تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1927|ئىنكاس: 17

جۇڭگو ۋە غەربنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى __نوبىل مۇكاپاتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
40211
يازما
22
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 16:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1901-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خىمىيە، فىزىكا، تېبابەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلىرى بويىچە شەرەپكە ئىرىشكۈچىلەر 716نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىقلار298نەپەر، ئەنگىلىيىكلەر95نەپەر بولۇپ ، بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە 1-ۋە 2-رەت تەرتىۋىدە تۇرىدۇ.ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى زادى قانداق يېتىشتۇرىدۇ؟بىز بۇيەردە باشقىچە بىر روجەكتىن بۇ قىزىقىشمىزغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى.

ئەمەلىيەتتە ،ئالدىنقى قېتىم بىر ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاۋىتىپ ، بۇ ھەقتىكى بەزەن ئۇچۇر ۋە ستاتىستىكىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالغان ئىدى، بۇ بولسا ، يۇقارقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى . ما ئىشنى كۆرۇڭ، ئوقۇتۇش ۋاقتى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نېمە ئالاقىسى بولسۇن ھە؟ نېمىلا بولسۇن، تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇڭ:

ئامېرىكىدا : ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇتۇش ئومۇمى ۋاقتى ئاران 180كۈن، ئالى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئومۇمى ئوقۇتۇش ۋاقتى 28ھەپتە بولۇپ ئادەتتە ھەپتىسىگە 15-20سائەت ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىريىلدا 450-600سائەتچە دەرس ئۆتىلىدۇ.
ئەنگىلىيىدە: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە تۇرىدىغان ۋاقتى بىر يىل ئىچىدە 168كۈن ئەتىراپىدا بولىدۇ، تەتىل ۋاقتى 197كۈن.
ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسنى ئاڭلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مائارىپى ئىقتىدار ۋە ساپانى يىتىلدۇرۇشنى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويىدۇ. مەكتەپ مائارىپى ھەرگىزمۇ دەرس ئاڭلاش ۋە قۇيۇپ قويۇش شەكلىنى ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنشىنى ئۆزلىرى باشقۇرىدۇ.
ئادەتتە دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىلار كۆپ سۆزلىمەيدۇ ، بەلكى كۆپىنچە ھاللاردا بىرقىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرىدۇ، قالغان ۋاقىتتا بولسائوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يىېتەكچىلكىنى قۇبۇل قىلغان ئاساستا، مۇلاھىزە يۇرگۇزۇش، مەشغۇلات ئېلىپ بىرىش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولۇپ ، تەبىئي ھالدىلا تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى بولسا- ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزتەپەككۇرىگە ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۇش ئارقىلىق بىلىم ئىگىلەش بىلەن بىرگە بىلىمنى ئىشلىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىشكە يىتەكلەشتىن ئىبارەت.

ئەنگىلىيىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ،ئوقۇتقۇچى بىر سائەتلىك دەرستە ئەڭ كۆپ بولغاندا 15مېنۇت سۆزلەيدۇ،قالغان ۋاقىتنى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۇپ ئۇچۇر تولۇقلايدۇ،مۇلاھىزە يۇرگۇزىدۇ. ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىغا كۆرسەتمە بىرىش رولىنى ئۆتەيدۇ.

دۇنياغا داڭلىق ئوكىسفۇرد بىلەن كامبىرج ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئوقۇش ۋاقتى پەقەت 16ھەپتە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئوقۇتۇش ھەپتىسىگە 14سائەت دەرس ۋاقتى توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن بىر يىلدا ئاران 224سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ.ئەنگىلىيىلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئادەتتە دەرسخانىدا دەرس سۆزلىمەيدۇ،  ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈنىمىچۇ؟
ئەنگىلىيە«ئىقتىسادشۇناسلىق »ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىدىن ئاشكارە بولۇشىچە، ئوكىسفورد ۋە كامبىرج ئۇنىۋېرسىتىلىرىنىڭ تولۇق كۇرس تاماملىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى خارۋارد نىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار بىلەن تەڭداش ئىكەن .

جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىدە ھەر ھەپتىدە 35-38 سائەت دەرس سۆزلىنىدۇ، پۈتكۈل بىريىللىق ئوقۇش ۋاقتى 40 ھەپتىدىن ئوشۇق بولۇپ بىر يىلدا جەمئى 1200سائەتتىن ئوشۇق دەرس ئۆتىلىدۇ.بۇ ئەنگىلىيىنىڭ 5 ھەسسىگە تەڭ.
ئوتتۇرا-باشلانغۇچلارنىڭ ئەھۋالىنى دېمەيلا قويايلى، يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئېنىقكى بىزۋاقىتىنى خەقتىن ئوشۇق سەرىپ قىلىمىز، ئوقۇتقۇچىلار كاكىراپ ھىرىپ قالىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بىسىملار ئاستىدا مىجىلىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۈنىمىچۇ؟

2010-يىلى تەبىي پەنلەر تۈرى بويىچە بېيجىڭ ئەلىيۇل-ئەلاسى بولغان لى فامىلىلىك بىر ساۋاقداشنىڭ تەقدىرى شۇ بولدىكى، ئۇ ئىلتىماس سۇنغان ئامېرىكىنىڭ 11ئۇنىۋېرستىتىنىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا قالدى!

مەشھۇر مائارىپچى سۇخۇلۇمۇنىسكىي مۇنداق دېگەن:
«ھەركۈنى بالىلارنىڭ ئۆزئارزۇلىرى ئۈچۈن 5سائەتتىن 7سائەتكىچە ۋاقىت ئاجىرىتىپ بىرەلىگەندە،ئاندىن ئەقىللىق، ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلغان ئادەملەرنى يېتىشتۇرۇشكە بولىدۇ. دېمەكچى، بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىن ۋاقىت بوشلۇقى بىرەلمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىياتىدىن سۆزئاچقانلىق قۇرۇق گەپ خالاس»
قايسى خىل مائارىپ تۈرۈلمىسىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئۇنىڭ نەتىجىسى بەلگىلەيدۇ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ئىككى دۆلەتتە يېتىشتۈرگەن ئىختىساسلىق خادىملىرى كۆپ، ئىجاد كۆپ، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇلارنىڭ مائارىپى ئىلمىي مائارىپتۇر.

قوشۇمچە :
1901-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نوبىل شەرىپىگە ئېرىشش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات.

رەت

دۆلەت

فېزىكا

خىمىيە

مىدىتسىنا

ئىقتىساد

ئەدەبىيات

جەمئى

1

ئامېرىكا

89

65

91

44

9

298

2

ئەنگىلىيە

23

25

29

7

11

95

3

گېرمانىيە

21

28

16

1

8

74

4

فىرانسىيە

12

8

10

1

14

45

5

شىۋىتسىيە

4

4

8

2

7

25

6

روسىيە

9

1

2

2

5

19

7

شىۋىتسارىيە

3

6

6


2

17

8

ياپۇنىيە

6

6

1


2

15

9

گوللاندىيە

8

3

2

1


14

10

ئىتالىيە

3

1

3

1

6

14

11

ئاۋسىتىرىيە

3

2

6

1

1

13

12

دانىيە

3

1

5


3

12

13

كانادا

2

2

2

1


7

14

ئاۋستىرالىيە


6



1

7

15

ئىسپانىيە


1



6

7

16

بىلگىيە


1

4


1

6

17

ئىسرائىلىيە

2

1


1

2

5

18

ئىرلاندىيە

1




3

4

19

ھېندىستان

1



1

1

3

20

ھۇنگىرىيە

1

1



1

3

21

پولشا





3

3

22

ئارگىنتىنا


1

1



2

23

چىخ

1




1

2

24

پورتىگالىيە



1


1

2

25

جەنۇبى ئافرىقا



1


1

2

26

نورۋىگىيە


1



6

7

27

فىللاندىيە


1



1

2

28

يۇگۇسلاۋىيە





2

2

29

گېرىتسىيە





2

2

30

چىلى





2

2

31

پاكىستان

1





1

32

كولۇمبىيە





1

1

33

گۇادىمالا





1

1

34

ئىسلاندىيە





1

1

35

نېگىرىيە





1

1

36

مىسىر





1

1

37

مىكسىكا





1

1

38

تېرىنادۇ





1

1

39

تۈركىيە





1

1

40

پېرۇ





1

1


جەمئىي سانى

189

160

196

62

109

716




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 21:20  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
800
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25563
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 20:42:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە دىن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئورخان پامۇكقۇ دەيمەن.
ھە راست جۇڭگو كۆرۈنمەيدا؟

UID
25735
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2012-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 21:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدلىق ئۈنۈمى با تىمىكەن بۇ

UID
31440
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 21:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلاردىنمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرمۇ بار، لىكىن ئۇلار پۈتۈنلەي ئامىرىكا مائارىپىنى قوبۇل قىلغانلار..... .   بىزنىڭمۇ قازاقىستانلىق شۈكۈر يالقىن دىگەن شائىرىمىز نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشىپتۇ ، توردا كۆرسەم.

باھا سۆز

ۋەتەنجان  قازاقىستاندىكى بىر شائىرىمىز نوبىلنىڭ بىرتۈرلۈك خاتىرەمۇكاپاتىغا ئېرىش  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:19:49
ۋەتەنجان  شۈكۈر يالقىن ؟ ئۇنداق ئىش يوق  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:18:52

UID
5882
يازما
95
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2426
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 22:15:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش مەنىدىكى تېما.
مەنمۇ بىلىم ۋە ماھارەت دىگەن تېمىدا يازما يېزىپ، تېخى ھازىرلا يوللىغانتىم.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-22 10:34):
ئەپسۇس، بۇ تېما ئۆچۈرۈلۈپتۇ، نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم؟

باھا سۆز

ۋەتەنجان  ئوقۇپ چىقتىم، ناھايىتى ياخشى يېزىپلىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:20:52

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
287
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
677
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
213 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 22:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sunmas يوللىغان ۋاقتى  2012-6-19 21:54
خەنزۇلاردىنمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرمۇ بار، لى ...

شۈكۈر يالقىن شىنجاڭلىق ئۆزبىك يازغۇچى. ئۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنى يوق.
تورداشلار دىققەت:
توردا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ دېگەن گەپ تارقىلىپ كەتتى. بۇ پىتنە - پاساتقا ھەرگىز ئىشەنمەڭلار.

UID
8379
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2011-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 23:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق چىقىپ قالارمىكىن جۇڭگۇدا؟

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
589
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
589
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
220 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 23:25:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ياخشى تېما يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ئىكەن . ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالىمىغاي .

باھا سۆز

ۋەتەنجان  رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:21:19

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
589
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
589
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
220 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 23:35:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئامېرىكىدا ئىقدىدارلىق ئادەملەرنىڭ كۆپ بولىشى ، كەشپىياتلارنىڭ كۆپ بولىشىنى ، ئامېرىكىنىڭ دېسكاۋېرى پروگىراممىسىدا(خەنزۇچە تەرجىمە پروگىراممىسى : ئىزلىنىش ۋە بايقاش )  مۇنداق چۈشەندۈرۈپتىكەن .« ئىلمىي فانتازىيە ، فانتازىيېلىك كېنو فىلىملىرى ئامېرىكىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى .» بىزنىڭ فانتازىيە ئەسەرلىرىمىز يوق دىگۈدەكلا ، يازغۇچى ئارىسلان 90 - يىللىرى بىر پوۋىست يازغان . يەنە بىر قانچە ھېكايە بار . توردا فانتازىيېلىك ئەسەردىن  ئەلكۈيىدە دىليارنىڭ «ئويغانغاندىن كىيىن » دىگەن ھېكايسى بار . باشقا مۇنبەرلەرنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن . ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ئاپتوردىن چوڭقۇر بولغان ئۈنۋېرسال بېلىم تەلەپ قىلىدۇ . كىيىن ۋاقتىم چىقسا ئۆزۈم ياقتۇرغان بىر فانتازىېيىلىك ئەسەردىن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن . مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئويلىشىپ باقساق بولاتتى .

باھا سۆز

ۋەتەنجان  قىزىقىشىمىزئوخشاشكەن، مەن ھازىرئامېرىكىنىڭ بىر ت .ۋ فىلىمىنى كۆرۋاتىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:23:33

UID
12811
يازما
179
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3479
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 23:45:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    توردا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ دېگەن گەپ تارقىلىپ كەتتى. بۇ پىتنە - پاساتقا ھەرگىز ئىشەنمەڭلار.
..............................................................
    بۇ نىمە دىگىنىڭز ئەپەندى ، ئۇيعۇرنىڭ نۇبىل مۇكاپاتىعا ئىرىشىشى ئادەم ئىشەنسە بولمايدىعان ئىشما ؟ قازاقىستانلق ئۇيعۇر شائىرى دولقۇن ياسىىن نوبىل ئالتۇن مۇكاپاتىعا ئىرىشتىعۇ ،يەنە باشقا مۇكاپاتلارعا ئىرىشكەنلەرمۇ بارعۇ ؟ ئۇيعۇرلارنىڭ مۇۋاپپەقيەتلىرى ھەققىدىكى حەۋەرلەر بەزى ئادەملىرىمىزنى نىمە ئۇچۇن شۇنچە  بى ئارام قىلىدىعاندۇ دەيمەن . كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىرە ئۇيعۇر بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشىپ قالسا ، بەزىلەر ئۇنىڭ ئاپىسى بىرنىمە ،ئاتىسى بىرنىمە ساپ ئۇيعۇر ئەمەس دەپ ئاداپ كەتكەن ئىچىگە مەلھەم تاپامدىكىن دەيمەن .  بۇگۇنكىدەك  ئۇچۇر دەۋىردىمۇ بەزى ئادەملەر ئەحمەقلقتە چىكىگە  يىتىپ ، جىم تۇرعانلارنى ھىچنىمە ئۇقمايدۇ دەپ قارايدىكەن .  بۇنداق  ئولقىمالىرىمىز  توۋەنگە چۇشۇپ 80-90ياشلق بوۋاي -مومايلىرىمىز  بىلەن ئەسرا بۇلۇپ باقسا ئوزىنىڭ قانچىلك ئارقىدا قالعانلىقىنى ھىس قىلالايدۇ . چۇنكى ھازىر ، بايلق شەھەرگە ،ئەقىل  يىزىعا ، زەچەرلىك يىمەكلىك  شەھەرگە ،يىشىل يىمەكلىك يىزىعا مەركەزلىشىپ قالدى .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش