كۆرۈش: 31080|ئىنكاس: 44

«ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!»   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2274
يازما
33
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 17:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!»

ئەك.شىمىس (گىرمانىيە)



(كەتمەنباينىڭ بايانى: ھۇنلار تارىخىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر قەدىمقى مىللەت. ئۇلارنى بىلىش ۋە چۈشىنىش تارىختىكى ھەم بۈگۈنكى ئۆزىمىزنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بىز ھۇنلارنى كۆپ ھاللاردا جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى تارىخ كىتاپلىرىغا تايىنىپ چۈشىنىپ كەلدۇق. ھۇنلار تارىخىنىڭ يەنە بىر ئەڭ شانلىق سەھىپىسى ياۋرۇپادا يېزىلغان. ياۋرۇپانىڭ كۆزى بىلەن ھۇنلارنى كۆرۇپ بېقىش بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولسا كىرەك. «ئاتتىللا ھەققىدە رىۋايەت» دىگەن كىتاپنى بەلكىم تورداشلار ئوقۇغان بولسا كىرەك. لېكىن ئۇنىڭ جەۋھەرلەنگەن قىسمىنى ئەمدى ئوقۇيدۇ. بۇ مېنىڭ ھۇنلار توغرىسىدا تەييارلاۋاتقان تىمامنىڭ بىرىنچىسى.<2008-يىلى>)
★★★★★

مىلادىيە 375-يىلى پۈتكۈل ياۋرۇپا يەر تەۋرىگەندەك تىترەپ كەتتى. ئاسىيادىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ياۋايى ئاتلىقلار ياۋرۇپانىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بۆسۈپ تاشلىدى.
«ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» ئەجەبا، بۇ «ئىنجىل» دا بىشارەت بېرىلگەن زامانىي ئاخىرنىڭ ئۆزىمىدۇ؟
ھۇنلار بېسىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ شىمالى چېگرىسى دائىم بەدەۋىي قەبىلىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەمما رىملىقلارنى ھەقىقىي باش ئەگدۈرگەنلەر يەنىلا ھۇنلار بولدى.
1500 يىل ئىلگىرى ھۇنلار ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلار ئاسىيادىن كەلگەن ۋەھىمە دەپ قارالدى. شۇ چاغدىن ئېتىبارەن مەدەنىيەتلىك غەرب دۇنياسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ساراسىمىگە سالغان شەرقلىق غەيرى قەۋملەردىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپاغا بېسىپ كىرىشى غەرب جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى.
ھۇنلار يەر شارىدىكى ئەڭ مەشھۇر مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىمپىرىيە بولمىش – جۇڭگۇ، پىرسىيە ۋە رىمغا تەھدىت سالغان بىردىنبىر مىللەت.
ھۇنلار يېزىقى يوق مىللەت بولغاچقا، زامانىمىز تارىخشۇناسلىرى بۈگۈنكى روسىيەنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان سىكەنتلەر ئارقىلىق ھۇنلارنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولماقتا.
رىملىقلار بۇ مۇقىم تۇرالغۇسى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى يوق دەپ قارالغان ھۇنلارغا قىلچە قىزىقمىغان. لېكىن، ھۇنلار كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى چۈشەنچىسىدىكىدەك ھۆكۈمەتسىز پىدائىيلار بولماستىن، ئەكسىچە، تەشكىلچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، مۇستەقىل مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتتۇر.
375-يىلدىن 469-يىلغىچە ھۇنلار ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈز يىلدەك جەرياندا، پۈتكۈل ھۇنلار ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان تەڭرىقۇتلار بىرلا جەمەتتىن كېلىپ چىققان.
ھۇنلار چارۋىچى ۋە چەۋەندازلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ قول سانائىتىمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان. ھۇنلارنىڭ «سىرلىق قورالى» ئوقيانى ياساش ناھايىتى يۇقۇرى ھۈنەر ۋە مۇناسىپ بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ.
يۇنانلىق پىرىسكائۇس «ھۇنلار ناھايىتى مىھماندوست» دەپ تەسۋىرلىگەن. يۇنانلىقلار بىلەن قانداش بولغان رىملىق تارىخشۇناش ئامىيانوستۇر شەرقتىن كەلگەن بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنى «مەدەنىيەتسىز چارۋىچىلار، ئىپتىدائىي تاش قورال دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان تەرتىپسىز ئالامانلار» دەپ تەسۋىرلىگەن.
قانداشلىق جەھەتتىن موڭغۇللار بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈركلەر بىلەن تېخىمۇ يېقىن بۇ مىللەتنىڭ زادى قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكى ئالىملار ئۈچۈن بۈگۈنگىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
ھۇنلار ئۆي سالمىغان، شەھەرمۇ قۇرمىغان، ئۆلگەندىن كىيىن تاش لەھەتكە سېلىپ دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ بولمىغاچقا، ئۇلاردىن قالغان ئىزلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.
قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلغان بىر ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش كىشىلەرنى ھۇنلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدە، بۈگۈنكى جۇڭگۇ بىلەن چاۋشيەن تۇتاشقان جايدا بولسا كېرەك دىگەن خۇلاسىگە كەلتۈرمەكتە.
كىشىلەر بۈگۈنكى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۇرۇشقاق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ماكانى دەپ قارايدىغان بولغان.
ھازىر نۇرغۇن تارىخشۇناسلار ياۋرۇپالىقلار تىلغا ئالغان ھۇنلار بىلەن جۇڭگۇلۇقلار ئېيتقان ھۇنلارنىڭ بىر مىللەت ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانماقتا. ياۋرۇپالىقلار ئېيتقان ھۇنلار ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىرلەشكەن گەۋدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرق تەۋەلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنىپ چىققىنى يوق.
ھۇنلاردىن ئىبارەت بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەت موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇپ ۋە غەرپ تەرەپلەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم زىمىنىنى ئىگەللىگەن. ھەتتا قۇدرەتلىك جۇڭگۇمۇ مەلۇم تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىش كىرەكلىكىنى مۇۋاپىق كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 214-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغىچە كەم ئۇچرايدىغان ئەڭ كاتتا قۇرۇلۇش  سەددىچىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەينى چاغدىكى جۇڭگۇلۇق بىر ئەمەلدار ھۇنلارنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدە سوقۇۋاتقىنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى. ئەلمىساقتىن ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارالغان ئەمەس».
ھۇنلار ئىگەللىۋالغان جۇڭگۇ زىمىنىدا ئۆز ئۆيىدەكلا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلار شەھەرلەرگە ھۆكۈمران بولۇپ، خەنزۇلار بىلەن قۇدىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگۇ جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرگەن. 350-يىلىغا كەلگەندە، بىر مەيدان ۋەھشىلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي زىيانكەشلىك نەچچە ئەۋلاتتىن بىرى جۇڭگۇدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتىۋەتكەن. ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلاردىن قېرى-ياش، ئەر-ئايال، پۇقرا ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ جەمئىي ئىككى يۈزمىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ بىر يۈگەنسىز ھەم ھۆكۈمران بولغان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇبھىسىزكى، كىشىنى قاتتىق چۆچىتىدىغان ۋەقە.
ھايات قالغان ھۇنلار ئاۋۋال شىمالغا قاراپ قاچقان. ئۇلارنىڭ كۆچىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە شىمالدا تۇرۇۋاتقان ھۇن قەبىلىلىرى غەرپكە كۆچۈشكە باشلىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولسا كىرەك. بۈگۈنكى كۈندىمۇ موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە چارۋا مال باقماق ناھايىتى مۈشكۈل ئىش بولۇپ، قارا قىش دائىم ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1992-يىلدىكى زىمىستان قىش سوغۇقىدا، مۇشۇنداق قاباھەتلىك ھاۋا كىلىماتىغا ئالاھىدە ماسلىشالايدىغان قوتازلارمۇ توڭلاپ ئۆلگەن.
373-يىلدىكى پەۋقۇلئاددە قاتتىق سوغۇق قىش ھۇنلارغا ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. ئاچارچىلىق ۋە ئارتۇقچە نوپۇس ھۇنلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.ھۇنلار بىپايان موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئالتاي تاغلىرى، ئارال دېڭىزى، كاسپى دېڭىزى ۋە قارادېڭىزنى بويلاپ مېڭىپ ياۋرۇپادىكى كارپات تاغلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە تارىخشۇناسلار ھۇنلار بۇ يوللاردا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى تەكشۈرۈپ، ھۇنلار ئىشلەتكەن مەشھۇر مىس قازانلارنى تاپتى. بۇ مىس قازانلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئەللىك نەچچە كىلوگىرام كىلىدۇ. بۇ مىس قازانلاردا ئىپادىلەنگەن قۇيمىچىلىق تېخنىكىسى بىلەن سىرتقى يۈزى ۋە گىرۋىكىدىكى بىزەكلەردە جۇڭگۇ سەنئىتىنىڭ تەسىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمۇ گەۋدىلەنگەن. بۇ مىس قازانلار بەلكىم دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.
ياۋرۇپالىقلار تۇنجى قىتىم ھۇن چەۋەندازلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئات بىلەن بولغان شۇ قەدەر ئىجىللىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. رىملىق بىر تارىخشۇناس: «ھەتتا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئادەم تەنلىك ئاتمۇ ھۇنلاردەك ئات بىلەن مەھكەم باغلانغان ئەمەس» دەپ يازغان.
ھۇنلار بىلەن زامانداش كىشىلەر ھۇنلارنىڭ ئاتلىرىنى ۋىجىك، كۆرۈمسىز، تۈكلىرى پاخپايغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن.
ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە ئات ئىگىرى رىملىقلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغان. ھۇنلارنىڭ ئىگىرى رىملىقلارنىڭكىدەك ئاتنىڭ تۆشىگە تارتىلىدىغان كۆندىن ياسالغان بولماستىن، ئىككى بېشى ئېگىز ياغاچ كۆتۈرگۈچلۈك بولۇشى بىلەن باشقا ئىگەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇنداق ئىگەردە ئولتۇرغان چەۋەنداز ئات ھەرقانچە چاپسىمۇ مەھكەم ئولتۇرالايدۇ. رىملىقلارنىڭ ئات مىنىش جەھەتتىكى قوپاللىقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن چەۋەندازلار دائىم جەڭدە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ ئاتتىن چۈشۈپ كېتىدىكەن. ھۇنلارنىڭ ئاتلىرى قاۋۇل ھەم چىداملىق، بوغۇزلۇق كىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر بىر ھۇن ئەسكىرىدە يەتتىدىن زاپاس ئات بولىدىكەن.
ئىگەردىن باشقا ھۇنلار يەنە ئاسىيادىن ئەينى چاغدا ئىنقىلاب خاراكتىرلىك بىر خىل يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ ياۋرۇپالىقلار كۆرۈپمۇ باقمىغان ئۈزەڭگىدۇر. ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان ئۈزەڭگە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھۇنلار دەۋرى ئاخىرلىشاي دىگەندە ئاندىن مەيدانغا كەلگەن. ياغاچ ئىگەر ۋە ئۈزەڭگە بولغاچقا، ھۇن چەۋەندازلار ئاتقا مىنىپ ھەر تەرەپكە ئوق ئاتالىغان.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى ئەسىردە، تەڭرىقۇت موتۇن «ھۇن» قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسىنى «ئوقياچى مىللەت» دەپ ئاتىغان. ھۇنلارنىڭ ئاجايىپ قورالى ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن يا بىلەن يېڭىچە ئوقتۇر. ھۇنلار ئوقنىمۇ ئاسىيادىن ئېلىپ كەلگەن. ھۇنلار ئىشلەتكەن ئوقنىڭ دەستىسىگە ئالاھىدە تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ، ئاتقان ئوقتىن ئوخشىمىغان ئاۋازلار چىققان. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھۇنلار جەڭلەردە دۈشمەن ئۇقمايدىغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەن. ئوق بېشى تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئۈچ قىرلىق، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئاتمىش سانتىمىتىر كىلىدۇ. ئوقنىڭ تېشىپ ئۆتۈش كۈچى جان ئالغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ، بۇنداق ئوقنى ياۋرۇپالىقلار شۇ چاغقىچە ئۇچرىتىپ باقمىغان. ھۇنلار ئوقياسى بىلەن ئاتمىش مىتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا دەل جايىدا تەككۈزەلەيدىكەن.
ھەربى جەھەتتىكى بۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە ھۇنلارنىڭ توساتتىن ياۋرۇپا چىگرىسىدا پەيدا بولۇشى ياۋرۇپالىقلارنى بىردىنلا زامانىي ئاخىر يېتىپ كەلگەندەك ساراسىمىگە چۈشۈرىۋەتكەن. ياۋرۇپالىقلار بۇنداق ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا ئامالسىز قالغان. قەدىمدىن قالغان يۈزمۇيۈز ئىلىشىپ كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى بولسا ھازىر ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى.
ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسى ئۇلارنى ئىنتايىن مۇھىم غەلىبىلەرگە ئېلىپ بارغان. 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان يۇنانلىق تارىخشۇناس سوشموس «يېڭى تارىخ» دىگەن كىتابىدا ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە جەڭ قىلىش تاكتىكىسى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان.
ھۇنلار تاكتىكىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ. كىمكى ھۇنلارنىڭ ئوقىدىن ئامان قالغان بولسا، ئۇ ھۇن چەۋەندازلىرىنىڭ قوش بىسلىق ئۇزۇن قىلىچىدىن ئاگاھ بولۇشى كىرەك. ھۇنلارنىڭ ئوقياسىغا ئوخشاش، بۇنداق قوش بىسلىق قىلىچىمىۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ قىلىچىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇرۇش ھۇنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا خىزمەتتۇر. ئات بولسا ئۇلارنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنى. ھۇنلار ھەم ئۆزى ئۈچۈن، ھەم باشقىلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.
بۇ غەلىتە ھۇنلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇلار ئىگەللىۋالغان زىمىنىنى قوغداپ قىلىشنىڭ كويىدا بولمايدۇ. ھۇنلار ھەرگىزمۇ ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن دىھقانلارنى ئېتىزلىقىدىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئارامبەخش ئۆيىنى تارتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەردىن قوغلىمايدۇ. ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتمەيدۇ. ئۇلار شەپقەتسىزلەرچە بۇلاپ-تالاپ، قىرغىنچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار كىشىلەر بىلىدىغان ھەممە دۈشمەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق. پىشىۋا پوپلار بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ، (زامانىي ئاخىرنىڭ بىشارىتىدە تەسۋىرلەنگەن چەۋەندازلار ئەمدى كەپتۇ، ھۇنلار جازالىغۇچىلاركەن، بۇ دىگەن «تەڭرىنىڭ جازاسى») دەپ ئويلاپ قىلىشقان. ھالاكەتلىك كۈنلەر يېقىنلاشقاندا، ئاۋگوستىنۇس: «دۇنيا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى، پات ئارىدا يوقالغۇسى» دەپ يازغان.

(مەنبە: ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمە قىلغان، گىرمانىيەلىك ئەك.شىمىس يازغان «ئاتتىللا ھەققىدە رىۋايەت».
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2004-يىل 4-ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي.)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
156
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3126
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 18:54:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاخماقلار ! ھۇنلارنىڭ تارىخنى قانداقتۇ روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى  ئۇ مىللەتتىن ئەمەس ماۋۇ تۈركى مىللەتلەردىن ئىزدىشى كىرەك !
   تۈمەن تەڭرىقۇت ، باتۇر تەڭرىقۇتلارنىڭ يازما يادىكارلىقلىرىدىن ، ئوغۇزخان ئىپوسىدىن ئىزدىسە جاۋاپنى ئاسانلا تاپىدۇ .

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 19:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچە «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىكى شىمالدىكى مىللەتلەرگە دائىر خاتىرىلەر

تاڭ دەۋرىدىكى شۈەن زاڭ مىلادى 7-ئەسىردە ئۆتكەن ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر سەيياھى، تارجىمەشۇناسى ۋە بۇددا پىركامىلى. خەنزۇچە 《大慈恩寺三藏法师传》(«ئۇلۇغ شەپقەتچى  ۋاپسى  [ئۇستاز]  شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى») شۈەن زاڭنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە دائىر ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ مۇكەممەل يېزىلغان قىسسە. بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى 5 جىلدىنى شۈەن زاڭنىڭ شاگىرتى خۇي لى شۈەن زاڭنىڭ نوم ئالغىلى بارغاندىكى ئىش ئىزلىرىغا ئاساسەن يازغان، دەسلەپكى ئورېگىنالى تاماملانغاندىن كېيىن مەخپىي تۇتۇپ زادىلا باشقىلارغا كۆرسەتمىگەن. خۇي لى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇستازنىڭ ۋەسىيىتىگە خىيانەت قىلغان شاگىرتلىرى بۇ كىتابنى خەلقىئالەمگە ئاشكارىلىۋەتكەن. ۋۇ زېتيەن زامانىغا كەلگەندە، چۈيگۇڭ سەلتەنەتىنىڭ 4-يىلى (مىلادى 688-يىلى)، شۈەن زاڭنىڭ يەنە بىر شاگىرتى يەن سۇڭ بۇ 5 جىلد كىتابنى رەتلەپ، ئۆزى يەنە بەش جىلد يېزىپ (بۇ تارىختا كېيىنكى بەش جىلد، دەپ ئاتالغان)، 10 جىلد قىلىپ «شىرامانا (راھىب) خۇي لى يازغان، بۇددا تەفسىرچىسى يەن سۇڭ شەرھلىگەن» دەپ ئىمزا قويغان①. كىتابتا، شۈەن زاڭنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى جېنگۈەن سەلتەنەتىنىڭ 3-يىلىدىن 19-يىلىغىچە (629-يىلدىن 645-يىلغىچە) بولغان مەزگىلدە ھىندىستانغا بېرىپ نوم ئېلىپ كېلىشتىكى سەرگۈزەشتلىرى، قۇرغار (غەربىي يۇرت) ۋە ھىندىستاندا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ھەمدە جۇڭگوغا قايتىپ كەلگندىن كېيىنكى ئەھۋالاتلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب شۈەن زاڭنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى «بۈيۈك تاڭ راھىبىنىڭ غەربىي يۇرتقا سەپىرى» بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قەدىمقى غەربىي يۇرت بىلەن ھىندىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزدا قىممەتلىك تارىخي ماتېرىيال بولۇپ قالغان.
19-ئەسىردىن بۇيان، «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» ئىنگلىز، ياپون قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھەرقايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ قىزىقىپ تەتقىق قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرچە «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ بايقىلىشى
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①《大慈恩寺三藏法师传》خۇي لى، يەن سۇڭ يازغان، سۈن يۈتاڭ قاتارلىقلار تۈزىتىپ بېكىتكەن، بۇ كىتاب داۋ شۈەن يازغان، فەن شياڭيۇڭ تۈزىتىپ بېكىتكەن «ساكيامۇنى تەزكىرىسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىزاھلانغان، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 2000-يىل نەشرى، 1~2-بەتلەر.
10-ئەسىردىلا قەدىمقى بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بۇ ئەسەرنى ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ①.
     تاڭ تەيزۇڭ جېنگۈەن سەلتەنەتىنىڭ 18-يىلى (مىلادى 644-يىلى)  شۈەن زاڭ  قوردانغا (خوتەنگە)  قايتىپ  كەلگەندىن
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① بۇ  كىتابنىڭ  ئۇيغۇرچە  تەرجىمىسىگە  ئېنىق يىل دەۋرى يېزىلمىغان. ئۇيغۇرشۇناس گابائىن خانىم  بولسا بۇ كىتاب  كېيىنكى  تاڭ، يەنى 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تەرجىمە قىلىنغان، دەپ قارايدۇ (Gabain A.von Die Uigurische Übersetzung der Biographie Hüen-tsangs, SPAW, 1935, Berlin, s.152-153。  ) غا قاراڭ. فېڭ جياشېڭ ئەپەندى بولسا بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىلىغا شىمالىي سۇڭ دەۋرىدە تەرجىمە قىلىنغان، دەپ قارايدۇ، بۇنى فېڭ جياشېڭ ئەپەندىنىڭ «ئارخېئولوگىيە مەجمۇئەسى»نىڭ مەخسۇس سان 1-توپلىمىدا بېسىلغان «ئۇيغۇرچە ‹شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى›قوليازمىسى ھەققىدە تەتقىقات دوكلاتى»غا قاراڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى، 1953-يىل نەشرى؛ يەنە فېڭ جياشېڭ ئەپەندىنىڭ «فېڭ جياشېڭ ئەسەرلىرى»دىن پايدىلىنىڭ، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 1987-يىل نەشرى، 373~413-بەتلىرىگە قاراڭ. تۇگۇشېۋا قوليازما  تەپسىلاتى  تەتقىقاتىدىن  مەلۇملۇق تۇرۇپتۇ، بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ تازا گۈللىنىپ  روناق تاپقان مەزگىلى، يەنى مىلادى 850~1250-يىللار ئارىلىقىدا تاماملانغان، دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» تەرجىمىنىڭ ئەسلىي ئورېگىنالى ئەمەس، دەپ قارايدۇ ( بۇ  ھەقتە  تۇگۇشېۋا  يازغان
ТугушеваЛ.Ю.: Уйгурская Версия Биографии Сюань–Цзанa دېگەن كىتابنىڭ 24-بېتىگە قاراڭ). رۇس ئۇيغۇرشۇناسى رادلوۋ ئوخشاش بىر تەرجىمان تەرجىمە قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇرچە بۇددا كىلاسسىك ئەسەر «ئالتۇن يارۇق»نى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، تىل ئۇسلۇبى ۋە سۆزلۈك جەھەتتىن قارىغاندا، 8~9-ئەسىر ئۇيغۇر تىلىدىكى مانى دىنى ۋەسىقىلىرىگە بەك ئوخشايدۇ، دەپ قارايدۇ (رادلوۋنىڭРадловВ.В., МаловС.Е.: Suvarnaprabhāsa(Сутра Золотого Блеска), Текст Уйгурской Версии, T.I-II, Санктпетербург, 1913,стр.XIV-XV。 دىن كۆرۈڭ). گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسى Peter Zieme ئۇيغۇرچە بۇددا كلاسسىك نومى «ئالتۇن يارۇق» نىڭ تەرزقىمە قىلىنغان ۋاقتى مىلادى 10-ئەسىر بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ (بۇ جەھەتتىكى مەزمۇننى كۆرۈشتەП. Циме, О Второй главе сутры <Золотой блеск>, Turcologica, издательство “наука”, Ленинградское отделение, Л., 1986, стр.341-347 غا مۇراجىئەت قىلىڭ). خامىلتون بولسا، بۇ كىتاب 11-ئەسىردە تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى كېرەك،دەپ قارايدۇ (Hamilton J,. Les titres Sali et tutung en ouigour. –Journal Asiatique, 1984, t.272, 3-4, p.425-437 غا مۇراجىئەت قىلىڭ). پەقىر بۇ ماقالىنى يازغاندا، گابائىن خانىمنىڭ قارىشىنى قۇۋۋەتلىدىم. ئۇيغۇرچە «ئالتۇن يارۇق» قا دائىر تەتقىقاتلارنى يەنە Peter Zieme, Altun Yaruq Sudur , Vorworte und das erste Buch(Berliner Turfantexte XVIII), BREPOLS, Turnhout, Belgium, 1996; Ceval Kaya, Uygurca Altun Yaruq(Giris, Metin ve Dizin), Ankara, 1994。 دىن كۆرۈشمۇ مۇمكىن.



كېيىن، تاڭ تەيزۇڭغا مەلۇمات يوللاپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتقانلىقىنى بايان قىلغان. جېنگۈەننىڭ 19-يىلى (645-يىلى)، شۈەن زاڭ ئاستانە چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەندە ناھايىتى داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىنغان. 2-ئايدا، شۈەن زاڭ تاڭ تەيزۇڭغا كۆرۈنۈش قىلغاندا، تاڭ تەيزۇڭ غەربىي يۇرت ھەققىدە نۇرغۇن ئىشلارنى سورىغاندا، زۈەن زاڭ ناھايىتى راۋان جاۋاب بېرىپ ئالىيلىرىغا تەدبىر كۆرسەتكەن. شىمالدىكى ۋە غەربىي يۇرتتىكى تۈركلەر ئەزەلدىن تاڭ تەيزۇڭنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، بۇ جايلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەر ۋاقت كۆڭۈل بۆلمەي قالمايتتى. جېنگۈەن سەلتەنەتىنىڭ 20-يىلى (646-يىلى) شۈەن زاڭنىڭ ئاغزاكى بايانىغا ئاساسەن قەلەمگە ئېلىنغان، ئاخىردا شۈەن زاڭ ئۆزى تۈزىتىپ بېكىتكەن «بۈيۈك تاڭ راھىبىنىڭ غەربىي يۇرتقا سەپىرى» 12 جىلد بولۇپ پۈتتى ھەمدە «غەربىي يۇرت سەپىرى يىلنامىسى» تۈزۈلدى. جېنگۈەننىڭ 22-يىلى (648-يىلى) 6-ئايدا، تاڭ تەيزۇڭ شۈەن زاڭنى ئوردىغا كىرىشكە يارلىق چۈشۈردى①.
بۇنىڭدىن بۇرۇن تاڭ تەيزۇڭ شۈەن زاڭنى تەقۋادارلىقنى تاشلاپ، دەھرىيلىككە قايتىپ ئوردىدا خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ ئەمما شۈەن زاڭ چىرايلىقچە رەت قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم تاڭ تەيزۇڭ بىلەن شۈەن زاڭنىڭ سۆھبىتىدە ھەر ئىككىيلەن
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①جى شيەنلىن قاتارلىقلار: «بۈيۈك تاڭ راھىبىنىڭ غەربىي يۇرتقا سەپىرىگە ئىزاھات»، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 1985-يىل نەشرى، 110~113-بەتلەر.
ئەلنى ئىدارە قىلىش يوللىرى خۇسۇسىدا سۆزلەشتى، شۈەن زاڭ تاڭ تەيزۇڭنىڭ سەلتەنەت سۈرۈشتىكى دانالىقىنى ماختاش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ كاسايانى سېلىۋېتىپ ئوردىغا كىرىپ سەلتەنەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خاھلىماسلىقىدىكى بەش تۈرلۈك سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتتى، 3-، 4-نۇقتىلىق ۋەج-سەۋەبتە تارىختا شىمال ۋە ئەتراپتىكى ھۇن قاتارلىق قەدىمقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەھۋالى ۋە يەر شارائىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالدى، بۇنىڭ ئەسلىي تېكىستى مۇنداق:
«بۇ دۇنيادا ھىدايەتكە دالالەت قىلىشنىڭ يوللىرى زىيادە سىرلىق ھەم قالتىس چەكسىزدۇر، ئالىيلىرى ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەك بولسا، سەلتەنەت يۈرگۈزۈشتە مېھرى-شەپقەتكە تويۇنغان  سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئاۋام رايىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشسە، [ئالىيلىرىنىڭ مېھرى-شەپقەتلىرى] مەشرقتە چەكسىز كەتكەن دېڭىزدىكى كۈن چىقىدىغان يەردىن تارتىپ مەغربتە قات-قات قار-مۇز بىلەن قاپلانغان قاراقۇرۇم تاغلىرىغىچە، تۆۋەن تەرەپتە ئىسسىق بەلباغدىن تارتىپ يۇقىرى تەرەپتە دەشتى قۇملۇققىچە بولغان بۇ جاھاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ ئالەمدىكى يۈز-كۆزلىرىگە، بەدەنلىرىگە گۈل چېكىۋالىدىغان، بۇرۇنلىرىنى تېشىپ ھالقا ئۆتكۈزۈۋالىدىغان، ئاغزىدا يېمەك يېيىش ئورنىغا بۇرنىدا يەيدىغان، ئۆسۈملۈك ياپراقلىرىدىن كىيىم كىيىدىغان ياكى لىباسىنى سول قولتۇقىدىن ئىزمىلىۋالىدىغان تۈرلۈك-تۈمەن ئۆرپ-ئادەتتىكى خەلقلەر ھېچ توسالغۇسىز ھالدا ئالىيلىرىغا باش ئېگىپ چىن دىلىدىن قۇللۇق بىلدۈرىدۈرۈپ، ئاجايىب ئېسىل گۆھەر-جاۋاھىراتلىرىنى ئالىيلىرىغا ھەدىيە قىلىپ، ئولپان تاپشۇرۇپ، ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرۈشىدۇ. بۇلار ئالىيلىرىنىڭ مېھىر-شەپقەتلىرىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇڭا ئالىيلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستا باشقىلارنى ئىشقا قويۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، مانا بۇ پەقىرنىڭ ئۈچنەنچى سەۋەبىدۇر. ئىلمەك تۇمشۇقلۇقلار (شيەنيۈنلەر) نىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىپ كەلگىنىگە بەك ئۇزاق زامان بولدى، يىراق قەدىم زاماندىلا بەش ئىلىگلەر ئۇلارنى بويسۇندۇرالمىغان، ئۈچ خانلارمۇ ئۇلارنى باش ئەگدۈرەلمىگەن. شۇڭا پاخماچاچلار خې، لو يەرلىرىگە باستۇرۇپ كېلىۋەردى، فېڭدۇ، خاۋجىڭ قاتارلىق جايلار ئۇلارنىڭ سۈرەن سېلىشىپ قىر-چاپ قىلىشىدىغان، ئاۋازلىق ئەگرى يا ئوقلىرى ئۇچۇپ يۈرىدىغان جەڭگاھسى بولۇپ كەلدى. ئورتا ئۇلۇسى ئۇر-سوقتا قېلىپ،  ھۇنلار نۇسرەت قۇچۇپلا كەلدى، بۇنداق ئەھۋالاتلار داۋاملىشىۋېرىپ، يىن، جۇ زامانىدىمۇ ھۇنلار چېكىندۈرۈلمەي، ئۇرۇش قىيامەتلىرى تىنچتىلمىدى. خەن ۋۇدى زامانىدا، دۆلەت لەشكەر تارتىپ ھۇنلارغا جازا يۈرۈشى قىلىندى، گەرچە ۋېي چىڭ بىلەن خو چۈبىڭ بار كۈچى بىلەن ھۇنلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ ئەمما ھۇنلارنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تېگلمەي ئازغىنە ئاقساق-چولاقلىرىنىلا قىرالىدى، ھۇنلارنى تەلتۆكۈس يوقىتالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھۇنلارغا تاقابىل تۇرىدىغان بىرەر ئاقىلانە تەدبىر بولماي كەلدى. پەقەت ئالىيلىرى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىنلا، كۆڭۈل قويۇپ پەنت ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭىپ تېگىشلىك جازاسىنى بەردىلا، ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردىلا، قۇم-سازلىقلار، كۆللەر، ھانگاي تاغلىرىنى ئورتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تەسەررۇپىغا ئالدىلا، تەڭرىقۇت ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى، پۇقرا-بودۇنلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ رەئىيەتلىرىگە ئايلاندۇردىلا. بۇلار ۋەزىر-ۋۇزرالارنىڭ تۆھپىسى، دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا يۈ، شيا زامانىدىمۇ دانىشمەن ۋەزىر-ۋۇزرالار ساماندەك تۇرۇغلۇق ئۇلار نېمىشقا مەغلۇب بولۇشتىن باشقىنى بىلىشمەيدۇ؟ شۇڭا، ئالىيلىرى رەھىمدىللىككە تويۇنغان مېھېى-شەپقەتلىك سەلتەنەت يۈرگۈزۈدىغانلا بولسىلا، ھەممە ئىشتا مۇھاپىزەت قازىنالايدىلا، باشقىلارنى ئىشقا قويۇمەن، دەپ ئاۋارە بولۇشلىرى بىھاجەت، مانا بۇ تۆتنەنچى سەۋەبتۇر»○1.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــ
○1قەدىمدە خەنزۇلار كىيىمىنى سول پېشىنى ئوڭ پېشى ئۈستىن باستۇرۇپ ئوڭ قولتۇقىدىن  ئىزمە (تۈگمە)لەيتتى، ئەمما شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر  بۇنىڭ ئەكسىچە ئوڭ پەشنى سول پەشكە باستۇرۇپ، سول قولتۇقىدىن ئىزمىلەيتتى. خېلو، بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىلو تەۋەسى؛ قەدىمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشيا ئېلىدە ئادەملەر چېچىنى يۇقىرىغا تۈرمەللەپ چىگىۋالسا، شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يەلكىسىگىچە قويۇۋېتەتتى، بۇ ھال خۇاشيا خەلقغە غەلىتە تۇيۇلۇپ، ئۇلارنى «پاخماچاچ»لار، دەپ ئاتىشاتتى. ئەمەلىيەتتە، شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ تەلتۆكۈس شۇنداق بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، چېچىنى تۈرۈۋالىدىغان، چۈشۈرۈۋېتىدىغان ئادەتلىرىمۇ بار ئىدى. «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دا «猃狁» «ئىلى تۇمشۇق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. فېڭ، يەنى فېڭدۇ بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسىدە بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە جۇ ۋېنۋاڭنىڭ ئوردۇبالىقى بولغان ئىكەن؛ بۈگۈنكى شىئەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خاۋ، يەنى خاۋجىڭ غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى بولغان ئىكەن. «ئاۋازلىق ئەگرى يائوقى» قەدىمقى شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان ئوقيانىڭ بىر خىلى، ئوق ئۇچىغا يىلىك سۆڭىكىدىن «ئىسقىرتقۇ» ئورنىتىپ قويۇلغاچقا، بۇنداق ئوق يادىن ئۈزۈلگەندە غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ ياۋنى قورقۇنچا سېلىپ تېرە-پېرەن قىلىۋېتەتتى. «جۇڭگو» دېگەن ئىسىم غەربىي جۇ زامانىدا كۆرۈلگەن، قەدىمقى خۇاشيا مىللىتى ئۆزلىرى ياشايدىغان زېمىننى «جۇڭگو» دەپ ئاتاپ، ئەتراپتىكىلەرنى “蛮”、“夷”、“戎”、“狄” دەپ ئاتاشقان. بۇ ئىسىم «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ ئۇيغۇرچىسىدە «ئورتۇن ئىل ئۇلۇسى»، دەپ ئېلىنغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 123-يىلى (خەن ۋۇدى يۈەنشو[元朔] سەلتەنەتىنىڭ 6-يىلى) خەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى ۋېي چىڭ لەشكەر تارتىپ ھۇنلارغا زەربە بەرگەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 121-يىلى( خەن ۋۇدى يۈەنشو [元狩] سەلتەنەتىنىڭ 2-يىلى) خەن سۇلالىسى شىرمەت چەۋەندازلىرىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى خو چۈبىڭ لۇڭشىغا (شەنشىنىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە) لەشكەر تارتىپ ھۇنلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان. [瀚海]دەشتى قۇملۇق، كۆل-سازلىق دەۋاتقىنى ھازىرقى موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن تاكى جۇڭغار  ئويمانلىقىغىچە  بولغان زېمىننى  كۆرسىتىدۇ؛
[燕然] ھانگاي تاغلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادى 629-يىلى (جېنگۈەن سەلتەنەتىنىڭ 3-يىلى) تاڭ تەيزۇڭ لەشكەرىي پىرقىنىڭ دىۋانبېگى لى جىڭ قاتارلىقلارنى بىر لەك (100مىڭ) لەشكەر بىلەن تۈركلەرگە جازا يۈرۈشىگە ئەۋەتىپ زەربە بەرگەن. [虞]  يۈ: بۇ، خۇاشيا قەبىلىلىرىنىڭ  رىۋايەتىدىكى يىراق قەدىمقى قەبىلە يۈشى، بۇ قەبىلىنىڭ ئاقساقالى [舜] شۈن. خۇي لى، يەن سۇڭ يازغان، سۈن يۈتاڭ قاتارلىقلار تۈزىتىپ ئىزاھات بەرگەن « ئۇلۇغ شەپقەتچى  ۋاپسى  [ئۇستاز]  شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 2000-يىل نەشرى، 139-بەت.


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-18 19:08):
«مۇھاپىزەت قازىنىش»ئەمەس، بەلكى  نۇسرەت قازىنىش! خاتا كېتىپ قاپتۇ!

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 19:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بايانلاردا ھۇنلارنى «ئىلمەك تۇمشۇقلۇقلار، تىرناقلىقلار» دەپ تەسۋىرلىشىدۇ، قارىغاندا، ئىلمەك تۇمشۇق، دېگەن سۈپەت  ھۇنلارنىڭ  بۇرنىغا  قارىتىلغان بولسا، ئىرق تۈپكەرلىرىگە (تەتقىقاتچىلىرىغا) پايدىلىنىش  ماتېرىيالى  بولۇرمىدىكىن؟

UID
33478
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 21:19:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەددىچىنى  سوققانلار ،
ھۇن ئاتامدىن  قوققانلار.

UID
10702
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2011-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-26
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 22:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىزچىل «ھونلار»نى ھون قەبىلىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ياكى باشچىلىقىدىكى ھون قەبىلىسى ئەتراپىغا ئۇيۇشقان نەچچە ئونلىغان يايلاق قەبىلىلىرى دەپ قارايمەن.خۇددى ئاشىنا ئۇرىقى باشچىلىقىدىكى تۈرك قەبىلىسى باش كۆتۈرۈپ ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغاندا ھەممىسى تۈرك(突厥)دەپ ئاتالغاندەك.خۇددى ياغلاقار ئۇرۇقى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسى باش كۆتۈرۈپ ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغاندا ھەممىسى ئۇيغۇر(回纥) دەپ ئاتالغاندەك............

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-18 22:33):
بۇلا پەقەت ئانچە كۆپ بوممىغان ماتىرياللارنى كۆرۈپ كەلتۈرۈپ چىقارغان

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-18 22:35):
خۇلاسەم.بىلمىدىم شۇ توغرىسىدا يىتەرلىك بىلىمگە ئىگىلەر نىمە دەيدىكىن ....

باھا سۆز

altuntarim09  مەنمۇ ئەزەلدىن مۇشۇنداق قاراشتا، نامى ھەر خىل، لېكىن ئادىمى ئوخشاش.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 06:28:46

UID
4544
يازما
33
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
988
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 11:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇنلار يېزىقى يوق مىللەت بولغاچقا، زامانىمىز تارىخشۇناسلىرى بۈگۈنكى روسىيەنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان سىكەنتلەر ئارقىلىق ھۇنلارنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولماقتا.
==================================
مېنىڭچە تارىخچىلار بۇ جۈملىنى ئىشلەتكەندە ‹‹ھۇنلار يېزىقى يوق مىللەت بولغاچقا...›› دەپ ئەمەس بەلكى ھۇنلار يېزىقى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن  مىللەت بولغاچقا..›› دەپ ئالسا تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن كۋلىشى مۈمكىن. يېقىنقى تارىخىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ھونلار ئىشلەتكەن يېزىقنىڭ ئورخۇن - يىنسەي يىزىقى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا.

باھا سۆز

geniablat  ئەجەپ ئورۇنلۇق گەپ قىپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 14:41:15

UID
33676
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
85
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-30
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 01:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھونلار خەن ۋۇدى زامانىسىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئىككىگە بۆلۈنىپ كەتكەن. قوغىشار تەڭرىقۇت باشچىلىقىدىكى جەنۇبىي ھونلار سەددىچىن سېپىلى ئەتىراپىدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىنكى دەۋىرلەردە جەنۇبىي ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرغان چوڭ-كىچىك سۇلالىلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭ ھاكىمىيەتلىرىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بىر قىسىم ھونلار شىمالغا قاراپ چېكىنگەن. شىمالىي ھونلار «ياببان» نامى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيەدىن ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغان. ھەمدە، ئاپتور تىلغا ئالغان ئىلغار جەڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ھونلار ئۆزگىچە سىتىراتېگىيە ۋە تاكتىيكا ئارقىلىق كالاڭپاي رىم ئاتلىق قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا تەڭداشسىز دەپ قارالغان رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۇلىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. ئاپتورنىڭ ھونلار دۆلەت قۇرمايدۇ، دېگەن قارىشى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. مىلادىيە 400-يىللىرى، ئاتتىلا زامانىسىدا ھونلار ياۋروپادا كۈچلۈك ئىمپېرىيە بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى دۆلەت بولماي نىمە؟ ھازىرقى ۋېنگىرىيىدىكى ۋېنگىرلار بىلەن بۇلغارىيىدىكى سىلاۋيانلىشىپ كەتكەن بۇلغارلار ئەينى زاماندىكى ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ھونلارنى موڭغۇللارغا باغلاپ چۈشۈنىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. ھونلار قەدىمكى زامانلاردا ھىنگان تاغ تىزمىلىرىدىكى توڭگۇسلارنى، فىروملارنى ۋە موڭغۇللارنى بويسۇندۇرۇپ، شەرىقتە تاشقى ھىنگان تاغلىرىدىن باشلىنىپ، غەرىبتە كاسپىي دېڭىزىغىچە سوزۇلغان، شىمالدا سىبىرىيىدىن باشلىنىپ، جەنۇپتا سەددىچىن سېپىلىگىچە سوزۇلغان بىپايان تېرىتورىيەدە-قەدىمكى ئاسىيە ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرىدۇ. ھونلار ئېرقىي-قانداشلىق مۇناسىۋېتى جەھەتتە تۈركىي قەۋىملەرگە مەنسۇپتۇر. ھونلار قازاقلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارالغان ئۈيسۈنلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. باتۇر تەڭرىقۇت ئۈيسۈنلەرنىڭ خانى راغومىينى بوۋاق ۋاختىدىن تارتىپ ئۆز تەربىيىسىگە ئېلىپ، بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ھەمدە راغومىينى ئۈيسۈنلەرنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ھەتتا، ئۈيسۈنلەرنىڭ ئاتا دۈشمىنى بولغان توخرىلارغا جازا يۈرىشى قىلىدۇ. ھازىرقى ۋېنگىرلارنىڭ ناخشا-مۇزىيكىلىرىمۇ، تۈركىي خەلىقلەرنىڭ سەنئەتلىرىگە بېغىر بېسىپ تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي دېرەكلەردە، ھونلار بىلەن بىۋاستە ئېرقىي-قانداشلىق مۇناسىۋېتى بار مىللەت-تاتارلار دېگەن قاراشلارمۇ بار. ئورا كۆز، ئاق-سېرىق يۈزلۈك، قىزىل-سېرىق چاچلىق ۋە ئىگىز بوي كەلگەن تاتارلاردىكى بۇ خىل ئېرقىي سۈپەت-تارىخىي دېرەكلەردە خاتىرىلەنگەن ھونلارنىڭ ئېرقىي سۈپۈتى بىلەن تامامەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

UID
4544
يازما
33
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
988
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 14:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى ماتىريال بولسا تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن قىرىندىشىم.
==================================
مۇشۇ توغرۇلۇق ماتىرياللارننى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بىزممۇ   پاتدىلىنىو قالساق تېخىممۇ ياخشى بوولغان بولاتىى
====================================
بولىدۇ. مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى يوللاپ قوياي.

يېڭى يۇلتۇز

يىگىتنى گەپتىن قويغان يانچۇقتا

UID
30383
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 18:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلار نىڭ تارىخىغا قىزىقىدىغان دوسلار بولسا.ت ئالماسنىڭ«ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخ»ئادىل ئابدۇللانىڭ«باتۇر تەڭرىقۇت»يۈسۈپجان ياسىننىڭ«تەڭرىنڭ قامچىسى ئاتىللا»قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باقسا ئازىراق بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالار مىكىن دەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش