تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3964|ئىنكاس: 30

«مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» فىلىمى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
41858
يازما
8
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 13:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«مۇھەممەتنىڭ  2008-يىلى» فىلىمى ھەققىدە
ئىزدىنىشلىرىم



يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  بازارلاردىكى ئاساساىي ئېقىمغا كىرگەن ۋە بىلەت باھاسىدا خېلى كۆپ كىرىم ياراتقان ئۇيغۇرلار تۇرمۇش تىمىسىدىكى فىلىم-«مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» فىلىمىدۇر. بۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى-جاڭ بىڭ،رىژىسۇر-شىرزات ياقۇپ، ئاساسلىق روللارنى ئىسلامجان ۋارىس، ئارزىگۇل رىشىت قاتارلىقلار ئالغان. بۇ فىلىمدە شىنجاڭنىڭ خوتەن رايۇنىغا قاراشلىق قۇمقۇيرۇق كەنتىدە يۈز بەرگەن 12 فۇتبۇل ھەۋەسكار بالىنىڭ پۇتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇ بالىلار ناھىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ، بېيجىڭغا بېرىپ، ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى كۆرىدۇ. فىلىمدە پۇتبۇلچى بالىلارنىڭ غايىسى، مىللىي پۇراق، يەرلىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق ئامىللار زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا بايان قىلىنىدۇ. فىلىم يەنە جەمىيەتتە كەڭ قىزىق نوختا قوزغايدىغان ئامىلللارغىمۇ ئىگە. مەسىلەن: بۇلغۇنۇش،قۇملۇشۇش ۋە يەرلىك ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىقلار. بۇ ئامىللار ئارقىلىق غايىلىك، ئىرادىلىك، ئالغا ئىلگىرلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بالىلارنىڭ ئوبرازى جانلىق يارىتىلغان. فىلىمدە مۇھەممەت ۋە فۇتبۇل ئەتىرتىدىكىلەر قۇمقۇيرۇق كەنتىدە جاپالىق ھالدا قۇدۇق قېزىش ۋەقەلىكىنى ئارقا كۆرنۈش قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەر «بۇنداق جاپالىق سۇ قۇرلۇشى قۇملۇققا يېتىپ بارالمايدۇ،»-دەپ قارايدۇ.بىراق بىز موھىت قانچە جاپالىق بولسۇن ئولىمپىككە بولغان ئىنتىلىشىمىز ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەدىھلىشىگە ئىرىشسەكلامانا بۇ خوشاللىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارايمىز.فىلىم فۇتبۇل،ئولىمپىك بالىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن فىلىم.
مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى-كومىدىيىلىك تۈسكە ئىگە ھىكايە فىلىم. شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ قۇمقۇيرۇق كەنتى بىر فۇتبۇل كەنتى بولۇپ، ھەممە ئائىللىكلەر فۇتبۇل ھەركىتىگە قىزىقىدۇ ھەم فۇتبۇلنى ئۆز تۇرمۇشىدىكى خوشاللىق دەپ قارايدۇ. فۇتبۇل چولپىنى بولۇش ئارزۇسىدىكى بالىلار ھەمىشە فۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسى خەلقىرا چولپانلارنىڭ نامىنى ئۆزىگە لەقەم قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن:مارادونا،جى دانى، لوناردۇ،لىيۇشاڭ قاتارلىقلار... بىردىن-بىر قىز فۇتبۇلچى ئىلگىرى جوڭگۇ ئايال فۇتبۇلچىلار ئەترتى باشلىقىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ لەقىمى قىلىپ قويىدۇ.مۇھەممەت قۇمقۇيرۇق كەنتىدىكى فۇتبۇلچى بالىلارنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن بىر فۇتبۇل ئەتىرتى تەشكىللەش ئۈچۈن، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا:«ئەگەر قۇمقۇيرۇق كەنتىنىڭ فۇتبۇلچىلار ئەتىرتى ۋىلايەتتە چىمپىيۇن بولالىسىلا بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشالايدۇ»-دەپ ۋەدە بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى كەنتتىكىلەرنىڭ ئولىمپىككا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. بىراق مۇھەممەتنىڭ بۇ ۋەدىسى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ئەمىليەتتە فىلىمدە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ جانلىق ئوبرازلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. فىلىمدە يومۇرلۇق تىللار ۋە جانلىق ھەركەتلەر ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارنى بىر غايىۋىي خوشال-خوراملىق دۇنياغا باشلاپ كىرەلەيدۇ. «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»-دېگەن بۇ فىلىمنى خوشاللىق ۋە يومۇرلۇق فىلىم دەپ قاراشقا بولىدۇ. فىلىمدە تەنھەركەت تۈسى قويۇق بولۇپلا قالماستىن يەنە قويۇق يەرلىك موھىت تۈسىگىمۇ ئىگە. مەسىلەن:تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چەت ياقىسىدىكى بىر كەنت ئاھاللىسى قولىدا قىلىۋاتقان ئىشىنى توختۇتۇپ قويۇپ، تاماشىبىنلارغا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك توپ ئويناش ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. ياشانغان موماي توپ نى كۆكرىگىگە تۇرغۇزىدۇ. بوۋايلارمۇ توپ ئويناشنى بىلىدۇ. خوشاللىق ساداسى ئىچىدە چىلىنغان دۇمباق،كەڭرى كەتكەن قۇملۇق، قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىتى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ. گەرچە بۇ فىلىمدە توپ چولپىنى بولمىسىمۇ، ئەمما 12 بالىنىڭ بالىلارچە قەلبى ۋە رول ئېلىشى چولپانلاردىن قېلىشمايدۇ. بۇ فىلىم جوڭگۇ كىنوچىلىقىدىكى كىنوچىلارنىڭ مۇستەقىل ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا فىلىمگە خېلى ۆكپ مەبلەغ سېلىنغان. فىلىم گەرچە 2008-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغاسوۋغا قىلىنغان فىلىم بولسىمۇ، 2003-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ئادەم ئىبەرتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق زىيارەت ئېلىپ بارىدۇ ھەم مۇشۇ ھىكايىغا نىسبىتەن مۇكەممەل تىمىغا ئىگە بولىدۇ.
ئاتۇش شەھرىنىڭ ئىكىساق كەنتىدە 100يىللىق تارىخقا ئىگە فۇتبۇل كەنتى بار. فىلىم ئىجادىيەتچىسى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ فۇتبۇلغا بولغان قىزىقىشىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلدىكى تامغا دۇنيا فۇتبۇل چولپانلىرىنىڭ رەسىمى چاپلانغان. يۇقىرسى 80ياشلىق بوۋايلاردىن تارتىپ، كىچىگى4-5 ياشلىق بالىلارغىچە، ھەممىسى پىششىق فۇتبۇل ماھارىتىگە ئىگە. بالىلارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدە جوڭگۇ ۋە دۇنيا فۇتبۇل چولپانلىرىنىڭ ئىسمى قوشۇپ قويۇلغان. مەسىلەن :مارادۇناسابىر.... دېگەنگە ئوخشاش.فۇتبۇل ھەمدە ئۇلارنىڭ جىسمىغا يوشۇرۇنغان روھ ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قانلىرىغا ئورناپ كەتكەن. ھەتتا 70-80 ياشلىق بوۋايلارمۇ ئۆز ئارا فۇتبۇل مەيدانى تەشكىللەپ فۇتبۇل ئوينايدۇ.مانا مۇشۇنداق جانلىق تۇرمۇش كۆرنىشى فىلىم ئىجادىيەتچىسىگە ئولىمپىك چۈشىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىگىچە مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇردى ھەم ئولىمپىكنىڭ شۇئارى بولغان «ئورتاق بىر دۇنيا،ئورتاق بىر غايە»نىڭ ئىچكى مەنىسىنى تېخىمۇ تونۇتتى. دەل مۇشۇنداق بىر ئاساسىي نوختا ئۈستىدە كىنو ئىجادىيەتچىسى كەلگۈسى فىلىمگە بولغان ئىشەنچىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، كىنو ئىشلەش جەھەتتىكى روھقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغان ماتىرياللارغا ئىگە بولدى. كىنو سىنارىيىستى كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق دەيدۇ: «ياخشى بىر فىلىم قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا، كومىدىيىلىك تۈسكە ۋە تۆۋەن تەنھەرقىگە ئىگە بولىشى كىرەك.» مۇشۇ نوختىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى بىر ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تىما قىلىنغان فىلىم.ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باللىرىنى كىنوخانىغا ئاپىرىپ، كۆرسىتىشىگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ كىنودىن ئۆزلىرىنىڭ غايىسىنى كۆرۈپلا قالماي يەنە خوشاللىقمۇ تاپالايدۇ. ئالاھىدە كۆرسۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى-مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى يەنەبىر قىتىم شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلق ئارىسىدا ئىجادىيەت ئەتىرتى ۋە كەسپىي خادىملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىتى. ئۇلار شىرزات ياقۇپنى ،ئوپىراتۇر-مۇراتنى ،ئاساسىي رولچى-ئىسلامجان ۋارىس،ئارزىگۇل رىشىت،مىرادىل ئابلىمىت ھەمدە 12 فۇتبۇل ئەتىرتىدىكى ئەزالەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق فىلىم ئىجات قىلغۇچىسى-شىرزات ياقۇپ، سىنارىس-جاڭ بىڭ، بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنى يازغان ۋە ئىشلىگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت ئىجادىيەتچىللىرى ۋە كەسپىي خادىملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىتى. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت تۇرمۇشىغا پىششىق بولۇپلا قالماي، ئاز سانلىق مىللەت تىمىسىدىكى مەدىنىيەت روھلىرىغىمۇ باي ھەمدە ھازىرقى زامان نەزىرى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئارىسىدىكى كۆپ خىل تۇرمۇش پۇراقلىرىنى كۈزۈتۈشكىمۇ ماھىر. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەقىقىي تۈردە توغرا يوسۇندا ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدىلىگى ۋە روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
تەييارلىغۇچى-قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى-
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 15- ئاپرىل يېزىلدى.


   


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4302
يازما
283
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8579
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 17:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنونى مەنمۇ بەك ياخشى كۇرىمەن .ئوغلۇممۇ بەك ئامراق ھەم ئۆزىمىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىنى كۇرسىتىۋاتقاندەك تۇيغۇلاردا بولىمىز .
ماقالىنى ئوقۇپ ئاپتۇرنىڭ پوتبۇلنى «فۇتبول »دەپ زورۇقۇپ كۇچەپ ئالغاندەك ھىس قىلىپ ئىچىم پۇشتى .

باھا سۆز

elijan0215  راستتىنلا غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن، ئومۇملاشقىنى بويىنچە ئاتاش زۆرۈركەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 17:31:05

UID
28664
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 17:30:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېڭى ئاتالغۇدەك قىلامدۇ-نېمە.. مەنمۇ پوتبۇل دەپ ئادەتلىنىپتىكەنمەن....«فۇتبول»دېسە سەل باشقىچە ئاڭلىنىدىكەن...

لېكىن بۇ فىلىمنىمۇ%100مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان دېيەلمەيمىز... خېلى جايلىرىدا بىرخىل سۈنئىيلىك ئامىللىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ...

UID
16850
يازما
197
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
647
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 17:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jiya.ogli يوللىغان ۋاقتى  2012-6-21 17:30
بۇ يېڭى ئاتالغۇدەك قىلامدۇ-نېمە.. مەنمۇ پوتبۇل دەپ ئادە ...

سىز ھىس قىلغان سۈنئىلىك ئامىللىرىنى تەپسىلىرىدەك ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقسىڭىز بۇلۇپتىكەن. بىلىپ باقساق، قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقساق بۇلۇپتىكەن.

UID
13423
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
255
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 19:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن بۇ فىلىم بىز ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى توغرىسىدىكى ئىشلەنگەن فىلىملەر ئىچىدە ھەقىقەتەن ياخشى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.

UID
37135
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 20:03:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      باشقا تىللارنىڭ تەسىرى بىزنىڭ ئاللىبۇرۇن پىنسىيىگە چىقىپ بولغان ياشانغان كىشىلىرىمىزگىمۇ تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ،«فۇتبول»دېگەندىكى «فۇت» ئېنگىلىزچىدىكى«پۇت = foot»سۆزىنىڭ ئاھاڭى. شۇنداق بولسىمۇ ئەجىر قىلىپ يېزىپ چىقىپتۇ، رەھمەت.

باھا سۆز

huojie8349  بۇ ئىنگىلز تىلى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . ‹پ›ھەرپى كىلاسك ئەسەرلەردە‹ف›ھەرپى  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 23:03:34

UID
25381
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-1-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 20:05:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇماقالىدە نۇرغۇن كەمتۈكلۇك بار دىيىشكە بولىدۇ.يەنى نۇرغۇن ئاتالغۇلار خەنزۇچىدىن بىۋاستە ئىلىنغان.ئەلۋەتتە ئاپتۇر بەلكىم پۇتبۇلچىلار توغرىسىدا جىق بىلمىسە كىرەك.
لوناردو ئەمەس رونالدو
جى دا نى  ئەمەس زىدانى
                       تىما يازغاندا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى جىقراق كۆرۈش كىرەك.
     

UID
2150
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 20:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى-كومىدىيىلىك تۈسكە ئىگە ھىكايە فىلىم.
=====================================
بۇ جۈملىنى مۇنداق ئالساق ئەڭ مۇۋاپىق بولامىكىن qumbus ئەپەندى. يەنە ‹‹مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى-كومىدىيىلىك تۈسكە ئىگە تەشۋىقات فىلىم.

UID
28017
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
152 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 23:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنى ئازراقمۇ ياقتۇرمىدىم.

UID
38595
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 05:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇرپاندا سىنغا ئىلىندىمىكى دەيمەن. ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەر بولماسلىقتەك شارائىتتا بۇ فىلىمنى خىلى ياخشى ئىشلەنگەن دىيىشكە بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش