گەرچە ياخشى ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئامال بار ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىجاد قىلساق. باشقىلارنىڭكىنى ئېيتمىساق ياكى باشقىلارنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ قويساق، ھېلىمۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىزلەرنى سەنئەت، مەدەنىيەت ئوغرىسى دەيدىكەن (ئۇلانما:
ئۇيغۇرلار بىلەن تالاشتا قالغان قازاق كۈيلىرى شۇڭا، بارلىق سەنئەتچىلىرىمىز، مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى ئۆزلەشتۈرمەي، ئامال بار ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىجاد قىلسا، جۈملىدىن بۇ پۇتپول مارشىنىڭ تېكىستنى ئامال بار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مارشلىرىنىڭ تېكىستى ئۆرنەك قىلىنىپ يېزىلىپ (بۇ مارشنى دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىدە ئېيتقاندىكىن بەش يۇلتۇز، بايراق دېگەندەك گەپلەر بولمىسىمۇ بولىدۇ ئەمما شىنجاڭغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن)، مۇزىكىنى ئاممىباب ئەمما جۇشقۇن، روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ، مۇسابىقە مەيدانىدا مەستانىلەر تەڭ ئوقۇيالىغۇدەك، (مەرىپەت مارشىدەك ئاھاڭى ئاددىي ئەمما ھەقىقىي مارش سۈپىتىدە بولسا) قىلىنسا. بۇ مارشنى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان ناخشىچى ئوبدان ئىزدەنسە، بىزگە ئەڭ ياخشىسىنى تەقدىم ئەتسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.