توردىكى مۇھەببەت
( ھېكايە)
ئەنۋەر جۇلا
ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ كۈنى يىگىتىمنىڭ كىرلىرىنى يۇيىۋاتاتتىم، يىگىتىم كومپيوتىرىنى ئويناپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم بىردەم شامالداپ كىرگۈسى ياكى ھاراق ئىچكۈسى كەلگەندۇ... تېلېفۇن جىرىڭشىدى، ئالسام ناتۇنۇش بىر ئايال مەندىن ئەھۋال سورىدى. مەنمۇ جاۋابەن ئۇنىڭدىن ئامانلىق سورىدىم. «تېچلىقمۇ، سالامەتمۇ ئۆزلىرى، ئۆي ئىچى بالا-ۋاقىلار تېچلىقمۇ » دەپ ئەھۋال سورىشىشلا تۈگىگەندىن مەن ئۇ ئايالنىڭ كىملىگىنى سورىدىم.
_ سىز ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ كىملىگىمنى سورىماڭ، سىز مېنىڭ سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بەرسىڭىزلا بولدى، _ دېدى ئۇ ئايال مۇلايىم ئاۋاز بىلەن. ئاۋازىدىن 30- 35ياشلار چامىسىدىكى ئايال ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل غەلىتە ھىس قىلدىم.
_ ئۇنداقتا سىز مېنى تونۇمسىز؟_ ئاۋازىم غاراڭ-غۇرۇڭ چىقىپ كەتتى.
_ تونۇمىسام سىزگە تېلېفۇن قىلارمىدىم سىڭلىم، تازا ئوبدان تونۇيمەن..._ دېدى ئۇ ئايال بايىقىدىن سەل باشقىچە تەلەپپۇزدا. ھاۋا تونۇردەك قىزىق بولغاچقا تەرلەپ تۇراتتىم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزىق چاينى ئوتلىغاندەك چېكەمدىن تەر قۇيۇلدى. كۆڭلۈمدە بۇ ئايالنى تېلېگراف شېركىتىنىڭ تېلېفۇن ھەققىنى سۈيلىگىچىسى خادىمى، باجگىر، ساقچى ئىشقىلىپ ھەر خىل ئوبرازدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم. بەلكى ھەق ئېلىش تۈرىدىكى بىرەر مۇلازىمەتچى خادىم بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلدىم.
_ ئەجەپ ئىش سىز مېنى تونۇيدىكەنسىز، بىراق مەن سىزنى تونۇمايدىكەنمەن، _ دېدىم ئۇ ئايالغا.
_ شۇنداق، _ دېدى ئۇ ئايال، _ سىز ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئادەم، سىزنى كېچە-كۈندۈز خىيال قىلىمەن، نەپرەتلىنىمەن، يەنە بىر تۇرۇپ ئىچ ئاغرىتىمەن، _ دېدى ئۇ ئايال.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇزلاپ كەتتىم. نورمال كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ئۆز كونتروللىقىنى يوقاتقاندەكلا ھودۇقۇپ كەتتىم.
_ سىز ساقچىمۇ، نىمىشقا مېنى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم دەپ بىلىسىز، نىمىشقا كېچە-كۈندۈز مېنى خىيال قىلىسىز، نەپرەتلىنىسىز، ئىچ ئاغرىتىسىز؟_ لاغىلداپ تىترىگىنىمچە بۇ سۇئاللارنى سورىدىم.
ئۇ ئايال ساراڭدەك قاقاھلاپ كۈلۈپ ئارقىدىن يىغلاپ كەتتى، ئاندىن:
_ مەن باشتا دېدىمغۇ، سىز سالاھىيىتىمنى سورىماڭ، سالاھىيىتىمنى ھازىر ئۇقسىڭىز قاتتىق قورقۇپ كېتىسىز، ئازاپلىنىسىز، ئەڭ ياخشىسى سورىغان سۇئاللىرىمنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاپ بېرىڭ، _ دېدى ئۇ ئايال.
_ قانداقسىگە، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ...بۇ...ساراڭ..._ تېلېفۇننى تاققىدە قويۇۋەتتىم. شۇ تاپتا كاللامدا چاقماق چېقىلىپ، گۈلدۈرماما گۈمبۈرلەيتتى. ناھىيىتى قالايمىقان پەرەزلەر چاقماق تېزلىكىدە خىيالىمدىن كېچەتتى.
سەل تۇرۇپ تېلېفۇن يەنە جىرىڭشىدى. بىر ئالماي دەپ يەنە ئالدىم.
_ جېنىم سىڭلىم، گېپىمنى سەۋر-تاقەتلىك بىلەن ئاڭلاڭ، مەن ئەسكى ئادەم ئەمەس، بەلكى سىزگە ھىسداشلىق قىلىدىغان بىر ئاقكۆڭۈل ئايال..._ دېدى ئۇ ئايال تېلېفۇننى ئېلىشىمغىلا مىشىلداپ.
_ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە گاڭگىراپلا قالدىم ھەدە، بەك غەلىتە گەپ قىلىدىكەنسىز، ئادەمنى قورقۇتماي گەپنىڭ توچكىسىنىلا دەڭ، مەن بەك قورقۇنچاق قىز، _ دېدىم ئۆزەمنى ئىلاجى بار سالماق تۇتۇشقا تىرىشىپ. ئايالنىڭ «مەن ياخشى ئادەم،سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن» دېگەن سۆزىدىن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندەكمۇ قىلاتتىم. لېكىن شۇملۇقنىڭ بىشارىتى بۇرنۇمغا پۇراپ تۇراتتى.
_ قىز؟ ھا!ھا!ھا!... سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ تۇرۇڭ، بەزىبىر گۇمانىڭىزنى ساقىت قىلىۋېتەي، سىزنى قانداق تونۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى ئۇ ئايال.
_ قۇلىقىم سىزدە..._ بۇ ئايال بىلەن سۆزلىشىشكە تاقىتىم قالمىغان بولسىمۇ لېكىن يەنە بىر قېتىم تېلېفۇننى قويۇۋېتىشكە زادى جۈرئەت قىلالمىدىم.
_ ئىسمىڭىز پەرىدە، توغرىمۇ؟
_ شۇنداق مەن پەرىدە.
_ 26ياش.
_ توغرا.
_ شەھەرلىك 29- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقىچىلىق قىلىسىز، ئەدەبىيات دەرسى بېرىسىز.
_ ئېيتىۋېرىڭ...
_ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىر پارچە سۈرىتىڭىزگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئاپئاق،يۇمران يۈز، يوغان،نۇرلۇق قارا كۆزلەر، ئۇزۇن، ئەگمەچ قاش،ئىلىپتەك قاڭشار، سەل قېلىن، لېكىن ئۆزىگە خوپ ياراشقان يېرىم يۇمۇق لەۋلەر ئارىسىدىن مارىلاپ قالغان سەدەپتەك ئاپئاق بىر نەچچە تال چىش، سۇس بۈدۈر قىلىنغان چاچلار ناۋاترەڭ ئۆزە ياقىلىق پوپايكىنىڭ مۈرىسىگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ...
_ بولدى ئېيتماڭ..._ دېدىم تېخىچە گاراڭ ھالەتتە.
_ ئىشەنمىسىڭىز، كىملىك گۇۋاھنامىڭىزنىڭ كۇپىيە نۇسخىسىمۇ مەندە بار. ئۇنىمۇ دەپ بېرەيمۇ؟
_ بولدى ھاجىتى يوق، سىز نىمىشقا مېنىڭ پېيىمگە چۈشىسىز، بۇنداق قىلىش نېمىگە ھاجەت بولۇپ قالدى؟ _ قوپاللا ئېيتتىم.
_ دېمەك ئەمدى پاراڭلاشساق بولىدىكەن، _ دېدى ئۇ ئايال سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي.
_ نېمىنى پاراڭلىشىمىز، بىلمىدىم، سىزگە زادى نېمە كېرەك؟
_ بۇنى كېيىن دېيىشىمىز، مەن سىزنى بۇنچىلىك ياخشى بىلگەن بىلەن ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئارىلىق تولىمۇ يىراق، سىز ئۈرۈمچىدە، مەن بولسام قەشقەردە. ئىككىمىز ئۇرۇق-تۇققانمۇ ئەمەس، ھەم ئەشەددى رەقىپلەرمۇ ئەمەس، بەلكى ئورتاق زىيانلانغۇچىلار...
_ نېمىدە ئورتاق زىيانلانغۇچىلارمىز؟
_ ئەمدى دەيدىغان يېرىگە كەلدى، سىز ناھىيىتى سەمىمىلىك بىلەن جاۋاپ بېرىڭ، جۈرئەتنىڭ ھازىر قېشىڭىزدا يوقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. ئۇ مېنىڭ ئېرىم بولىدۇ، ئەستا! بۇ گەپنى ھازىرچە دېمەي تۇراي دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن سىز قىستاپ شۇ يەرگە ئاپاردىڭىز...
بېشىمنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم چاقماق چېقىلدى. باياتىندىن بېرى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى غىل-پاللا خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. لېكىن جۈرئەتنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى، سەمىمىي ئىپادىسى، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ماڭا قالدۇرغان تەسىراتلىرى ھەرقانداق گۇماننى سىغدۇرمايتتى.
ھېلىمۇ ئۇ ئايالنىڭ بۇ سۆزىگە ئىشەنمىدىم.
_ سىز راستىنلا خاتالىشىپسىز، بۇ مۈمكىنمۇ؟ جۈرئەتنىڭ قانداقسىگە ئايالى بولسۇن، بولۇپمۇ قەشقەردىن، توۋا...
_ سىز جۈرئەتنىڭ دەل مۇشۇ يېرىگە ئالدىنىپ كەتتىڭىز، ئۇ سىزگە دېگەندەك ئۈرۈمچىلىك ئەمەس ھەم ئۈرۈمچىدىكى ئۇ كاتتا شېركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورىمۇ ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ بىر مەككار قويمىچى.
_ نېمە؟ ھا!ھا!ھا!..._ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم، بۇ «ئېغى بار، بېغى يوق» گەپ راستلا كۈلگۈمنى كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى. يىگىتىمنى ئۆزەمنىڭ ئەينەك ئالدىدىكى چىرايىمدەك چۈشەنمىسەم كاشكى! ئۇنىڭ 120كۋادىرات مېتىرلىق ئۆيىدە نىكاھسىز ئەر-خوتۇن بولۇپ تۇرىۋاتقىلى 1يىل بولاي دېگەن تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىدىكى خىزمەت بىناسىنىڭ 12-قەۋىتىكى ئازادە ئىشخانىسىغىمۇ مېنى نەچچە قېتىم ئەكىرگەن، كىرىسلودا مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ سۆيۈۋاتقىنىدا كاتىپ قىزمۇ كىرىپ قالغان، يىگىتىمنىڭ بۇيرۇشى بىلەن شۇ شېركەتنىڭ نامىدىكى مائاش كارتىسىدا ئۆز قولۇم بىلەن بىر قانچە قېتىم مائاشىنى ئالغان تۇرسام... ئېنىقكى، بۇ بىر كولدۇرلىتىش، ئۇ ئايال چوقۇم مېنى كولدۇرلىتىۋاتىدۇ ياكى يامان غەرەزدە بىرەر نەرسە ئۈندۈرمەكچى بولسا كېرەك...جۈرئەت قانداقسىگە قەشقەرلىك بولسۇن،قەشقەردىن ئايالى بولسۇن، ئۇ ئايال دېگەندىكىدەك مەككار قويمىچى بولسۇن؟ مىڭ ئويلىساممۇ ئۇنىڭ شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقىنى جۈرئەتنىڭ مەن بىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى لوگىكا جەھەتتىن ئۇنداق ئەمەس دەپ خۇلاسە چىقىراتتى.
_ سىز كۈلمەڭ، مەن ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن، ئېرىم كومپيۇتېر زاپچاسلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر سودىگەر. ئۇنىڭ سىزگە مەن تېگىمدىن ئۈرۈمچىلىك دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان، « باھادىر شېركىتى» دە ئىشلەيمەن دېگىنىمۇ قىپقىزىل ئالدامچىلىق، بىر ئايدىن بېرى پۇل بىلەن ئادەم ياللاپ ئېرىمغا پايلاقچىلىققا سالدىم، ئۇنىڭ ئاشۇ شېركەتتە قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بولىۋالغىنىنى، كىمنىڭ ئۆيىنى بېقىپ ئولتۇرىۋاتقىنىنى، سىزنى قانداق ئىندەككە كەلتۈرگىنىنى، قانداق خوتۇن قىلىۋاتقىنىنى ھەممىسىنى بەش بىلىپ بولدۇم. ھەتتا ئىككىڭلارنىڭ كارىۋاتتىكى سۈرىتىڭلارنىمۇ قولغا چۈشۈرۈپ بولدۇم. سىلەر تېخى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى توي قىلىمىز دەۋاتىسىلەر. ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى بالىسى بار ئادەم تۇرسا بۇ مۈمكىنمۇ؟ مەن سىزگە سەمىمىي، خەيرخاھلىق بىلەن گەپ قىلىۋاتىمەن سىڭلىم، ۋاقتىدا ئەقلىڭىزنى تېپىۋېلىڭ. مەن سىزنىڭ داۋاملىق ياشلىق باھارىڭىز ۋە ئىستىقبالىڭىزنى نابۇت قىلىۋېرىشىڭىزگە چىداپ بولالمىدىم. ئېرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ، دېيىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ مېنىڭ قانۇنلۇق ئېرىم، ئىككى بالامنىڭ دادىسى، بۇ رىئاللىقنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇ سىز بىلەن ھەرگىز توي قىلالمايدۇ. ئەمدىغۇ گېپىمنى چۈشەنگەنسىز...مەن پەقەت سىزنى دەپلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان، تۈزۈك ئورۇندا خىزمىتى بار ئاڭلىق ئايال، بولمىسا سىزگە ۋە ئېرىمگە بولغان نەپرىتىمنى قىساس ئېلىش ئارقىلىق باسىدىغان رەزىل پىلانلارنىمۇ ئويلاپ قويغان ئىدىم. مەكتىپىڭىزگە، سوتقا ئەرىز قىلساملا ھەر ئىككىڭلار تۈرمىگە تاشلىناتتىڭلار، ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇئەخلاقنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرايتتىڭلار، سىزمۇ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالاتتىڭىز، لېكىن ھازىرغىچە مەن ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا سىزدە گۇناھ يوقكەن، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىپادىڭىز ھەممە ئادەمنىڭ قايىللىقىنى كەلتۈرىدىكەن، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز، تونۇش-بىلىشلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزگە بەك ياخشى قىز دەپ باھا بېرىدىكەن....لېكىن سىڭلىم، مۇشۇ ئىشتا ئىنتايىن ئەقىلسىزلىق قالدىڭىز. قانداق دېگەن ئىشلىمىگەن كاللا، نىكاھ ئوقۇتماي تۇرۇپ بىر ئۆيگە كىرىۋالىدىغان ئىش نەدە بار؟ سىز ئۇيغۇرمۇ ياكى باشقا تائىپىدىنمۇ؟ شۇنداقمۇ ئەقىلسىزلىق قىلامسىز سىڭلىم...
گەپ بۇ يەرگەندە ئۇ ئايال ھۈڭگۈرەپ يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ ئۆپكەم تېشىغا ئۆرۈلۈپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم. « بۇ نېمە ئىش، ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ؟ ئەجابا شۇ قەدەر شىرىن، شۇ قەدەر بەختلىك، شۇ قەدەر رومانتىك، شۇ قەدەر گۈزەل كېتىۋاتقان بۇ تۇرمۇشىمىزغا تۇيۇقسىزلا رەھىمسىز توپان ھۇجۇم قىلسا...ئاھ خۇدا...»
ئايال سەل تۇرۇپ گېپىنى يەنە داۋام قىلدى. سۆزلىرى قۇلىقىمدىن كاللامغا ئەمەس، ئۇدۇل يۈرىكىمگە كىسلاتادەك قۇيۇلماقتا ئىدى.
_ ئاخىرى مەن سىز ۋە ئېرىمنى ۋەيران قىلىدىغان پىلانىمدىن ۋاز كەچتىم. بۇنداق قىلسام ئائىلەم، ئىككى بالام، سىز ۋە مەن ئوخشاشلا ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولىدىكەنمىز، مەن ئۆزەمنىڭ مائاشى بىلەن ئىككى بالامنى گۈلدەك بېقىپ كېتەلەيمەن. لېكىن، بالىلىرىم چوڭ بولغاندا دادىسىنىڭ رەزىل ئۆتمۈشىدىن يىرگىنىشىنى، باشقىلار تەرىپىدىن ھەر نېمە گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاقارەتكە ئۇچرىشىنى خالىمىدىم، ئەقلى بار ئادەمگە ۋىجدان ئازابى سېلىشتىنمۇ ئارتۇق تۈرمە بولمىسا كېرەك. بالىلىرىم ۋە ئائىلەمنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن مەن جۈرئەتنى ئۆزەمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويايكى، سىزدە بار چىراي مەندىمۇ بار، ھەم ئېرىمنى بويسۇندۇرغىدەك ئىقتىدارمۇ مەندە بار. بىراق ئېرىمنىڭ تۇرقىغا قارىسام كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمەن، ئۆزەمنىڭ، ئائىلەمنىڭ ئار-نومۇسى ئۈچۈن بۇ خورلۇقنى كۆتۈرۈشكە مەن رازى. مەن، قېينئاتام ۋە قېينئاناملار بىلەن بۈگۈن ئۈرۈمچىگە چۈشتۇق. كېلىپلا جۈرئەتكە تېلېفۇن قىلدۇق. ئۇ ھازىر قېشىمىزدا، سىزگە تېلېفۇن قىلىۋاتقىنىمنىمۇ ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئۇققانلىقىمىزنى ئېيتتۇق... بىزنىڭ گېپىمىزنى يۇۋاشلىق بىلەن ئاڭلاپ بىز بىلەن بىللە كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا شۇنداق قىلماي نېمە ئامال؟ ئۇنداق قىلمايدىكەن ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت...سىزمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سىڭلىم، ئەڭ ياخشىسى ئېرىم ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلماڭ، ئەرز قىلسىڭىزمۇ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. جەمئىيەتتىكى يۈز- ئابرويىڭىز قاتتىق تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنى ئۆزىڭىز خالاپ قىلدىڭىز، ئېرىم سىزنى مەجبۇرلىمىدى، ھەممىنى ئۆزىڭىزنىڭ شور پىشانىلىقىڭىزدىن كۆرۈڭ... ھە راست، سىز ھازىر ئولتۇرىۋاتقان بۇ ئۆيدىن دەرھال كۈدە-كۈپىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كېتىڭ. مەن ياللىغان تىڭتىڭچى ۋە جۈرئەتنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئۆي ئۇنىڭ ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىكەن. ئۇ ئاغىينىسى يېقىنداشاڭخەيدىن قايتىپ كەلمەكچى ئىكەن...
بىردىنلا كاللامنىڭ ئىچىدە ياغاچ تىلىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازىدەك چىرقىراق بىر ئۈن غەليان كۆتۈردى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇققا تىقىلدى... كەچقۇرۇن بولغاندا ھۇشۇمغا كەلدىم. ئۆي ئىچى كۆزۈمگە مۇدھىش دوزاقتەك كۆرۈنەتتى. ئۆزەمگە تەئەللۇق بولغان گىرىم بۇيۇملىرى ۋە كىيىم- كېچەكلىرىمنى بىر چامىدانغا پۇرلاپ تىقتىم –دە، ماغدۇرسىز پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-8 18:29