تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1342|ئىنكاس: 15

ئېلان ۋە ماختاش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 01:12:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                       ئېلان ۋە ماختاش


        ئېلان ماختاش ئەمەس، بەلكى قايىل قىلىشتۇر. ھەقىقى ئېلان  كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق  ئىختىيارسىز مايىللىق پەيدا قىلىدۇ. ئېلاننىڭ مەلۇم   مەھسۇلاتنى سېتىش ئۈچۈن بىرىلىدىغانلىغىنى كىشىلەر  بىلىدۇ. ئېلاننىڭ مەلۇم مەھسۇلاتلارنى تۇنۇشتۇرۇدىغانلىغىنى ھازىر  بىلمەيدىغان كىشىلەر يوق. ئېلان مەھسۇلاتنى تۇنۇشتۇرۇشتىن ئىستىمالچىلارنى  قايىل قىلىشتىن   يىراقلىشىپ، ئۆزىنى ماختاشقا چۈشۈۋالسا،  خەلقىمىزدىكى ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق دېگەن گەپكە ئوخشاپ   قېلىپ، ئىستىمالچىلار مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت-قىممىتىگە ئىشەنمەي، مەھسۇلاتىنى سېتىپ يانچۇغۇمىزدىكى پۇلنى  ئالماقچى دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىىلەن  ئېلاننىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئىستىمالچىلار   ئېلاندىن زىرىكىدۇ،  ئىستىمالچىلارنى زىرىكتۈرگەن ئېلاننىڭ   قىممىتى  بولمايدۇ. ئېلان ئەسلى سەنئەت ئالاھىدىلىگىگە   ئىگە بۇلىشى كېرەك. سەنئەت ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بولغان   ئېلان  ئىخيىتارسىز ھالدا ئىستىمالچىلارنى مەھسۇلاتقا   دىققىتىنى بۇراپ،   يۇشۇرۇن ئېڭىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ.   ئەگەر ئېلان ئىستىمالچىلارنىڭ  يۇشۇرۇن ئېڭىغا سىڭىپ  كىرەلمەي، ئۆزىنى ماختاشقا چۈشۈپ كەتسە،  تۇنۇشتۇرىلىۋاتقان مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشى ئازلاپ، سودىسى چۈشۈپ كىتىدۇ چۈنكى، ئۆزىنى ماختىغانلاردىن باشقىلارنىڭ رايى يېنىپ  كىتىدۇ. ئەسلىدە مەھسۇلات ئۆزىنى ماختىماي، مەھسۇلاتنى  ئىستىمالچىلار ماختىسا ئەڭ توغرا بولغان بۇلاتتى. دىمىسىمۇ، ئۆزىنى ئۆزى ماختاش ئارقىلىق ئەمەس، باشقىلارنىڭ ماختىشى ئارقىلىق ئاندىن نەتىجە-قىممەت ئېتىراپ قىلىنىشقا  ئېرىشەلەيدۇ.  كىشىلىك مۇناسىۋەتتمۇ ماختىنىش ئادەمنى كۆزگە    ئىلىنمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇدۇ.
      ئەمىلىيەتتە، ئېلاننىڭ ئۆزىمۇ مەھسۇلات.  مەھسۇلات دېگەن  سۈپەتلىك، پايدىلىق، ئېتىياجنى قاندۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمىسا بازاردا قىممەتكە ئىگە بۇلالمايدۇ، تاللىنالمايدۇ شاللىنىپ قالىدۇ. كارخانىچىلار ئېلاننى بىر مەھسۇلات دەپ  قارىغاندا،  ئاندىن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا، تەسىرىگە، قىممىتىگە   مەسئۇل بۇلۇشقا باشلايدۇ. مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتىن  مەھسۇلاتنى سېتىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلان ئاۋۋال   ئۆزىنى ساتالىغاندا، قىممىتىنى نامايەن قىلالىغاندا،  ئاندىن   ئېلاننىڭ مەقسىدى بولغان مەھسۇلاتنىڭ بازىرىنى چىقىرالايدۇ. ئىستىمالچىلار  زىرىكسە، ئۆچ بولسا  ئېلان ئۆزىنى ساتالمىغان بولىدۇ. ئۆزىنى ساتالمىغان ئېلان ئەلۋەتتە  مەھسۇلاتنى   سېتىشتا بازارنى ئاچالمايدۇ. ماختاش تۇنۇشتۇرۇش ئەمەس.
  ئېلان بەرمىسە ياكى بىرىۋاتقان ئېلاننى توختاتسا  مەھسۇلاتنى ساتالمىسا ياكى سودىسى چۈشۈپ كەتسە، ئېلان مۇھىممۇ   ياكى مەھسۇلات  مۇھىممۇ دېگەن سوئال تۇغۇلماي قالمايدۇ.   شىركەت-كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سودىسى ئۇ يىلدىن بۇ      يىلغا ئېلاندىن ئايرىلالمىسا ياكى ئېلانغا بېقىنىپلا قالسا، بۇ     زورلاپ سېتىشقا ياكى مەجبۇرى ئىستېمال ئېھتىياجى پەيدا   قىلغانغا ئوخشاپ قالىدۇ.
   يېڭى مەھسۇلات بازارغا سېلىنماي كونا مەھسۇلات توختىماي ئېلان قىلىنىپ ئاستىرىتتىن ماختىلىۋەرسە، بۇنداق مەھسۇلات تۇنۇشتۇرۇش كىشىلەرنى بىزار قىلماي قالمايدۇ. بۇنداق  ئەھۋالدا  ئېلاندىن ئايرىلىپ قالسا، مەھسۇلاتنىڭ   سېتىلىشى   تۆۋەنلەپ  كىتىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقماي قالمايدۇ. نەتىجىدە مەھسۇلاتتىن ئېلان مۇھىم بولۇپ قالىدۇ.  بۇنداق بولۇپ قالسا، مەھسۇلات سېتىش ۋە ئېلان بىرىش    مەغلۇپ  بولغان بولىدۇ.  
     مەھسۇلات ئېھتىياجدىن پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا   پىششىقلاپ ئىشلىنىش، سۈپەت جەھەتتە تاللىنىش، قولايلىق ئىشلىتىش   قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېھتىياج پەيدا قىلالايدۇ. ئېھتىياج پەيدا قىلغان ئىكەن ئۈنۈم يارىتىش، قىيىنچىلىققا   ياردەم بىرىش،  مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى بولسىلا، ئېلان مەھسۇلاتنى ماختىماي  بەلكى تۇنۇشتۇرسىلا،  ئىستىمالچىلار مەھسۇلاتنى ئۇنتۇلۇپ  قالماي ئىزدەپ سېتىۋېلىۋېرىدۇ.
    ئېلاندىكى ماختاش بىلەن تۇنۇشتۇرۇشنى كۆپ سانلىق كىشىلەر پەرىقلەندۈرەلەيدۇ، ئېلان بەرگۈچىنىڭ نىيەت-    غەرىزىنى  ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ. ئېلان ماختاشتىن خالى  ھالدا مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلىنەلىگەن بولسا، ئىستىمالچىدا  قىزىقىش، سىناپ بېقىش، ئىشلىتىش ئىستىگى قوزغىيالايدۇ.    ئەگەر ئۇسۇل، مەنتىقە جەھەتتىن ئاقىلانە يول تاپالماي،   مەقسەتنى ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق  مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا  مەركەزلەشتۈرۈپ  قويسا، ياخشى مەھسۇلات بولسىمۇ، ئەمما ئېلاننىڭ ئۆزىنى   ماختاش   خاتالىغى تۈپەيلىدىن مەھسۇلات   بازار تاپالمايدىغان   ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.
    شۇڭا، سۈپەت، ئۈنۈم، ئىستېمال ئېھتىياجى، تەشۋىقات بىر  گەۋدىلەشكەن ھالدا مەھسۇلاتنىڭ ئېلانى بازارغا    يۈزلىنىشى كېرەك. ئېلان زورلاپ بازار ئاچماقچى، بازارنى    كېڭەيتمەكچى،  بازارنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسا ماختاشقا    ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ماختاش ئەمەس، بەلكى قايىل قىلىش ئۇسۇلىدىكى  ئېلاننىمۇ ئىشلىگىلى بولىدۇ. بۇنداق ئېلان    كەسىپچانلىق  تەلەپ قىلىدۇ.
    كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى-ساپاسى  تېخى  ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بۇلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا  ئۆزىنى  ماختاش ئارقىلىق ئېلان بىرىپ، گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق ھالەتتىكى  ۋاختىنچە  پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ نان تېپىپ يەيدىغان مەھسۇلاتلارمۇ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرماي قالمايدۇ. بۇ جەھەتلەردە ئىستېمال سەۋىيەسى تۆۋەن ھالەتتىكى سېتىۋالغۇچىلار ماختاش ئېلانلىرىغا بازار تېپىپ  بىرىدۇ. چۈنكى، ئېلانغا ئىشىنىش بىلەن قايىل بولۇش  ئىستىمالچىدىن ساپا تەلەپ قىلىدۇ. دىمەك،  ئىستېمال   ساپاسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئىستىمالچىلارنى كۆزلەپ  ئېلاننى ماختاشقا ئايلاندۇرىۋېلىش ئىستېمال سەۋىيە-ساپاسى  يۇقىرى بولغان ئىستىمالچىلارنى زىرىكتۈرۈپ قۇيۇدۇ.
      قىسقىسى، نۆۋەتتە ئېلان تىلىۋېزور-رادىيۇ، گېزىت-ژورنال، بىنا ئېلانچى،  مەخسۇس  ئېلان ژۇرنىلى،  تور-مۇنبەرلەر، ۋارەقچە-كارتىلار، تور بەتلىرىدىكى كىنو-فىلىملەر بىلەن كىنوخانىلاردىكى كىنونىڭ باشلىنىش ئالدىدىكى ۋاقىت   قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە-ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.   بەلكىم مەن بىلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن ئۇسۇل-ۋاستىلىرى  بۇلۇشى مۇمكىن. ھەممىمىزگە مەلۇم،  رادىيۇ-تىلىۋىزورلارنىڭ  ئېلانلىرىنىڭ تارقىلىشى ھەممىنىڭ ئالدىدا بولۇپ،  بۇ ئېلانلارغا  تونۇشتۇرۇشمۇ، ماختاشمۇ، تەشۋىقاتمۇ ئارىلاشقان ھالەتتە بولماقتا. بۇلۇپمۇ، ئېلانلار ئىچىدە دوختۇرخانا-دورىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ماختاپ تۇنۇشتۇرۇپ بازارغا سېلىشى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، بىر ئويلىسا كېسەللمەنلەر دورىخانا بىلەن دوختۇرخانىلارنى تاپالمايدىغاندەك، دورىخانا-دوختۇرخانىلار بازار تالىشىپ رىقابەتكە چۈشكەندەك، يۇرتىمىزدا كېسەللەر بەك كۆپىيىپ كەتكەندەك، دورىخانا-دوختۇرخانا ئېچىش بەك كۆپ پۇل   تاپقىلى بۇلىدىغان سودا-تىجارەتتەك بىلىنىدىكەن.
  ھەممىمىزگە  مەلۇم، كۆپ ساندىكىلىرىمىز كۈندە دىگۈدەك ھەر خىل ۋاسىتە-ئۇسۇللاردىكى ئېلانلارنىڭ زەخمىسىز ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرىۋاتىمىز. بەزى ئېلانلار مەدەنىيەت، ئەقىدە-ئەخلاق، بازار ھالقىپ بىزنىڭ يانچۇقۇمىزدىكى پۇللىرىمىزغا تەلمۈرمەكتە.   
  مىنىڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغۇنۇم:      
سىز ئېلانغا ئىشىنەمسىز؟ ئېلاننى ئۆزىنى  ماختاش دەپ قارامسىز؟  ئېلاندىن بىزارمۇ؟ ئېلان قانداق بۇلۇشى كېرەك؟
سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا داۋالاش ئېلانلىرىغا ئىشىنىدىغانلار كۆپمۇ؟ ئېلاندا قانچىلىك ساختىلىق-سەمىمىيەتسىزلىك بار دەپ قارايسىز؟ ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ غەرەز-مۇددىئاسىنى ئويلاپ باقمايدىغانلاردىن  ئەتراپىڭىزدا بارمۇ؟
   ئېلاننىڭ پايدىسىغا-قىممىتىگە قانداق قارايسىز؟
   ئېلاننى سۈپەتلىك، مەدىنى باشقۇرۇشقا نىسبەتەن قانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بار؟

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12811
يازما
179
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3479
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 11:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىنىڭ بىر ھەدەم  تىلىۋىزوردا ئىلان قىلعان دىئابىتنىڭ دورىسىنى ئىچىپ ، سۇيدۇك توحتاپ قىلىپ .بەدەن ئىشىپ كىتىپ توگەپ كەتتى . جەمەتىمىز ئىچىدە بىر بالا ئاتالمىش قۇۋەت تالقانلىرىنى ئايلاپ -يىللاپ  3ۋاح ئىچىپ تىرە كىسىلى بۇلۇپ قالدى . مەن ئىلانعا قەتئى ئشىەنمەيمەن .  بازاردىن نان ۋە دوعدىن باشقا يىمەكلىك سىتىۋالمايمەن . رەڭلىك ئىچىملك ئىچمەيمەن ، بازاردا سىتىلىۋاتقان يىمەكلىك ئىچىدە ھەسەلگە ئازراق ئىشەنچىم بار ئىدى . تونوگۇن  بىر حەۋەردىن بىر كىلو ساحتا ھەسەلنى 1يۇەن تەننەرقى بىلەن ياساپ بازاردا 60يۇەنگە ساتىدىعانلىقىنى ئۇقتۇم ، شۇڭا ھازىر ھەسەلمۇ ئىچمەس بولدۇم . دىمەك ھازىر تۇرمۇش سەۋىيە ئوسكەن بىلەن تۇرمۇش سۇپىتىمىز بەك توۋەنلەپ كەتتى . يىمەكلىك بۇلعۇنىشى  ئادەمنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىعان مەسىلە بۇلۇپ قالدى . بۇرۇن قىيامەتنىڭ ۋەھىمىسىدىن ھەممىمىز قورقاتتۇق ، ھازىر يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشتىن قۇرقىدىعان بولدۇق . ئادەم ئەسلى بۇ دۇنيادا  ئارزۇ بىلەن ياشاپ  ئارمان بىلەن كىتىدىعان گەپتى ، ئەمما ھازىر ۋەھىمە ئىچىدە ياشاپ ،ئازاپ ئىچىھە كىتىۋاتىمىز .

UID
12811
يازما
179
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3479
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 11:20:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      منىڭ  ئەتراپىمدا  ،دوسلۇرۇم ئىچىدە ئىلانعا ئىشىنىدىعانلار يوق ئەممائاياللار ئىچىدە ئىلانعا ئىشىنىدىعانلار كوپ .  ھازىر حىلى  كوپ ئادەم نىمىنى كوپ ئىلان قىلسا شۇ كارحانىدىن  چاتاق چىققان ئوحشايدۇ دەپ قارايدىعان بولدى . شۇڭا ئىلان بىلەن ئۇنۇم تەتۇر تاناسىپ بۇلۇپ قالدى . مىنىڭچىمۇ ياحشى  مەھسۇلاتنى ئىلان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .چۇنكى  ھازىر ئۇچۇر دەۋرى بولعاچقا ئىلانعا سالعان مەبلەعنى سۇپەتكە سالعاندا ئۇنۇم ياحىشى بۇلىدۇ . مەسىلەن: شەھرىمىزدە بىر نەچچە شەحىسى شىپاحانىلار  بۇلۇپ ،360كۇن ئادەمنىڭ كوپلىكىدىن كىسەل كورسىتىش ئىنتايىن تەس . بۇگۇن نۇمۇر ئىلىپ قويساق 3-4كۇندىن كىيىن نوۋەت تىگىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەزەلدىن ئىلان بىرىپ باقمىعان .    مىنىڭچە ئىلان بىرىش ئەكسىچە ئۇنۇم بىرىدۇ .

UID
30608
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 14:08:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن دەل ۋاقتىدا يوللىنىپتۇ .ئېلان دېگىنمىز : زاۋۇت  كان-كارخانلىرمىز ئىشلەپچىقارغان ئۆلچەملىك بىر مەھسۇلاتنى كەڭ بازارغا كىشلەرنىڭ ئىدىيسىگە شۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ بارلىقنى نامايەن قىلىىش ،لېكىن ھازىر مۇنبەرداشلىرمىز دىگەندەك ئېلان بەرگەن كىشى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتنى ئۆزى داڭلاپ چىقىش ئەھۋاللىرى كۆپىيۋاتىدۇ .بىزنىڭ ئاتاقلىق ئىتوت ئارتىسمىز ئابدۇكېرەم ئابلىز ئاكىنىڭ ئېلان توغۇرلۇق ئېلىپ بارغان قىسقا مەزمۇنلۇق ۋىدىئوسدىكى سۆزلەرنى بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىزمۇ ئېلانغا چىققاندا شۇ مەھسۇلاتنى مەن چۈشىنمەنمۇ ؟مەن چىققان مەھسۇلات قانداقراق مەھسۇلات ؟خەلقىمگە ۋىجدانىم ۋە كۆڭلۇمدىن چىقرىپ مۇشۇ مەھسۇلاتنى ھەقىقەتەن ياخشى دىيەلەيمەنمۇ دىگەننى ئويلىيالىشى كېرەك؟

UID
9189
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
409
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 16:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى كارخانچىلىمىز پۇتبول مەيدانىدىكى ئېلانغا ئېتىبار بەرسە بوللاتتى .60 مىڭ ئادەم 90 مىنوت كۆرەتتى .
  خەلىقئارالىق مۇسابىقىدە سامسوڭ ‹samsung>نايىك‹nike> ئېلانلىرى قاپلاپ كەتتغۇ. بىزنىڭ كارخاچىلىمىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەيداندا ئۆزنىڭ ئېلان تاختىلىرىنى قويسا
مەن ئالدنقى مۇسابىقىدە ‹‹ھەرەمباغ›› خېتىنى كۆرگەن .

يېڭى يۇلتۇز

ۋاقىت ئاتقان ئوق

UID
40010
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 16:58:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن بەزەى ئېلانلارىنى كۇرۇش تۇگۇل قۇلاق /اڭلىسمۇ ئادەم نۇمۇ س قىلدۇ

UID
40788
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 19:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتقا بارسام تىلىۋېزوردا سائەتلەپ چىقىدىغان ئېلاندىن بەكمۇ بىزارلىق ھىس قىلىمەن. بەزىدە تىلىۋېزورنىڭ خىزمىتى ئېلان تارقىتىشقا ئايلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ كىشى. بىر-ئىككى بوۋاي-مومايغا دورىدىن بىر-ئىككى قاپ بىرىپ، ماۋۇ دورا ماڭا پايدا قىلدى دىگىن دىسە، تىلىۋېزورغا چىقىدىغان بولدۇق، خەلقى-ئالەم مىنى كۆرىدىغان بولدى دەپ ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي كۆزىنى يۇمۇملا سۆزلەۋېرىدىغان كىشىلەرنى كۆرسەم، تىلىۋېزورنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىر ئادەمگە پايدا قىلغان دورىنىڭ ھەممە ئادەمگە پايدا قىلىشى قانداق مۇمكىن بولسۇن. ئادەملەرنىڭ بەدەن پەرقى، ياش پەرقى، كىسىلىنىڭ كىلىپ-چىقىش سەۋەپلىرى پەرىقلىنىدىغان تۇرسا، شۇ ئېلاننى كۆرۈپ ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قېلىپ بىكار پۇل خەجلەيدىغان كىشىلەرمۇ چىقىپ تۇرىدىكەن. ئېلان دىگەن ئىلمىي-سەمىمىي بولمامدۇ دەيمەن. بىر ئويلىسا ناھىلەردىكى تىلىۋېزىيە تارقىتىش ئورۇنلىرى باشقىلارنى يالغان گەپ قىلمايدۇ دەپ ئويلايدىغان دىخانلارنى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئاپاراتى سالاھىتى نۇقتىسىدا ئويلاپمۇ قويمايدىغاندەك بىلىنىدىكەن.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
589
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
589
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
220 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 23:26:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مۇشۇ تېلۋېزىيە ئىستانسىسىدىكىلەر نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دەيمەن ! بىر ئوبدان ئېلان كۆرۋاتقاندا ئارىسىغا كىنو قىستۇرۇپ ، ئېلانى خاتىرجەم كۆرگىلىمۇ قويمايدۇ . تونۇيدىغانلار يەتكۈزۈپ قويۇڭلار ، بۇنىڭدىن كىين ئېلاننىڭ ئارىسىغا كىنو قىستۇرۇپ يۈرمىسۇن .

UID
26953
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 12:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايا توۋا!    قايسى دوختۇرخانىغا كىرسە بىز خەقنى كۆرگىلى بۇلىدۇ دىسە!  ھەمىسى بىز خەق!

يېڭى يۇلتۇز

ئۇنتۇلماس نەپرەت

UID
42330
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 22:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئېلان ماختاش ئەمەس، بەلكى قايىل قىلىشتۇر.
بۇ گەپ بەك جايىدا بوپتۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش