تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1921|ئىنكاس: 22

كومپىيۇتېر، ئائىلەمنىڭ ئارامىنى بۇزما     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
41621
يازما
4
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 00:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە ئوسمانجان زاھىرنىڭ ‹تېلىۋىزور،مەھەلەمنى قايتۇرۇپ بەر› دېگەن يازمىسىنى كۆرگىنىمدە ئاجايىپ تۇيغۇلار غا كۆمۈلگەن ئىدىم. ئۇ گويا مېنىڭ  دېمەكچى بولغانلىرىمنى دېگەندەك، ئويلىغانلىرىمنى  ئويلاپ، سېغىنغانلىرىمنى سېغىنغاندەك تۇيۇلغان ئىدى. ئەمەليەتتە ئەتراپتىكى ‹ تەرەققىيات › نامىدىكى تالاي ئۆزگىرىشلەر ، بۇرۇنقى ساپ ھاۋانى ، تېنىچ مۇھىتىنى ،سەمىمىي ئادىمىگەرچىلىكنى ،يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىزگە سېغىندۇردى.

شۇ چاغدايەنە نېمىدۇر بىر نەرسە كەمدەك  بۇ يازمىنى يېزىپ، بولۇپمۇ يەنە بىر خىل ئىچ سىقىلىشىم تۈگىمىگەندەك،    ئىچىم بوشىمىغاندەك بولغان  ئىدىم .ئارىدىن قانچىلىك ۋاقت ئۆتتى بىلمىدىم ‹‹ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ››دېيىشىدىكەن، ئەمما بۇ ۋاقت ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلەتتى ، سىغىندۇردى.

ئۆيىمىزگە  كومپىيوتۇر كىرىپ ئىككى يىل ، تور كىرىپ بىر يىل بولغاندا مەن ئاخىر نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى ئېنىق ھېس قىلدىم .ئويلىىغىنىمنى دېيەلمىگەن چېغمدا ھامان بىر كۈنى ئۇرۇپ چىېقىۋىتىمەن دەپ ئاچچىقىمنى ئىپادىلەيتتىم. ئەمما بۇ خىيال كۈچىيىپ ، كۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ كالتەك بىلەن كومپىيوتۇرنى ئۇرۇۋاتقان ياكى ئىكراننى بىشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتقان ، ۋە ياكى بىرەر جايغا يۇشۇرۋاتقان ھالىتىم كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمىليەتتە مەن ئۇنداق  قىتىغۇر ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان بىشەم خۇتۇنلاردىنغۇ ئەمەس ئىدىم .ئالىي مەلۇماتلىق، كاللىسى ئوچۇق يولدىشىمنىڭ ھەم زېرەك ئىككى ئوغلۇمنىڭ جاھان يىڭىلىقلىرىنى بىلىپ ياشىشىنى ھەقىقىي ئۈمىد قىلاتتىم.ئۆتكەندە ئۇلار ماڭىمۇ بەزى تىخنىكىلارنى ئۈگىتىپ قويىمىز دېگەندە ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم. ئەمما ھازىر ۋاقتىم بولسىمۇ ئۆگەنمەيمەن دەپ ۋارقىرايمەن. باللىرىمنىڭ كۆزىنى ئېچىپلا كومپىيوتىر دەپ  ئويغىنىشى، دەم ئىلىش كۈنلىرىمۇ ھېچيەرگە چىقماي كومپىيوتىر بار ئۆينى ئەگىپ يۈرۈشلىرى جىنىمنى چىقىراتتى .بىرەر ئىشقا بۇيرىغاندا كوپىيوتىرنى ئېچىپ  بېرىسەن دەپ شەرت قىلۋىلىشلىرى، سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇشلار، گاھىدا كومپىيوتىر تالىشىپ تۆكۈلگەن ياشلار، ۋاقىرىشىشلار،ئۆتۈپ كېتۋاتقان ۋاقىتلار، مۇزلاپ كېتۋاتقان تاماقلار،ئۇنتۇلۇپ كېتۋاتقان مېھىر سۇسلىشىپ كېتۋاتقان ئىمان-ئىتقاد...بارا-بارا كۆپ ئىشلاردىن بىزار بولدىغان بولۇپ قالدىم . بۇرۇن تاماقنى بىللە يەيدىغان ئائىلە  ھازىر    تاماق ۋاقتىدا تۆت ئادەم بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان،  بەش ۋاق نامازنى دەل ۋاقتىدا ئۆتەشنىڭ ھەم جامائەت بىلەن ئۆتەشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئىنىق چۈشىندىغان  ئائىلە بوسۇغىمىزدىكى مەسچىدكە ۋاقتى يوق  ئۆيدە ئوقۇلىدىغان، كۆڭۈللۈك،خوشال-خورام ئۆتىدىغان  ۋاقىتلارنىڭ ئورنىغا بىر يەرگە كەلسىلا خاپا بولۇش، چېچىلشلار...مېنى بەكمۇ چارچىتاتتى. ئاشۇ نەرسە يوق چاغلارنى بەكمۇ سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم.  سەھەرتۇرۇپ ھەممىمز ئۆزىمىزقىلىشقا تىگشلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتۇق. ناشتىدىن كېيىن يەنە قىلدىغان ئىشلىرىمز بار ئىدى .ياكى ھەممىمىز جەم بولۇپ قىزغىن پاراڭلىشاتتۇق،تاماق ۋاقتىدىمۇ قولمۇ-قول قىلىشاتتۇق.  روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ‹بىسمىللاھ ›دەپ يەپ،‹ئەلھەمدۇلىللا ›دەپ دۇئا قىلاتتۇق.  ھەممە ناماز ۋاقىتلرىنى بىلپ تۇراتتۇق.ساقلىشاتتۇق. باللىرىمزغا بۇ ئارقىلىق گۈزەل دىنىمىز ھەققىدە تەربىيە بېرەتتۇق.ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇشقا تىرىشاتتۇق .يولدىشىم توختىماي كىتاپ كۆرەتتى.قۇرئان ئوقۇيتتى،يادلايتتى.گەرچە ئىشى ئېغىر بولسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايتتى.مەنمۇ ئۆي ئىشى قىلغاچ كىتاپ ئوقۇيتتۇم،خاتىرە قالدۇراتتىم، يىڭنە ئىشى قىلاتتىم.كۈنلىرىمىدىن بەك رازى ئىدىم.سەل مىجەزىم يوق كۈنلىرى يولدىشىم ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قازان بېشىغا ئۆتەتتى،دەممۇ -دەم ئەھۋالىمنى سورايتتى.ياخشىلىنىپ قالغۇچە مېنى بىرەر ئىشقا سالمايتتى.مەنمۇ ئاغرىپ قالمىساملا  ھەممە ئىشنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىلاتتىم.ئەمما ھازىر  ھەممە ئىشلار ھاشاردەك ئالدىراپ قىلىندىغان،بىرەر گەپ قىلدىن قىيىق كەتسە چىچىلىدىغان بولۇپ قالدى.بالىلىرىم ئويۇن ئويناشقا ئالدىراپ بىر-بىرىدىن  قىزغىنىدۇ. يولدىشىم مۇنبەرلەردىكى زىيالىيلارنىڭ جەڭگى -جىدەللىرىنى كۆرۈپ بولالماي ئالدىرايدۇ.بۇنداق چاغلاردا بالىلار يېنىغا كېلىپ كومپىيۇتېرنى تالاشسا  ،ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلايدۇ ،مەن بىرەر ئىشنى دېسەم قوپقاندەك قىلىدۇ- يۇ ،كۆزىنى شۇ نەرسىدىن ئۈزەلمەيدۇ.ئۆتىۋاتقان ۋاقىتلار بىلەن كارى يوق.كۈندۈزلەر كېتىپ،كىچىلەر تاڭغا ئولاشقان ،يولدىشىم يەنىلا مۈكچىيىپ ئولتۇرغان.مەن بىئارام بولۇپ  بۇگەپلەرنى  دىيەلمەي ،دىسەممۇ قايىل قىلىدىغانغا كۆزۈم يەتمەي ،ئۇخلىيالماي  غېرىپسىنمەن. ئۇلارنىڭ باھانىسى بەك تولا. يولدىشىم بىلىم ئېلىۋاتىمەن،مۇنبەر ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەۋاتىمەن ، پالانچىلاردەك كوچىدا بىكار  تۇرغاندىن ياخشىغۇ دەيدۇ. 11 ياشلىق ئوغلۇم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالغۇچە ماتىرىيال ئىزدەيدىغانلىقىنى دېسە،6 ياشلىق ئوغلۇم ئىسلامى كارتون كۆرىدىغانلىقىنى،ئايەت ئۆگىنىدىغانلىقىنى دەپ مېنى گوللايدۇ.ئەمەلىيەتتە  سائەتلەپ ئويۇن ئوينايدۇ .   

يولدىشىم ۋە بالىلىرىمنىڭ ماڭا تەئەللۇق ۋاقتىنى  تارتىۋالغان،ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچراتقان،بالىلىرىمنىڭ بالىلارچە ھېس -تۇيغۇلىرىنى بۇزۇۋاتقان شۇ نەرسىنى گاھىدا چېقىۋەتسەم دەيمەن. ئەمما ئۇنداق قىلمايمەن. پەقەت ئۇنىڭدىن  جان پارىلىرىمنىڭ نورمال پايدىلىنىشىنى،ۋاقتىنى،زېھنىنى،ئۇيقۇسىنى ۋە مۇھىم ئىشلىرىمىزنى كومپىيۇتېرنىڭ يەپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ۋە ئائىلمىزنىڭ ئارامى ۋە خۇشاللىقىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.[ بۇ يازمىنى مۇبارەك تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2012-6-21 12:59 ]


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11412
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
652
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ھسىياتىڭىزنى تۈكۈپسىز ھەدە

UID
34398
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە قاراشلىرىڭىز توغرىدەك قىلسىمۇ،يەنىلا كونتۇرۇللۇق ئۆزىڭىزدە.چۈنكى ھېچكىم بىزنىڭ بېشىغا قورال تەڭلەپ چوقۇم تورغا چىق ،دەپ مەجبۇرلىمايدۇ.كومپيۇتېرغا قارايدىغان ۋاقتىڭىزنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىسىڭىزلا ھېچ ئىش بولمايدۇ. سەۋەبنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز تۈزۈك.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1334
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43068
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 11:05:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىمەئاي  بۇ تېمىڭىزنى خۇددى ئۆزەم ياشغاندەكلا ئۇقۇدۇم،،،،
بۇنداق ئەھۋاللار  ھازىر كۆپۇنچە ئائىلىدە مەۋجۇت،،،،جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ  بىزدىكى  كۆپ ئۆرپى-ئادەتلەر يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ،،،،تېلپۇن ھەم كومپىيوتېردەك ئالاقىلىشىش قوراللىرى ھازىر ئائىلىلەرگە بۇسۇپ كىردى،،،،،بۇلارنىڭ بۇسۇپ كىرىشىگە ئەگىشىپ  ئائىلىلەردە ھەقىقەتەنمۇ  ئارامچىلىق بۇزۇلۇشقا باشلىدى ،،،،،شۇنداق بولغانىكەن بىز بۇ قوراللاردىن  توغرا پايدىلىنىپ  ،،،ئائىلىنىڭ ھەم مىھرى-مۇھەببەتنىڭ بۇزۇلىشىغا يول قويمايلى،،،،

UID
38595
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 11:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەدبىر ئۆزىمىزدە، ئىش ئۆزىمىزگە باغلىق.

UID
41560
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 12:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەمسە  مەنمۇ كومپىتۇر ئالمىسىام بوغدەك ئەمسە... خى خى..

UID
13423
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
255
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 12:30:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلساق بولىدۇغۇ،،،

UID
41054
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 19:28:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ،نەق مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋاتقان ئىشلارنى يېزىپسىز،مەنمۇ پەرزەتلىرىمنى زادىلا توسىيالمايۋتىمەن....مۈمكىن بولسا بۇ جەھەتتە پەرزەنتلىرىنى باشقۇرۇش تەجىربىلىرىگە ئىگە توردرشلارنىڭ تەلىماتلىرىنى ئايىماسلىگىنى ئۈمۇد قىلىمەن!!!

UID
34584
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 20:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ھىسسى تۇيغۇمنى ئىپادىلەپتۇ. بالىلار جۇمە كۇنى بولسىلا دۇم چۇشىدۇ.

UID
34398
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 21:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahadir0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-21 19:28
ئاپىرىن ،نەق مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋاتقان ئىشلارنى يېزىپس ...

بىر مەزگىل تورنى ئۈزۈڭ قېرىندىشىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش