائىلەمدىن ئايرىلىپ قالدىم،شۇڭا مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىشنىمۇ ئويلىشىپ قالدىم.لېكىن يەنىلا ئائىلەمنى بېقىش مەسىلىسى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى،ھازىر مەن زىددىيەت ئىچىدە تېڭىرقاپ قالدىم.
ناۋادا مەن خىزمەتكە 15 كۈن بارمىسام ئۇلار راستىنلا مېنى ئىشتىن بوشىتىۋېتەرمۇ ؟
مەن قانداق قىلسام بولار مەسلىھەت بەرسەڭلار .........................................


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
42210
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 22:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە ئايالىڭىز سىزنى قوللاپ سىزگە تەسەللى بىرىپ بۇ كۈنلەرنىڭمۇ ئۆتۈپ كىتىدىغانلىغىنى ،ياخشى كۈنلەرمۇ كىلىدىغانلىغىنى بىلىشى كىرەك ئىدى،مىنىڭچە بولسا يەنىلا ئۆزىڭىز ئەڭ توغرا دەپ قارىغان ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىڭ.چۈنكى ئەر-خوتۇننىڭ ئىشىغا ئارلاشقىلى بولمايدۇ.

UID
42451
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 23:48:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز؟       ئائىىلە ئىشىغا ھىچكىم ئارلاشىقىلى بولمايدىغان نازۇك ئىش ، سىز قارىغاندا ئايالىڭىزغا قېيداپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقان ئوخشايسىز، ئەسلى ئايالىڭىز سىزنى قوللىشى كېرەك ئىدى،  سىز نىمىگە قىزىقىسىز؟  سودا ئىشلىردىن خەۋىرىڭىز بامۇ ھەم كۆزىڭىز يىتەمدۇ؟  ئەگەر ئىستىپا بەرسىڭىز كىيىنكى كۈنلەردە تۇرمۇشىڭىزنى رەتكە سېپ بولالماي بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي جىدەل تىخىمۇ قۇرماسلىقى مۇمكىن ، ئىقتىساتمۇ ئائىىلىدىكى مۇيۇم مەسلە، كىيىن ئايالىڭىزنىڭ پىشانىسىغا قۇيۇدىغان ئىش بوپقالمىسۇن ،‹ پىتنىڭ ئاچچىقىدا ، چاپاننى ئوتقا سالغىلى بولماس› ئىستىپا بەرسىڭىز خەقنىىڭ يىنىغا كىپ قۇيامدۇ دەيسىز....بەك ئوبدان ئويلۇشۇڭ، .   مېنىڭچە ئايالىڭىزغا دەڭ يەنە پۇرسەت  بەرسۇن، خىزمەت داۋامىدا بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتىۋېلىپ ، ئاندىن ئىشتىن توختىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرۈسىز. بۇ مىنىڭ سەمىمى تەكلىۋىم،  كارغا كېپ قالسا ئەجەپ ئەمەس....

UID
10525
يازما
311
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3521
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
125 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 23:56:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىرلا خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەرسىڭىز شامال تۇتۇپ يەمسىلەر ؟! بەلكىم ئايالىڭىزنىڭ ئېقتىسادى باردۇ ، ئەمما خوتۇن كىشىنىڭ پۇلى مىننەتلىك پۇل ، ئەڭ ياخشىسى ئاۋال چىرايلىقچە خىزمەت ئورنىڭىزغا قايتىپ ، شۇ ئۇرۇندا ئىشلەپ تۇرۇپ باشقا بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئاندىن ئىستىپا بەرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز .

UID
42451
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرلا خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەرسىڭىز شامال تۇتۇپ يەمسىلەر ؟! بەلكىم ئايالىڭىزنىڭ ئېقتىسادى باردۇ ، ئەمما خوتۇن كىشىنىڭ ......                                                                                                                                                                 ناھايتى توغرا گەپ قىلدىڭىز جۇمۇ!!!

UID
12073
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2011-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىڭىزنىڭ سىزنى سىزدەكلا سۆيىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ بولسا ئونبەشى يورۇق دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ، مۇشۇ كۈنلەرنى سەۋر بىلەن ئۆتكۈزەلمىگەن ئايالىڭىزغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. بىر كىشىنىڭ خىزمەت ھاياتىغا نىسبەتەن 4 يىل دېگەن بەك جىق ۋاقىتمۇ ئەمەس، ئىشلار ئاستا- ئاستا ئوڭشىلىپ كېتەر ئىدى. شۇ بەختلىك ئائىلىڭىزنى دەپ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشنى ئويلاشقىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر چوڭ جاسارەتتۇر. خىزمەتقۇ ئۇنچە ۋاي دەپ كەتكۈدەك نەرسىمۇ ئەمەس ھازىر، شۇنداق بولسىمۇ جاھاندارچىلىق ئەمەسمۇ؟...
ئەگەر قولىڭىزدىن باشقا ئىشلار كەلگۈدەك بولسا ھەم ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ بولسا ئىستىپا بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بىر نەرسىگە سەل قارىماڭ: ھازىر سىز خىزمەتتىكى(ھەممىدىن مۇھىمى ج خ سېستىمىسىدا) ھەممە ئادەم قورقۇپ بولسىمۇ ۋاي دەيدىغان ئورۇندا بولغاچ، دوست- يارەنلىرىڭىز، يۈرۈشلىرىڭىز كۆپتۇر. ئەمما ئۇلار سىزدىن بەكرەك خىزمەت ئورنىڭىزنى، ئۆزلىرىنىڭ بىر كۈنلەردە سىزگە ھاجەتمەن بوپ قېلىشىنى ئويلاپ ۋاي دەيدۇ. ئەگەر خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىنمۇ بىرەر ئىگىلىك تىكلەپ، يول تاپالىشىڭىزغا كۆزىڭىز يەتسە، خاتىرجەم ھالدا ئىستىپا بېرىۋېرىڭ. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرچىلىقتا ئىقتىدارى، ئېپى بولسىلا ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ئالمىغانلارمۇ بىر ئوبدان ياشىيالايدۇ. ئەگەر دەماللىققا بىر ئىش قىلىشقا كۆزىڭىز يەتمىسە، يوقۇرىدىكى تورداش ئېيتقاندەك بىر مەزگىل ئىشلىگەچ يول تېپىۋېلىپ ئاندىن ئىستىپا بەرسىڭىزمۇ كېچىكمەسسىز دەپ ئويلايمەن. (ئاجراشقان ئايالىڭىزدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەڭ، مۇشۇنچىلىك قىيىنچىلىقنى دەپ سىزدىن ئاجراشقان ئايالدىن كېيىنچە سىزگە ۋاپا كېلىشىمۇ ناتايىن)

UID
37135
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنمۇ تورداشلارنىڭ «ئاۋۋال ئىشلەپ تۇرۇپ،بېرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن ئاندى خىزمەتنى تاشلاڭ.»دېگىنىگە قوشۇلىمەن.لىكىن مېنىڭچە خىزمەتنى دەپ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ياخشى قارىيالماي قالماڭ،چۈنكى ھەممە ئادەم بەختلىك ياشاشنى ئويلايدۇ،لېكىن بەخت دىگەن بۇ ئوقۇمنى ئائىلىدىن،بىر ۋاپادار ئايالدىن،يەنە بىر ئوماق پەرزەنتتىن ئايرىپ چۈشىنىش ناھايتىمۇ ھاماقەتلىك بولىدۇ.ئۇنداق بولسا خىزمەتچۇ؟دەڭ.ئەلۋەتتە ئۇمۇ بەخت دېگەننىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ،بىراق جاپا تارتىپ ئوقۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت خىزمەت،خىزمەت قىلىشتىكى مەقسەت بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسىنى يارىتىش. دېمەك،ياشاشتىكى ئاخىرقى مەقسەت--بەختكە ئېرىشىش،كونكرت قىلىپ ئېيتقاندا بەخىتلىك ئائىلىگە ئېرىشىش،خىزمەت پەقەت مۇشۇ ئېرىشىش باسقۇچىدىكى بىر ۋاستە،خالاس.
     يەنە بىر گەپ:مېنىڭچە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ شۇنداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سىز بىلەن توي قىلغان،ھەم تۆت يىل سەۋر قىلغان،تېخى پەرزەنت يۈزى كۆرگەن مۇنداق ئايالنى ۋاپا كەلمەيدۇ ،ئۇنداق-مۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس.نۇرغۇن ئاياللار ئېرى تۆت يىل ئەمەس،خىزمەتنى دەپ بىرەر ئاخشام ئۆيگە كەلمىسىمۇ ئېرىنىىڭ ياقىسىنى ئېلەڭگۈچ قىلىۋالىدۇ،ھېلىمۇ تۆت يىل ئارام ئېلىش كۈنلىرىمۇ قايتالماپسىز،ئۇلارغا ياخشى قارىيالماپسىز،شۇنداقتىمۇ چىداپتۇ،ۋاپادار ئايالكەن. بولسا يارىشىۋېلىڭلار،ئۆي بار ،ئائىلە يوق تۇرمۇش ئۆيى بار ئائىلىسىمۇ بار تۇرمۇشقا كۆنگەنلەر ئۈچۈن بىر كۈل رەڭلىك تۇرمۇش.

UID
35998
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە سىز  ئاجرىشىتىن ئاۋال  ۋا قىت  چىقىرىپ  سا ياھەتكە بارمغان بولس

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-26 16:09):
ئامال بار بالىڭىز نى ئويلا ڭ

UID
35998
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال با بالىڭىز نى ئويلاڭ  

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
102
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3036
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز خىزمىتىم ئالدىراش دەپ ئايالىڭىزغا ۋە ئۆيىڭىزگە تېگىشلىك مۇھەببەت ,مەسئۇلىيەت ۋە غەمخورلۇقنى بېرەلمەپسىز...خىزمەتتىكى كەيپىياتنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگەچكە,كۆپ گەپ قىلغۇم كەملىدى دەپ ئايالىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا سەل قارىغانلىقىتىن ئايالىڭىز ئۆزىگە تېگىشلىك مۇھەببەت ۋە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقدىن بەھىرىمەن بولالمىغان بولسا كېرەك...
بىر-بىرىڭىلارنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن ھەم بىر بالىڭىزمۇ بولغاندىن كېيىن ئائىلىڭىزنى مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇڭ.
قارىسام خىزمەتتىن مېھرىڭىزنى ئۈزەلمىگەندەك قىلىسز..
مېنىڭ ئاكاممۇ ساقچى..ئۇمۇ ئالدىراش...لېكىن ئائىلىگە يەنىلا شۇنداق مەسئۇلىيەتچان..
ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-26 17:55):
كەلمىدى-كەلمىدى دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش