تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1689|ئىنكاس: 5

داۋاسىز كېسەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35586
يازما
8
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 13:07:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىپاسىز كېسەل ھىكايە
شۇڭقار قادىر

رامىزان ئايلىرى شۇنچىلىك جىددىچىلىك ئىچىدە ئوتۇپ كېتۋاتاتتى.چۇنكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەتىگەندە بىر قىتىم تاماقتا بىللە بولۇش ، چۇشتە تاماقتا بىللە بولۇش،كەچتە قايتا-قايتا رامىزان تۇتماسلىق توغىرىسىدا تاپلاپ يولغا سىلىش مۇھىم ئىدى.چۇنكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېھقان پەرزەنتى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئائىلە تەسىرى چوڭ .ئوقوغۇچىلارنى ئاتئېزىم تەربىيسى بۆيۇنچە تەربيىلەپ چىقىش ھازىرىقى زامان مائارىپىنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئەمەسمۇ.
ئاينىگار بۇگۇن دۇشەنبە بولغاچقا ئەتىگەندە مەكتەپكە كىلىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىگەنلىك تازلىق،ئۇگۇنۇش ئەھۋالىنى ئېگەللەپ چىقىش ئۇچۇن سىنىپقا كىردى.سىنىپ پاكىز تازلىنىپ بولغان،ئوقوغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزئارا مۇڭدىشىۋاتقان ياكى بىشىنى چۆكۈرۈپ كىتاپ كۆرىۋاتقان، بەزىللىرى ھەرخىل تېمىلاردا دۇنيادىكى غارايىپلار توغۇرىسىدا قىزغىن پاراڭنى باشلىۋەتكەن، يەنە بەزىلەر ئاخشامقى كۆرگەن تېلۋۇزۇر فىلىمى توغۇرىسىدا پاراڭلىشىپ ، دوراپ كۇلۇپ ئولتۇراتتى.
- ئەتىگەندە كىلىپ بولۇپسىزلەر-دە؟ ياخشى بولۇپتۇ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا چىققىچە سائادەت سىز چاي (قايناق سۇ)ئىلىپ كىرگەچ تۇرۇڭ. قالغانلار ئەتىگەندە كەلگەندىن كىيىن دەرس كورۇڭلار،ئازراق بىلىم ئېگەللەشمۇ ياخشى ئىش.ۋاقتىڭلار بىكارغا كەتمىسۇن ئۇكۇللىرىم.بىلىم بولمىسا جەمئىيەتتە جان باقماق قىيىن، بولۇپمۇ خەنزۇ تىل ئۇگۇنۇش تېخمۇ شۇنداق.- دىدى-دە، يوقلىمىدىن ئوتۇش ئۈچۈن يىغىن زالىغا يۇرۇپ كەتتى.
ئەتىگەنلىك بىرىنجى سائەت دەرس ئاخىرلىشىش قوڭغۇرىقى چىلىندى.ئاينىگار ئۆزى باشقۇرۋاتقان سىنىپىدىن دەرس ئوتۇپ بولۇپ ،  كومپىيۇتىرخانغا كىرىپ ،مەكتەپ بۇگۇن تاپشۇرغان ئوقوغۇچىلار ئارخىۋىنى يىزىشنى داۋاملاشتۇردى. مەكتەپ خىزمىتنىڭ قوشۇمچە خىزمەتلىرنىڭ كۆپلىكىدىن ئوقۇتقۇچلار بىر كۈن باش كوتەرمەي ئىشلىسمۇ، يەنە ئائىلگە ئىلىپ بىرىپ ئىشلەشكە ئىشىپ قالىدۇ. بۇنداق تۇگمەس ئىشلار ئوقۇتقۇچلارنى ھادۇرۇپ خىزمەتتىن زېرىكتۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىر خىل رام ئىچىگە بەنىت قىلماقتا ئىدى. كۈندە كىلدىغان باھالاش، تۇرلىك ئىچىقلارنىڭ ئايغى چىقماس تاپلانمىللىرى، سىزنى مەڭگۈ تۇرالماس، موردىغا ئوخشىتىپ، مائارىپ تەقلىدىي تۈس كىرگۇزۋاتاتتى.
كومپىيۇتىرخانا مەكتەپ دەرۋازىسىغا يىقىن بولغاچقا سىنىپىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ سىرىتقا قىچىپ چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقىمۇ بولاتتى.خەنزۇچە سەۋيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا ماتىرىيال كىرگۇزۇشتە نۇرغۇن توسالغۇغا ئۇچراپ تەستە يىزىپ مېڭىۋاتاتتى،سىرىتتىن ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى.
ئاينىگار مىنىڭ ئوقوغۇچىللىرىم جىدەل چىقارغان بولمىسۇن يەنە دەپ سىرىتقا چىقتى.دەرۋازا يىنىدا ئوتتۇرا بوي،قارامىتۇق،پۇتۇن بەدىنىگە قارا كىيىم بىلەن پۇركەنگەن،يۇزىدىن باشقا يىرىنى ئۆكتەبىر ئايلىرى بولىشىغا قارماي،قىلىن گىجىم رومال ئارتىۋالغان بىر ئايال تەنتەربىيە ئوقوتقۇچىسى نۇرئەخمەتنىڭ بويىنىغا ئىسلىۋالغان،سەت گەپ بىلەن تىل سىلىپ جىدەلنى ئەۋجىگە چىقىر ۋاتاتتى.
ياندا شۇنچە كوپ ئوقۇتقۇچى،تەنتەربىيە دەرسكە قاتنىشۋاتقان ئوقوغۇچىلار ۋە باشقا ئائىلە باشلىقلىرى،مەكتەپ ئىچىنى قاتتىقلاشتۇرۇش ئىلىپ بىرۋاتقان ئىشلەمچىلەر دائىرگە ئىلۋالغان بولۇپ ھېچكىم ئاجىرتىپ قويۇشقا پىتىنالمىدىمۇ،ياكى ھەقسىز تاماشا كورۇشنى خالاپ قالدىمۇ،ھىچكىم ئاجىرتىپ قوياي دېمەي جېدەل كۈرۇپ ئوزئارا كۇسۇلدىشۋاتاتتى.ئاينىگار ئالدىراپ تۈۋلىدى:
-نىمە ئېش بۇ!ئوقوغۇچىلار سىنىپقا مىڭېڭلار ،قالغانلارمۇ جايىڭلارغا قايتىڭلار-ھە!
ئوقوغۇچىلار بۇ ئاچچىقى يامان خانىمدىن قورقۇپ دەرھال چىكىندى.كىشلارمۇ ئاستا تاراشقا باشلىدى.
-ئاچا،بولدى قىلسىلا،گەپ بولسا ئالدىرماي دىيىششەكمۇ بولدىغۇ؟
-سەن كىمتىڭ!؟مۇدىرخانىممۇ ياكى يېزىنىڭ شۇجىسىمىدىڭ؟نېرى تۇرە پاسكىنا.
ئايىگارنىڭ جۇدۇنى تۇتتى.ئەمما ئۆزىنى تۇتۋىلىپ چۇشەندۇردى:
-ئاچا ،بۇنداق ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا ئەرلەرنىڭ ياقسىغا ئىسىلىپ ئىلەڭگۇچ ئۇچۇپ يۇرسىلە سەت بولىدۇ،نىمە گەپ بولسا مانا ماڭغا ئىيىتسىلا مەن ياردەم قىلىمەن.بۇ مۇئەللىمنىڭ ياقىسنى قويۋەتسىلە،بولامدۇ.
-نەدىن كەلگەن شەقىقى ماۋۇ! -ئايال سوزلىگەنچە ئاينىگارغا ھورپەيدى،پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن تەنتەربىيە ئوقوققۇچىسى تېزلىك بىلەن يۇلغۇقۇنۇپ چىقىپ ئوزىنى نەرلەرگىدۇ دالدىغا ئالدى.بۇمۇئەللىمنى قاچۇرۋەتكەن ئايال خۇددى كانىدەك ئاينىگارغا چاپلاشتى.
-نۇردىگەن بەزگەكنى نەگە قاچۇردۇڭ؟سەن پاسكىنىنىڭ نىمە كارىڭ،بۇگۇن مىنىڭ ئولگۇم سىنىڭ قولۇڭدىن چىقىدۇ.تاپامسە-يوق؟!
-جىددىلەشمەي تۇرسىلا ئوقوغۇچىلار،ئاتا-ئانىلار ئالدىدا سەت تۇردۇ.نىمە بولسا ئالدىرىماي دىيىشەيلى،مەن...-گەپ ئاخىرلاشقىچە ئايال ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۇرغۇدەك سېسىق گەپ قىلىشقا باشلىدى.جەھلى تۇتقان ئاينىگار «سەن»لەشكە ئوتتى.
ئايال :«قىنى نوچى بولساڭ ئۇرە!...»دىگەنچە ئاينىگارنىڭ بوينىنى تاتلاپ،يۇزىگە تەستەك بىلەن ئۇرغىلى تۇردى.ئايىگار بىرتەرەپتىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلسا،يەنەبىر تەرەپتىن ئۇزۇن قولى بىلەن ئايالنى ئىتتىرەتتى.ئەمدى ياشقا چوڭراق ئوقۇتقۇچىلار سۇلھى قىلىشقا باشلىدى.لىكىن ھېچبىر توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.شۇچاغدا بىر ئەرنىڭ :«ئادەم بارمۇ خالايىق ئوقۇتقۇچىلار ئادەم ئۇرغىلى تۇردى!..»دىگەن ئەنسىز ئاۋازى بىلەن كىشلەر توپى مەكتەپ تەرەپكە ئاغدى.دەل شۇ چاغدا ناھىيلىك پارتىكۈم ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئىدارىسنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نىياز تويماس ئىككى نەپەر خادىمىنى باشلاپ يىتىپ كىلىپ ھىلىقى ئايالنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ،نەق مەيداندا«ئىش بىجىرىش»ئىلىپ باردى.مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىنى بىرىپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسنى ئيلىشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.دىقماق،پاكار مۇدىر يۇگۇرۇپ چىققانچە نىياز جۇجاڭغا خۇشامەتنى ياغدۇرۇپ ئىشخانغا باشلاپ ماڭدى.
چۇشتىن كىيىن يېزىلىق ساقچىخاندىن ئىككى نەپەر ساقچى ھەيۋەتلىك قەدەم بىلەن مەكتەپكە كىرىپ كەلگەنچە يىزلىق ھۆكۇمەت بۇيرىقىنى كورسىتىپ  ئايىگارنى ئىلىپ ماڭدى.مۇدىر بۇ ئوقۇتقۇچىغا مەنسىتمەسلىك، غەزەپلىك نەزىرىدە قاراپ ئىچىدە غۇدۇراشقا باشلىدى:‹‹ ‹لىدىن چىقا،خاندىن قورقما ›،دەپ ئادم بىلەن كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ زوكۇنلىشىدۇ،مانا قانۇن ئالدىدىمۇ زوكۇنلىشىپ باقسۇنچۇ قىنى؟..»،دىگەنچە قايتىدىن ئىشخانسىغا كىرىپ كومپىيۇتىردا ئويۇن ئويناشنى باشلىدى.
كەچقۇرۇن ئاينىگار تولىمۇ سۇلغۇن ئائىلسىگە قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە يولدىشى ياسىن تاماق يېمەي ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى، بېراق نىمىشقىدۇ ئاينىگارنىڭ  تاماق ئىتىشكە قولى بارمىدى.
-بۇگۇن نىمە بولدى؟يەنە مۇدىر بىلەن تىكلىشىپسىزدە!-دىدى،يولدىشى ياسىن ئايالىغا قاراپ.
-ياقەي،ئازراق جىدەلگە ئارلىشىپ قالدىم.
- جىدەك؟ يەنەنىمە جىدەل ؟ يەنە بىرەر ناھەقچىلىك يۇز بىرىپتۇ-دە!دەپ ئىغىر ئۇھ تارتى ياسىن.ئاينىگار بولۇپ ئوتكەن ئىشلارنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ياسىن ئايالىغا تەسەللى بىرىپ، بىرلىكتە كىچىك ئوغلىنى ئانسىنىڭ  ئۆيدىن  ئىلىپ كىلىپ ، بىر ئائىلدىكى توت جان بۈگۈن  سىرىتتىن تاماق يەپ ئويگە ياندى.
-ئۇ ئايال نىمە ئۇچۇن جىدەل قىلىدىكەن بىلدىڭىزمۇ؟
-بىر ئوغلى بار ئىكەن،3يىل بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇۋىتىپ كېسەل بولۇپ يىتىپ قاپتۇ، ئاتا-ئانىسى دوختۇرغا ئىلىپ بارماي كېسەل ئىغىرلاشقاندا تۇيۇقسىز بۇ بالا مەكتەپتىن قايتىقۇچە بىر يىقىلغان باراۋەر تۇگەپ كەتتىكەن ئىكەن.ئاشۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماناشۇ بالنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئدى، بۇ ئايال ئوغلۇمغا مەكتەپ تۈلەم بىرىشى كىرەك، بولمىسا مەن مەكتەپتە ياتىمەن،دەپ جىدەللىشىدىكەن.
مەكتەپ مۇدىرىمۇ مۇشۇ ئەھۋالنى بىلگەچكە مەكتەپ تۇزۇملەشتۇرۇپ، قايسى دېجۇرنى بۇ ئايالنى سىرىتتىن مەكتەپ ئىچىگە كىركۇزسە ، بىركۇنلۇك ئىش ھەققى يوق دەپ، بۇ ئايالنى مەكتەپكە كىرىپ پاراكەندە قىلشىنىڭ ئالدىنى ئالغان گەپ.
-ئستىراخۇانىيە شىركىتى تۈلەم بەرمەپتىمۇ؟ئستىراخۇانىيەگە قاتناشتۇغان بولغىيتى؟
-ھىلىمۇ ياخشى،سىنىپ مۇدىرى يىنىدىن 5يۇەن چىقىرىپ ئستىراخۇانىيگە ئەزا قىلدۇرغان ئىكەن.ئاڭلىسام شۇ چاغدىلام 3500يۇەن تۈلەم بەرگەنمىش. ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۇمەت ھازىر ئوقۇتقۇچنىڭ ئېقتىسادىي يۇكۈنى يىنىكلىتىپ ئوقوغۇچىلار ھۆكۇمەت پۇلىغا ھەقسىز ئستىراخۇانىيگە ئەزا  بولۇپ كەتتى.
-بۇنداق رامىزان مەزگىلىدە ئاللاھتىن قورقىمىغاندىن كىيىن، ئادەملەردە نە ئىتىقاد، نە ئىمان، نە ئادمگەرچىلىك  دىگەن نەرسە قالماپتۇ.
-نىمىلا بولسۇن، مەن ئاكاملار بىلەن كۆرۇشۇپ قوياي، ئاكامنىڭ قىيىن ئاكسى ناھىيلىك دائىمىي كومېتىتىدە ئىشلەيدۇ، چاڭۋىي بولغاندىن كىيىن ئازراق يولى بولۇپ قالار!سەن بالا بىلەن ئارام ئالغاچ تۇر،-دىگەنچە ياسىن  سىرىتقا چىقىپ موتسىكلىتنىڭ بىشىنى سىرىتقا قاراتتى.
ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ مەكتەپ مەمۇرىيتىنىڭ قارارىنى ئۆقۇپ ئوتتى: مەكتەپ قارارىدا ئاينىگارقەستەن جىدەل چىقىرىپ ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا ئىغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن يىل ئاخىرىدا مۇنەۋەر باھالىماسلىق،تولۇقلىما پۇلىدىن 300يۇەن جىرىمانە ئىلىش، ئوقتۇرۇلدى.
بۇجىدەل بۇنىڭ بىلەنلا تۇگمەستىن ھەركۇنى يېزلىق ساقچىخانا ئاينىگارنى چاقىرىپ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش ھىلىقى ئايال بىلەن كىلشىم قىلىشقا قەرەسىز چاقىرىپ ئىقتىسادىي تۆلەم بىلەن  قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلاتتى. جاھىل مېجەز بۇ ئايال ئوقۇتقۇچى بۇنىڭغا قەتئىي قارشلىق قىلپ، بۇنداق ناھەق پۇل تۈلەشكە قوشۇلمىدى.
بۇ ئىش يۇز بىرىپ 5كۇنى كەچقۇرۇنلىقى مەكتەپ مۇدىرى جىددىي تېلفۇن بىلەن ئاينىگارنى چاقىرتىپ، دادۇينىڭ سىكىرىتارى،كەنىت مۇدىرى،ئەتىرەت باشلىقىنىڭ ،كەنىت ئىمامىنىڭ بىرلىكتە جىدەل قىلغان ئايالغا تەربىيە ئىشلىگىلى باردىغانلىقىنى، ئاينىگارنىڭمۇ  بىرلىكتە بىرىشىنى ئۇقتۇردى.
ئاينىگار يولدىشى ياسىن بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئويىگە بىرىپ قورۇ ئىچىگە كۆز يۇگۇرتتى :درۋازىسى ئەسكىپ شاللىرى ئاجراپ كەتكەن،دەرۋازا يىنىدا چاققانغىنە ئۇستى يىپىلغان مورلىق ئوچاق ،ھويلا ئىچى پىششىق خىش بىلەن كۇنگۇرا باغلانغان،كۇنگۇرا غا ئۈزۇم ياماشتۇرۇلغان،پىشايۋان ئورۇندا دەرەخ شىخىدا چەللە قىلىنغان ھويلىدىن سولغا بىر ئېشىك چىقىرىلغان بىر ئىغىزلىق ھوجىرا ،ئۇدۇلدا ئەنجام تامدا ئىتىلگەن ئىككى ئىغىزلىق ئوي ،بۇ ئوينىڭ يىنىدىكى كىچىك باققا كىرىش يولى قويۇلغان بولۇپ بۇ يولدىن تارراق باققا چىققىلى بولاتتى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
-ۋائەلەيكۇم ئەسسالام، كەلسىلە خانىم
-بولدى،مەن تاماققا ياردەملىشەي،ماۋۇ مىۋە-چىۋە،كوكتاتلارنى مىھمانلارغا قويالا،-دىدى ئاينىگار قولدىكى چوڭ ئىككى سۇلياۋ خالتىنى ھىلىقى ئايالغا سۇنۇپ.ئايال ئاينىگارنىڭ قولىدىكى نەرسە كىرەكلەرگە قول ئۇزتۇپ :«رەھمەت، خانىم» دىگەنچە ئىلىپ ،ئۇدۇلدىكى مىھمانلارغا راسلىغان دەستۇرخان سىلىنغان  ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى؛ يولدىشى جۇدەنگۇ،دوغلاق كەلگەن،يۇزدە چاچ ساقاللىرى ئوسۇپ ئاقىرىشقا باشلىغان 37ياشلار چامىسىدىكى،چىرايىدىن مىسكىنلىك يىغىپ تۇردىغان كىشى بولۇپ، ياسىننىڭ قولغا سۇ بەرگەندىن كىيىن مىھمانلار غا راسلىغان ئايۋان ئۆيگە باشلىدى. ئانچە ئۇزۇن ئوتمەي مەكتەپ مۇدىرى ئوزىنىڭ يىقىنلىرىدىن ئۇچ ئادەمنى ئىلىپ، رامىزاننىڭ ئۇلۇغ كۈنلىرى يادىدا يوقتەك ،ئاغزىدا تاماكىنى يانتۇ چىشلىگەن ھالدا پەيدا بولدى.
تۇن پەردىسى تارتىلىشقا باشلىغاندا يۇرتنىڭ چوڭلىرى سانىلدىغان ئاق ساقاللىق كەنىت ئىمامى سەيدۇللا ھاجىم، مۇھىدىن قارىم قاتارلىق ئولما ،شاكىرتلىرنى باشلاپ كىرىپ كەلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەنىت باشلىقى غوپۇر دادۇيجاڭ، ۋاڭ شۇجى قاتارلىقلار ھەر قايسى كىچىك ئەترەت باشلىقلىرى ۋە  مۇئاۋىن يېزا باشلىقنى باشلاپ ،-ئەسسسالامۇئەلەيكۇم ،قۇرباناخۇن - دىگىنچە كىرىپ، ھەممەيلەن بىلەن قول ئېلشىپ كۆرۇشۇپ چىققاندىن كىيىن، سەيدۇللا ھاجىمنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن ئورۇن ئالدى. قولغا سۇ تارتىلىپ ، چىننەلەرگە سۇ ئىلىپ قۇربانئاخۇن كىرىپ كەلدى.  ئىپتا قىلىش باشلاندى. سۇيۇقئاش ئېچىلىپ بولۇپ ، پولۇ ئىلىپ كىلىنگەندە كەنىت باشلىقى غوپۇر سوز باشلىدى:
-قۇرباناخۇن،سىلى كىچىك ئەمەس،داۋاملىق ئەرىز قىلمىز دەپ چىقىپ كىتىسلەر، ئارقاڭلاردىن بىز بىرىپ ياندۇرۇپ كىلۋاتىمىز. يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك  ئادىل بىر تەرەپ قىلىڭلار دەپ،يوليۇرۇق بىردۇ، بىز سىلنىڭ يەر ھوددىسنى كوتۇرۋەتتۇق، ھاشارغا چىقمايسىلەر ،يەنە تىخى نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۇزۇپ توۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بەردۇق.لىكىن چۇشنەلمىدۇق نىمىشقا ئەرقىلىشنى توختاتماسىزلەردەيمەن؟...
-ماڭغا قاراڭ، قۇربان قارىم. مەن خۇدادىن قورقىمەن، سىلىمۇ  ھەم شۇنداق!ئاللاھ ئىگەم  قۇرئان كىرىمدە: شۇكۇر قانائەت قىلىش ئىماننىڭ جۇملىسىدىندۇر،  دېگەن.  شۇڭا، سىللى بارغا سۇكۇر قانائەت قىلىپ ، ھېلى دادۇي ئۇستىدىن، ھېلى مەكتەپ ئۇستىدىن ئەرزقىلىپ يۇرسەڭلارمۇ ياخشى بولماس، بۇلار يەنە سىلىگە نۇرغۇن پايدىلىق سوز تەكلىپلەرنى بەردى، ئويلىنىپ كۆرۇڭ؟ سىللى كۆز يۇمساڭلار يەنە بىز بىر كەنىتدىكىلەر جىنازاڭلارنى كوتۇرۇشكە لازىم بولارمىز  ھەققاچان!؟...-دەپ ۋەزىن -نىسھەتنى باشلىدى سەيدۇللا ھاجىم.
سەيدۇللا ھاجىمنىڭ سۆزىدىكى ئولۇم، جىنازا، ئاللاھ  ئېگەم ... دېگەندەك  سۆزلەر قۇربانئاخۇننى خىلى ئويلاندۇردى بولغاي، ئايالى پاتەمخانغا موزاي ئانسىنى ئىمىش ئۇچۇن تەلمۇرۇپ  قارغاندەك تەلمۇرۇپ قاردى.
پاتەمخان رومالىدا يۇزىنى يەنە بىر قىتىم ياخشىراق ئورۋالغاندىن ، بىر تەرىپىنى تارتىپ قويغاندىن كىيىن، يەرگىلام بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ گەپ باشلىدى:
-ھەر قايسىللىرىنىڭ دىيىشگەنلىرى ئورۇنلۇق، لىكىن دادۇي ئولتۇراق ئۆي باغلىرىمنى ئىگەللىۋالسا، مەكتەپ بالامنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا ، نىمە ئۇچۇن بىر ئىغىز ھەق گەپ قىلىشمايلا؟ بىزسىللەرنىڭ سىغىن كالاڭلارما!؟ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۆرۇنلاردىكى كادىرلار بىزلەرگە چاي قۇيۇپ، شۇنداق ئوبدان كۇتۋالىدۇ، سىزلەرچۇ؟ بىزنى ئەرزىزىغۇ، ئەرز بىلەن جان باقىدۇ دىۋالىسلەر، مەن مۇشۇنداق جان باقىمەن ،تاكى سىزلەر ھەق بىر تەرەپ قىلغىچە. قولۇڭلاردىن كەلسە سولاپ قويۇڭلار ياكى بىر پاي ئوق بىلەن «پاڭ» قىلىپ ئىتىۋىتىپلا قۇتلۇڭلار....
كەنىت كادىرلىرى،يۇرت كاتتىللىرىنىڭ چۇشەندۇرۇشلىرى كارغا كەلمىگەندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى سىمىز تېنىنى ئازراق  قىمىرلىتىپ، بەدەشقان قۇرغان يىرىدىن  تۇرۋىتىپ، تىزىدا موللىچىلاپ ئولتۇرغاندىن كىيىن، كىلىنى قىرىقىپ گەپ باشلىدى:
-بىزلەرمۇ بالنىڭ كېسلىنى داۋالاتسىلا دەپ  5000يۇەن ئىئانە توپلاپ، بوشەن ( ئىستۇراخۇانىيە دىمەكچى) دىن 3500يۇەن تۆلەمنى ئىلىپ جەمئىي 8500يۇەن پۇلنى قوللىرىغا تۇتقازدۇق، لىكىن سىلى نىمىشقا بۇ ئىشنى تۇگەتمەيلا دەيمەن؟ بالا- قازا خۇدادىن كىلىدۇ، ئەمدى نىمە قىلىپ بەرسەك بولاتتى. قاچان ئىدارىغا بارسام سىلنىڭ داتلاۋاتقان ھالەتلىرى، بىزنىمۇ ئويلاپ قويسىلا؟ بالنى ئوقۇتۇپ قويغان گۇباھمۇ ئەمدى؟!...
-سىلى، ئۆيۇمنىڭ ئىشىنى قىلغىچە ئايالىمنىڭ ئۇزۇكىنى ئىلۋاپسەن ،دەپ بالامنى ئۇرمىغان بولسىلا بالام مۇشۇنداق تېزلاپ ئولۇپ كىتەمتى،سىلىدە سەۋەنلىك يوقما؟ مىنى ئەمدى قور قىتالمايلا.،-پاتەمغان ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.
ئاينىگارنىڭ قەلبى بىر خىلى كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە بۇنداق ناھەقچىلىككە چىدىمىغاندەك ئەنسىز سوقۋاتاتتى.« مەن تىخى بۇ ئايالنى بىر ئۇششۇق، بىشەم، رەھبەرلىك ئىيىتقاندەك ئەرزىخو دەپ ئويلاپتىكەنمە، كىم بىلسۇن، قەلبى دەرت-ھەسىرەتكە تولغان  ئايالكەنغۇ؟بالىنىڭ دەردى شۇنداق يامان! بۇ پوق قوساقلاردا يا بىلىم، يا بىر ئەخلاق ۋىجدان يوق ، بېچارلەر ، ئورۇنسىز خاپا بولۇپ يۇرۇپتىمەن دىسە...» دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بولغان ئويلارغا بىرىلگەندە، مۇدىرنىڭ خىقىرغاندەك ئاۋازى خىيال دېڭزىدىن ئاينىگارنى تارتىپ چىقاردى.
-بۇنداق گەپنى دەۋەلمىسلە! مانا بۇ بىرمىڭ يۇەننى خىراجەت قىلىپ ئاندىن بۇنداق گەپنى ئىككىنجى تىلغا ئالماڭلار،-دىدى مۇدىر سىمىز قولىدا بىر تۇتام پۇلنى قۇربانئاخۇنغا سۇنۇپ.
بۇنى كورۇپ پاتەمغان مۇدىرنىڭ قولدىكى پۇلنى ئۇرۇپ چۇشۇرۋىتىپ:
-«پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپماقچىما سىلى » بىز سىزلەردىن 150مىڭ يۇەن تەلەپ قىلدۇق، شۇنى ئالىمىز بىز، بولمىسا......
-تاراۋا ۋاقتى بولۇپ قالدى، بىز ماڭايلى،- دىدى مۇھىدىن قارىم ئورۇندىن قوزىغىلىپ ، تاراۋا ۋاقتى قىستاپ قالغاچقا ئۇلار ئالدىرىپ ،مەسچىتكە مىڭىشتى.ئاينىگار بىلەن يولدىشى ياسىنمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ئۆيگە يىنىشقا تەرەتدۇت قىلدى.

بۇگۇن مۇشۇ ئىش يۇز بىرىپ 8-قىتىم ئاينىگارنىڭ يېزلىق ساقچىخانا چاقىرىتىلشى بولدى.يېزلىق ساقچىخاننىڭ ساقچى باشلىقى ساتتار ئېگىز بويلۇق،بۇرۇت ساقلىنى قىرقىپ يۇردىغان ، 30ياشلار چورىسىدىكى ، ساقچى فۇرمىسى شۇنداق سالاپەت ئاتا قىلغان يېگىت بولۇپ، ئاينىگار بىلەن تەڭتۈش ھەم ساۋاقداش ئىدى. بۈگۈن ساتتار ساقچىخاندىكى قوبۇلخاندا ئاينىگار بىلەن ئايرىم پاراڭلاشتى.
-ئاڭلىسام،سىزنى جىدەل ئۇستىدە كۆرگەن كىشى ناھىيلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇشتىنكەن، پاتەمغاننى كۇشكۇرتقان گەپ، ھەم مائارىپ ئىدارىسى شۇجىسنى ، مەكتەپ مۇدىرىڭلارنى قورقىتىپ قويغان ئوخشايدۇ، بىزگىمۇ تىلفۇن قىلىپ تىز بىر تەرەپ قىلىڭلار دەۋاتىدۇ. سىزلەرنىڭ چاڭۋىي تۇققىنىڭلار بارمىدى. شۇنىڭ يۇزنى قىلغانمىش، بولمىسا سىزنى ناھىيە بويۇنچە تۇڭباۋ(ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش) قىلاركەندۇق.
-بىر جىدەلنى ئاجىرتىپ قويمەن دەپ ، بۇنچە ئاۋارچىلىق تىپىۋالدىم دىسە. بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا، ئاجىرتىپ قائىدە سۆزلەش  بىر ئەقەللى قائىدىغۇ؟
-راس، سىزدەك  ۋىجدانلىقلار ئۈچۈن شۇنداق، ئۆيلاپ كۆرمەمسىز؟ نىمە ئۇچۇن باشقىلار شۇ كۈنى جىدەلنى ئاجىرتىشقا پىتىنالمايدۇ؟ ئاۋارچىلىقتىن قورقىدۇ.
-ياندا تاماششا كۆرۇپ ، جىدەل ئۇستىدە تۇرغانلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ  گۇۋالىق سۆزلىرىچۇ؟ ئۇلار ھەق سۆزلەشتىنمۇ قورقىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
-نىمە گۇۋالىق سۆزىكەن. پۇتۇن ئىسپاتلارنى كۆرۇپ چىقتىم، مەكتەپ مۇدىرىڭلاردىن تارتىپ ،ئىشچىلارغىچە سىزگە پايدىسىز گۇۋالىق بىرىپتۇ. ھىلقى ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئىدارىسىدىكى باشلىقنىڭ تەرىپىنى ئالغان گەپ.
-نىمە؟ بۇ مومكىنمۇ؟ئىشەنگۇم كەلمەۋاتىدۇ؟
-راس، گۇۋالىق سۆزنى باشقىلارغا كۆرسىتىش،بىزنىڭ كەسپى ئەخلاقىمىزغا خېلاپ بىراق، مەن مەخپى كۆرسىتەي. مانا قاراڭ،مۇنۇ قۇرلارغا« ئاينىگار پاتەمغاننى بىر مۇش ئۇرۇپ ئاغزىدىن قان چىقىرۋەتتى...،ئاينىگارمۇ بىشەملىك قىلدى...»
-شۇنداقمىكەن،- دىدى ساتتار قولى بىلەن ئمزانى توسۇپ تۇرۇپ.
-توۋا!-ئاينىگار قاتتىق ئازاپلاندى. ئۇ يانچۇقىدىن 1000يۇەننى چىقىرىپ ساقچى ساۋاقدىشىنىڭ قولغا بەردى،ساتتار قولغا قەلەم ئىلىپ ھوججەت يىزىشقا تەمشىلۋىدى،-بولدىلا، ئەمدى سىزمۇ تىنۋالسىڭىز، جاھاندا ھەققانىيەت يوق دەپ ئولسەم بولىدۇ، مەن بۇنداق ‹يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ› كۆنۇپ كەتكەن-مىنىڭدىن تەلەپ قىلدىغىنى 800يۇەنكەنغۇ؟!مانا 1000يۇەن،1000 بەردى،دەپ يوللاپ بىرىڭ.مەقسەت پۇل ئىلىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ،بوپتۇ دېھقانكەن،ياردىمىم بولۇپ قالسۇن. ئۇلارغا بەك ئۇۋالچىلىق تارتىپتۇ، بولسا ئەرىز قىلىپ، دېھقانلارغا كىلۋاتقان بېسىمنى، ناھەقچىلىكنى مەرگەز رەھبەرلىكىگە يەتكۇزسۇن. بىرقىسىم تويماس، ھۆقۇق ئۈچۈن ھەتتا خوتۇن باللىرنى سېتىۋىتىدىغان مۇناپىقلارنى ياڭنەيۋۇ  ئەنزىسىدە بىر تەرەپ قىلغۇزۇپ، ئادالەت ئاقلانسۇن.....- ئاينىگار ھاياجان ئىچىدە سۆزلەپلا كەتتى. ساتتار بۇ قەيسەر قىزنىڭ يەنلا ئاشۇ ئوقوغۇچىلىق دەۋىردىكى شۇنداق قەيسەر، باتۇرلىقىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.
ئاينىگار پىيادە ئويگە ماڭدى.ئۇنىڭ كاللىسىدا تېگى يوق خىياللار.ئۇ ئوز-ئوزىگە پىچىرلىدى:«بىزلەر ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپتۇق-دە!  بۇكېسەلنىڭ داۋاسى نەدىدۇ؟...»
                                                                                            تۇگدى
2012-يىلى5-ئاينىڭ26-كۇنى    كەچ       قەشقەر

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
16850
يازما
183
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
633
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
123 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 16:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىلەر ئادىللىقنى قوغدايدىغان ئۆلچەمنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەندە. ئادەم تەربىيىلەيدىغان ئوقۇتقۇچى تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك ناھەقچىلىقتىن قورقۇپ يۈرسە، قانداقمۇ بالىلارنى تەربىيىلىيەلىسۇن-ھە! ھازىر قانداق دەۋر؟ ئىشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى دەيدىغاندەك قىلىق قىلىدىغان خەخلەركەن. ساقچى بولغان نىمىلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنى بىلمەمدىكىنە مەكتەپكە كىرىپ جىدەل چىقارغان ئادەمنىڭ كەتمىنىنى چاپقىنى كۆرمەمدىغان.

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
81
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2621
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 17:09:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، يېزىلاردىكى شۇ تويمۇغۇر ئوغۇرلارنىڭ قارنى قاچان توياركىن زادى؟  يېزىلاردىكى  قانۇن مانا يۇقارقىسى شۇ................

UID
10525
يازما
310
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3520
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
124 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 00:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھېكايىنىڭ خاتىمىسى يەنلىلا كونا قېلىپتا ئاخىرلىشىپتۇ ، مېنىڭچە بولغاندا پاتەمخان بالىسىنىڭ ئاچچىقىدا مۇدىرنىڭ قارنىغا پىچاق تىقىۋېتىپ   ( ئېرىنىڭ تۇرقىدىن ئۇنداق قىلالايدىغاندەك ئەمەس )، ئاينىگار مۇئەللىم تۈرمىگە بېرىپ پاتەمخاننى يوقلىغاچ ، ئاۋدۇكات تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ يولىنى مېڭىشقا تەرەددۇتلانغان قىلىپ ئاخىرلاشتۇرىۋەرسىمۇ بولىۋېرەتتى

UID
28222
يازما
50
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 20:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ھازىر بىر ۋاراق قەغەز ياكى بولمىسا مەجبۇرىيەتلەر ئېنىق ،ھۇقۇق يوق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىمىكىن ،ھازىر خوش ياقسا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇرۇپ قۇيىدىغان زامان بۇلۇپ كەتتى!مۇئەللىمنىڭ يۈز-ئابرۇيى مەھەللە باشلقىنىڭ ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بۇلۇپ قالدى .
شۇڭا خەقلەر مەكتەپكە كىرىپ خالىغانچە ۋارقىراپ جارقىراپ خالىغىنى قىلىدۇ !

UID
37224
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 22:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىلاردىكى ھەدىدىن ئىشىپ كىتىۋاتقان يەرلىك سىياسەتنى كونتورۇل قىلىدىغان ئادەم يوقمۇ؟ساۋاتسىزلىق،يالاقچىلىق،چىقىمچىلىق،مۇناپىلىق،بىزنىڭ بىر بىرىمىزنى خورلاشتىكى قورالىمىزغا ئايلاندى.بىز ناخشا ئېيتىشنى،ئۇسۇل ئويناشنىلا ئۈگەنمەي قانۇن ساۋاتلىرىنىمۇ ئۈگۈنىشىمىز كېرەك ئىكەن.باشقىلار تور دۇنياسىدىن ناھايىتتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،تۇلۇق دەلىل ئىسپات ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھوقۇقىنى قوغدىماقتا.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش