تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2935|ئىنكاس: 16

پۇتبول، بىلەمسەن مەن يىغلىدىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22356
يازما
138
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
138
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
146 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 21:11:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
مەن 2012- يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتى B دەرىجىلىكلەرنىڭ شىمالىي رايون بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى 2012- يىلى 12- مايدىن باشلاپ توردا چالا-بۇلا ھالەتتە كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. راستىنى ئېيتقاندا، ئانا يۇرت سۆيگۈسى، تۈمەنلىگەن شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ شىنجاڭ پۇتبولىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ھاياجانغا لىق تولغان مەدەت سادالىرى مېنىڭمۇ ئاللىقاچان پەسكويغا چۈشۈپ قالغان پۇتبول مەستانىلىقىمنى قايتىدىن لەرزىگە سالغان ئىدى.

12-ماي ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ 4- ئايلانمىسىنى ئوينىدى. مەن بۇ مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىدىن دىيارىمىزدىكى بىر قەدەر نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرى بولغان «ئەلكۈيى» مۇنبىرى، «پۇتبول مۇنبىرى» ۋە «ئىزدىنىش مۇنبىرى»نىڭ مىكرو بىلوگ سۇپىسى ۋە مۇنازىرە مۇنبىرىدە تورداشلار ئۆزى نەق مەيداندا سۈرەتكە تارتىپ تارقاتقان فوتو سۈرەت ئۇچۇرلىرىنى ۋە يازمىچە ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم.

تورداشلار پۇتبول مەيدانىنىڭ كۆرۈش سۇپىسى ــــ ناھىيىتى يىراقتا تۇرۇپ تارتقان ھەرىكەتلىك ۋە ھەرىكەتسىز سۈرەتلەردىن پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەرىكەت گۈزەللىكىنى قانداقمۇ تولۇق ھىس قىلغىلى بولسۇن؟ كەسپىي مۇخبىرلىق ئۆلچىمىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغان يېزىق ئۇچۇرلىرى بىزنى قانچىلىك دەرىجىدە قانائەتلەندۈرەلىسۇن؟ لېكىن، مەن قەلبىمدە قىيان ياساپ شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز بىر تەقەززالىق ئىچىدە يېڭىلانغان ئۇچۇرلارنى كۆرىمەن دەپ توختىماي 3 تور بېكىتى ئارىسىدا مائۇس چېكەتتىم. لېكىن مەن مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ پەقەت نۆلدە نۆل كېتىۋاتقىنىدىنلا خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم، بىزنىڭ پۇتبولچىلىرىمىز قانداق سەپ شەكلىنى قوللاندى، قانداق پاسلىشىپ ئوينىدى، تېرېنېر قانداق تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى، كىم قارشى تەرەپ ۋارىتارىنىڭ ئالدىغا شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ تەھدىت پەيدا قىلدى؟ ...مانا بۇ مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا جاۋاپ تېپىشنى ئاممىۋى ئۇسۇلدىكى تارقىتىش ھەرگىزمۇ قانائەتلەندۈرەلمەيتتى. مەن پەقەت سۈرەت ۋە يېزىق ئۇچۇرلىرىدىن نەق مەيدانغا مۇسابىقە كۆرگىلى كىرگەن تاماشىبىنلارنىڭ  35 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ جۇڭگو پۇتبولى B دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى تارىخىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقىنى، تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھىيىتى يۇقۇرىلىقىنى، مەدەت سادالىرىنىڭ ئەتراپنى زىل-زىلىگە سالغانلىقىنىلا بىلەلىدىم. لېكىن مۇشۇنچىلىك خەۋەردار بولۇشمۇ مېنىڭ مارجاندەك كۆز ياشلىرىمنىڭ توختىماي ئېقىشىغا، شىنجاڭ پۇتبولىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىم، ئۈمىدىم ۋە تېلەكلىرىمنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ خىل مۇھەببىتىگە  قوشۇلۇپ سەلدەك ئېقىشىغا يېتىپ ئاشتى. مەن پەقەت مۇسابىقە ئەھۋالىنى مەۋھۇم ھالەتتە تەسەۋۋۇرلا قىلالايتتىم، بۇ تەسەۋۋۇر جاھان پۇتبول سەھنىسىدىكى مېسسى، رونالدو، خاۋى، ئېنىستا، ھېگۇايىن، دىروگبا، ئۆزىل، ئىبراھىموۋىچ...لارنىڭ سىماسى چېپىپ يۈرگەن ھەيۋەتلىك چىملىق مەيدانلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى، ئارىلىشىپ كەتكەنسېرى، نىمىشقا پەرھات، ئەخمەت، ئۆمەر...لەرنىڭ توپ تەپكەن ھەقىقىي سىماسىنى كۆرەلمەيمەن دەپ شۇنچە تىت-تىت بولاتتىم. بۇ خىل تىت-تىتلىق مەملىكەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇپ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا مەدەت بېرىۋاتقان شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئورتاق تىت-تىتلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى.

-مۇسابىقىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى قايسى تور بەتتىن كۆرگىلى بولىدۇ؟
توردا بۇ خىل تەقەززالىق بىلەن سورالغان سۇئاللار مىكرو بىلوگلاردا ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە توختىماي سورىلىپ تۇراتتى.
- بۇنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن،  مەن توردىكى سۈرەتلەرنى تۇتۇپ نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈش بېرىۋاتىمەن،- دەيتتى بۇ خىل سۇئاللارغا يولۇققان تورداش ئۇلاستاي.

شۇنداق، تور ئىسمى ئۇلاستاي بولغان بىر توردىشىمىز مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرەلمىگەن شارائىتتا شىنلاڭ تورى، سوخۇ تورى قاتارلىق مەملىكىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرىدە ئۇدۇللۇق تارقىتىلىۋاتقان سۈرەتلەرنى تۇتۇش ئارقىلىق ۋە نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆرىۋاتقان دوستلىرى يوللاپ بەرگەن يانفۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق «ئىزدىنىش» مۇنبىرىدە ناھىيىتى ئوبدان نەق مەيدان ئۇچۇرى تارقىتىۋاتاتتى.
  ئۇ ھەر قېتىم بىر يېڭى ئۇچۇر يوللىغاندا تورداشلارنىڭ شىنجاڭ پۇتبولىغا بولغان قىزغىن مەدەتلىرى، مۇھەببىتى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
-        شىنجاڭ كوماندىسى بېسىپ ئويناۋاتىدۇ!
-        ياشاپ كەت شىنجاڭ كوماندىسى!
-        ياشاپ كەت ئەزىمەتلىرىمىز!
  -ھۇررا،شىنجاڭ كوماندىسى!
-        شىنجاڭ كوماندىسى بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى!
-        ئاپلا، توپ كىرمىدى...
  - مەيلى، بىز يەنىلا شىنجاڭ كوماندىسىنى چەكسىز مېھرىمىز بىلەن سۆيىمىز!...
مانا بۇ شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتى!

مانا بۇ ھەر مىللەتتىن بولغان شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۆز رايونىمىزدىن چىققان پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى.

  بۇ مۇھەببەت ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا توختىماي توۋلىنىۋاتقان مەدەت سادالىرىغا قوشۇلۇپ ئاخىرى بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن «ئەلكۈيى» ۋە «ئىزدىنىش» تورىغا يوللىنىپ كۆرسىتىلگەن مۇسابىقىنىڭ تولۇق سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنىشى بىلەن مۇرادىغا يەتكەندەك بولدى. ئاندىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن CCTV نىڭ تەنتەربىيە قانىلىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى «پۇتبول كېچىلىگى»دە بۇ خەۋەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ مۇھەببەتنىڭ كۈچى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىندى.   چۈنكى ھەر ھەپتىسى جۇڭگودا نۇرغۇن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ ۋە ئا دەرىجىلىكلەرنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ، CCTV بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايتتى، ئۇلار پەقەت جۇڭگو پۇتبولىنىڭ سەۋىيىسىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى ۋە مەيدان ئىچى-سىرتىدىكى ئىشلار ھەققىدىلا تەپسىلى توختىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىشى يەنىلا شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىگە مەنسۇپ بىر ئېسىل سوۋغا. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىق ۋە تەسىرلىك مۇھەببەتنى خەۋەر قىلىشقا ئەرزىيدۇ،دەپ بىلگەنلىكىدۇر.

   شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى CCTV تەنتەربىيە قانىلىنىڭ بۇ سوۋغىسىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى. ئۇلار ھەتتا « CCTVنىڭ تەنتەربىيە قانىلىغا چىقىپتۇق» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ماقالە يېزىپ ئۆز خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى.
مانا، ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپ ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانى ۋە پۈتكۈل تور دۇنياسى يەنە بىر ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. 22- ماي كۈنى، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدىغان ناھىيىتى مۇھىم بىر مۇسابىقە  يەنىلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى.

  ئۇنىڭدىن نەچچە كۈن بۇرۇنلا توردا بۇ مۇسابىقە توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە تەشۋىقات باشلىنىپ بولغان ئىدى. مەسىلەن، مۇسابىقە بېلىتىنى قانداق ئۇسۇلدا سېتىۋېلىش، بېلەت ھايانكەشلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىشىغا يول قويماسلىق، توپ مەستانىلىرى قانداق يىغىلىش، قايسى رەڭدىكى مايكىلارنى سېتىۋېلىش بەس-بەس بىلەن ئوتتۇرىغا قويىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا ۋە پۈتۈن جۇڭگودىن تورغا چىقىۋاتقان شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى ناھىيىتى قىزغىن كۆڭۈل بۆلىۋاتاتتى. چۈنكى، ئالدىنقى قېتىمقى مۇسابىقىدە يارىتىلغان 35 مىڭ تاماشىبىننىڭ نەق مەيدانغا كىرىپ توپچىلارغا مەدەت تىلىشى بۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ سانىنى نەچچە ھەسسە يۇقۇرى كۆتۈرگەن ئىدى.

  بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ چوڭ ئىشى ئىدى!

  بۇ شىنجاڭلىق پۈتكۈل توپ مەستانىلىرىنىڭ شاتلىق بايرىمى ئىدى!

  مەن 22- ماي قاق سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كومپيوتېرنى ئېچىپ تورنى قوزغاتتىم-دە، بۈگۈن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى چوقۇم بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىدۇ،دەپ ئويلاپ توردىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاختۇردۇم.  چۈنكى مەن، ئۆتكەن قېتىم شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى مۇسابىقىنىڭ ئۇ دەرىجىدە قىزغىن بولىشىنى، خەۋەر قىلغۇدەك چوڭ ئىش بولىشىنى مۆلچەرلىيەلمەي خەۋەر قىلمىغان گەپ، بۇ قېتىم ئۇلار چوقۇم بۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، چۈنكى ئۆتكەن قېتىملىق مۇسابىقىنى CCTV دەك ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاستىسى چوڭ ئىش بىلىپ خەۋەر قىلدى، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ چوقۇم يۈزى قىزاردى، دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن مەن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىدىغانلىقى ياكى بىۋاستە ئۇلار تارقىتىدىغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم.
بەلكى، ۋاختى كەلگەندە بىۋاستە ئۇلاپمۇ تارقىتىپ قالار، دېدىم ئىچىمدە. لېكىن شىنجاڭ ۋاختى سائەت 3 تە مېنىڭ ئۈمىدلىرىمنىڭ ھەممىسى كۆپۈككە ئايلاندى. شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنى ئاچسام ئۇ خەۋەر توغرىلىق ھېچنېمە يوق ئىدى.

  مەن مۇسابىقىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى يەنىلا توردىن تورداشلارنىڭ قىزغىن ۋە خالىسانە يوللىغان ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولدۇم.
-بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالدى.
سۈكۈت...سۈكۈت...سۈكۈت...جىمىپ كېتىش...
ئاخىرى تورداشلار يەنىلا ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىدى:
- بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز بوش كەلمەيدۇ، كېيىنكى مەيداندا چوقۇم توپ ئۇرۇپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ...
- شىنجاڭ كوماندىمىز نۇقتا توپقا ئېرىشتى، بۇ توپنى 5- نومۇرلۇق پەرھات ئۇرماقچى!
  - توپ كىردى، ھۇررا...
  - ياشاپ كەت ئەزىمەتلىرىمىز!
  - شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىر توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى.
  - راستمۇ؟ توپنى كىم ئۇردى؟ قانداق ھالەتتە كىرگۈزدى، تەپسىلىرەك يازمامسىز؟
  ...

  مەن يەنە بىر قېتىم ياش تۆكتۈم. بۇ مەن سۈرىتىنى نەق مەيداندىن كۆرەلمىگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ مەۋھۇم ئوبرازىغا مەھكەم باغلانغان ئانا يۇرت سۆيگۈسىنىڭ قەلبىمدە زىلزىلە پەيدا قىلىشى ئىدى!

  مەن 1990- يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن باشلاپ يېقىنغىچە تالاي دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى كۆرگەن ئىدىم. لېكىن ھېچقاچان بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئەھۋالىنى فوتو سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق چالا-پۇچۇق، مەۋھۇم ھالەتتە بىلىپ تۇرۇپمۇ قاتتىق ھاياجانلانغاندەك ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدىم.
1990- يىلى، ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئارگېنتىنا بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كاررېكانىڭ مارادونا قارشى تەرەپ بېكىنىڭ چاتىرىقى ئارىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن پېسىنى قوبۇل قىلىپ ۋارىتارغا ئۇرۇپ كىرگۈزگەندە مەن خۇشاللىقتىن يىغلىۋەتكەن ئىدىم. لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا ئارگېنتىنا كوماندىسى سابىق غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىغا ئوتتۇرىۋەتكەندە مارادونا بىلەن تەڭلا ئەلەم بىلەن يىغلىۋەتكەن ئىدىم.

  ئۇندىن كېيىن مەن تالاي مۇسابىقىلەرنى كۆرۈپ قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان نۇرغۇن دەقىقىلەرگە شاھىت بولدۇم.
  لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى ئاتا قىلغان زىلزىلە قەلبنىڭ لەرزىگە كېلىشنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ماڭا بىر قېتىملىق دەرس ئۆتۈپ قويدى.
22- ماي كۈنى پۈتۈن شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى غەلىبە تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەن ئەشۇ دەقىقىلەردە مەن ئېنتېرنېت ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھەقىقەتەن مارجاندەك ياش تۆتۈم. قەلبىمدىن« ئۆرلە شىنجاڭ پۇتبولى» دېگەن سادالار توختىماي جاراڭلايتتى.

مەن 23- ماي چۈشتىن كېيىن، 22- ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان بىر فىلىمنى «ئىزدىنىش» تورى ئارقىلىق كۆرۈپ چىقتىم. بۇ فىلىمنى تورداشلار ئۆزلىرى زىيارەت شەكلىدە ئىشلەپ تورغا تارقاتقان ئىدى. لېكىن فىلىم ناھىيىتى قىسقا بولۇپ، پەقەت مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدىلا ئۇچۇرغا ئىگە بولغىلى بولاتتى. ھەتتەڭ، مۇبادا ئۇنى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتقان بولسا ياكى ئەتىسى بولسىمۇ بىر قەدەر تەپسىلى بولغان نۇسخىسىنى تارقاتقان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە، دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە. لېكىن، نەق مەق مەيدان خەۋىرىگە نېمە يەتسۇن؟ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن بېرىلگەن فىلىمنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولسۇن؟ مانا بۇ مېنىڭ بىر نەچچە كۈن ،ھەتتا بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مۇسابىقە ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىدىغان شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە مۇنبىرى سەھىپىسىگە بولغان ئۈمىدىم.

  شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسى پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى!
  شىنجاڭدا مىليونلىغان پۇتبول مەستانىسى بار!
  شىنجاڭلىقلار پۇتبولنى سۆيىدۇ!
  شىنجاڭ پۇتبولى كەلگۈسىدە دۆلەت پۇتبولىنىڭ سەۋىيىسىنى نامايەن قىلىشىدىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ!
  شىنجاڭ پۇتبولى يۆلەشكە، كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشقا ۋە مەدەت بېرىشكە مۇھتاج!
  شىنجاڭ پۇتبولى پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ چوڭ ئىشى!
  شىنجاڭ پۇتبولى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ مەنىۋى كۈچلىرىنىڭ بىرى.
  بىز شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى تېلېۋېزور ئارقىلىق كۆرۈشكە تەشنا.
  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 22:49  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

دوست دىگەنلەر ئا

UID
3911
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
753
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 01:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ شىنجاڭنى ئىككىنچى بىرازىليە دىسەك  ئارتۇق كەتسە كېتىدۇكى ھەرگىز ئۇلاردىن پەرىخلەنمىگۈدەكمىز ،چۈنكى بىزنىڭ پۇتبولىمىزنى  7ياشتىن 70 ياشقچە ھەممە  قوللاۋاتىدۇ  مانا بۇنىڭ ئۆزى  بىرىنچى قەدەمدىكى غەلبە ،  يەنىلا بىزنىڭ غەلبىمىز  ، سۇنىڭ بېشى سۈزۈك باشلاندىمۇ ئاخىرى يەنىلا شۇ سۈپسۈزۈك سۇ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ......

UID
19658
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-2-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 09:59:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ پۇتبولچىلىقىمىزدىن ئۈمۈد زور، ئەگەر بۇندىن كىيىن پۇتبولچىلىرىمىز مۇنتىزىم تەربىيلىنىدىغانلا بولسا چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، مەشھۇر پۇتبول چولپانلىرى مان بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىقدۇ. پۇتبولچى ئەزىمەتلەر، ھۇررا!!! شىنجاڭ ھۇررا!!!

UID
35135
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 12:38:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈېكىمدىكى  سادالار يانار تاغدەك پارتىلايمەن دەيدۇ ؟بۇ قانداق  ھاياجاندۇ؟بۇ قانداق  كۈشتۇ؟تىلىم  يەنلا  شۇ  گەپنى  تەكرارلايدۇ!  ئۇيغۇرلار ھوررا !!! ئۇيغۇرلار ھوررا !!!             قېرىنداشلار ھوررا                   !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
35135
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 12:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈېكىمدىكى  سادالار يانار تاغدەك پارتىلايمەن دەيدۇ ؟بۇ قانداق  ھاياجاندۇ؟بۇ قانداق  كۈشتۇ؟تىلىم  يەنلا  شۇ  گەپنى  تەكرارلايدۇ!  ئۇيغۇرلار ھوررا !!! ئۇيغۇرلار ھوررا !!!             قېرىنداشلار ھوررا                   !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇ خىل ھاياجاننى توختاۋسىز ئېقىۋاتقان كۆزياشلار ھەرگىز بايان  قىپ  بىرەلمەيدۇ!؟   قەدىر-قىممەت.غۇرۇر.ئارا-نۇمۇس.  ھەي.....................

UID
24387
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 15:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكسىز ھاياجانلىق مىنۇتلار ھېلھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ....ئەزىمەتلىرىمىز ئۈمۈدىمىزنى يەردە قويمىدى....غورورىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى....ھۇررا ھۇررا!ئەزىمەتلەر ھۇررا!

http://v.youku.com/v_show/id_XNDAwOTQ4OTA4.html

UID
39073
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 19:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولچى ئەزىمەتلەر، ھۇررا!!! شىنجاڭ ھۇررا!!!

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
318
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 21:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھۇررا شىنجاڭ «پۇتبولى»....

          ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىدن تولىمۇ سۇيۇندۇم! مۇشۇنداق تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلىساق نەقەدەر ھۇزۇرلۇق-ھە!  ياشىسۇن ئورتاق خۇشاللىق!
          «پۇتبول» ھۇررا.........

UID
39062
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەتلەر، خەلىق  دۇئاسى ھەر ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە، بىز  سىلەردىن پەخىرلىنىمىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
                     تىخىمۇ تىرىشىڭلار،غەلبە سىلەرگە، خۇشاللىق بىزگە مەڭگۈ ھەمدەم بولسۇن

UID
15382
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
168
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 13:49:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇسابىقىگە ئائىت فىلىملەرنى كۇرسەملا كۇزۇمگە ياش كىلىدۇ،،،كۇز يىشىمنى ئۇغلومدىن يۇشۇرۇپ بەك ئاۋارە ،،ئۇغلوم دادا سەن نىمانداق يىغلاڭغۇ ،،دەپ قالارمۇ دەپ......................................................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش