دۇنيانىڭ غەۋغاسى چارچاتقان مەھەل ،
كۈلبەمگە بېكىنىپ سۈرىمەن خىيال.
كىتابلار باغرىغا شۇڭغۇيمەن گاھى،
گاھىدا ئۆزۈمگە قويىمەن سۇئال.
قەيەردىن كەلدۇق بىز ،بارىمىز نەگە،
كېتىمىز دۇنياغا نېمە قالدۇرۇپ.
تالايلاپ سۇئالغا تاپىمەن جاۋاپ،
كىتابلار قېتىنى بىر-بىر ئاختۇرۇپ.
شاھانە كىتاپلار ئويۇقۇمدا لىق،
ئۆيۈممۇ ،كۆڭلۈممۇ تۇرار يوپيۇرۇق.
سۆلەتۋاز بايلارغا قىلمايمەن ھەۋەس،
شاھتۇرمەن ،بولسىمۇ يانچۇقۇم قۇرۇق.
بوۋامدىن مال-دۇنيا قالمىغان مىراس،
شۇ مىراس كىتابلار تەۋەرۈك مۈلكۈم.
ئۇ ئەجدات ھېكمىتى،گۆھەرلەر كانى،
ئۇنىڭدىن ئايرىلسام بولىمەن كۈكۈم.
ھەر مەررە دىۋاننى قولۇمغا ئالسام،
ئەجدادىم ھىدلىرى كېلەر گۈپۈلدەپ.
كۆزۈمگە سۈرتسەم كى باغرىمغا باسسام،
كىشنەيدۇ يۈرىكىم،چاپار دۈپۈلدەپ.
ئۆتمۈشكە باشلايدۇ كىتابتىكى يول،
ئۆرۈلگەن بەتلەردەك،ئۆرۈلەر ئېرا.
نامايەن بولىدۇ قەدىمىي قەشقەر،
گۈللەنگەن سەلتەنەت،ئۆچمەس ئىختىرا.
خىيالىم مىنگىشىپ كېتىدۇ چۈشكە،
بىلمىدىم،قانداقچە ئوپالغا كەلدىم.
سۆزلەيدۇ ئەللامە -ھەزرىتى موللام،
تالىپلار قاتارى ئالىمەن تەلىم.
ھەر سۆزى ھېكمەتتۇر،شىپاھى مەلھەم،
غاپىلنى ئويغۇتار قوڭغۇراق كەبى.
بىباھا ھەقىقەت ئەنگۈشتەرى ھەم-
مەڭگۈلۈك مەشئەلدۇر يازغان كىتابى.
كىم ،نېمە سورىسا ئالتۇندەك جاۋاپ،
ئاشىيان قەلبلەر ئالىدۇ ھۇزۇر.
زىنداندەك كاللىدا ياندۇرار ئۇپۇق،
مەرىپەت قۇياشى چاچىدۇ زەر نۇر .
چاقنايدۇ دىلىدا ئىسلامنىڭ نۇرى،
قەلەمگە كامىلدۇر،ئەلەمگىمۇ ھەم.
تىل،تارىخ،تىبابەت،نۇجۇمنىڭ پىرى،
ئىلىمگە ھۆددىگاھ-زاتى مۆھتەرەم.
شاھ نەسلى بولسىمۇ ئېسىل نەسىللىك،
تاج-تەخت،دۆلەتكە قىلمىدى ھەۋەس.
ئون يىللاپ ئىلىم دەپ ئەل كەزدى سەرسان،
بىر مۇنار تىكلىدى، مەڭگۈ ئۆرۈلمەس.
ئۇ كەزگەن ۋادىلار پەخىر ئىلكىدە،
ئىزىدىن سۆيۈنۈپ ،كۈلەر ئاسىيا.
ئەجرىگە تۈمەنمىڭ رەھمەتلەر ئوقۇپ،
ئايىقى ئاستىغا يۈكۈنەر دۇنيا.
قولاق سال،زىمىننىڭ نەپەسلىرىدە،
ئىلىمگە تەلپۈنۈپ تىنىشلىرى بار.
ۋە يەنە دەريالار ئۆركەشلىرىدە،
ۋەتەننى سېغىنىپ ئۆكسۈشلىرى بار.
ئەڭ قەدىم ئەللەردىن قالدۇردى تارىخ،
قۇرۇماس بولاق ئۇ يىلتىزىمىزغا.
تالاي شاھ ئۇنتۇلدى ،ئۇنتۇلماس بىراق،
ئايلاندى ئۇ چولپان يۇلتۇزىمىزغا.
دۇنيانىڭ شەكلىنى سىزدى ئەڭ بۇرۇن،
رەھنامە قالدۇردى ئەۋلادلىرىغا.
ئەجرىگە مۇناسىپ مۇبارەك نامى،
پۈتۈلدى يۈرەكلەر قات-قاتلىرىغا.
مىڭ يىللاپ چاقنىدى شۆھرەتلىك ئىسمى،
ۋە يەنە ياشىغاي ئالەم بىلەن تەڭ.
رەببىمدىن رەھمەتلەر تىلەيمەن چەكسىز،
«ئېچىلغاي جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى كەڭ.››
چۈشۈمدىن ئويغىنىپ خىيالغا پاتتىم،
مىڭ يىللىق كەچمىشلەر قاپتۇ يىراقتا.
ئالىمنىڭ ئىزىدىن ماڭدۇق قانچىلىك،
ئۆزۈمگە ،خەلقىمگە قارىدىم قايتا.
مېنىڭمۇ كىتابقا ئاشىقلىقىم راست،
ۋە لېكىن ئەلگە نەپ بەرگىنىم يالغان.
ئىرادەم ئوقياسى سۇندى كۆپ قىتىم،
ھورۇنلۇق ،بىخوتلۇق بولغاندا قالقان.
سەسكىنىپ ئۆزۈمدىن باقتىم ئەتراپقا،
قېينىدى يەنە شۇ ئىزتىراپ-نۇمۇس.
ماڭقۇرتتەك ئەۋلاتلار قۇم ئىكەن بىزدە،
نەپسىدە ئەسەبىي،ئېتىقادتا سۇس .
زىيالى ئاتالغان ئازغۇن تولىكەن،
شاراپقا پۇلى كۆپ،كىتابتىن كۆرە.
دىھقانلار جاپاكەش ،ئەمما گول ئىكەن،
جان بېقىش ئۈچۈنلا ياشار بىچارە.
ئاتىلار،كاتتىلار بۇرچىنى ئۇنتۇپ،
قارىغۇ ئاۋامغا باشلىمايدۇ يول.
قېرىنداش ئۆزئارا تالىشىپ مىراس،
مۈشكىلات ئالدىدا تۇتۇشمايدۇ قول.
شاھلىقنى قوغلاشماي ،ئىلىم قوغلىشىپ،
مەدرىسلەر سالدۇرغان بوۋىمىز مەھمۇد.
بەزىلەر ھوقۇققا سېتىپ ھەممىنى،
رېستۇران،قاۋاقتا شېشىسى مەبۇد.
ئىسىملار ئەرەپچە،ئويۇن غەرىپچە،
رىياغا ھەج قىلىپ،ئوقۇيدۇ ناماز.
كۆرمەككە تەقۋادۇر،ئەمەلدە لەقۋا،
دۈم چۈشەر پاھىشە قىلغان چاغدا ناز.
زەھەرلىك چېكىملىك ۋە يەنە ئەيدىز،
كەلتۈرگەن بالانىڭ قايسىسىنى دەي.
قىمارۋاز ھەممىنى ئوتتۇردى ئەنە،
ئاتىسى سەرسان بوپ يۈرىدۇ ھەي-ھەي.
ئىلىمدىن بىزارلار كۆپ يەنە بىزدە،
مەھمۇد كىم،يۈسۈپ خاس؟بىلمەيدۇ پەقەت.
بىلگەنلەر بىلسىمۇ ماختىنار قۇرۇق،
‹دىۋان›ۋە ‹بىلىك›تىن ئوقۇماس بىر بەت.
‹‹پەخىرلەن ئوغلۇڭدىن مەھمۇد ۋەتىنى››
دەپ ناخشا ئوقۇسا ناخشىچى ياڭراق.
ئالقىشلار سەنئەتكە سەۋدايى قەۋم،
ئالىمنى ئارتىسچە كۆرمەيدۇ بىراق.
سەنئەتكە جېنىنى بەرگەن مىللەت بىز،
نەگە بار-نەگە باق نەغمەيۇ-ناۋا.
ئارتىسلار مىليونېر،ئالىملار گاداي،
كېتىدۇ پۇلى يوق ،تاپالماي داۋا.
چىن سەنئەت بىر مەكتەپ بىلسەك ئەسلىدە،
مەيلىدى زوق ئالساق ،ئۆگەنسەك ھېكمەت.
مەستانە بوپ بىراق شالغۇت سەنئەتكە،
بىزنىمۇ سىگاندەك باستى پالاكەت.
بىھۇدە زارلىدى دىسەڭمۇ دېگىن،
ئۈمىدسىز ئەمەسمەن،روھىم تىك تېخى.
مەھمۇدنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلار تالاي،
داتلىشىپ بارار ھەم زالالەت تىغى.
جاھاندا ھەقىقەت قاپتۇ ئەشۇنداق،
كۆمىدۇ ھەممىنى زامان پايانى.
مۇھەببەت ياشايدۇ ۋە لېكىن ھالقىپ،
ئەجىر ۋە مېھنەتتۇر ئۇنىڭ بايانى.
توزكۇردۇر ئەجدادنى سېتىپ خەجلىگەن،
پەخىرلەن ،ۋە لېكىن ياتما ئۇيقۇدا.
ئىجادىڭ باغلىرى كۈلسۈن باراقسان،
باق سەنمۇ جاھانغا غالىپ تۇيغۇدا.
مەھمۇدنىڭ ئوغلى دەپ تاڭ قالسۇن جاھان،
تاغلارمۇ،باغلارمۇ باقسۇن ھەۋەستە.
نىجاتلىق كۆكىدە قىلايلى پەرۋاز،
ئۇچايلى زۇلمەتنى قالدۇرۇپ پەستە.
ئۇپۇقنىڭ بەرگىگە قۇنۇپ ھەر سەھەر،
سۇبھىنىڭ جامىدىن ئىچەيلى شەربەت.
يۈكسەلسۇن خەلقىمىز زامانلا ر سىرى،
ياشنىسۇن،ياشنىسۇن،ياشنىسۇن ئەبەد...
2008-يىل 22-ئىيۇن سەھرايى لەمجىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-14 16:53