bayqar يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 15:19 
«ئانا» دېسەم دورىۋالدى سۆزۈمنى تاغلار،
كەتسەممۇ گەر س ...
شئىر دېگەنغۇ چۈشەندۈرىدىغان نەرسە ئەمەستى، ھەركىم ئۆز ئالدىغا چۈشەنسە بولىۋىرەتتى. شۇنداقتىمۇ ئاز تولا ئىزاھات بىرەي ئەمسە!
ئاۋۇ «قۇياش» قانداقتۇر ئاسماندىكى قۇياش ئەمەس بەلكى پەرزەنىتنىڭ ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتىگە سىمۋول قىلىنغان، ئالما شىخىدا پىشىدىغان« قۇياش». بىر گۈدەكنىڭ سەبىي تىلىكى دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى : پەرزەنتىڭنىڭ مىھرى ۋاپالىق مۇھەببىتىدىن كۈچ ئىلىپ، «قۇياش» نى يۇتىۋەتكەن خىسلەت ئىگىسىدەك، ئۇلۇغلۇق تەختىدە مەڭگۈ ياشا ئانا....
ھى...ھى... باشقا شئىرلارنى يازسام ئانچە قاملاشقاندەك قىلمىغان، قارىغاندا يۈرۈكۈمدە ئانامغا بولغان مۇھەببەت ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئوخشايدۇ.
ئانىسىنىڭ يېنىدا بولالايدىغان بالىلار، بالىلىقىڭلارردەك ئاناڭلىنىڭ ئىككى قۇلىقىدىن مەھكەم تۇتۇپ تاتلىققىنە سۆيۈپ قويۇڭلار! بىزدەك سەرگەردانلارنىڭ روھى بولسىمۇ سۆيۈپ قويسۇن!