ئاشۇ كۈنى يولدۇشۇمغا:‹‹ ‹.8-مارت› ئاياللار بايرىمى كېلىۋاتىدۇ، ماڭا نىمە سوۋغات ئېلىپ بېرەي دەۋاتىسىز؟›› دىدىم،يەتتە ياشلىق قىزىم: ‹‹ئاپا مەنمۇ ئايالمۇ؟ مەنمۇ سوۋغا ئالىمەن›› دىدى. قىزىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلىۋەتتىم ھەم قىزىمنىڭ بۇرنىنى چىمدىپ تۇرۇپ:
سىز ئايال ئەمەس، سىز ھازىر دىگەن مەلىكە، دىدىم.
-ئۇنداقتا سىز قاچاندىن باشلاپ ئايالغا ئۆزگەرگەن؟
قىزىمنىڭ گېپىگە جاۋاپ تاپالمىدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە مەن ئائىلە ئىشى ۋە قازان بېشىدىن نېرى بولالماي كۈندە ئالدىراش ئۆتىۋاتقان ئايال، قىزىم ئانىسىنىڭ باغرىدا غەم-قايغۇسىز چوڭ بولىۋاتقان ئەركە مەلىكە ئىدى.
ئاپام يادىمغا كېلىپ قالدى، ئېسىمدە قېلىچىشە ئاپام دائىم پەرتۇق تارتىقلىق ھالدا ئىشخاندىن نېرى كېتەلمەيتى، ئەشۇ چاغدا ئىلگىرى ئاپامنىڭمۇ مەلىكە ئىكەنلىگىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنىدىم. مومام ئۆيىمىزگە كەلگەندە تاماق ۋاقتىدا ھەمىشە ئاپامنىڭ قاچىسىغا ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى سېلىپ قوياتتى ۋە ئاپامنىڭ مەززە بىلەن يەۋاتقانلىقىغا مەستلىكى كېلىپ قاراپ قوياتتى. ئاپام بېلىقتىنى ياخشى كۆرەتتى، مۇمام 70ياشتىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ ھەركۈنى ئاپامدىن ‹بۈگۈن بېلىق يىدىڭىزمۇ؟› دەپ سورايتى،مۇشۇلارنى ئويلاپ ئىلگىرى ئاپامنىڭمۇ مېھرىبان ئاپىسىنىڭ نەزىرىدىكى مەلىكە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
ئەسلىدە ھەممە ئايال مەلىكىدىن ئۆزگەركەنىكەن، بۇ دۇنيادا ئەڭ مۇقەددەس مۇھەببەت ئانا مۇھەببىتدىن مۇستەسنا بولمىسا كېرەك. ھەرقانداق بىر ئانا قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر بارلىق مۇھەببىتىىنى بالىسىغا بېرىدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا ئاپاممۇ بىز ئاچا سىڭىللارنى چىرايلىق ياساپ قويۇش ئۈچۈن ئىنتىيان تېجەشلىك بىلەن كۈن كەچۈرەتتى.
ھەرقانداق بىر ئانا قىزىنى مەلىكە دەپ بىلىدۇ، مەلىكە ئانا بولغاندا ئۇمۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن مەلىكىلىك تاجىنى ئېلىۋېتىپ، ئائىلە ئىشى بىلەن بەنت بولىۋاتقان ۋاپادار خوتۇن، مېھرىبان ئانا بولۇشقا باشلايدۇ
قارماي گېزىتىدىن ئېلىندى