شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى بۇغدا دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بوغدادا سىستىرالار بايرىمىنى تەبرىكلەش ‹‹شاتلىق مىنۇتلىرى››پروگراممىسى نەق مەيدان ئاڭلىتىشى ئەلكۈيى ئېكرانى تولۇق فىلىمى

ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تورىمىزنى قىزغىن قوللاپ - قۇۋەەتلەپ بەرگىنىڭلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ۋە تىنىڭلارغا ئەبەدىي ساق-سالامەتلىك تېلەيمىز.
2012-يىلى5-ئاينىڭ 12-كۈنى مىھرى-مۇھەببەتلىك قەلبى،كەسىپكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى،جاپاغا چىداش روھى بىلەن ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراۋاتقان يۈرەكلەرگە يۆلەنچۈك ۋە مەدەت بولۇپ كېلىۋاتقان چىھرى ئىللىق «ئاق خالاتلىق پەرىشتىلىرىمىز»نىڭ 100-قېتىملىق سېستىرالار بايرىمى.
باھار 12-كۈنى چۈشتىن كىيىن بىز سېستىرالار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تورىمىزدىكى بارلىق سىستىرالارغا سالام يوللاش مەقسىتىدە شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى بارلىق «ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر»نىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش،سالام يوللاش ۋە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 107.4سەنئەت رادىيوسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «سېستىرالار بايرىمىنى تەبرىكلەش» بىۋاستە ئاڭلىتىش پروگراممىسى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىنى نەق مەيداندا تولۇق سۈرەتكە ئالدۇق ۋە پائالىيەتنىڭ تولۇق جەريانىنى كىرىشتۈرۈپ بۈگۈن بارلىق ‹‹ئاق خالاتلىق پەرىشتە››لەرگە شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
بوغدادا شاتلىق مىنۇتلىرى ئەلكۈيى ئېكرانى مەخسۇس فىلىمىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
پائالىيەتكە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسىنىڭ باش نازارەتچىسى ھەجەرگۈل قاسىم،مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى قاھار مۇھەممەت شۇنداقلا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى،بوغدا دوختۇرخانىسى رەھبەرلىرىدىن مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ھەمراجان ئەپەندىم،ئۈرۈمچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ،بوغدا دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر-سېستىرالار،شىنجاڭ رادىيو -تېلىۋىزىيە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قاھار مەمەت شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ،ئەلكۈيى تورى،قانۇنچىلىق گېزىتى،ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى.. قاتارلىق تاراتقۇلار ۋە بوغدا دوختۇرخانىسىدا بىمارلار ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي جاپالىق خىزمەت قىلۋاتقان دوختۇر -سېستىرالاردىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مەۋلۇت ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەم

بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەمراجان مەمەتئېلى سۆز قىلماقتا

پائاليەتكە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسنىڭ داڭلىق رىياسەتچىلىرىدىن مەۋلۇت ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەم رىياسەتچىلىك قىلىدى . پائاليەتتە شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەمراجان ئەپەندى باشلىنىش سۆزى قىلىپ ،شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسنىڭ ئۈرۈمچى ،قەشقەر ،ئاقسۇ ،يەكەن ،كۇچا ،خوتەن قاتارلىق ئالتە تارماق دوختۇرخانىسىدىكى 320دىن ئارتۇق ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە <<سېستىرالار بايرىمى >>مۇناسۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتلۇق سالمىنى يەتكۈزدى.
بۇيىل سېستىرالار بايرىمنىڭ 100يىللقىى بولۇپ ، پائاليەت <<بۇغدا >>دىكى بارلىق ئىشچى -خىزمەتچىلەر ئېلىپ كەلگەن <<بوغدا مارشى>>دېگەن خور بىلەن رەسمىي باشلاندى .
پائالىيەت بوغدىلىقلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى بولغان « بوغدا مارشى »بىلەن باشلانغان بولۇپ ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى،مەزمۇنلۇق ناخشىلىرى بىلەن خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزدىن ئىززەت ئىلياس (سىم-سىم يامغۇر)،(ياخشى تىلەك)ناملىق ناخشىلىرى،مەھمۇد سۇلايمان (ئەركەك)،(ھەيرانمەن) ناملىق ناخشىلىرى بىلەن ھەر بىر سېستىراغا ئوتلۇق تىلەكلىرىنى تىلىسە،ئۆزگىچە ئۇسلۇبدىكى ناخشىلىرى ،جۇشقۇن ئۇسۇللىرى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ (ئوغۇل بالا)،(يىگىت-قىزلار) ناملىق شۇخ ناخشىلىرى پائالىيەت كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزدى.

ئاتاقلىق ناخشىچى ئىززەت ئىلياس نومۇر ئورۇنلىماقتا

تالانتلىق ناخشىچى مەخمۇت سۇلايمان نومۇر ئورۇنلىماقتا

ياش ناخشىچى ئابلاجاب ئاۋۇت ئايۇپ نومۇر ئورۇنلىماقتا

پروگرامما رىياسەتچىلىرىدىن مەۋلۇد ئىبراھىم،زۆھرە كېرەملەرنىڭ تەشكىللىشىدىكى مۇكاپاتلىق تېپىشماق ئويۇنلىرى،بوغدا دوختۇرخانىسى دوختۇر-سېستىرالىرىنىڭ ناخشا،يۇمۇرلىرى ھەممەيلەننى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدۈردى.




سىستىرالارنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «نىگىتىنگال مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ سېستىراسى ئايشەمگۈل خېزىر
بوغدا دوختۇرخانىسنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بولغان ئابدۈشۈكۈر سىدىق ، نۇسىرەت مەخسۇت..قاتارلىق دوختۇر سېستىرالار ئېلىپ كەلگەن چاتما خەلىق ناخشىلىرى نەق مەيداندىكى ۋە رادىئو ئاڭلىغۇچى دوسىتلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى . ئابدۈشۈكۈر سىدىق يەنە<<س>>ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە تەييارلىغان چاتما يۇمۇرلارمۇ پائاليەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ۋە كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچى دوسىتلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ، پائالىيەت مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتۇردى .
<<نىڭگىتىڭگال مۇكاپاتى >>بولسا سېستىرالار ئۈچۈن بېرىلدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولۇپ ، مۇكاپاتقا ئېرىشش شەرتى ئىنتايىن يۇقىرى ،ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئايشەمگۈل خىزىر شىنجاڭدىكى پۇقراۋى دوختۇرخانىلار بويىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر سېستىرا بولۇپ ، ئۇ پائاليەتكە قاتناشقان بارلىق مېھمانلارغا ۋە كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچى دوسىتلارغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بارلىققا كېلىش ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.
پائاليەتكە يەنە داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزدىن مەھمۇد سۇلايمان ، ئىززەت ئىلياس، ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىقلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ لىرىك .شوخ كۈيلىرىنى تەڭ پائاليەت ئەھلىگە ۋە رادىئو ئاڭلىغۇچى دوسىتلارغا تەقدىم ئېتىپ پائاليەت كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى .
پائاليەت ئاخىرىدا يەنە شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەمراجان ئەپەندى ئاخىرلىشش سۆزى قىلىپ پائاليەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا چوڭقۇر رەھمىتنى يەتكۈزدى ،شۇنداقلا ئۇلارغا ۋە بارلىق ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىگە ئوتۇق ئائىلىسىگە بەخىت تېنىگە سالامەتلىك تىلىدى .
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەم پائاليەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنى جاكارلىدى.
پائالىيەت جەريانىدىكى رەسىملەر








بوغدا دوختۇرخانىسىكىلەر پائالىيەت ئاخىرىدا خاتىرە سۈرەت رەسىمگە چۈشمەكتە
ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى ،بوغدا دوختۇرخانىسى ،ئەلكۈيى تورى ۋە شىركىتىمىز نامىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ‹ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر›نىڭ بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز شۇنداقلا سىلەرنىڭ ھەممەيلەننىڭ ساق-سالامەتلىكى ئۈچۈن كىچە - كۈندۈز تارتقان جاپايىڭلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى
بوغدا دوختۇرخانىسى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ12-كۈنى