ئەلۋەتتە مۇنبەرلەردە، بىلوگلاردا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز توغۇرلۇق ئاز بولمىغان تەپسىلاتلارنى ئۇچراتتىم ھەم يازغان كىتابلىرىنىڭ ھەممسىنى ئوقۇپ بولالمىساممۇ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلىدىكى 2005يىلدىن كېيىنكى سانلىرىدىكى ھەربىر تەپسىلاتنى ئوقۇپ چىقتىم .
ھەم ئاكىمىز مىدىيا ۋاستىلىرىدا ئۆزىنىڭ نۇتۇقلىرىنى پات-پات ئاڭلىتىپ تۇرىدۇ ،مېنىڭچە سىزنى تېخىمۇ كۆپ سۆزلەپ بەرسىكەن دەيمەن .ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم . سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى، بىز ئۈچۈن كۆپرەك يېزىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، مەنمۇ نۇتۇقلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرسام دەيمەن.
مەن ئاپتۇر توغرسىدا ئازراق ئىلاۋە قىستۇراي. (مۇنبەرلەردىكى ئەسەرلەردىن پايدىلاندىم ،كۆپچىلىك ئەپۇ قىلغايسىلەر)
__________________________
شۇنداق بىر كىشى بار ،ئۇنىڭ ئۆزگىچە پىكىرلىرى تالاي دىللارنى رام قىلسا،شائىرانە قەلبى سانسىزلىغان قەلبلەرنى مەستخۇش قىلىدۇ،ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئىختىيارسىز بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىدىن كۆڭلى سۆيۈنمەي قالمايدۇ ئەلۋەتتە. ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان كۈنلىرىنى بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈپ سانسىزلىغان سىتودنېتلارنى تەربىيلەپ مىللىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپغا زور تۆھپىلەرنى قوشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات سەيناسىنى تىرەن پىكىرلىرى، تېتىملىق يازمىلىرى بىلەن بېيىتىپ، بىزگە كىملىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلدۈرۈشكە تۆھپىسى زور بولىۋاتقان شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى، تالانتلىق شائىر،پەخىرلىك يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىندۇر.
<< ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشەنمىسە ، كېلەچىكى توغرىسىدا ئويلانمىسا ، پەقەت قورساق بېقىش ۋەسۋەسىسىدىلا بولسا ، بالىلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەكتەپلەردىن ساۋاق ئالالمىسا ، ئۇ بېلىققا ئوخشاش ياشىشى مۇمكىن . ئۇ پاكىز سۇدىمۇ ياشاۋېرىدۇ ، پاسكىنا سۇدىمۇ ئاۋاز چىقارماي ياشاۋېرىدۇ ، سۇسىزلىقتىمۇ ئاۋاز چىقارماي ئۆلىدۇ . >>
-ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
غابدۇللا توقاي تاتارلار ئۈچۈن، خۇرشىد دەۋران ئۆزبەكلەر ئۈچۈن،ئىمران سالھى پارسلار ئۈچۈن،مەھمۇت دەرۋىش پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن، ئادنان ئوكنان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بەرسە، ھازىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈنمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئابدۇقادىر ئاكىمىزنىڭ تولۇق تەرجىمھالى
http://www.alkuyi.com/star/display.php?id=196
ئەلكۇيى زىيارەت خاتىرسى
/forum.php?mod=viewthread&tid=12217
ئابدۇقادىر ئاكىمىزنىڭ نۇتۇقلىرى توپلىنىپ ئەلكۈيىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى ،بۇ ئۇلانمىنى تاپالمىدىم .
سىزنىڭ بىز ئۈچۈن ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆزلىشىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنىڭ «پاخاللىشىپ» كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ .بىز سىزنىڭ يەنىمۇ كۆپرەك سۆزلەپ بىرىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمىز .ئەلۋەتتە دوستلۇرۇمغا سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ،نۇتۇقلىرىڭىزنى تەۋسىيە قىلسام ئوقۇپ ،ئاڭلاپ بولۇپ ، «بۇ ئادەمنىڭ پايپاقلىرىنى يۇيۇپ خىزمىتىنى قىلساق بولغۇدەك »-دېدى . لېكىن راستىنلا شۇنداق قىلمىسىمۇ بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك مېنىڭ سىزگە خەت يىزىشىم سىزدىن بىز ئۈچۈن سۆزلەپ بىرىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ، بولۇپمۇ بىز ياشلار ئۈچۈن، ھازىر ياشلاردا ئىرادىسىزلىك ،نىشانسىزلىك ،يەنە ئاللىقانداق ئىللەتلەر ئېغىر بولماقتا. ھەم سىز بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىسىز ، شۇڭا ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىز ياشلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەم بىز ياشلار ھازىر نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ بىزدىن كۈتىدىغان ئۇمىدلىرىڭىزنى بايان قىلىپ ئۆتسىڭىز...
بۇ تېمىنى ياشلار ئۈچۈن يوللىدىم . ياشلارنىڭ ئۇقالمىغان چىگىش مەسىلىلەر ،ئاڭقىرالمىغان مەسىلىلەردە سۇئال سوراپ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ ، يىڭى مەسىلىلەردە ئۆز چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .
ئاخىرىدا پەخىرلىك ئۇستازىمىز،شائىر،ئەدەبىياتشۇناش،پىرافىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت ۋە ئامەت يار بولىشىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىنىڭ يەنىمۇ پارلاق،نەتىجىلىك بولىشىنى،ئۆزگىچە پىكىرلىرى ۋە تېتىملىق يازمىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ تۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە تىلەيمىز!
ھۆرمەت بىلەن: شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرسىتىتى 2011-يىللىق تارىخ كەسىپ ئوقۇغۇچىسى ئادىلجان سادىق.