تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2818|ئىنكاس: 10

تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىنمۇ بولمايۋاتىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
183
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
633
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
123 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 02:11:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزدە «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن» دەيدىغان ماقال بار.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بۇ مەلۇم ئىشتا زىيان تارتقاندىن كېيىن ئەقلىنى تاپقانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە ئەتراپىمىزدا تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىنمۇ بولمايۋاتقان ئەھۋاللار ھېلىھەم ئاز بولمايۋاتىدۇ. نېمىشقا دېگەندە بىر ئىشلارنى كۆرۈپ-بىلىپ تۇرسىمۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ بېشىغا ئازاب-زىيان، ئاۋارىچىلىق- يوقۇتۇشلار كېلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بۇرنىغا سۇ كىرمەي شۇ يوللاردا مېڭىپ، شۇنداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنى  داۋاملىق پەيدا  قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرسە بۇ ئادەملەر نېمانداق ئويلانمايدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. كىشىلىك مۇناسىۋەت، نىكاھ، پەرزەنت تەربىيىسى، جاھاندارچىلىق، سالامەتلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئاقىۋىتىنى ئويلىماي تەكرار شۇغۇللىنىۋاتقان، سادىر قىلىۋاتقان ئەھۋاللار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرۇدۇ. تېخى كىشىلەر ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى  ھەم دورا-داۋاسى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي بۇ كېسەلگە داۋاملىق گىرىپتار بولىشىۋاتىدۇ. ساغلاملىققا خىلاپلىق  قىلغاننىڭ زىيان-ئاقىۋىتى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندىنمۇ ئېغىرتوختاۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. جەمىيىتىمىزدە دوختۇرخانىلاردىكى ئۆچرەت ئەڭ ئېغىر بولىۋاتقان،  ھېچقاچان تاغ-شەھەر ئاتلاپ ئاقمىغان كىشىلەر كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن تاغ-شەھەر ئاتلاۋاتقان، ئۆمرىدە ئشلەپ تېپىپ باقمىغان پۇلنى داۋالىنىش ھەققىگە تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ ئامالسىزلىقتىن مۇراجەتنامە چىقىرىۋاتقان دېگەندەك ئەھۋاللاردىن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق چۈشەنچىسى توغرىلىق توختالماي  تۇرالمىدىم.  

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، راك، دىئابىت، يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى،رىماتىزىم-سۆڭەك كېسەللىكلىرى ھەرگىزمۇ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەمەس. ئېرسىيەت  قېلىش نىسبىتىمۇ چوڭ ئەمەس. شۇنداقلا يوقۇملۇق كېسەللىكلەر نەچچە يىللاردا بىر دائىرىلىك پەيدا بۇلۇۋاتىدۇ ھەم ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقۇلىشىغا دۆلەت-دۇنيا تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە يۇقۇمسىز كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇرخانىلارنى ئەڭ ئاۋات  بازارغا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ.

ئادەمنىڭ سالامەتلىگىنى بىركىم باشقۇرمايدۇ، كېسەل يۈرەمدۇ، ساغلام يۈرەمدۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. ئەمما، كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتقىلى بولمايدۇ، تەن ئاغرىيدۇ، جان قىينىلىدۇ. داۋالاتمىسا ھەم ياش ھەم مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ. داۋالىتىش ئۈچۈن ۋاقىت، ئىقتىساد، زېھىن كېتىدۇ. شۇڭا ئاز بولمىغان كىشىلەر ئۆز ئەھۋالىدىن رازى بولمىغاچقا، كېسەل  داۋالىتىش قىممەت دەپ قاقشايدۇ، ئەمما نېمىشقا كېسەل بولىمىز    دەپ ئويلاپ باقمايدۇ.

توغرا، ئادەم دورا كەملەپ كېتىپ ئاغرىپ قالمايدۇ. خەلقىمىزدە « كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ» دېگەن ماقال بار. ئەمىلىيەتتە، ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن پەقەت يېمەك-ئىچمەك كىرىدۇ. دېمەك، ئېغىزدىن كىرگەن  كېسەل ئاشۇ يېمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك دېگەن گەپ. ئادەم  ھەرگىزمۇ ئىككى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، بەش بارماقلىق قوللىرىنى     ئىشقا سېلىپ مەينەت، زەھەرلىك نەرسىلەرنى يىمەيدۇ. پەقەت، كاللىسىنىڭ ھەم يانچۇقىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا گېلىنى باقىدۇ. دېمەك، ئادەملەرنىڭ كاللىسىنىڭ ھەم يانچۇقىنىڭ ئەھۋالى يېمەك-ئىچمىگىنى پەرققە ئىگە قىلىدۇ.

توغرا، كىمنىڭ نېمە يەپ-ئىچكۈسى كەلسە شۇنى يەپ-ئىچىدۇ. ئاز يەمدۇ، جىق يەمدۇ، قايسى ۋاقىتتا يەيدۇ، قانداق يەيدۇ بۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلاشمايدۇ.  بالىلاردىن باشقا چوڭلارنىڭ يېمەك-ئىچمىگىنى بىركىم باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ. قانداق ئوزۇقلىنىش ھەربىر ئادەمنىڭ  ئۆز ئىختىيارىدىكى، ئۆز ھوقۇقىدىكى، ئۆز ئادىتىدىكى،  ئۆز ئىمكانىيىتىدىكى تاللىشىدۇر. تۇرمىدىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىگى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەركىن تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنىڭ   يېمەك-ئىچمىگىنى ئوپمۇ-ئوخشاش دېگىلى بولمايدۇ.

كىشىلەرنىڭ مىجەز-خارەكتىرى، ئىدىيە-تەپەككۇرى، تۇرمۇش ئادىتى قىممەت ئېڭى، يېمەك-ئىچمەك پۇزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن پەرققە ئىگە بولۇشى ئەمىلىيەت بولغاچقا، يېمەك-ئىچمەككە تۇتقان تونۇشىدىمۇ پەرقنىڭ بولۇشى، ئوخشىماسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى چۈشۈنۈشلۈك ئەھۋال.

جامائەت ۋە جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجى بويىچە كىشىلەر ئەخلاق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنغان بىلەن، ئەمما سالامەتلىكنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تېخى كىشىلەرنىڭ گېلى باشقۇرىلىدىغان ھالەتتە ئەمەس. ئادەمنىڭ ھەر كۈندىكى قوسىقىنىڭ ئېچىشىنى تويغۇزىۋاتقان، ئاچ قالدۇرماي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان يېمەك-ئىچمەك« كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ» دېگەندەك ئادەمنىڭ ساغلام-كېسەللىگىنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
   
ئادەم بەدىنىكى تەڭشەك-تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن بەدەندىكى قانۇنىيەتلىك ئايلىنىش مۇناسىۋىتى راۋانلىق بىلەن نورمال ھالەتتە داۋاملىشالماي، مەلۇم سىستېما-ئەزانىڭ ئىقتىدار-رولى ئاجىزلاپ، بەدەندىكى باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت ئۆزئارا ماسلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن كېسەللىك پەيدا بۇلىدۇ.

ئادەمنىڭ جېنىمۇ ئېغىزدىن كىرىدۇ ھەم ئېغىزدىن چىقىدۇ. يەنى ئادەم بالىسى تۇغۇلۇپلا يىغلاپ جېنىنى نامايەن قىلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندە نەپەستىن قېلىپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ. يېرىم مېتىر ئەتراپىدىكى ئىگىزلىكتىكى، ئۈچ-تۆت كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ھالەتتە تۇغۇلغان ئادەم بالىسى ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق بوي ئېگىزلىكى بىر يېرىم مىتىردىن ھالقىغان، بەدەن ئېغىرلىغى يەتمىش-سەكسەن كىلوگرامغا يەتكەن چوڭ ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئادەم ھەپتە-بەش كۈن         ئوزۇقلىنىشتىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ چىرايى، ئىگىز-پاكارلىقى، مىللەت-ئىرقى ئوخشاش بولمىغىنى بىلەن بەدىنىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدۇ.  
   
ئادەم بەدىنىدىكى جان-ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئارقىلىق مەۋجۇتلىغىنى ساقلىيالايدۇ ھەم داۋاملاشتۇرۇدۇ. ئەگەر ئوزۇقلانمىسا چوڭ بولۇش تۈگۈل ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، ئادەملەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى پەرققە ئىگە ھەم ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئادەم ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەمدى دەۋرىمىزگە كەلسەك، كىشىلەرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغىنى يوق. يەپ-ئىچىدىغىنىمۇ يىتەرلىك ھالەتتە. قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەلمۇ يوق. ئەمما، قايتا-قايتا كېسەل بولىدىغان، بىرسىنىڭ ئارقىسىدىن بىرسى كېسەل بولىدىغان ئەھۋاللار ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. يەنى، كىشىلەر كېسەل بولماسلىقنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندەك. ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە يۈرەك-قان تومۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان راك كېسلى تۈپەيلىدىن يەنىلا ئوتتۇرا ياشتىلا ئۆلۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلار، كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن تاپقان-تەرگىنىنى سورىۋېتىپ قاقسەنەم بولۇپ كەتكەنلەر باشقىلارغا ئىبرەت، چۆچۈش، ئويلىنىش ئېلىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن» بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، باس-باس  بازارغا ئايلانغان دوختۇرخانىلار ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىگىنى  چۈشەندۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.  

يېمەك-ئىچمەككە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئادەم سالامەتلىكتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. توغرا، كېسەللىكنىڭ كۆپ خىل سەۋەبى بولىدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئوزۇقلىنىشنىڭ توغرا بولماسلىق سەۋەبىدۇر. ئىش-ئەمگەك قىلىش،خىزمەت ئىشلەش، باي بولۇش، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، جەمىيەتتە مۇئەييەن قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئادەم ئۈچۈن ئانچە تەس ئىشمۇ ئەمەس. نى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر بار. كېسەل بولمىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. كېسەل بولماسلىق ئۈچۈن ئۆز ئېغىزىغا قايسى ۋاقىتتا نېمىنى سېلىشنى بىلىشى كېرەك. ماشىنىنى ئايىماي ئىگىز-پەس يوللاردا قوغلاپ يۈرىۋەرسەك بۇزۇلماي قالمايدۇ. كىيىمنى ئاسرىمىساق يېڭى-يارىشىملىق ھالەتتە كىيگىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ماشىنىنى قايتىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئادەم بەدىنىنى كېسەل بولۇپ داۋالىغىلى بولمىسا قايتىدىن سېتىۋالغىلى  بولمايدۇ. كېسەل بولسام  داۋالىنىمەن، دوختۇر-دوختۇرخانىلار ئاز ئەمەس دەپ ئويلىغان بىلەن   داۋالانغان ئادەمنىڭ بەدىنى رىمۇنتقا چۈشىدۇ، بۇ جەرياندا ئادەم بەدىنىگە كىرىشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەر كىرىدۇ. بەزى بەدەننى كىسىپ-تىكىپ، ئالماشتۇرۇپ، سۈرۈپ-قوغلاپ ۋاقىتلىق راۋانلاشتۇرۇپ رىمۇنت قىلغىلى بولىدۇ، رىمۇنتقا چۈشتى  دېگەنلىك  ئەسلىدىكىدەك ئەمەس دىېەنلىكتۇر. بەزى بەدەننى قەۋرىگە تەييارلىق قىلىشقا يولغا سېلىپ قويىدۇ.

قىسقىسى، نۆۋەتتە قوغلاپ يۈرۈپ چاپلاشقىدەك يۇقۇملۇق كېسەلمۇ يوق. ئادەم دورا كەملەپ كېتىپمۇ كېسەل بولمايدۇ. ئاچلىقتىن كېسەل بولىدىغان دەۋرمۇ ئەمەس. پەقەت، كىشىلەر كېسەل بولماسلىقنى بىلمەسلىك، ئۆگەنمەسلىك تۈپەيلىدىن كېسەللىكتە قىينىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ، قېرىماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئوخشاش مۇھىتتىكى، ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش جىنىستىكى، ئوخشاش كەسىپتىكى ئىككى ئادەمنىڭ بىرسىنىڭ ساغلام، يەنە بىرسىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى كېسەل بولغۇچىنىڭ ساغلاملىق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى، يارامسىزلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. كېسەللىك- راك، بۆرەك، يۈرەك، دىئابىت كېسەللىكلىرى بىر كۈندىلا شەكىللەنمەيدۇ. بۇ جەرياندا بەدەندە ئىنكاس، ئۆزگىرىش، ئالامەتلىرى بىلىنمەي قالمايدۇ. بىلگەن كىشى مانا مۇشۇ چاغدا مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىنىش، تەدبىر قوللىنىش، ئالدىنى ئېلىش  پۇزىتسىيەسىگە كېلىدۇ. ئەكسىچە، سەۋەب-نەتىجىنى بىلمەيدىغان كىشى ئىختىيارسىز كېسەلگە يۈزلىنىپ كېتىۋېرىدۇ.      

ساغلاملىققا خىلاپلىق قىلمىسا، ئادەمنىڭ كېسەل بولىدىغان گۇناھى يوق. بىر ئۆمۈر ئېغىزغا چىققىدەك كېسەل بولماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس. ئائىلىدە، ئۇرۇق-تۇققانلار، قۇلۇم-قوشنىلار ئارىسىدا، يۇرت-مەھەللىدە كىمنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى، نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى، ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قالىدىغان ئەھۋاللار ئەمەس. شۇڭا، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسەلگە       گىرىپتار بولغانلىقىنى ئويلىنىشى، ئويلىنالايدىغان بولىشى كېرەك. چۈنكى، ساغلاملىق تەپەككۇر، كەسىپچانلىق  تەلەپ قىلىدۇ. ساغلاملىق بىر خىل پۇزىتسىيەگە ئايلىنىشى كېرەك.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 22:41  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10525
يازما
310
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3520
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
124 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 13:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ماتىريال يەنە بىر قېتىم رەتلىنىپ يوللىندىغان گەپ ئىكەن . ئەمما ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە يەنى ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا ئالاقىدار بايانلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئويلىنپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . ئەسلىدىلا كەمبەغەللىكىمىزنى ئاز دەپ ھازىر ھەر دەرىجىلىك  دوختۇرخانىلاردا  داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ %80بىز ، ئەمما بۇ80%  داۋالاش ھەققىدىن كىرگەن كىرىمنىڭ كىمنىڭ يانچۇقىغان چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەممىزگە ئايدىڭ . شەخسىي دوختۇرخانلاردىن تارتىپ ، ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغىچە شۇنداق  .
   « ئەنلى » نىڭ گېپى چىقسا ھەممىز تىللايمىز ، ئەمما بۇ شىركەتنىڭ توختىماي سۆزلەيدىغان خادىملىرى مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى ئۇيغۇرغا تۇنجى بولۇپ پاكىتلىرى بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى . دىمەك ، ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر ئاممىسى ئەنلىنىڭ تەشۋىق قىلىنىش باھانىسىدا تۇنجى بولۇپ كەڭ كۆلەمدە ، ئالدى بىلەن كەڭ داۋالانغۇچىلارنىڭ ئارىسدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن كەلگەن غايەت زۇر داۋالىنىش كىرىمىنىڭ باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى . توغرىسى سالامەتلىكى ئۈچۈن چوقۇم مەبلەغ سېلىش زۆرۈرلىكىنى چۈشەندى. ئەمما بۇ چۈشىنىش ئاساسەن بىر قىسىم يانچۇقىدا پۇلى بار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالايدىغان كىشىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالدى . ئەمما يازمىنىڭ تېمىسىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ھەتتا بەزى كىشىلىرىمىز چۈشىنىپ ، بىلگەن تۇرۇغلۇقمۇ كېسەلنى ئۆزى ئىزدەپ سوراپ تېپىۋېلىپ بارىدۇ ، يەنى تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىنمۇ بولمايۋاتىدۇ .
  ھەر بىرىمىز ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن مەنلەغ سېلىشىمىز ، ساغلاملىققا دىققەت قىلىشنى بىر خىل ئاڭلىق ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز زۆرۈر . چۈنكى بۇ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ جىسمانى ساپاسىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىش .

UID
16850
يازما
183
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
633
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
123 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 13:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 13:13
ماتىريال يەنە بىر قېتىم رەتلىنىپ يوللىندىغان گەپ ئىك ...

ئەسسالۇمۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېنىقراق دىسىڭىز بوپتىكەن، رەھمەت.
مەن دەۋاتقان ئوزۇقلىنىش كىشىلەرنىڭ بىر كۈندە يەيدىغان ئۈچ ۋاخ تامىقىنىڭ مىقتارى، تەركىۋى، سۈپىتى، ۋاختى توغرىسىدا بۇلۇپ،  كىشىلەرنىڭ تاماقلىنىش چۈشەنچە-ئادىتىمۇ بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

UID
28222
يازما
50
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 16:33:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇقلىنىشقا بولغان كۆز قارشى كۈندىن -كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقاندەك قىلىدۇ ،ئۇزۇقشۇناسلىق  تەربىيلەش كۇرۇسلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە بۇ كۇرۇسلارغا قاتنىشۋاتقانلار سانىنىڭ كۈندىن -كۈنگە كۈپىيىشى بۇ نوقتىنى يۇرتۇپ بىرىدۇ .ئىلمى ئۇزۇقلىنىش بولسا ساغلام ھايات كەچۈرۈشنىڭ تۈپ ھەم ئالدىنقى ئاساسى شەرتى ،ئىشنىمىزكى ئەقىللىق كىشلىرىمىز ناھايىتى تىزلا ئەقلىنى تاپىدۇ «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن »چۇقۇم كىلىپ قالىدۇ .
تىمىڭىزغا تەشەككۈر .ئەجىرىنى ئۇلۇغ  ئاللاھ ئۆزى بەرگەي !

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
249
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7530
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 11:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، «ئەنلى»گە ھەقىقەتەن رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ، ئۇ بىزگە نىمىنىڭ ساغلاملىقنى قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  ئۆتكەندە نيۇسكىن قىلىدىغان بىر دوستۇمدىن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم:  قاندا مېيى بار ئادەم ئۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق سېتىۋاپتۇ، باشتا بىر قۇتا ئېلىپ، نەچچە كۈن ئىچىپلا ئۆزىدىكى مەسىلىنىڭ خېلى ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىراقلا ئۈچ ئايلىقنى سېتىۋاپتۇ. لېكىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ ئۇ كىشى  ئوزۇقلۇقلارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىپتۇ . «سەۋەبى نىمىكەن؟»دەپ سورىسام، ئۇ كىشى مۇنداق دەپتۇمىش»ئىدارەمدىكىلەر كېسەل بولساڭ ھۆكۈمەت داۋالىتىدىغان تۇرسا، بىكار پۇل بۇزۇپ  بۇنداق بىر نىمىلەرنى ئىچىپ نىمە قىلىسەن دەيدۇ». مانا بۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى قاراش. ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دېگۈلۈك؟ ھۆكۈمەت داۋالاتسا، ساقايغۇدەك كېسەل بولسىغۇ مەيلى، داۋالىنىپ  ساقىيار، ساقايمايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بوپ قالسا، مانا  دېگەن بىلەن ئورنىغا كېلەمدۇ؟
   مەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن«ئۇ دورا، بۇ دورىنى يىگەندىن  بىر كىلو گۆش ئېپ يىسە، كېسەلگە ھەممىدىن پايدا قىلىدىغىنى شۇ». شۇڭىمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ تەكشۈرسە، 80% ىنىڭ قاندا ماي بار، قان بېسىم بار چىقىدىكەن. شۇڭا دوختۇرخانىلاردا ياتىدىغاننىڭ تولىسى بىز خەق.  بىر كىتابتىن مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان ئىدىم. «بىر ھەمتە گۆشسىز تاماق يىسىڭىز مەيلىكى، پۇرچاقسىز تاماق يىمەڭ»  دېمەكچى، پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل  بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ.
بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم، ھەممەيلەن سالامەتلىكىمىزگە دىققەت قىلايلى،  تەن بىزنىڭ، ئاغرىپ قالساق، پۇلنى ھۆكۈمەت چىقارغان بىلەن دەردىنى تارتىدىغىنى بىز.

UID
16850
يازما
183
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
633
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
123 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 15:47:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بەدىنىدىكى كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلىققا ئىگە بۇلۇشى كېرەك.  بەدەنگە كىرگۈزىۋېرىپ ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرىۋەتمىسەك، شۇنداقلا بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرماي ئىشقا سېلىۋەرسەك بەدىنىمىز نۇرماللىغىنى يۇقۇتىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى مۇھىم. مەسىلەن؛ ئەخلاققا خىلاپلىق قىلساق ئەيىپلىنىمىز، قانۇنغا خىلاپلىق قىلساق جازالىنىمىز، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلساق ھادىسىگە ئۇچرايمىز، بەدەننى ئاسرىمىساق كېسەل بۇلىمىز.

UID
29745
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 16:46:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كېسەللىكمۇ، بالا-قازامۇ ئېغىزدىن كېلىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئىنسان ئېغىزىغا ئىگە بولۇشى، يېدىم دەپ ئالدىغا كەلگەننى ئىلغىماي يېيىۋەرمەسلىكى، مۇۋاپىق مىقداردا، ۋاقىت - قەرەلىدە، كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن غىزالىنىش، ھالال - ھارامنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. يەۋالدىم، ئىچىۋالدىم، ئوينىۋالدىم دېگەن بىلەن، ھەممىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بولىدۇ. ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى، ئۆزىمىزنى ئويلايلى، خوتۇن - بالىلىرىمىزنى ئويلايلى، ئاتا - ئانا، قېرىنداشلارنى ئويلايلى. ھەر بىر ئىشىمىزدىن تەجرىبە -ئىبرەت ئالايلى. بىزدە «ئىشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى چۈشۈپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتمەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. شۇڭا، سالامەتلىكىمىزگە زىيانلىق ئىشلاردىن ۋاقتىدا ساۋاق ئىلىپ قول ئۈزۈشىمىز كېرەك. بەزىلەر بۈگۈنى ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرالماي قىينالسا، ئىككىنچى ھاراق ئىچمەسلىككە قەسەم قىلىدۇ. ئەمما بىر نەچچە كۈندىن كېيىن  ھاراق سورۇنىغا داخىل بولسا، قەسەملەرنى ئۇنتۇپ، نەپسىنى كونترول قىلالماي يەنە ئىچىدە. مۇشۇنداق بىزدە قەسەم، ۋەدە دېگەنلەرنىڭ ھېچبىر ئەتىۋارى، قىممىتى بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزگە زىيانلىق ئىشلاردىن ساۋاق ئالماي، تەكرار - تەكرار خاتالىق سادىر قىلىپ، جېنىمىزنى ئىكەكدەپ كېلىۋاتىمىز. تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىنمۇ بولمايۋاتىدۇ.

UID
17588
يازما
52
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
142
تىزىملاتقان
2011-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 20:29:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېما بەك يېقىملىق تىمىكەن ئەسلى.    ئەنلى چىلار بىلەن نىيۇكسىن چىلارنىڭ ئېلانىغا ئايلىنىپ كىتىپتۇ.
ئەنلى دىگىنى ئەمۋاي دىگەن ماركا شۇمۇ؟  
كىسەل دىگەن  تىما ئىگىسنىڭ دىگىندەكلا ئېغىزدىن كىرىدىغا نەرسە. ھەممىز ئوزۇقلۇق ئادىتىمىزگە دىققەت قىلساق ، ۋاقتى ، مىقدارى، تۈرى دىگەنلەرگە بەكرەك ئېتىۋار بىرىپ ، ھاراق تاماكىنى تاشلاپ، مۇۋاپىق چېنىقىپ بەرسەكلا تىنىمىز ئاللا خالىسا سالامەت بولىدۇ. تىما ئىگىسىنىڭ دىمەكچى بولغىنىمۇ مۇشۇ مىنىڭچە.
مىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىممۇ نىيوكسىن چىلىق قىلىدۇ. ئۆزى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. ھەر قېتىم ئۆيگە كىلىپ قالسا جاھاندىكى جىمى كىسەللىكنىڭ ئەسلى مۇشۇ نىيوكسىن مەسھۇلاتىنى ئىستىمال قىلمىغانلىقتىن كىلىپ چىقدىغانلىقىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ كىتىۋاتقان ئاياللارنى نىيۇكسىننىڭ ياش قۇلۇپلاش يۈرۈشلىكى(6000يۇەن ئەتراپىدا)نى ئىشلەتمىگەنلىكىدىن بولىۋاتقانلىقىنى، ئۇسخىنىنىڭمۇ مۇشۇ مەسھۇلاتنى يەپ كۈندىن كۈنگە قاۋۇل ، ئېگىز بولۇپ كىتۋاتقانلىقىنى (ئەمەلىيەتتە تاغام ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئانىسى ۋە قالغان ئۇرۇق تۇققانلىرى دىھقان ئائىلىسىدىن چىققان بۇ بىردىن بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ چوڭ قىلغان) سۆزلەپ كەتسە، ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولۇپ كىتىدۇ. بىچارە ئانىسى تاپقان تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى دەسمى قىلىپ بولدى.
ھازىر بۇ ئىشلارغا كاللا قاتۇرماي، ياخشىراق ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن داۋاملاشتۇرسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز دىگەن سۆزۈمگە، مەن مۇشۇ نىيۇكسىننىڭ مەسھۇلاتلىرىنى سېتىپ جىڭلى بۇلىدىغان تۇرسام ئوقۇپ ، خىزمەت قىلىپ نىمە قىلىمەن - دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ چىۋىن يىگەندەك بولۇپ قالغان ئىدىم.
ئىلگىركى -بېشىڭدىكى نىمە ؟ دىسە دوپپا - دەپلا جاۋاپ بىرىدغان ماۋۇ ياۋاش، مۇلايىم نەۋرە ئىنىمنىڭ ۋاقتى كەلسە كۆزىنى يۇمۇپلا يالغان سۆزلەشتىن ، كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن باش تارىتمايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىسام  مۇشۇ ئامۋاي نىيۇكسىنلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك كۇرۇسلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ تۇغما مىجەزىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتەلىگىدەك كۈچى بارلىقىنى ھىس قىلىپمۇ قالىمەن.
ھەقىقەتەن بىردە ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتى ئومۇمىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىراق بۇ خىل كىسەللەرنىڭ ئالدىنى يۇقاردا دىگەن مەھسۇلاتلارنى يىمەي تۇرۇپمۇ مۇۋاپىق چېنىقىش ۋە ساغلام ئوزۇلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق تامامەن ئالغىلى بولىدۇ. ساغلام ئوزۇلىنىش ھەرگىزمۇ ئەمۋاي، نىيۇكسىنلارنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ. ئارمان قۇۋەت تالقىنى ئىچىدىغانلار بىلىسىلەر، خالتا ئىچىدىن چىقىدىغان ساغلام ياشاش كۆرسەتكۈچ كارتىسىلا سىزگە قانداق قىلغاندا ساغلام ئوزۇقلانغان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، ھەم ھەممىسىلا بىز دىققەت قىلساق بولىدىغان ۋە قىلالايدىغان ئىشلار.
راس گەپنى دىسەم نەۋرە ئىنىمنىڭ دىئاگىنۇزىغا ئاساسەن مىنىڭ ئىككىلەمچى كىسەللىك ھالىتىمگە قارىتا بىر ئايدا تولۇق يىيىشىم زۆرۈر بولغان ساغلاملىق مەسھۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا مىنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىم بويلىمايدۇ.   ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭچە بولغاندا قۇربىمنىڭ يىتىشچە سېتىۋالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئانچى مۇنچە يەپ قويغاننىڭ ،  ھازىر پىشقان ئۈجمىنى تويغۇچە بىر يىگەنچىلىك پايدىسى بولمايدۇ.

UID
16850
يازما
183
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
633
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
123 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 22:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
telqin يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 20:29
ماۋۇ تېما بەك يېقىملىق تىمىكەن ئەسلى.    ئەنلى چىلار بىل ...

پىكرىڭىز ناھايىتى توغرا. ساغلاملىق ھەممە ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا، ئادەملەر ساغلاملىقنى كەسىپ  دەپ قاراپ ئۆگۈنىشى، بىلىشى كېرەك ئىدى. ئادەملەر نىمە ئۈچۈن باي بۇلۇشقا ئىنتىلىدۇ؟ ئۆزىنى ئوبدان كۈتۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ. پۇللىرى ئېشىپ تۇرغان بايلارنىڭ ئەمۋاي، نىيۇسكىن مەۋسۇلاتلىرىنى ئۆيلىرىگە تاغدەك بېسىپ قۇيۇپ يىگۈدەك ئىمكانىيەتلىرى يېتىپ ئاشىدۇ. ئەمما، ئاشۇلار كېسەل بولمامدۇ؟ ناتايىن. ساغلاملىق يانچۇقتىكى مەسىلە ئەمەس، كاللىدىكى مەسىلە. بىزنىڭ خوتەن قاتارلىق يۇرتلاردىن ئوزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆپ چىقىدىغانلىغىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇلار بەدىنى تاماقنىڭ مايلىق-مايسىزلىغى، ئىسسىق-سوغاقلىغى، قۇيۇق-سۇيۇقلىغى، ئاز-كۆپلىگى ، ۋاختى قەرەلى بۇيىچە تەڭشىيەلەيدۇ.
بۈگۈنكىدەك ئادەملەر ئانا سۈتىدىن باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالايدىغان ئەھۋالدا ئادەملەر يەيدىغان نەرسىنى تاللىمايدىغان بۇلۇپ كەتتى. ھازىر ئاز بولمىغان ئادەملەر تاماقلىنىشتا ساۋاتسىز ھالەتتە. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقنى بايلىق دەپ تۇنۇيدىغان ئېڭى تېخى ئومۇملاشمىدى. ئاغرىپ قالغاندا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار كۆپۈيۈپ كىتىدۇ، ئەمما ساق چاغدا ھىچكىمنىڭ كارى توق. بۇ كىشىلەرنىڭ نىمىنى مۇھىم بۇلۇشىنى بەلگىلەيدىغان قىممەت ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  شۇڭا، كىشىلەرنىڭ قىممەت ئېڭى تەربىيىلىشى كېرەك.

UID
19565
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 21:20:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى بازاردا سىتىلىۋاتقان سوغوق ئىچىملىكلەر كىسەللىكنىڭ باش قاتىلى، لىكىن كىشىلەر ئىچمەي تۇرالمىدى.

بىر شىشە شاپتۇل سۈيى بەسە دەپ كىرىپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش