
سەھەردە بۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش 4 كۈچلۈككە كىرىش تۇنجى مەيدان مۇسابىقە، پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن چېخ كوماندىسى ئوتتۇرسدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.بۇ مۇسابىقىغا قارىتا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەر ئۈزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بەس مۇنازىرە قىلدى.ئارگىنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى،مىنىڭ قارىشىمدا پورتۇگالىيە كوماندىسنىڭ چېخ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 4 كۈچلۈككە كىرىش ئېھتىمالىغى يۇقۇرى.پورتۇگالىيە كوماندىسنىڭ مۇداپىيەچىلىرى مۇنەۋەر ئەزالاردىن تەشىكىل تاپقان.چېخ كوماندىسنىڭ كۈچلۈكلىگى ئاساسلىق ئوتتۇرا مەيداندا ئىپادىلىنىدۇ.بۇ كوماندىنىڭ ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تەجىربىسى مول،كۆپ قېتىم ياخشى نەتىجگە ئېرىشكەن.بىراق بۇ قېتىم چېخ كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قۇيۇشى مۈمكىن،چۈنكى بۇ كوماندىدا كىرىستىيانو رونالدو يوق ،رونالدو يەنىلا كوماندىدنىڭ غەلبە قىلىشىنى بەلگلەيدىغان ئاساسلىق كۈچ،مۇسابىقە جەريانىدا ئېھتىمال ئاز دىگەندە ئىككى نەپەر پۇتبولچى رونالدونى مۇداپىيە قىلىشى مۈمكىن،بىر ئادەم رونالدوغا تاقابىل تۇرالمايدۇ.ئالدىقى مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسدا رونالدونى مۇداپىيە قىلىشنىڭ تەسلىگى ئىسپاتلىنىپ بولغان.