كۆرۈش: 6879|ئىنكاس: 23

شىنجاڭدىكى ئۆزبىكلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
37644
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 23:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى ئۆزبىكلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى

                                     شىنجاڭ ئوزبېك مەدەنىيەت توربىكىتى   

ئۆزبىكلەرنىڭ شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىش جەريانى ھەم كۆپىيىشى، مۇرەككەپ ئىجتىمائى جەريانلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ھەم ئاخىرى ئۆزبىكلەر (يەنى ھازىرقى ئۆزبىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى)مەلۇم تارىخى شارائىتلار تۈپەيلى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاز نىسبەتتىن كۆچۈپ كىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ
كىيىنكى ئەۋلاتلار بىر بىرلەپ بارلىققا كىلىپ ئۇلارنىڭ سانى كۈنساين ئاشقان ۋە ھازىرقى ھالەت شەكىللەنگەن، ئۇلار ئازلىقتىن كۆپلىككە يىتىش جەريانىدا شىنجاڭ زىمنىدا يەرلىكلەر بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ ياشىغان، بۇ سەۋەپ ئۆزبىكلەرنىڭ ئۆز تىل يىزىقىنى
داۋاملاشتۇرالماي توختۇتۇپ قويۇشقا سەۋەپ بۇلۇپ قالغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت شارائىتقا يۈزلىنىپ ماسلىشىپ ياشىمىسا بولمايتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادەت قائىدە يوسۇنلىرىنى يوقاتماي داۋاملاشتۇرۇپ ئەۋلاتتىن
ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرغان، شۇڭلاشقا ھازىرقى ئۆزبىك خەلقى ئۆز ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ھەم قىرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز قىممىتى نامايەن قىلىپ كىلىۋاتىدۇ، گەرچە تىل يىزىق بوشلۇقى تولدۇرۇلماي ئۆز بىك مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ يوقىتىش ھىسابلانسىمۇ ئەجدادلار قەلبىدىكى ئۆز تىلىغا بولغان مىھرى مۇھاببىتى تىخى ئۆچكىنى يوق،بى تىل بايلىقىمىز ھازىرمۇ ئۆچمەس ئابىدە سۈپىتىدە ساقلىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىزدىنىشلار ئىلىپ بىرىلماقتا .  ياش ئەۋلاتلار ئەجدادلار كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ. ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە، بۇندىن كىيىن ھەم ئۆزبىك خەلقى ئۆز ئارا ئىتتىپاق ياشاپ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ. ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ شىنجاڭ زىمىنىغا تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ، ئۆز مىللىتىنى تونۇتۇش، مىللىتىگە شان شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي تىرىشماقتا ، تۆۋەندە شىنجاڭدىكى ئۆزبىكلەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەم ھايات پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكتىمەن.
شىنجاڭدىكى ئۆزبىكلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بولسا؛
ئۇلار كەسىپ جەھەتتە تىجارەتنى ئاساس قىلىپ ياشايدۇ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئاندىن باشقا تىببى ساھە، ئەدەبىيات سەنئەت، قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنىمۇ چىڭ تۇتۇپ كەسىپتە مۇۋاپپىقىيەت قازانغانلارمۇ ئاز ئەمەس
ئائىلە تۈزۈمى ھەم خاراكتىر جەھەتتە - ئەرلەر ئاساسلىق ئىختىزادى يۈكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان، ئۇلار ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە خوجايىنى ھىسابلىنىدۇ، ئاياللار پەقەت ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ ئائىلىدىكى تەربىيە ۋە باشقا مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ زىممىسىدە، ئاياللار ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىپ ياشايدۇ، ئەرلەر تىرىشچان، قەيسەر، قابىليەتلىك چىداملىق كىلىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىشنى، مەغرۇر يۈرۈشنى، ئۆز قىممىتىنى باشقىلار تەرىپىدىن ئتراپقا ئىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئاياللار ئەخلاقلىق، شەرمى ھايالىق، قاۋۇل، ئەقىللىق، پاكىزە بولۇپ،ئۇلاردىكى پەزىلەت ھايالىق بولۇش ئۆز بىك ئاياللىرىدىكى بىردىن بىر خاسلىق ھەم گۈزەللىك ھىسابلىنىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆزبىك ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى تىخىمۇ نامايەن قىلالايدۇ، ئۆزبىك ئاياللىرى تىلغا ئىلىنسىلا ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ.
يىمەك ئىچمەك ۋە كىيىنىش جەھتتە؛
ئۆزبىكلەر بۇ جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ، ئۇلار گۈرۈچ تامىقىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇندىن باشقا ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ھەرخىل قىياملار، تاتلىق تۈرۈملەر ۋە مىغىزلىق مىۋىلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ، چۈشلۈك تامىقىدا بولسا كۆپ ھاللاردا ئاش (يەنى پولو) ، قىيمىلىق تاماق( پىتىرمانيا، دۈملۈمە، ئورما) قاتارلىق تاماقلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىدۇ. كەچ تەرەپلەردە سۈيۈق  تاماق(مەستۇۋە) ھەرخىل سوغۇق سەي، مىۋە چىۋە لەرنى ئىستىمال قىلىدۇ.
ئۆزبىك تائاملىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ئۆزگىچە بولۇش بىلەن بىرگە، مەزىلىك يىيىش بولىدۇ.
كىيىنىش ئادىتى ئەرلەر سالاپەتلىك، چوڭ سۈپەت كىيىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر ۋاقىت پاكىز يۈرۈشنى ئادەتلەنگەن،مۇراسىم ھەم ئالاھىدە پائالىيەتلەردە ئۆزىنىڭ مىللىچە كىيم(ئۆزبىك تون، دوپپا) لىرىنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن، ئاياللارمۇ نەپىس يارىشىملىق ھايالىق ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئالاھىدە ۋاقىتلاردا مىللىچە ئەتلەس، نىمچە كۆينەك دوپپا قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىپ ئۆزبىك مىللى كىيىم كىچەكلىرىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۆزبىك كىيىملىرى تولىمۇ يارىشىملىق بولۇپ ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ، ھەرقانداق ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتە؛
ئۆزبىك خەلقى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ماھىر كىلىدۇ، باشقىلارغا قىزغىن ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ئىددىيىسى سىڭگەن بولۇپ، مەيلى تونۇش ياكى ناتونۇش بولسىۇن، ئۇچرىغان جايدا سالام بىرىشكە ئادەتلەنگەن.
تۇرمۇش قۇرۇش جەھەتتە:
توي ئۆزبىكلەر ئۈچۈن مۇقەددەس ھەم خۇشاللىنارلىق ئىش ھىسابلىنىدۇ، توي قىلىش ئۇسۇلىمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئاۋال ئوغۇل تەرەپ قىزىنى تاللاپ قىزنىڭ ئۆيىسىگە قىز سوراشقا بارىدۇ. ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەندە راسمى توي قىلشقا باشلايدۇ، قىز ۋە ئوغۇل ئاتا ئانىسىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ تويغا رازىلىق بىلدۈرۈپ توي قىلىدۇ، توي مۇراسىمى بىر ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ، توي باشلانغان كۈنى توي قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ، كۈندۈز تەرەپتە باشقا مىھمانلارنى چىرايلىق كۈتۈپ رازى قىلىپ ئۇزۇتۇپ قويۇلىدۇ، كەچ كىرگەندە قۇدا تەرەپ ۋە كىيونىكەرلەر نەغمە ناۋا بىلەن توي يۆتكەشكە كىلىدۇ، كىيئوغۇللار ئۆيگە كىرىشتىن ئاۋال ئاق رەخىتتىن پايانداز سىلىنىدۇ، بۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ھىسابلىنىدۇ، كىيئوغۇل پاياندازنى دەسسەپ ئۆتۈپ بولغىچە كىيئوغۇلنىڭ قولداشلىرى قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ پاياندازنى تارتىپ تاكى يىرتىلغىچە تارتىشىپ ھەربىرلىرى بىر پارچىدىن ئالىدۇ، بۇ بولسا پايانداز تارتىش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ پائالىيەت بىلەن توي تىخىمۇ قىززىپ كىتىدۇ. بۇمۇ ئۆزبىك تويلىرىنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى.
كىيىن ئۆيگە كىرىپ قىز تەرەپتىن سىلىنغان نازۇ نىممەتلەر قويۇلغان داستىخانغا داخىل بولۇپ داستىخان ئاخىرلاشقاندا كىيئوغۇلغا بىر قۇر سەرپا قويۇلىدۇ. ۋە دوسلىرى كەيگۈزۈپ يىگىتنى مۇبارەكلەپ قول قولچە كۆتۈرشىدۇ. ئاندىن ئۇزاپ قىز كۆچۈرۈشكە تەرەددۇت قىلىدۇ. قىزنى ئىلىپ چىقىش ئۈچۈن قىز بار ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە قىزنىڭ دوسلىرى ئىشىكنى بىكىتىۋىلىپ تاكى سۆيۈنچە بەرگىچە ئىشىكنى ئاچمايدۇ.كىيىن سۆيۈنچە بەرگەندىن كىيىن قىينائا قىزنى   يار - يار ئىيتىپ قىزنى ئىلىپ چىقىدۇ. قىزنىڭ ئاتا ئانىسى دۇئا قىلىپ قىز بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇنىڭغا بەخىت تىلەپ ئۇزۇتۇپ قويىدۇ، قىز ۋە ئوغۇل ئايرىم ئايرىم چىرايلىق بىزەلگەن ماشىنىلارغا چىقىپ قىز كۆچۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. قىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە بارىدۇ، ئۇلار ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلگەندە قىزنى يار يارلار بىلەن چىمىلدۇق تارتىلغان ئۆيگە ئەكىرىپ قويىدۇ. بۇ مۇ ئەزەلدىن داۋاملاشقان قائىدە.  مىھمانلارغا داستىغان سىلىنىپ سۇيۇق تاماق بىلەن ھاردۇق ئىشى بىرىلىدۇ، بۇ كىلىن چۈشتى دەپ ئاتىلىدۇ، داستىخاندىن يانغاندىن كىيىن قىز ۋە ئوغۇل ئىككى تەرەپ ئاتا ئانىلىرى پەرزەنتلىرىگە تەييار قىلغان يوتقان كۆرپە ۋە ئۈستىگە سىلىنغان بىزەكلەرنىڭ ھەممىسىنى مىھمانلار ئالدىدا ئىگىز قىلىپ قالدۇرماي سالىدۇ، ئاندىن قىزنى يار يار ئىيتىپ چىمىلدۇقتىن ئىلىپ چىقىپ ئىگىز سىلىنغان كۆرپىلەر ئۈستىگە ئولتۇرغۇزىدۇ، كىيئوغۇلنىمۇ ئاغىنىلىرى يار يار ئىيتىپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويىدۇ، ھەم كىيئوغۇل يانجۇقىدىن نۇرغۇنلىغان تەڭگە پۇللارنى ئىلىپ ئۆيگە چاچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىززىقچىلىق باشلىنىپ ھەم ئۆرە تۆپە بولۇپ تەڭگىلەرنى خالىغانچە تىرىۋىلىشىدۇ. ئاخىرىدا دۇئا تەكبىرلەر بىلەن توينىڭ بىرىنجى كۈنى راسمى ئاخىرلىشىدۇ.
ئەتىسى يۈز ئاچقۇ ھەم ناشتىلىق بولۇپ ئەتتىگەندە قىز تەرەپ نۇرغۇن دوستىخانلارنى تەييارلاپ ئوغۇل تەرەپكە ئىۋەرتىدۇ، چۈشتىن كىيىن يۈزئاچقۇغا كەلگەن مىھمالارغا زىياپەت راسلىنىپ كۈتىۋىلىنىدۇ، زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قىزنى چىمىلدۇقتىن ئاچىقىپ قىزنىڭ ئانىسى قىممەت باھالىق ئىسىل رەختىن بىر پارچىنى قىزنىڭ يۈزىگە ياپىدۇ، ئوغۇلنىڭ كىچىك سىڭىل ياكى تۇققانلىرى ئۇسۇل ئويناپ كىلىپ رەخنى يارتىپ قىزنىڭ يۈزىنى ئىچىۋىتىدۇ، بۇ بولسا ئۆز بىك تويىدىكى يۈز ئاچقۇكۈنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن قوشاقلار بىلەن قىز نى چۈشكەن ئۆيدىكى ھەربىر ئەزالارغا سالام قىلدۇرلىدۇ، بۇ ئۆزبىك كىلىنلىرىدىكى ئەدەپ قائىدە چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتىكى ئۇسۇل كىلىنلىك بەلگىسى ھىسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا قىزنى ئولتۇرغۇزۇپ سۈپىر يىيىپ قىزنىڭ ئۇۋۇچىغا ئۇن ھەم ياغ قۇيىدۇ. بۇ قىزنىڭ قولى شىرىن، ئۆزى چۈشكەن ئۆيدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بەخىتلىك ياشاپ كەتسۇن دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۈن بولسا يۈز ئاچقۇ  كۈنى دىيىلىدۇ.
توينىڭ ئۈچۈنجى ياكى تۆتنجى كۈنى ئوغۇل ۋە قىزلىق قايسى تەرەپ خالىسا شۇ ئاۋال مىھمانلارغا چاي بىرىدۇ. ئوغۇل تەرپنىڭ كۆرىمانە، قىز تەرەپنىڭ چىلاتقۇ بولىدۇ، ئوغۇل تەرەپ چاي بەرگەن كۈنى مول نازۇ نىممەتلەر بىلەن زىياپەت تەييارلاپ مىھمان كۈتىدۇ، بۇ كۈنى كەلگەن مىھمانلارۋە قىزنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇرۇق تۇققانلىرى  قىز ئوغۇلنىڭ ئۆيىنى مۇبارەكلەپ ئۆزى خالىغانچە ئۆي زىننەت بويۇملىرى ئىلىپ كىلىدۇ. چىلاتقۇ كۈنى بولسا قىز تەرەپمۇ زىياپەت ھازىرلاپ ئوغۇل تەرەپكە ئوخشاش مىھمان قىلىپ كۈتىۋالىدۇ، دوستىخان يىغىلغاندىن كىيىن قىزنىڭ ئاتا ئانىسى ئەڭ ئاۋۋال قۇدىغا (قىزنىڭ قاينانا، قىيناتاسىغا) كىيئوغۇلغا ئىسىل سەرىپالارنى قويىدۇ. ئاندىن قىزىغا قىممەت باھالىق زىبۇ زىننەت تۆت پەسىللىك باش ئاياغ كىيىم كىچەكلەرنى قويىدۇ بۇ كىيىملەر كىلىننىڭ نەچچە يىل كىيىشىگە يەتكىدەك دەرىجىدە كۆپ بولۇپ ئاتا ئانىسىنىڭ قىزىغا بولغان كۆڭلى ئارزۇ ھەۋىسى ۋە ئەتىۋارلىشىنى ئىپادىلەيدۇ.
تويدىن تاكى بىر ھەپتە ئۆتكىچە قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە ناشتىلىق ئۇۋەتىش داۋاملىشىدۇ.
بىر ھەپتە ئۆتكەن كۈنى قىزنىڭ تۇنجى ئازنىسى يەنى سالامغا بىرىش كۈنى بولۇپ ئوغۇل تەرەپتىكى ھەممەيلەن قىزنىڭ ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ. قىزنىڭ ئاتا ئانىسى ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ ھەرخىل تائاملار بىلەن ئۇلارنى مىھمان قىلىدۇ يەنى كىيئوغۇلغا ۋە قۇدىباجىغا سەرپا قويۇپ يولغا سالىدۇ بۇلار بولسا ئىككى ئائىلىنڭ ئىناق ئىتتپاقلىنى ھەم قۇدا كىيئوغۇلغا بولغان ئىززەت ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاندىن باشقا ھىيىت قائىدىسىدە ؛ ھىيت ھاربا كۈنىسى قىزنىڭ ئاتا ئانىسى كىيئوغۇل ۋە قىزىغا باش ئاياغ سەرىپاي تەييارلاپ ئۇنى بىر تاۋاق ئاش (پولو) بىلەن قوشۇپ ئوغۇل تەرەپكە ئىۋەرتىدۇ. بولۇپمۇ تۇنجى ھىيىت كۈنى چىرايلىق تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ قائىدە كىيىن بالا چاقىلىپ بولغانغا قەدەر نەۋرىلىرىگە قوشۇپ ئىۋەرتىشكىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، بۇ قىز باققۇچىنىڭ ئارزۇ ھەۋىسى قىزنىڭ ئىززىتى ھىسابلىنىدۇ. ئۆزبىكلەر كىيئوغۇلنى چوڭ كۆرۈپ ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدۇ. يىت كۈنى بولسا نازۇ نىممەتلەر سىلىنغا چىرايلىق دوستىخان سىلىنىپ ئەر قۇدىنى ۋە كيئوغلىنى كۈتىدۇ، ئاياللار بولسا ھىيىت ئۆتكەندىن كىيىن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىنىپ بىر بىرىنى چاقىرشىدۇ.
يەنە قىزنىڭ يىقىن تۇققانلىرى يىڭى كىلىن ۋاختى ئۆتۈپ بولغىچە قەدەر ئايرىم ئايرىم ئۆيلىرىگە قىينانىسى ۋە كىلىننى چاقىرىپ قىزنىڭ ئىززىتىنى قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تاپقىنى بويىچە كىلىن ۋە قىينانىسىگە چىرايلىق سەرپا قويۇپ ئۇزىتىلىدۇ، بۇ ئۆزبىك كىلىنلىرىنىڭ يىڭى كىلىنلىك ئەتىۋارى ۋە يارىشىغى دىيىلىدۇ.

مانا يۇقارقىلار بولسا شىنجاڭدىكى ئۆزبىك مىللىتىنىڭ  ياشاش ۋە ئۆرۈپ ئادەت ئۇسۇلى بولۇپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ مەدىنى مىراس ھسابلىنىپ مەڭگۈ يوقىمايدۇ.

مەنبە:   شىنجاڭ ئوزبېك مەدەنىيەت توربىكىتى   www.xjuz.net  <قاينام> يازمىسى



تىما ئادىرىسى: http://xjuz.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=306

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 20:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبىكلەر توغرۇلۇق خېلى ياخشى ساۋاتقا ئىگە بولدۇم. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

UID
33676
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 00:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۆزبەكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش مىللەتلەردىندۇر.

UID
34958
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 12:34:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار نىمىشقا ئۆزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى ئىتراپ قىلمايدۇ.بۇ بىر خىل‹‹ ئاتا››سىزلىق ئەمەسمۇ؟؟؟تېخى ئۆزبىك تىلى ئۆزبىك يېزقى دەپ بارمىكەن؟ بىز بۇلارغا ئاجايىپ ياخشى مۇئامىلە قىلىمىز ،بىراق بۇلار ئۆزبىكىستاندابىزلەرگە ئاجايىپ ئىپلاسلىقلارنى  قىلىشىدۇ.خۇددى ناجىنىس بالا ئاتسىغا مۇش كۆتۆرگەندەك....مەيلى ئاتا ھەرقانچە بولسىمۇ بالىللىرىنى ئەپۇ قىلىدىغو.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 14:12:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزگىل قېرىندىشىم، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. ئۆزبىكلەرنى ئۇيغۇرلۇققا مەجبۇرلاپ نېمە قىلىسىز؟ ئۇيغۇر ئۇيغۇردۇر، ئۆزبىك ئۆزبىكتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى دانا سىياسەتتۇر. دۆلىتىمىزدە مىللەتلەرنىڭ چەك - چىگراسى ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان ۋە مىللەت تەركىبىگە ھۆرمەت قىلغان. باشقىسىنى قويايلى، خېنەننىڭ ميەنچى ناھىيىسىدىكى ليۇ فامىلىلىك كىشىلەرنىمۇ دۆلىتىمىز ئۇيغۇر دەپ ئېتراپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە مەن، سىز چېغىمىزدا ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ ئېتراپ قىلغۇمىز كەلمەيدۇ. ئۆزبىكىستاندىكى ئۆزبىكلەرگە ئاسمىلاتسىيىلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىل سىياسەتلىرىگە كۆرە شۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ساقلىيالماسلىقىمۇ سەۋەبلىك.

UID
35691
يازما
74
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-12
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 15:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبەك بىلەن ئۇيغۇر ئەمىلىيەتتە بىر ئانىدىن تۇغۇلغان،بىرسى بۇ يەردە،يەنە بىرسى باشقا شەھەردە ياشىغان قوشماق بالىدۇر.
كىھان ئەپەندىم ھەممە ئادەمنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بولىدۇ.
خېنەننىڭ ميەنچى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.خۇنەننىڭ تاۋيۈئەن ناھىيىسىكى ئۇيغۇرلارنى ئاڭلىغان.
ئۆزبىكلەر ئىتىراپ قىلمىغان بىلەن.ئىچكىرىدە ياشىغان ئاشۇلار ئۆزىمۇ ئىتىراپ قىلىدىكەن.

UID
12313
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 16:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبېىكلەر ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشۈنچىگە ئىگە بولدۇم،تىمائىگىسىگە رەخمەت

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 17:40:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى ئۆزبىكلەر مەدەنيىتى، ئاساسەن ئۇيغۇر مەدەنيىتى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆزبىكلەر قازاق مەدەنيىتىڭ تەسىرىگە بىر ئاز ئۇچرىغان.

UID
34538
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 19:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ھازىرقى ئۆزبىكلەرنىڭ شەكىللىنشىگە ئىنتايىن كوپ ئتنىك تەركىپ قوشقان ،لىكىن يۇقارقى ماتىريالدا بۇ توغرۇلۇق ھىچقانداق بىر نەرسە دىيلمەپتۇ. مەيلى ئوزبىكلەر قانداق دىسۇن ،قانداق يازسۇن ، بىز ئوزبىكلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ قان-قىرندىشى دەپ بىلمىز، بىز پەقەت بىر شاخنىڭ مىۋسى،بىر ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ،قىيامەتلك قىرنداشلاردۇرمىز!!!

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 20:15:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
geniablat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-8 15:50
ئۆزبەك بىلەن ئۇيغۇر ئەمىلىيەتتە بىر ئانىدىن تۇغۇلغان، ...

تاۋيۈەن ئۇيغۇرلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا تىگىشلىك، بىراق خېنەندىكى ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي جۇڭگودىكى شىيې فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى مېنىڭچە ئۆزىدىن باشقىلار ئېتراپ قىلماسمېكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش