تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 10352|ئىنكاس: 36

ئامېرىكىغا مېھمان ئۇيغۇر ئانا     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 13:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىغا مىھمان ئۇيغۇر ئانا
ئابدۇۋەلى ئايۇپ


ئامېرىكىدىكى ھاياتىمنىڭ ئىككىنجى يىلىدا بىر ئۇيغۇر ئانا مۇساپىرانە خىياللىرىمغا يېڭى مەزمۇن بولۇپ قوشۇلدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بۇ موماي ئامېرىكىغا تىل مەسلەھەتچىسى بولۇپ كەلگەنىدى. بىز غەرىبى شىمالدىكى بىر ئۇنۋېرىستىتا ئېچىلغان خەۋپتە قالغان تىللارنى مۇھاكىمە قىلىش، ئۆگىنىش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىللە قاتناشتۇق. بۇ قېتىمقى خەۋپتە قالغان، يىگىلەۋاتقان، ئارخىپلاشتۇرۇلىدىغان تىللار قاتارىغا ئۇيغۇر تىلىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئىككى ئۇيغۇر ھەم تەتقىقاتچى ھەم تىل مەسلەھەتچىسى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتۇق، ھېلىقى ئۇيغۇر ئانىمىز بولسا تىل مەسلەھەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. يىغىنغا كانادا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتىن يۈزدىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، تىل قوغۇدۇغۇچى ۋە تىل مەسلەھەتچىسى ئىشتىراك قىلدى. كىشىنى ئېچىندۇرۇدىغىنى 55  مىللەتنىڭ تىلى ئىچىدە كۆپىنچىسى خەۋپتە قالغان تىللار سانىلىدىغان جوڭگۇدىن يىغىنغا بىرمۇ تەتقىقاتچى كەلمىدى. دۇنيادا خەۋپتە قالغان تىللار ئەڭ كۆپ بولغان روسسىيەدىن كېلىپ ماقالە ئوقۇغان بىرمۇ كىشى يوق ئېدى. بۇ ئىش ماڭا كومۇنىزىمدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن قېرى مۇستەملىكىچى رۇسسىيە ئەمدى روس مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئاسمىلاتسىيە يۈرگۈزىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
يىغىندا تىل ئارخىپلاشتۇرغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىزدەك ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرىدىن بەكرەك ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن تېخى يېقىندا كەلگەن ئانىمىزغا يېپىشتى. بەلكىم خەۋپتە قالغان تىلىمىز ئۇلارغا خۇشپىچىم، مېھرىبان، سۆيۈملۈك مومايدەك كۆرۈنگەن بولسا كېرەك.  مومىمىزنىڭ ھەر بىر ئاغىز سۆزى ۋە ھەرىكىتىنى تەتقىقاتچىلارنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىشتا خاتىرىگە ئېلىشلىرى كۆزۈمگە بىر تۇرۇپ پەخرلىك ئىشتەك كۆرۈنسە، بىر تۇرۇپ بىر شۇملۇقنىڭ بىشارىتىدەك كۆرۈنۈپ ئىچىمنى تاتىلىدى. چۈنكى مەن گۈلدەك تىلىمنى باشقىلارنىڭ خۇددى ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىنىڭ ۋەسىيىتىنى يېزىۋېلىۋاتقاندەك  جىددىچىلىكتە ئارخىپلاشتۇرۇشلىرىنى قوبۇل قىلالمايتتىم.
ئۇيغۇر ئانا بىلەن پاراڭلىشىپ مۇساپىرەتتىكى كۈنلىرىمدە غېرىپسىنمەيتتىم. يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلار تاماق ۋە ياتىقىمىزنى بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان بولغاچقا دائىم ئۇچرۇشۇپ تۇراتتۇق. موماي يات بىر مەدەنىيەت موھىتىغا كېلىپ قالغاچقا ئۆزىنىڭ كۆنگەن ئۇيغۇرچە قىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى ئامېرىكىچە ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىرىنى تاللىيالماي گاڭگىراپ قالاتتى. ئارىمىزدىكى تەتقىقاتچى ئۇيغۇر قىز ئۇنىڭغا كۆپرەك يار يۆلەكتە بولاتتى. ماڭا ئەپسۇسلۇق تۇيۇلغىنى، ئۇ قىز ئانىمزنى ھەمىشە ئامېرىكىچە ئىش قىلىشقا ئۈندەپ تۇرۇۋالغاچقا پەرىشتىدەك قېرىغان موماي نېمە قىلسا ئۇ قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ، تەقلىد قىلىپ بەئەينى بىر كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالغانىدى. بىر كۈنى تاماق ۋاقتىدا دىققەت قىلسام ئانىمىز شىرەدە بىردە تەتقىقاتچى ئۇيغۇر قىزىنىڭ پىسانى پىچاقتا كېسىپ ئارىدا سانجىپ يىيىشلىرىگە، بىردە ئۆزى ئەپلەپ ئىشلىتەلمەيۋاتقان ئارا بىلەن پىچاققا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. موماينى خىجىللىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم ۋە پىسانى قولۇمغا ئېلىپ يىيىشكە باشلىدىم. موماي مېنىڭ پىسانى قولۇمدا يىگىنىمنى كۆرۈپ قورۇنۇپراق پىساغا قول ئۇزاتتى. تاماق ئارىلىقىدا مومايغا ۋەتەندە قانداق قىلغان  بولسا شۇنداق قىلىۋەرسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ پىسانى قولىدا يەۋاتقان ئامېركىلىقلارنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم.
بىر كۈنى موماي تاماق يەۋېتىپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردە مەھەللىدىكى كۆكتاتچى بالىلارغا تاماق سۇنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كېلەلىشىنى، ساق سالامەت تۇرغانلىقىنى ئاللاھنىڭ ئاشۇ ساۋاپلىق ئىشلىرى بەدىلىگە بەرگەن مۇكاپاتى دەپ چۈشەندۈردى.
-سىزگە ۋىزىنى خۇدايىم بەرمىدى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بەردى، دېدى ھېلىقى ئۇيغۇر ھەمرىيىمىز. نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. بۇ موماي ئۇيغۇر بىلەن قىز ئۇيغۇر ئىككەيلەن ئوخشاشلا ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ئالى مەكتەپلەردە ئىشلىگەن مۇنەۋۋەرلەر ئېدى.  بۇ ئىككى دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدكى پەرق مېنى ئويلاندۇردى. مەنچە ياش ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى خانىمنىڭ ۋىزىنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىسىنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىشى ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما ئۇنىڭ موماينىڭ ئىشەنچىنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يوق ئېدى. ئۇيغۇر موماينىڭ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بىلەن ۋىزىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى، ۋاھالەنكى ياش ئۇيغۇر خانىمنىڭ ياشانغان ئۇيغۇر موماينىڭ ئىتىقادىنى ئىنكار قىلىشى نامۇۋاپىق ئېدى. مەنچە بۇ يەردىكى مەسىلە 80-يىللاردا يېتىشكەن بىر زىيالىنىڭ 60-يىللاردا يېتىشكەن بىر زىيالىنىڭ ئىتىقادىنى ئىنكار قىلىش خاھىشىدۇر. ئەگەر بۇ خاھىش "زامانىۋىي مەدەنىيەت" دەپ تەرغىپ قىلىنىپ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتسە، بۇنداق خاھىشقا ئەگەشمىگەنلىك قالاق فىئۇداللىق ئىددىيە دەپ ئىنكار قىلىنسا ھەتتا كەمستىلسە زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىدىغانلىقى ئېنىق.
ئانىمىزنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئۇيغۇرچىنى ئارخىپلاشتۇرۇۋاتقانلار ئەتراپىدىكى كۆزى كۆرگەنلا نەرسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سورايتتى. ئۇلار گۈل گىياھ، داۋۇ- دەرەخ ئىچىدە ئانىمىز بىلەلمىگەننى بىزدىن سورىشتاتتى. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇنۋېرىستىت شەھرى گۈللەرگە پۈركەنگەن شەھەر بولۇپ نۇرغۇن  گۈللەرنىڭ ئىسمى تۈگۈل ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىكەنمەن. شۇڭا بىلمىگەنلىرىمنى "بىزدە بۇنداق ئۆسۈملۈك يوق" دەپ تۈگەتكەنىدىم. بىز كۈنى ئانىمىز 88 خىل گۈلنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى يېزىپ كەپتۇ. دېيىشىچە بۇلار مۇشۇ شەھەردىكى گۈللەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىكەن. مەن بىزدە يوق دېگەن نۇرغۇن گۈللەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بار ئىكەن. موماي بۇنى ۋەتەنگە تېلىفون قىلىپ ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى دوستلىرىدىن سوراپ ئېنىقلاپ چىقىپتۇ. سەۋەبى بۇلارنىڭ ئىسمىنى تەتقىقاتچىلار سورۇغاندا ۋاقتىدا دەپ بېرەلمىگەنلىكىدىن خىجىل بولۇپتۇ. بۇ ئۇيغۇر ئانا گۈلخۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىدا بۇ گۈللەرنىڭ ئىسمىنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىلىنى ئارخىپلاشتۇرۇۋاتقانلار بولۇپ ئۇيغۇرچە ئۆگەنمەيتتى. ئانىمىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگەنمەستىن خاتىرلەيمىز دېيىشلىرىگە ھەيران ئېدى. موماي بىر كۈنى يارىدەمگە چاقىردى، قارىسام ھەممەيلەننىڭ پوچتا ئادرىسىنى سورىغىلى تۇرۇپتۇ، ۋەتەنگە  قايتقاندا ھەممەيلەنگە بىردىن ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ئەۋەتىپ بەرگۈدەك.
ياتىقىمىز ئۇنۋېرىستىتقا يېقىن بىر تۆپىلىكتىكى داچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بىز كۆچۈپ كىرسەك تاماقخانىنىڭ شىرەسىدە بىر دەستە گۈل ۋە ھەرخىل مىۋە چىۋىلەر تىزىقلىق ئىكەندۇق. يېڭى كۆچۈپ كىرىپ تېخى لازىملىق بىر نەرسە ئالغىدەك بولمىغاچقا بۇ مول داستىخان بىزگە شۇنداق خوش ياقتى. ئەتىسىدىن باشلاپ ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن بولۇپتۇق. ھەر كۈنى قارىسام تاماق شىرەسىدە بىر دەستە گۈل تىزىقلىق تۇرسا بۇ گۈلنى ئۆينىڭ ئېگىسى كۈندە كېلىپ تىزىپ قويغان ئوخشايدۇ، دەپ كۆڭلۈمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېسىللىكىگە ئاپىرىن ئوقۇپ كېتىپتىمەن. بىر كۈنى بامداتتىن كېيىن ۋەتەنگە تېلىفون قىلىپ بولۇپ ئۇيقۇم كەلمىدى. داچىنىڭ سىرتىغا چىقسام موماي چىملىقتىكى ياۋا گۈللەردىن گۈل دەستە تىزغىلى تۇرۇپتۇ.
-ئاپپاي ئۇخلىماپتىلىغۇ؟
- نامازدىن كېيىن ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۆيدە ئۇيان بۇيان مېڭىپ يۈرسەم ياتاقتىكى تەتقىقاتچى قىز راھەتسىز بولىدىكەن. شۇڭا تېشىغا چىقىپ گۈل بېقىپ گۈل تىزىۋاتىمەن. ئەسلى تاماق شىرەسىدىكى گۈللەرنى مومىمىز تىزغانىكەن، ئەمەسمۇ!
ئىشىك ئالدىدىكى چىملىق ۋە چىملىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان چىغىر يول بويلىرىغا گۈللەر ئۆستۈرۈلگەنىدى. بۇ گۈللەرنىڭ دائىم ئوتاقلىق تۇرۇشلىرىغا قاراپ بىز كەلگەندىن كېيىن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن. ئەسلى ئۇيغۇر ئانىمىزنىڭ چىۋەر قولى گۈللۈكنى ۋايىغا يەتكۈزىۋەتكەنىكەن. موماي ماڭا بىزدىكى ھەشقىپىچەككە ئوخشايدىغان بىر گۈلگە بىر بىرلەپ يىپ باغلاپ چىرايلىق ياماشتۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويدى. شۇئان مومام ئېسىمگە كەلدى. رەھمەتلىكمۇ گۈلخۇمار ئېدى. ئۆيلەر تۇربىلاشتۇرۇلمىغان ئۇ زامانلاردا مومام ئۇ گۈللەرنى يىراقتىكى كۆلدىن سۇ توشۇپ باقاتتى. كىچىككىنە بېغىغا كۆكتات تېرىيتتى. مېنى تاڭ قالدۇرىدىغىنى باغلىرىغا سۇ ئاچالايدىغان ئوغۇللىرى ئوتياش تېرىماي، يازىچە مومام تېرىغان كۆكتاتتىن پايدىلىنىشاتتى. مومام مەھەللىگە سۇ نۆۋىتى كەلگەندە مەھەللىدىكى ئۆزى ئاغىزىغا ئىمان سالغان بالىلارنى يارىدەمگە چاقىراتتى. ئۆيگە ئوۋىلىغان قارلىغاچنى كىرەلمەيدۇ، دەپ ئايۋاننىڭ بىر قانات دەرىزىسىنى دائىم ئوچۇق قوياتتى. مومام بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالغان چاغلاردا نەچچە قېتىم شۇ قارلىغاچقا دەرىزە ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئون نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغان مومامنىڭ يېزىدىكى ئۆيىگە بارغاندىكى نارازىلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
ئۇيغۇر ئانىمىز بىلەن تاماققا باراردا ۋە ياناردا موڭدۇشۇپ ماڭاتتۇق. بىر كۈنى "ئاپپاي سىز ھاياتىڭىزدىن مەمنۇنمۇ؟ قانداق ھەسرىتىڭىز، ئۆكۈنۈش ۋە نادامەتلىرىڭىز بار؟" دەپ سورۇدۇم. ئانىمىز ھاياتىدىن مەمنۇن ئىكەن. رەھمەتلىك يولدىشى بىلەن يەتتە يىل يۈرۈپ توي قىلغانىكەن. تويلۇق كىيىمى چوڭ كىچىك ماۋزىدوڭ ئىزنەكلىرى بىلەن "بېزەلگەن"  ماشرەڭ ئىشتان چاپان بولغانىكەن. موماينىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا ئۆزى سۆيگەن، كۆيۈپ پىشىپ تويلاشقان، "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرىنى بىللە باشتىن كەچۈرگەن 30 نەچچە نەچچە يىللىق ھەمرىيىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ھىجران ئازابىدىن باشقا دەردى يوقتەك تۇراتتى. موماينىڭ مەرھۇم يولدىشى ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەن تۆرت بالىنى خاتىرىجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن باشقا چوڭ غېمى يوق ئىكەندۇق. ھازىر بۇ غەملەردىن ئادا بولۇپتۇ. ئۆلۈمدىن قورقىدىغان قورقمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ھىچ ئىككىلەنمەي " نېمىشقا قورۇققىدەكمەن، رەھمەتلىك ماڭا ئامانەت قالدۇرغان تۆرت بالىنى ياراملىق قىلىپ قاتارغا قوشتۇم، ئەمدىكى ئارمىنىم ئۇ دۇنيادا ھەمرىيىم بىلەن بۇرۇنراق كۆرۈشۈش." موماينىڭ دېگەنلىرىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە ئامېرىكىلىق تىلشۇناسلارغا ئۆرۈپ بەردىم. ئارىدىن بىر ئايال تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى. ئۇ ئۆلۈمگە مۇنداق خاتىرىجەم يۈزلىنىشنى ئۆگىنەلمىگەنلىكىدىن ئۆكىنىدىكەن.
ئانىمىزنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ تۈركچە كىنولارنى توردىن تېپىپ قويۇپ بەرگەن ئېدىم. ئانىمىز كىنولارنى ياخشى چۈشىنەلمەي ئىچى پۇشۇپتۇ. توردىن سۈرۈشتۈرۈپ بۇ مەكتەپتە تۈرك ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن تۈركچە ھەقسىز كۇرۇس بارلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئانىمىز بۇنىڭدىن كىچىك بالىدەك خوش بولۇپ كەتتى. ھەپتىدە ئۈچ كۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن تۈركچە كۇرۇستا تۈركچە ئۆگەندى. بىر كۈنى بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ ھاۋا يەي دەپ چىقسام ھويلىدا مومام تۈركچە تېكىستلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مەشىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مومىمىزنىڭ بىر يېرىم ئاي ئىچىدە ئۆگەنگەن تۈركچىسى تۈركلەر بىلەن ئىككى يىل قوشنا ئولتۇرغان ھېلىقى ئۇيغۇر تىلشۇناستىن قېلىشمىغۇدەك سەۋىيەگە يەتتى. مەنچە بىر ئادەمنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى قانچە چولتا بولسا، ئۆز مەدەنىيىتىگە چۈشەنچىسى قانچە تىيىز بولسا تۈركچىنى شۇنچە تەرستە ئۆگىنىدۇ.
بىر كۈنى ئانىمىز ئۆزىنىڭ تۈرك ئوقۇتقۇچىلىرىنى مېھمانغا چاقىردى. ئارىمىزدا مەن ياكى ھېلىقى تەتقىقاتچى قىزنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان ئۇيغۇرچە گەپلىرىمىزنى تۈرك بالىلار تازا ياخشى ئاڭقىرالمىدى. ئانىمىزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بولسا تەرجىمىسىز چۈشىنىپ مۇڭدۇشۇپ ئولتۇردى. ئۇ كۈنى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان ئىش، مومىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى تۈرك ئوقۇغۇچىلاردىن يوشۇرۇپ شامنى قازا قىلىشى بولدى. شۈبھىسىزكى، موھىت سەۋەبلىك ئاڭغا سىڭىپ كەتكەن قورقۇنچ ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ پىنسىيىگە چىققان ئۇيغۇر كادىر ئانىنى كونترول قىلىشقا ئۈلگۈرگەن ئېدى.
بىر يېرىم ئايلىق خەۋپتە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى. بىز ئۈچ ئۇيغۇر بىلەن خوشلاشقىلى كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر موماي بىلەن خوشلاشقىلى كىرگەندەك ئۇنىڭ بىلەن ئىمكان بار جىقراق بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. موماينىڭ ئىككى ھەپتىدە بىر تەتقىقاتچىلارنى چاقىرىپ ئەتكەن مېززىلىك ئۇيغۇر تاماقلىرى، قىزغىن، ئوچۇق، سەبىرچان مىجەزى ھەممەيلەننى ئۇنتۇلغۇسىز مېھىرگە چۈمدۈرگەن  ئېدى. مۇشۇ قېتىملىق خەۋپتە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش تۈرىگە ئۇيغۇرچە، ۋاپچان، كىرايانا قاتارلىق تۆرت تىل كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئارخىپلاشتۇرۇغۇچىلار مۇشۇ تۆرت تىلنىڭ خالىغان بىرىنى تاللايتتى. دەسلەپتە ئۇيغۇر تىلىنى تاللىغانلار ئۈچ بولۇپ ئازراق كۆڭلىمىز يېرىم بولدى. بارلىق ئارخىپلاشتۇرۇغۇچىلار قاتناشقان تۇنجى ھەپتىدىكى ئۇيغۇر مەشرىپىدە ئانىمىزنىڭ سەبرىچانلىقى، ئىللىق مۇئامىلىسى، ئىدىتلىق –پاكىزلىقى، ئۇنۋېرىسال بىلىمىنىڭ موللىقى، مېھرىۋانلىقى مېھمانلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغاپ غۇلغۇلار قوزغىدى بولغاي ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلىگۈچىلەر ئەسلىدىكى ئۈچتىن يەتتىگە كۆپۈيۈپ خاتىرلىنىدىغان تىللار قاتارىدا تەتقىقاتچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان تىل بولۇپ قالدى. مېھمانلار ئانىمىز بىلەن بەس بەستە رەسىمگە چۈشۈپ سوۋغات تەقدىم قىلىپ يېرىم كۈندە ئاران تاراپ بولدى. ئۆيدە خوشلۇشۇپ بولغانلار ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يەنە قايتىپ كېلىپ ئانىمىزغا ئېسلىشاتتى. بۇ مېھرىۋان ئانىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانىكەن. مېھمانلارغا قايتا قايتا  ئۆزرە ئېيتىپ ھېلىقى ئۇيغۇر تىلشۇناس قىزنىڭ يول باشلىشى ۋە يارىدىمى بىلەن پورتلەنگە بارىدىغان پويىزغا يولغا سېلىپ قويدۇم.




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
249
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7530
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 15:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مومايدىن، موماينىڭ ئىشلىرىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، بۇ ئەسىرىڭىزدىن كىملەر ، قانداق قۇسۇر تېپىپ چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ھەممەيلەنگە تېتىملىق تېما بولغىنىغا ئىشەنچىم كامىل.
  «ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ»

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
318
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 16:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى تاماق ۋاقتىدا دىققەت قىلسام ئانىمىز شىرەدە بىردە تەتقىقاتچى ئۇيغۇر قىزىنىڭ پىسانى پىچاقتا كېسىپ ئارىدا سانجىپ يىيىشلىرىگە، بىردە ئۆزى ئەپلەپ ئىشلىتەلمەيۋاتقان ئارا بىلەن پىچاققا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. موماينى خىجىللىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم ۋە پىسانى قولۇمغا ئېلىپ يىيىشكە باشلىدىم. موماي مېنىڭ پىسانى قولۇمدا يىگىنىمنى كۆرۈپ قورۇنۇپراق پىساغا قول ئۇزاتتى. تاماق ئارىلىقىدا مومايغا ۋەتەندە قانداق قىلغان  بولسا شۇنداق قىلىۋەرسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ پىسانى قولىدا يەۋاتقان ئامېركىلىقلارنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم.

UID
18361
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 16:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت بەك ياخشى،مەنىلىك يىزىپ سىز.ئانامنى ئىسىمگە سالدى.داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى يازمىلىرىڭىزنى كۆرۇپ تۇرۇشنى ئۇمۇت قىلمەن.

UID
18361
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 16:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مھرمۇھەببەتنىڭ قانچىلىك قۇدىرەتلىكىنى بىلمەكچى بولغىنىمىزدا ئەڭ ئاۋال ئىسىمىزگە كىلدىغىنى بوۋا مومىلىرىمىز،ئاتا ئانىلىرىمىز گەرچە ئۇلارنىڭ ئىدديىسى ھازىرقىلاردەك ئىلغار بولمىسىمۇ بىزگە ئەڭ موھىم بولغان ھەممىگە مۇھەببەت بىلەن بىقىشنى ئۇگەتتى.

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
810
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34767
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 16:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدىن شۇ قەدەر مەمنۇن بولدۇم.ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ مىھرىبان،سۆيۈملۈك،مۇھەببەتلىك،ئېتىقادلىق بىر ئۇيغۇر پۇشتى بولغانلىقىمدىن تېخىمۇ پەخىرلەندىم.

UID
12601
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
71
تىزىملاتقان
2011-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 19:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
______
ئارىدىن بىر ئايال تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى. ئۇ ئۆلۈمگە مۇنداق خاتىرىجەم يۈزلىنىشنى ئۆگىنەلمىگەنلىكىدىن ئۆكىنىدىكەن.
________
كىشى دىلى بىلەن ئىسلامغا كىرگەندە ئۈلۈمگە خاتىرجەم يۈزلىنەلەيدۇ.

UID
12776
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
407
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 19:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىر موماينىڭ ئانا تىل ئۈچۈن قىتئەلەر ئاتلاپ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ ئۆز قەۋمىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پىنسىيە يېشىنى ياشاۋاتقان بىر موماي ئانا تىل ئۈچۈن شۇ قەدەر جۈرئەت ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن يەردە، قالغانلىرىمىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپراق يۈرىمىزمۇ قانداق؟ يەنە بىرى، موماينى يېتەكلەپ كەلگەن ھېلىقى قىزچاقنىڭ يات تىل، يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئەسلىدىمۇ يېتىرقاپ قېلىۋاتقان مومايغا ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق قىلىش توغرىسىدا جېكىلەپ تۇرۇشلىرى ياشلارنىڭ ئۆزلۈكتىن ياتىلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ قانداق؟...
   نېمە دەي... يىغىپ ئېيتسام، قىسقىغىنە يىغىن مەزگىلىدە ۋە يىغىن ئاخىرلىشىپ خوشلۇشىشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆرسەتكەن ھۆرمىتىدىن موماينىڭ ئىنسانىي قىممىتى ۋە غورۇرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
   
  

UID
13303
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
127
تىزىملاتقان
2011-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 20:00:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن، قەلىمىڭىز تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشپ كەتسۇن، گۈلەن. ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
589
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
589
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
220 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 21:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مۇشۇ تېمىدىنمۇ  قۇسۇر ئىزلەشتىن نۇمۇس قىلمايدىكەن بەزىلەر . ئەلكۈيىدىكى ساياھەت خاتىرلىرى ھەققىدىكى تېمىلاردىن گۈلەننىڭ تېمىلىرى بىلەن يامغۇر خانىمنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ھەققىدىكى تېمىلىرى ماڭا بەك ياقىدۇ .
        گۈلەن ئەپەندىمگە رەھمەت ، ھەر بىر تېمىڭىزدىن چوڭقۇر سۆيگۈ ، مۈھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن . ئاللاھتىن سىزگە تىنچ - ئامانلىق تىلەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش