تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2348|ئىنكاس: 28

شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
613
يازما
164
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
4601
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ يىتۇڭ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭدا مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ.ھازىر ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى 10مىنۇتتەك ۋاقىت بولدى.شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى 2000غا يېقىن توپ مەستانىلىرى كەلگەن بولۇپ ،ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 23مىنۇت بولغاندا بېيجىڭ كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ بىر توپ كىرگۈزدى.ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقىلى 43مىنۇت بولغاندا بېيجىڭ كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە ئەھۋالىنى 2-0ھالەتكە ئەكىلىپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىۋالدى.شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق ماھىرى مەخمۇتجان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 2مىنۇت قالغاندا خەتەرلىك بىر ھەركەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن مەيداندىن قىزىل كارتا بىلەن  چىقىرۋېتىلدى.ئالدىنقى يېرىم مەيدان 2-0 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى،ھازىر كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.تورداشلارنىڭ مۇشۇ تېما ئارقىلىق مۇسابىقە ھەققىدە سۆزلىشىپ ئولتۇرىشىمىزنى سورايمەن.ھازىر كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلاندى.قارشى تەرەپ 11، شىنجاڭ كوماندىسى 10 كىشى ھالىتىدە مۇسابىقىگە چۈشتى.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
41454
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىنى يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

UID
39726
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى    يېرىم    مەيدان    باشلاندىمۇ؟  مۇمكىن  بولسا   مۇسابىقە     ئەھۋالىدىن ۋاقتى  ۋاقتىدا   خەۋەردار  قىلىپ   تۇرغايسىز.

UID
41454
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردەر قىلىپ تۇرسىڭىز

UID
613
يازما
164
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
4601
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ھازىر كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ،شىنجاڭ كوماندىسى نەتىجىسى 0 بېيجىڭ3 ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ،27-نومۇرلۇق ئەزا ئابدۇغېنى 19-نومۇرلۇق ئەزانىڭ ئورنىغا ئالماشتى. ھەي مۇسابىقە چاتاق ئەھۋالدا ئاخىرلىشىدىغاندەك تۇرىدۇ.

ھازىرقى نەق مەيداندىن ئارىيە
مۇسابىقە نەق مەيدان توپ كىرگۈن ۋىدىئو بۇيەردە
http://tv.alkuyi.cn/play.php?mid=2309

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
31
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
941
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەلكۈيى تورى سەپەر 17-كۈنى خەۋىرى:2012-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3 بىلەن  جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 11-ئايلانما مۇسابىقىسى بېيجىڭ يىتۇڭ كوماندىسى ساھىبخان شىنجاڭ كوماندىسى  مېھمان سۈپىتىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 2000دىن ئارتۇق پۇتبول مەستانىسى بېيجىڭدىكى مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىپ نەق مەيداندىن كوماندا ئەزالىرىغا مەدەت بەردى.



شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن  بېيجىڭ يىتۇڭ كوماندىسى بېيجىڭدا ئوينىغان بۇ مەيدان  مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 24مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بېيجىڭ  كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ  بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 1-0ھالەتكە ئەكىلىپ، دەسلەپكى ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىدى.شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزالار مۇسابىقە داۋامىدا مۇداپىئەنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە تۈگىگىلى 2مىنۇت قالغاندا شىنجاڭ كوماندىسىدىن 4-نومۇرلۇق مەخمۇتجان خەتەرلىك ھەركەتتىن بىرنى قىلىپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن قىزىل كارتا بىرىلىپ مەيدان سىرتىغا چىقىرۋېتىلدى.


مەيداندىن قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرۋېتىلگەن مەخمۇتجان

بېيجىڭ كوماندىسى ئىنتايىن ياخشى بىر جايدىن نوقتا توپ ئورۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 2 مىنۇت قالغاندا بېيجىڭ كوماندىسى بۇ نوقتا توپنى كىرگۈزۈپ 2-0نەتىجە بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىدى.

بېيجىڭ كوماندىسى كىرگۈزگەن نوقتا توپنىڭ ۋىدىئو ھالىتىنى بۇيەرنى بېسىپ كۆرۈڭ:

http://tv.alkuyi.cn/play.php?mid=2309

كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ.قارشى تەرەپ ئەزا 11، شىنجاڭ كوماندىسى 10ئەزا  ھالىتىدە مۇسابىقىگە چۈشتى.كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 24مىنۇتقا قەدەم قويغاندا شىنجاڭ كوماندىسى 27-نومۇرلۇق ئەزا ئابدۇغېنىنى 19-نومۇرلۇق ئەزانىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقاردى.

بىراق شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا نەچچە قېتىم كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ بەختكە يارىشا قارشى تەرەپنىڭ ۋارتارىغا توپ كىرگۈزەلمەي مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى ئاز قالغاندا قارشى تەرەپ شىنجاڭ كوماندىسى ۋارتارىغا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ بۇ مەيدان مۇسابىقە 0گە قارشى 3نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭدا مەغلۇب بولۇپ ئاياغلاشتى.ئەمما بېيجىڭدىكى 2000غا يېقىن شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى ئەزىمەتلەرگە بولغان قوللاش ۋە مەدەتلىرىنى ئۈزۈپ قويماي ئۇلارغا مەدەت سادالىرىنى تېخىمۇ توۋلاپ ئەزىمەتلەرنىڭ كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشىغا ئۈمىد باغلىدى.


UID
8379
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2011-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرسا بولمايدۇ دىگەن گەپ يوققۇ؟2مەيدان ئۇتتۇردى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئۇتتۇرىشىمۇ مۇمكىن،ئەمما بىز بۇنىڭ بىلەنلا ئۈمۈدسىز قارىساق بولمايدۇ،چۇنكى ياخشى ئات سەپەردە سىنىلىدۇ،  بىزنىڭ دۇلدۇللىرىمىز بەيگىگە ئەمدى ئاتلاندى بۇ تېخى باشلىنىش ،بىزدە ئۈمۈد بولىشى كېرەك،پەقەت ئۈمۈدلا بىزنى غەلبىگە ئېرىشۈرەلەيدۇ!
بىزدە ئىشەنچككە تولغان ئۈمۈد بار،بۇنىڭغا يېڭىلمەس روھ قوشۇلسا ئىشىنىمەن ،مىلىتىمىزنىڭ پوتبولچىلىغى
چوقۇم غەلبە قىلىدۇ!تىرىشىڭلار ئەزىمەتلىرىم،بىز سىلەر بىلەن بىللە،ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ،بىزھۇررا توۋلاش بىلەنلا بولماي ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىغا دۇئا قىلايلى!

UID
39788
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇئا قىلايلى!..........................

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
116
تېما
74
نادىر
8
جۇغلانما
5325
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
528 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام  مۇسابىقىدىن كىيىن شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزالار بىلەن ئۆزەم بىۋاستە سۆزلەشتىم. نۆۋەتتە ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ روھى ھالىتى ياخشى بولۇپ، بۈگۈنكى نەتىجىسى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەمما كىيىنكى مۇسابىقىدە  كۈچنى تېخىمۇ جۇغلاپ خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەر يۈز كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەن ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بىلىشىمچە، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە يىڭىلىپ قېلىش سەۋەبى ماھىرلىرىمىزنىڭ ياخشى ئوينىيالماسلىقىدا ئەمەس. چۈنكى بۈگۈن مۇسابىقىدە شىنجاڭ غەربى دىيار تاشئالما كوماندىسىدا ئادەتتە دائىم مەيدانغا چۈشۈپ ئوينايدىغان بەش ئەزىمەت يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چۈشەلمىگەن،10-نومۇرلۇق ئەخمەتجان يارىدار بولسمۇ بېيجىڭدىكى مۇسابىقىگە چۈشۈش ئۈچۈن  كوماندا ئەزالىرى بىلەن بېيجىڭغا بىرگە بارغان بولسىمۇ ئەمما پۇت ساغلاملىق ئەھۋالى يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن مەيدانغا چۈشەلمىگەن.شۇنىڭ بىلەن زاپاس ئەزالاردىن  باشقا بەش نەپەر ماھىر مەيدانغا چۈشكەن،يېڭىدىن مەيدانغا كىرگەن پۇتبولچىلار بىلەن ئەسلىدىكى ماھىرلار توپنى ياخشى ماسلاشتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن مەيدان قالايمىقان بولغان.يەنە كىلىپ ئادەتتە مەيداندا توپ تىپىدىغان ئەزالىرىدىن بىراقلا بەش پۇتبولچىنىڭ بولماسلىقى بۇ كوماندا ئەزالىرى ئۈچۈن بىر قىيىن ئۆتكەل بولۇپ،يېڭى مەيدانغا كىرگەن ماھىرلارمۇ توپنى كونترول قىلىش ياخشى بولماي قالغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە 4-نومۇرلۇق ماھىر مەخمۇتجاننىڭ بۈگۈن رىپىرنىڭ قىزىل كارتا بىرىشى سەۋەب بىلەن مەيداندىن چىقىرۋېتىلىشى شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ 70مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت 10ئادەم 11 ئادەم بىلەن توپ ئويناشتەك ئەھۋالىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بۈگۈنكى مۇسابىقە نەتىجىسى كىلىپ چىققان.
ئادەتتە پۇتبول مەيدانىدا ئادەم ئويلىمىغان نەتىجىلەر ۋە ئىشلار يۈز بىرىشى پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق بولغان بىر ئىش.ئەمما شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى بىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قوللىشىمىزغا،مەدەت بىرىشىمىزگە ھەقىقىي ئەرزىيدىغان ھەممەيلەننىڭ پەخرى بولمىش ئەزىمەتلەر،ئالغا ئەزىمەتلىرىمىز،بىز سىلەرنىڭ غەلبە قىلىشىڭلارغا ئىشىنىمىز،ھەممەيلەن سىلەرنى قوللايمىز!


UID
41178
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كوماندىسى گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ  بىزنىڭ ئەزمەتلىرمىز كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە چۇقۇم ئۇتىدۇ  غەلبە بىزگە مەنسۇپ  .باتۇرلىرمىز كىيىنكى غەلبە ئۈچۈن ھۇررا ھۇررا .....  سىلەرگە ئاللا يار بولسۇن   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش