تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 886|ئىنكاس: 7

ھەقىقى ياشاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
17990
يازما
23
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2011-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 17:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                      ھەقىقى ياشاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
     ھەممىمىز مۇنداق بىر چۆچەكنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. بىر تۈلكە ئۈزۈمزارلىققا كىرىپ ئۈزۈمنى تازا تويغۇچە يېمەكچى بولىدۇ،بىراق توساقنىڭ تۆشىكى بەك كىچىك بولغاچقا ئىچىگە كىرەلمەيدۇ.تۈلكە ئامالسىزلىقتىن ئۈچ كۈن تاماق يېمەي ئازراق ئورۇقلىغاندىن كىيىن تۆشۇككە پاتقۇدەك بولۇپ ئىچىگە كىرىدۇ،بىراق تويغۇدەك يەپ بولۇپ چىقىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. يەنە ئۈچ كۈن تاماق يېمەي، ئازراق ئورۇقلاپ ئاندىن چېقىپ كېتىدۇ.تۈلكە شۇنچە ئاۋارە بولغان بولسىمۇ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىن  كىچىكىپ ھىس قىلىپ قالىدۇ.
   ئارام ئالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مەن زادى نىمىگە ئالدىراش يۈرىمەن. مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسەم زادى نىمە؟ دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟تەتقېقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە،93 بىرسەنت ئادەم ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىممىتىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدېكەن.ئۇلار ئۆزىنىڭ نىمىگە ئالدىراش بولۇپ نىمىگە ئېرىشمەكچى بولىدېغانلىقىنىمۇ بىلمەيدېكەن. خۇددى سۇ يۈزىدىكى لەيلىمە جانلىقلارغا ئوخشاش قايماققان ھالدا لەيلەپ ياشايدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى مۇنداق ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ‹‹ئالدىراش،قارغۇلارچە.قۇرۇق››.
   مۇنۇ ئېبارىلەر كۆپساندىكى كىشىلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ يىغىندىسى:
دەسلەپتە---مەن ئۆلسەم ئۆلىمەنكى لىكىن چوقۇم ئالى مەكتەپكە كىرىمەن.
ئاندىن---چوقۇم ئوقۇش پۇتتۈرۈش گۇۋاھنامەمنى ئېلىپ، بالدۇراق خىزمەتكە چىقىمەن.
ئارقىدىنلا---مىنىڭ توي قىلغۇم بار، بالام بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
يەنە---بالامنىڭ بالدۇراق چوڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
كىيىن---مەن كۈندە دىگۈدەك بالدۇراق پىنسىيەگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
ھازىر---بۇ تۇرمۇشتىن زېرىكتىم.
تۇيۇقسىزلا---ئەمدى چۈشەندىم.
ئۇنتۇپتىمەن---ھەقىقى ياشاشنى
   ھەقىقى ياشاشنى ئۇنتۇش ئىنسانلارئۈچۈن نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق ئىش ھە؟سىزچۇ؟سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىز قانداق؟سىز ھەقىقى چىن ياشاۋاتامسىز؟سىز تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بىلەن خىزمەتنىڭ خوشاللىقىدىن بەھرىمان بولالىدىڭىزمۇ؟ھازىر خىزمەتچى بولغان بولسىڭىز مىللىتىگىزگە ،يۇرتىگىزغا، دۆلىتىگىزگە ،ئەجداتلىرىگىزغا ئەۋلاتلىرىڭىزغا يۈز كەلگۈدەك ئىشلارنى قىلىۋاتامسىز؟كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدىكى سەبى ئارزۇ ئىستەكلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىڭىزمۇ؟ياكى جەمىيىتىمىزدىكى غەيرى چىراق نۇرلىرىغا ،غەيرى پۇراقلارغا غەيرى ‹‹ۋېرۇسلار››غا ئاشىق بىخارا بولۇپ كوچىدا قالغان ئېگىسىز ‹‹ئەتىۋا››ئىتلاردەك يۈرىۋاتامسىز؟... سوئال دېگەن سورىسا جىق،لىكىن بۇلارنى مانغا ئوخشاش  ئاددى قەلەمكەشنىڭ قاينىغىنى بىلەن ھەلبولمايدۇ. ھەممىسى ئادەم ئۆزىگە باغلىق .                                 خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئىككى توتتال پۇلىڭىزغا شۈكرى قىلىپ يۈرىۋاتامسىز؟ئاتا ئانىڭىزغا قاتتىق ئىشىنىپ كەلگۈسىدە چوقۇم بەخىرامان ياشايمەن دەپ چوت سوقۇپ يۇرگەنسىز بەلكىم،ئەپسۇس كىيىن شۇنى ھېس قىلىپ قالىسىزكى  بۇدۇنيا سىز ئويلىغانغا ئوخشاش  سائەت ئىستىرىلكىسىگە ئوخشاش بىر ئوقنىڭ ئىچىدە پىرقىراۋەمەيدۇ،مەيلى قېرىغان ۋاقتىڭىزدا بولسۇن،ئوتتۇرياش ۋاقتىڭىز بولسۇن ۋە ياكى ياش ۋاقتىڭىز بولسۇن،سىز بۇنى ھىس قىلغان ۋاقتىڭىزدا پۈتۈنلەي كېچىككەن بولىسىز.بۇنى مەن سىزگە مېڭ دېسەممۇ ھازىر ھىس قىپ ھىس قىپ بولالمايسىز.
   سىز ھازىر جوڭگۇنى چۈشىنەمسىز؟ قانداق قىلغاندا پۇت تېرەپ ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ھازىرقى ئىككى تۆتتال ئاشۇ كېرىمىگىزگە تايىنىپ ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەر ئورنىدىن ئورۇن ئالىمەن دېمەكچىما سىز؟ يەنە خاتالىشىپسىز.سىز جوڭگۇدا ئۆمۇرلۇك ئۈگىنىش دېگەن ئېدىيەنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ ‹‹مودا›› بولىدىغىنىنى ھېس قىلدېڭىزمۇ؟يەنە شۇ ئىككى تۆتتال پۇلىڭىزغا شۇكرى قىلىۋاتامسىز؟ ئۇنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ئۆز ئۆزىڭىزگە مەبلەخ سېلىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ مەبلەخ سېلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز،ياق سىز تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىڭىز؟چۈنكى سىزنىڭ ئاشۇ ئىككى توتتال پۇلىڭىز سىزدە قانائەت ھاسىل قىلىپ قويدى.
جىق يازمىدىم مۇنبەرداشلارنى زىرىكتۈرۈپ قويماي دېدىم  ئەمدى ئاخىرىنى مۇنبەرداشلارنىڭ بىرلىكتە چۈشۈرشۈپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17990
يازما
23
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2011-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 17:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ھەۋەسكار خاتا يەرلىرى بولسا كەچۈرۈڭلار...

UID
37982
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 08:48:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qidax يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 17:01
مەن بىر ھەۋەسكار خاتا يەرلىرى بولسا كەچۈرۈڭلار...

ياخشىمۇسىز!  بۇ ئىنتايىن ياخشى تىما ئىكەن. شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇدۇم.
بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ تىرىشىپ ،مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز !

UID
39157
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 11:15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك جانلىق تېما ئىكەن

UID
36673
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 11:36:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى .
ئىنسان ھەر كۈنى ئۆز -ئۆزىگە مەن كىم ؟ نېمە قىلىۋاتىمەن ،نېمە قىلىشىم كېرەك دېگەن سوئالنى  ئۆزىگە قويۇپ توختاۋسىز ئىزدىنىشى ،جەمىيەتتە نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ ،كىملەر قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ  كۆپ پۇل تېپىۋاتىدۇ ، قايسى يول بىلەن تېپىۋاتىدۇ ، مەن قانداق قىلسام بولىدۇ    دېگەن دەك سوئاللارنى قويۇپ ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك  .  مەنچە يوغان ئەينەك ئالدىغا كېلىپ ئۆزىگە تىكىلىپ  قاراپ تۇرۇپ  ئۆزىنىڭ نېمىگە يارايدىغانلىقى ،قانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقى ،  قانچىلىك ئىمكانىيىتى بارلىقىنى  بىلىشى لازىم . يوغان ئىشقا چامى يەتمىسە كىچىك ئىشنى بولسىمۇ تۇتسا بولىدۇ . ئادەم تۆت ئەزايى بىجىرىم .ساق بولسا شۈكرى قىلسا بولىدۇ  .ئىلىم -ھۈنەر ئىگىلەش  ،ئىشلىتىش ،كۆپكە ھەسسە قوشۇشجەھەتتە شۈكرى قىلماسلىقى كېرەك  .خەير

UID
36635
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 17:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە بۇ.دېمىسى ڭىز مۇ ،بەزىلەر كىچىككىنە پول تېپڭپ بەكلا خوددىنى بىلەلمەي قالىدۇ.ھازىر قىي ۋە كىيىنلىك ئۇچۇن بىزدەك مىللەت لەر گە پول بولمىسا بولمايدىغانلىقى ئېسپاتلىنىپ لا تۇرى دۇ.

UID
39967
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
a pi rin , ku li giz ga dat kal mi sun , siz da wat kan ix ha zir ki ja mi yi tiz da yuz bi ri wa ti du ? . ha zir ba zi yax li ri miz da di si nig pu li ga ta yi nip jan be kix ni oy lai du . oz al di ga i gi lik tix lax ni ha li mai du , ya na ba zi yax li ri miz ,ham hi yal ki li du , yah xi kun lar nig ke li xi ni ar zu ki li du , ,xu yax lar ga xun dah di gum ki li du , ham hi yal kil mag lar mo ji za yuz bar may du dap , bir ma kal tam sil bar dap or nug lar din tu rug lar ,bu gun din bax lap ti ri xig lar ? o zi miz ni og xay li ?bol mi sa a ta bo wi miz ga yuz ki lal mai miz >?? o zi miz ga bur kut ni ul ga ki lay li ?

UID
39967
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:D

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش