ئىگىسى: ketmenbay

«ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!»   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35691
يازما
102
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 15:08:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يۇۋاش» جوڭگولۇقلار ۋە ياۋروپالىقلار ئۇرقىنى قۇرۇتتى ئاخىر.  «زوراۋان رەزىللەر يەر يۈزىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ»دېگەن گەپ شۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشتى.
سىلىمۇ ئەگەر شۇلارنىڭ ئېۋلادى بوپ، زوراۋانلىق قىلماقچى بولدىكەنسىلەر، خۇداغا قارشى چىققان بوپ زىمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسلەر.

1-دۆلىتىمىزنى يۇۋاش دەپسىز.سىز جۇڭگولۇق ئەمەس ئوخشايسىز.دۆلىتىمىز ھازىر قۇدرەتلىك دۆلەت!
2-سىز تىلغا ئالغان ياۋرۇپالىق (گىرمانىيە)،رەزىل يەھۇدىلارنىڭمۇ ئۇرۇقىنى قۇرۇتماقچى بولغان.شۇنچە قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۇلارنى يەر-يۈزىدىن يوقىتالمىغان.ياۋرۇپالىقلار يەنە ئەپىيۇن ئۇرۇشى قوزغىغان.8 دۆلەت ئارمىيىسى باستۇرۇپ كىرىپ،تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ شاڭگاڭ،ئاۋمىنلارنى ئىگەللىۋالغان.بۇ تىخى يىقىنقى زاماندا بولغان ئىشلار.(بۇلارنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز).
3-بىزنىڭ كىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىزگە سىز باش قاتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.4-فىللىپىن بىلەن ياپۇنىيە دىڭىزدىكى ئاراللىرىمىزنى توختىماستىن ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ.زوراۋان دىسىڭىز شۇلارنى دەڭ!
5-ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەخمەت!ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمگە قارشى چىقىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمىز!!!

UID
13496
يازما
65
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-4
توردا
63 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 16:15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
geniablat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-21 15:08
1-دۆلىتىمىزنى يۇۋاش دەپسىز.سىز جۇڭگولۇق ئەمەس ئوخشايس ...

ھەممە ئادەمنىڭ بىلىملىك بولۇشى ناتايىن ،بىراق دادىسىنى بىلمەيدىغانلارنى ھاراملىق دەيمىز ،چۈنكى بۇئەقەللى بىلىشكە تىگىشلىك دائىرىدۇر.1- ھۇنلارنىڭ قەدىقى نامى ئۇگۇردۇر،بەلكىم ،مىلادى 4-5-ئەسىرلەردەئۇيغۇر نامى بىلەن سىياسى ۋەھەربىي گەۋدە دەل ھۇنلارنىڭ ئۆزىدۇر ،دىمەك شۇنچىۋالا كەڭرى تىروتىرىيدە ياشىغان بۇمىللەتنىڭ تاڭنىڭ بىر تىپىكى بىلەن پۈتۈنلەي يەر يۈزىدىن يوقۇلۇشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس،بىر جۈملە بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشۆكە بولىدۇكى ،ئۇگۇر ،تۈرىك ،ئۇيغۇر،نامى بىلەن نۆۋەتلىشىپ سىاسى ۋە ھەربىي گەۋدە قۇرغانلارنىڭ ھەممىسى تۈرىكتۇر ،ياكى ئۇيغۇر دۇر ،ھەرخىل ناملار پەقەت قەبىلە ياكى يۈرىتنىڭ نامى بولۇپ ،بۇقەبىلىلەرنى ھەرخىل مىللەتلەر ھەرخىل ناملاردا ئاتىغان.دىمەك ھۇن ياكى ئۇيغۇر تۈركىي مىللەتلىرىگەئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ،مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەڭ تەسىر كۆررسەتكەن مىللەتتۇر ،يەنى ھۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى
ئەجدادىدۇر ،يەنى ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزىدۇر،يەنى شۇنى تىغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇكى ،ئۇسمانىيە ئىمپىرىسىنىڭ قۇرغۇچىسى قەشقەرلىك ئوسماندۇر،ئەپەندىم مىنىڭچە سىزنىڭ ئانىڭىز .... سىز دادىڭىزنى بىلەمسىز؟ قالايمىقان گەپ قىلىپ ئۇيغۇر ئىدولوگىيسىنى بۇزماڭ!مەيلى ئوتتورا تۈزلەڭلىك ياكى رىملىقلار بولسۇن ئۇلارنىڭ قەدىمقى
بىزنى تىللىغانلىقىغا رەخمەت، چۈنكى بۇ ئارقىلىق قەدىمقى ئۆزىمىزنىڭ شانۇ -شەۋكىتىنى ھىس قىلالايمىز،بىراق
ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بىرىپ شەكلىۋازلىقتىن خالىي بولغان بۇخىل جانلىق مەدەنىيەت ئادىتىنىڭ بەزىبىر كەمچىلىكلىرىمۇ بولغان ،يەنى بىزدە بەزىبىر گاڭگىراشلار پەيدا بولغان ،بۇگاڭگىراشلار ئەنە شۇلارنىڭ خاتىرلىرى
ئارقىلىق تىخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا سوزۇلغان غۇرۇرىمىزنى تونۇشىمىزغا پايدىسى بولىدۇ.
ھەقىقەتەن بىز قارا خىتتاي ‹يەنى قىرغىزلار ›‹مۇسۇلمان ›مۇڭغۇللار يەنى ‹بىرقىسىم قازاقلار › قاتارلىقلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلغان.شۇنداقالا بىرقىسىم قەبىلىلىرىمىز ئاسمىلاتسىيە بولغان ،بىراق نىمە ئۈچۈن ھونلار ئوتتورا
تۈزلەڭلىكنىڭ مەڭگۈلۈك دۈشمىنى بولىدۇ؟ نىمىشقا ئۇلار زادى ياخشى ئۆتەلمەيدۇ؟بۇيەردە ئەڭمۇھىم پەرىق
ئىرقى مەسلە مەۋجۇت ، يەنى ئاق ئىرىق ،كۆك كۆز ھونلار ،موڭغۇللار خاتىرلىگەندەك كۆك كۆز ئۇيغۇرلار .
ئوغۇز خان داستانىدەك كۆزلىرى كۆپكۆك گۈزەل ،كىيىنكى بىرتالاي پاجىئەلەر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆتۈشۈشۇش
ھازىرقى تۈركىي ياكى ئۇيغۇر مىللەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
1- كەتمەن بايغا رەخمەت،ئىككىنجى بىرقىسىم توغرا ۋە ئىلمىي مايداندا تۇرۇپ پىكىر قىلغان تورداشلارغا رەخمەت .ئەقلىيە سۆزىنى نەقىل قىلىشقا ئامراق ئادەملەرگە يەنە بىر ئەقلىيە سۆزنى سوۋغا قىلاي، ‹‹تارىخنى غالىپلار يازىدۇ ،بىراق مەغلۇپ بولغان مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ھەرخىل يوللار بىلەن ھەققى تارىخنى قىزىپ چىقىدۇ›› ‹‹ بۇئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىچكى ئىنىرگىيسىنى تولۇقلاپ ،قەۋمىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشىگە تۈرىتۆكە
بولىدۇ›› يەنە بىر غەيرى ئەقلىيە سۆز سوۋغا قىلاي ‹‹ دادىسىنى بىلمەيدىغان مۇناپىقلار ،ھەرخىل پىتنە پاساتلار
بىلەن ئۆز خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلدۇ،داۋامى بار ،

باھا سۆز

geniablat  سىز نورمالمۇ يا؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 16:57:29

UID
13496
يازما
65
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-4
توردا
63 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 20:05:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bozar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-21 18:04
بۇ راست گەپمۇ ياكى پەرەزمۇ ؟سەل تەپسىلىيراق ماتىريال  ...

بۇنى تۈركىيىنىڭ مەشھۇر بىر ئالىمى تەتقىق قىلىپ چىققان ،بۇ توغرىسىدا مەخسۇس بىر كىتاپ بار بىراق ماتىرىيالنى  يوللاپ بىرەي دىسەم ھازىر مەن مىنىڭ چىرايىمغا بىرلا قاراپ چەتئەللىك دەيدىغان ،شۇنداقلا بىزگە باشقىچە قارايدىغان يەردە،شۇڭلاشقا ئىمكانىيەت يوق.

UID
13496
يازما
65
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-4
توردا
63 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 20:16:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھون تەڭرىقۇتى ئاتىللانىڭ بىر قىتىملىق جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەندىن رىم اقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۇنى قويىۋىتىشى يالغۇز سىياسى مۇددىئا ياكى يىراقنى كۆرەرلىكتىن بولماستىن ، مەلۇم خاراكتىر ھەم ئالاقە ،ئىرىق جەھەتتىكى
پەرىقنىڭ زور بولماسلىقىدۇر.بىز مىللەتكە ،ۋەتەنگە بىرىپ تاقىلىدىغان مەسلىلەرگە نىسبەتەن پىكىر قىلالمىساق
ئاڭلىساقمۇ بولىدۇم،تارىختىكى شان شۆھرەت بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرىدۇر.تارىختا بىزدەك مەلۇم دەۋىر ،دەۋىر سۈ
رگەندىن كىيىن ،بىر مەزگىل مەھرۇملۇق تارىىخنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىدۇر، بىراق يوقىلش ،پۈتۈنلەي ھالاك بولۇش بولسا ئۆزىنى بىلمەسلىكتىن كىلىدۇ.

UID
12843
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1582
تىزىملاتقان
2011-7-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 18:19:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستۈنكى بىر قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك ، كۈچلۈك ،نۇرغۇن ھاكىميەت قۇرغان ۋە تارىختىكى رىم ،جۇڭگۇ قاتارلىق موھىم دۆلەتلەر بېلەن قارىشلاشقان ھەم شۇ دۆلەتلەر دۈشمەن بىلگەن ،ئىستىراتىگىيىلىك ئۈستۈنلۈك تالاشقان بىر مىللەت يەرشارىدىن ئۇنداق ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ دېسە بۇ خۇددى كىچىك بالىنى ئالدىغاندەكلا بىر ئىش ... تارىخى پاكىت ۋە رىئالنى ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلغاندا ھونلارنىڭ ئەۋلادى يەنىلا يۇقارقى بىر قانچە قېرىندىشىمىز كۆرسېتىپ ئۆتكەن جۇغراپىيەلىك ئورۇندا ...... ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەۋلادى قازاقلارمۇ ؟؟؟ ياكى قىرغىزلارمۇ ؟؟؟ ۋە ياكى تاتارلارمۇ ؟؟؟ ۋە ياكى ئۇيغۇرلامۇ ؟؟؟ موڭغۇللارمۇ ؟؟؟
ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولوپ كۈچى ئاجىزلىغان بىر  مىللەت توپى ئۆز زىمىننى تاشلاپ يىراق نەچچە مىڭ كىلومىتىر مۇساپىنى بېسىپ بېرىپ مادارىدىن كەتكەندە ،باشقا يات بىر مىللەت بېلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنىڭ زىمىننى تارتىۋېلىپ ماكان تۇتالىشى مومكىنمۇ ؟؟؟ جاھاندا نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن ؟؟؟ئۇنداقتا ئۇلانىڭ يوقىلىشىنى تەبىئى ئاپەتلەر سەۋەبىدىن يوقىلىپ كەتكەن دېيىش كېرەكمۇ ؟؟ بىز تارىخقا تەشنا .....
ئىلىم ئېگىلىرى ئۇستازلار بىزگە يورۇغلۇق كېرەك !!! غەيرەت قىلىڭلار !!!

UID
28744
يازما
84
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
84
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 05:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلار قەدىمكى تۈركى قەۋملەر ئومۇممى نامى نامى بولغان تۇرالارنىڭ بىر قىسمى.ھونلار ئىرقى ۋە تىل جەھەتتە تىپىك ھالدىكى تۈركى ئىرقا،تۈركى قان سېسىتمىسىغا مەنسۇپ خەلق.قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھېساپلىنىدۇ.ھونلار نىڭ دېڭلىڭلار (تۇرالار) بىلەن بولغان باغلىنىشى ناھايىتى قويۇق.ئالىم ئابدۈشكۇر مۇھەمەت ئىمىن «ھون» مىللەت نامى ئەمەس بەلكى مىللەتلەر تۈركۈمى-سىياسى ئىتپاقىنىڭ ئومۇمى نامى بولىشى مۇمكىنلىكىنى »قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق كىتاپىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ.

UID
11056
يازما
74
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1834
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-25
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:11:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىۋىزوردا قويۇلىۋاتقان ‹بۈيۈك پادىشاھ خەنۋۇدى›دېگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرىۋېتىپ ھونلار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ تېمىغا قايتىدىن كۆز تاشلىدىم،ھازىر كۈندە كەچ ئالتۇن ۋاقىتتا 9-قانالدا بىرىۋاتقان تېلىۋىزىيە تياتىرىدا مۇشۇ تېما ھەققىدىكى بىر قىسىم بايانلار بار ئىكەن،بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن دوستلارنىڭ بۇ تېمىنى تېخىمۇ يورىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

ھۇنلار جۇڭگونىڭ شىمالىى ۋە غەربىي شىمالىدا چارۋىچىلىقنى ئاساسىي ئىگىلىك قىلغان كۆچمەن خەلق . ئۇلار ئەينى دەۋرلەردە خەن سۇلالىسى بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەچكە مەشھۇر تارىخچىلاردىن سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> ، بەنگۇ يازغان <<خەننامە(ئالدىنقى خەننامە)>> ، سىمابياۋ ۋە فەن يېلار يازغان <<كېيىنكى خەننامە>> لەردە ھۇنلار توغرىسىدا مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىلغان . شۇڭا بۇ تارىخىي ئەسەرلەر ھۇنلارنى ھەر تەرەپتىن تەتقىق قىلىشتا يېتەرلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ .
يۇقىرىدىكى تارىخىي مەنبەلەردە مەلۇم بولۇشىچە ، ھۇنلار <<زامانىمىزدىن 4200 يىل ئىلگىرى ئېلىمىز تارىخىدا نامى تىلغا ئېلىنىدىغان ئەپسانىۋى شەخىسلەردىن تاڭ ۋە يۈلەر زامانىسىدىن ئىلگىرى تاغ رۇڭلىرى ، ياۋ دەۋرىدە شۈنيۈلەر ، جۇ خانلىقى دەۋرىدە شيەنيۈنلەر ، چىن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ھۇن (匈奴) دەپ ئاتالغان>> .
<<تارىخىي خاتىرىلەر . ھۇنلار ھەققىدە قىسسە>> ۋە <<خەننامە . ھۇنلار ھەققىدە قىسسە>> دە : <<چۈنۋېيلەردىن تۈمەنگىچە مىڭ نەچچە يىل ئۆتتى . شۇ جەرياندا ھۇنلار بەزىدە كۈچىيىپ ، بەزىدە ئاجىزلاپ تارقاق ياشاپ كەلگەچكە ، ئۇلارنىڭ شەجەرە -نەسەبلىرىنى بىلىش ۋە تۈزۈشكە بولمايتتى . لېكىن باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىگە كەلگەندە قۇدرەت تېپىپ ، شىمالدىكى يات قەبىلىلەرنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇردى ۋە جەنۇب تەرىپىدە ئوتتۇرا جۇڭگودىكى بەگلىكلەر بىلەن دۈشمەنلەشتى . ئۇلارنىڭ شەجەرە -نەسەبلىرى ۋە نام ئەمەللىرى شۇنىڭدىن باشلاپ خاتىرىلىنىشكە باشلىدى>> دېيىلگەن . ھۇنلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارمۇ مانا شۇ دەۋردىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ .
ھازىرغا قەدەر ھۇنلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكىگە گۇمانىي قارىلىپ كەلدى ياكى ھۇنلار يېزىق ئىشلەتمىگەن ، دەپ قارىلىپ كەلدى . مەن يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن مەنبەلەرگە ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېپىلىۋاتقان ئارخېئولوخىيىلىك قېزىلمىلارغا ئاساسلىنىپ ، ئۆزەمنىڭ بۇ توغرىدىكى كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن .
ھۇنلار خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە غەربىي شىمالىدا ياشاپ خەن سۇلالىسى بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەچكە قەدىمدە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىلار ھۇنلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىنتايىن تەپسىلى خاتىرىلىگەن . ئەنە شۇ مەلۇماتلار قاتارىدا ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى خانلىرى ئوتتۇرسىدا يېزىلغان مەكتۇپلار ۋە ئۇ مەكتۇپلارنىڭ مەزمۇنى خاتىرىلەنگەن . تۆۋەندە ئەشۇ مەكتۇپلاردىن بەزىلىرىنى ئۆرنەك ئۈچۈن كۆرسىتىپ ئۆتىمەن . بەزىلىرىنىڭ مەنبەسىنىلا كۆرسىتىپ قويىمەن .
1 - مەكتۇپ : ھەقىقىي مەلۇمات سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 406 -بەتتە ۋە بەنگۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 694 -بەتتە .
2- مەكتۇپ : <<مەكتۇپنى ئالغان باتۇر يەنە ئەلچى ئارقىلىق تەشەككۇر مەكتۇبى ئەۋەتىپ : "ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەدەپ -قائىدىلىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھۈرمەتسىزلىك قىلغان بولسام ئاپۇ قىلۇرلار !" دېدى ۋە ئات سوۋغا قىلدى ھەم ياخشىلىشىش ئەھدى تۈزۈلدى. >>
3 - مەكتۇپ : <<ئىككىنچى يىلى (م . ب . 176 -يىلى) تەڭرىقۇت خەن خانىغا : <تەڭرى قويغان ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتى ھۆرمەت بىلەن خانغا سالام يوللايدۇ . بۇرۇن سىلى ياخشىلىشىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىلەر ، بۇ مەكتۇبىمدىكى پىكىرلەرگە ئۇيغۇن بولغاچقا ، خۇشال بولغانىدۇق . خەن سۇلالىسىنىڭ چېگرا ئەمەلدارلىرى ئوڭ قول بىلىكخاننى ھاقارەتلىگەن . ئوڭ قول بىلىكخان بولسا مەندىن يوليۇرۇق سورىماستىن ، كېيىنكى ئېلىبەك نانچى قاتارلىقلارنىڭ مەسلىھىتى بويىچە خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ، ئىككى ئەل ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزغان . خان قايتا -قايتا مەكتۇپ يوللاپ بىزنى ئەيىبلىدىلە ، مەن جاۋاب خەت يوللىغانىدىم ، ئەلچىمىزنى قايتۇرمىدىلا ، ئۆزلىرىمۇ ئەلچى ئەۋەتمىدىلە ، شۇ تۈپەيلى خەن سۇلالىسى بىزدىن يامانلىدى . ئىككى قوشنا ئەل ئىناق بولماي قالدۇق . كىچىك بىر ئەمەلدار تۇرۇپ ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن ، ئوڭ قول بىلىكخاننى جازالاپ ، غەربكە توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتىم . تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىپاھ بەگلەرنىڭ ئىستېداتلىقى ۋە ئاتلارنىڭ قاۋۇللۇقى ئارقىسىدا توخرىلار تار -مار قىلىندى . ئۇلار قىرىلىپ ، تەسلىم بولۇپ تىنجىدى . كرورانلىقلار ، ئاسيۇلار ، ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى 26 ئەل ھەممىسى ھۇنلارغا تەۋە بولدى . بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى . شىمالدىكى يەرلەرمۇ تىنچلاندى . ئەمدى ئۇرۇشنى توختىتىپ ئەسكەرلەرگە ئارام بېرىپ . ئاتلارنى بېقىش نىيىتىدىمەن . ئۆتكەنكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، بۇرۇنقى ئەھدىنامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، چېگرا خەلىقىنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلساق ، ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ياخشىلىشىش ئەھدىنىڭ روھىغا مۇۋاپىق ئىش كۆرۈپ ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ئىمكان بەرسەك ، قېرىلار ئۆز ماكانلىرىدا خاتىرجەم ياشىسا ، ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد تىنچ ، خۇشال -خۇرام ئۆتسەك دەيمەن . خاننىڭ ئىرادىسىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن كاتاۋۇل شىغۇرچان ئارقىلىق مەكتۇپ ئەۋەتتىم ھەمدە بىر تۆگە ، ئىككى تۇياق مىنىدىغان ئات ، سەككىز تۇياق ھارۋا ئېتى ھەدىيە قىلدىم . خان ئالىيلىرىن ھۇنلارنىڭ چېگرىغا يېقىنلاشماسلىقىنى خالايدىغان بولسىلا ، يارلىق بېرەرلا . ئەلچى بارغان ھامان قايتۇرىشارلا> دەپ مەكتۇپ يازدى .>>
4 - مەكتۇپ : ھەققىدىكى مەلۇمات سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 410 - ، 411 -بەتلىرىدە ۋە بەنگۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 700 -بېتىدە .
5 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 415 -بېتىدە ۋە بەنەۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 703 -بېتىدە .
6 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات چىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 415 -بېتىدە بەنگۈ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 704 -بېتىدە .
7- مەكتۇپ : <<تەڭرىقۇت بىلەن ياخشىلىشىش ئەھدى تۈزۈلگەندىن كېيىن خەن ۋېندى تەپتىشبېگىگە : <ھۇنلارنىڭ ئۇلۇغ تەڭرىقۇتى بىزگە يوللىغان مەكتۇپىدا : ياخشىلىشىش ئەھدى تۈزۈلدى . ئەل بولغانلارنى قوبۇل قىلغاندا ھېچكىمنىڭ ئادىمى كۆپىيىپ ، يەرلىرى كېڭىيىپ كەتمەيدۇ . ھۇنلار چېگرېىدىن ئۆتمىسۇن ، خەن كىشىلىرى چېگرىدىن چىقمىسۇن . ئەگەر ئەھدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا ، ئۆلۈم بېرىش كېرەك . شۇ چاغدىلا ئەھدىنامىنى ئۇزۇن داۋام قىلدۇرغىلى ، كېيىنكى بالا - قازالاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈنلا پايدىلىق ، دەپتۇ . بىز تەڭرىقۇتنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇق ، ئېلان چىقىرىپ پۈتۈن ئەلگە ئۇقتۇرۇش قىلىنسۇن> دەپ يارلىق چۈشۈردى .>>
8 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات __ بەنگۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 730 -بېتىدە .
9- مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات . بۇ مەلۇمات تۆۋەندىكىچە : <<غەربىي شىمالدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئۈزۈلمەي كېلىپ -كېتىپ تۇرىدۇ . پەرغانىنىڭ غەربىدىكى دۆلەتلەر خەن خانلىقى يىراقتا دەپ قاراپ ، تەلۋىلەرچە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ . ئۇلارنى سوۋغا - سالام ۋە مېھرى -شەپقەت بىلەن بويسۇندۇرغىلى ، تىزگىنلىگىلى ۋە مەجبۇر قىلغىلى بولماي قالغانىدى . ئاسيۇنىڭ غەربىدىن ئارشاڭغىچە بولغان دۆلەتلەر ھۇنلارغا يېقىن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ياۋچىلار ھۇنلاردىن ئەدەپ يەپ ، تېخىچە يۈرىكى ئىزىغا چۈشمىگەنىدى . قوللىرىدا تەڭرىقۇتنىڭ بىر پارچە ىېتى (بولغان) ھۇن ئەلچىلىرىگە ھەممە دۆلەتلەر ئۇزۇق -تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرەتتى . ھەرگىزمۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلمايتتى .>>
10 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات : <<تەڭرىقۇت ئالدىنقى قېتىم يوللىغان مەكتۇپلىرىدا مەرھۇم خاننىڭ ۋاقتىدا قوغشار تەڭرىقۇرقا تەقدىم قىلىنغان بالمان ، چاڭ ، غۇڭغا قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى چىرىپ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يېڭىسىنى تەلەپ قىلىپتىلا .>>
بىز ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىغا يازغان مەكتۇپلىرى ۋە ھۇن ئەلچىلىرى باشقا ئەللەرگە بارغاندا تەڭرىقۇتنىڭ خېتىنى بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق . سىماچيەن ، بەنگۇ ۋە سىمابياۋ ،فەنتىيلار ھۇنلارنىڭ بۇ مەكتۇپلارنى قايسى خىل يېزىقتا يازغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمىگەن . ھەممىگە مەلۇم ، مەكتۇپ يېزىق ئارقىلىق ھۇجۇدقا كېلىدۇ . شۇنداق ئىكەن ھۇنلار خەن سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپلار ۋە ھۇن ئەلچىلىرى باشقا ئەللەرگە بارغاندا يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن تەڭرىقۇتنىڭ خەتلىرىمۇ ئوخشاشلا يېزىق ئارقىلىق پۈتۈلگەن بولىدۇ . بىراق ، بۇ مەكتۇپلار خەنزۇچە يېزىقتا يېزىلغانمۇ ياكى ھۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىقىدا يېزىلغانمۇ ؟ بۇ ھازىرغا قەدەر ئىلىم دۇنياسىدا بىر سىر بولۇپ ، بۇنى يۇرىتىش ئۈچۈن ئارخوئولوگىيە ، تارىخ ، ئېتنوگرافىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق پەنلىرىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
  مەنبەسى  :قەدىمى يۇر تارىخى دىگەن كىتاپتىن  

UID
11056
يازما
74
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1834
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-25
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرى قويغان ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتى ھۆرمەت بىلەن خانغا سالام يوللايدۇ . بۇرۇن سىلى ياخشىلىشىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىلەر ، بۇ مەكتۇبىمدىكى پىكىرلەرگە ئۇيغۇن بولغاچقا ، خۇشال بولغانىدۇق . خەن سۇلالىسىنىڭ چېگرا ئەمەلدارلىرى ئوڭ قول بىلىكخاننى ھاقارەتلىگەن . ئوڭ قول بىلىكخان بولسا مەندىن يوليۇرۇق سورىماستىن ، كېيىنكى ئېلىبەك نانچى قاتارلىقلارنىڭ مەسلىھىتى بويىچە خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ، ئىككى ئەل ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزغان . خان قايتا -قايتا مەكتۇپ يوللاپ بىزنى ئەيىبلىدىلە ، مەن جاۋاب خەت يوللىغانىدىم ، ئەلچىمىزنى قايتۇرمىدىلا ، ئۆزلىرىمۇ ئەلچى ئەۋەتمىدىلە ، شۇ تۈپەيلى خەن سۇلالىسى بىزدىن يامانلىدى . ئىككى قوشنا ئەل ئىناق بولماي قالدۇق . كىچىك بىر ئەمەلدار تۇرۇپ ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن ، ئوڭ قول بىلىكخاننى جازالاپ ، غەربكە توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتىم . تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىپاھ بەگلەرنىڭ ئىستېداتلىقى ۋە ئاتلارنىڭ قاۋۇللۇقى ئارقىسىدا توخرىلار تار -مار قىلىندى . ئۇلار قىرىلىپ ، تەسلىم بولۇپ تىنجىدى . كرورانلىقلار ، ئاسيۇلار ، ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى 26 ئەل ھەممىسى ھۇنلارغا تەۋە بولدى . بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى . شىمالدىكى يەرلەرمۇ تىنچلاندى . ئەمدى ئۇرۇشنى توختىتىپ ئەسكەرلەرگە ئارام بېرىپ . ئاتلارنى بېقىش نىيىتىدىمەن . ئۆتكەنكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، بۇرۇنقى ئەھدىنامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، چېگرا خەلىقىنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلساق ، ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ياخشىلىشىش ئەھدىنىڭ روھىغا مۇۋاپىق ئىش كۆرۈپ ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ئىمكان بەرسەك ، قېرىلار ئۆز ماكانلىرىدا خاتىرجەم ياشىسا ، ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد تىنچ ، خۇشال -خۇرام ئۆتسەك دەيمەن . خاننىڭ ئىرادىسىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن كاتاۋۇل شىغۇرچان ئارقىلىق مەكتۇپ ئەۋەتتىم ھەمدە بىر تۆگە ، ئىككى تۇياق مىنىدىغان ئات ، سەككىز تۇياق ھارۋا ئېتى ھەدىيە قىلدىم . خان ئالىيلىرىن ھۇنلارنىڭ چېگرىغا يېقىنلاشماسلىقىنى خالايدىغان بولسىلا ، يارلىق بېرەرلا . ئەلچى بارغان ھامان قايتۇرىشارلا


ھەقىقى  سىياسىيونكەن!

UID
44542
يازما
150
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 22:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2012-5-18 18:54
ئاخماقلار ! ھۇنلارنىڭ تارىخنى قانداقتۇ روسىيەنىڭ جەن ...

شۇنى  دەيمەن    بۇلار   تارىخنى   ئۆزگەرتمەكچى   بولۇۋاتامدۇ   قانداق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UID
44542
يازما
150
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 22:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kikunus يوللىغان ۋاقتى  2012-5-18 21:19
سەددىچىنى  سوققانلار ،
ھۇن ئاتامدىن  قوققانلار.

ھەئە  شۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش