تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4305|ئىنكاس: 22

جۇڭگو- تالانتلىقلارنىڭ گۆركارىمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
36249
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالانت ئىگىلىرىنى كىم  نابۇت قىلدى


               
              خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ھەسەنوۋ

     جۇڭگونىڭ تارىخىمۇ ئۇزۇن ۋە دۇنيادىكى نوپوسىمۇ ئەڭ كۆپ دۆلەت، جۇڭگولۇقلار سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول تارىخقا ئىگە، ئەمما جۇڭگو تەۋەلىگىدىكى تالانتلىقلار ناھايىتى ئاز بولغان بىچارە ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، پۈتكۈل دۇنيا ئىنسانىيىتى ھەقىقى يۇسۇندا مەڭگۇ ئەسلەيدىغان جۇڭگونىڭ تالانتلىق ئەربابلىرىدىن، ئالدىنقى چىن سۇلالىسىدىكى لاۋزى ، موزى ۋە يەنە باشقىچە تەسىردىكى كۇڭزىدىن باشقا ، چىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىنكىسى بىر بوشلۇق. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى جۇڭگودا مەخسۇس "تالانت " ئىگىلىرىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىدىغان بىر «تالانت گۆركارى» – كۇڭزى ۋە مەڭگۈ ھاكىممۇتلەق مۇستەبىت ھۆكمىرانلارنىڭ "غالچىلىرى" – كۇڭزىچىلار ئېقىمىنىڭ مۇرت، شاگىرتلىرى پەيدا بولدى. پۈتكۈل جۇڭگو دىيارى  « تالانت گۆركارى »  ۋە « غالچىلار» بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇڭا ئىنسانىيەت  ھەقىقى ئېتىراپ قىلىدىغان «تالانت» ئىگىلىرىنى سىغدۇرالمىدى.
   تالانت دىگەن نىمە؟ بولۇپمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەقىقى تالانت ئىگىسى قانداق بولىدۇ؟ مىنىڭچە بولغاندا ئادەم ھاياتلىقىدا، ئىنسانىيەت ئومۇمىي ئەقىل پاراسىتىنىڭ ئامبىرى ئۈچۈن،  كېيىنكىلەرنىڭ مەڭگۈ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە بولغان بايقىغان، كەشىپ قىلغان ۋە روياپقا چىقارغان ھەقىقەتلىرىدىن ئىبارەت بىر ئۇقۇم، ھەقىقى قۇرال،ھەقىقى ئۇسۇل كىشىلەر ئىنسانىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ تارىخىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، تۆھپىسى قايتا ئەسكە ئېلىنىدىغانلار، ئەنە شۇلار تالانت ئىگىلىرىدۇر، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەقىقى تالانت ئىگىلىرىدۇر.
   تالانت ئىگىلىرى ھەرگىزمۇ باشقىلار نەزىرىدىكى ئەقىللىق ئادەملەر بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە ئەمەس، ئەقىللىقلار ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىراق ئۇلار ئاقار يۇلتۇزمىسالى نۇر ۋە ئىسسىقلىقنى تارقىتىدۇ، نام شۆھرىتى ۋاقىتلىقلا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يېرىم ياتا ئۇتۇقلىرى بەئەينى قۇم بارخانلىرىغا ئوخشايدۇكى ۋاقىت ئېقىنىدا غايىپ بولىدۇ، ئۇلارنىمۇ ئادەملەر ئاستا- ئاستا مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
   ئەمما ھەققىقى تالانت ئىگىلىرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، خۇددى تۇرغۇن يۇلتۇزغا ئوخشاش نۇر ۋە ھارارىتى بولىدۇ، ئېرىشكەن نام شۆھرىتىمۇ  ئەبەدىي بولىدۇ، نەتىجىلىرى خۇددى قۇرام تاشلاردىن تاراشلاپ ياسالغان تاش پەلەمپەيلەرگە ئوخشايدۇكى، كېيىنكىلەر شۇ پەلەمپەيلەر ئارقىلىق داۋاملىق ئالغا باسىدۇ ھەم يوقۇرى ئۆرلەيدۇ،   مۇشۇ پەلەمپەيلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخلارنى ئەسكە ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ياراتقان تۆھپىلىرىنى تەكرار- تەكرار ئەسكە ئالماي قالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىلگىرلەش پەلەمپىيىنى ياراتقانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئۇتۇقلىرى بولمىغان بولسا، كېيىنكىلەرنىڭمۇ بىر بالداق ئىلگىرلىگەن ئەقىل پاراسىتى ۋە ئۇتۇقلىرى بولمىغان بولاتتى. نىيوتون:- " ئىنسانىيەتنىڭ تالانتلىقلىرى بىر گىگانىت ئادەملەردۇركى، كېيىنكىلەر ئۇلارنىڭ مۇرىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ" دېگەن. نىيوتونمۇ ئۆزىنى "گىگانىتلارنىڭ مۇرىسىنى دەسسەپ تۇرغۇچىدۇرمەن" دەپ قارايدۇ. ھالبوكى نىيوتوننىڭ ئۆزىمۇ بىز ئۇچۇن تالانتلىقلارغا ئوخشاشلا بىر گىگانتتۇر، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، تالانتلىقلار ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت پەلەمپىيىنى ياراتقۇچىلاردۇر. تالانتلىقلار مەيدانغا چىقمىسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەلگىرلەش قەدىمى توختاپ قالىدۇ، تالانتقلار بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ گۈھىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە، پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەت پاراسىتىنىڭ ئەڭگۈشتىرىدۇر.
يوقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ، تالانت ئىگىسى شۇنىڭ ئۈچۈن تالانتلىقتۇركى، ئۇلارھەقىقىي ھەققانىي ئېتىقادى بىلەن كۈزىتىدۇ، ئەمەلىي، ئۆنۈملۈك تېخنىكا، سەنئەت قاتارلىق ئومۇملاشقان بىلىملەرنى يارىتىدۇ، ھەقىقى ئۇتۇقنى چىن سەمىمىيىتى بىلەن تەپەككۈر قىلىدۇ ۋە گۈزەل سەنئەت ئۇقۇمىنى يارىتىدۇ، ۋاھاكازالار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تالانت ئىگىلىرى يېڭى بايقاش، يېڭى كەشپىيات ۋە يېڭى ئىجادىيەتلەرگە ئىگە بولىشى كېرەك.
تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاپىرىدە بولىشى ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئىچكى ۋە تاشقى زۆرۆر ئالدىنقى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك، بۇ ئەڭ ئەقەللىي شەرتلەر ھازىرلانمايدىكەن، تالانت ئىگىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس، مەيدانغا چىققان تەقدىردىمۇ « ئەي بولالمايدۇ».
تالانت ئىگىلىرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئىچكى شەرتى: چوقۇم يۈكسەك ساغلام، تەبىئىي، دىمۇكراتىك ۋە ئەركىن روھقا ئىگە بولىشى كېرەك. بۇ «روھ» تالانت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى بىر تال «ئۇرۇق» بۇلۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇنى تەبىئەت ئاتاقىلغان بولىدۇ، كىشىلەربۇ «ئۇرۇق»نى ئارزۇ قىلىدۇ ئەمما يارىتالمايدۇ(تەلەپ قىلالمايدۇ)، ئىنسانلارنىڭ ئاتا- ئانىلىق ياشاش ۋە پەرزەنت كۆرۈش شارائىتىدىن باشقا ياخشى چارىلەردىن سۆز ئېچىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. تالانتلىقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەنىۋىيەت قاتارلىق ئۈچ خىل تاشقى شارائىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، روھىيەتنىڭ يوقارقى ئۈچ خىل سۈپىتى  تاشقى زۆرۆر شەرتلەرنىڭ مۇقەررەر تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئائىلىدىكى ماددى ئېھتىياجغا بولغان تەلەپ تەبىئىيلىكىگە ئويغۇن كېلىشىنى تەلەپ قىلسا، جەمئىيەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىشى مۇستەققىللىقكە، مەنىۋىيەتتىكى ئىنتىلىشى ئەركىنلىككە ئويغۇن كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
   ئائىلە شارائىت پەرقى چوڭ بولسا نەتىجىسىمۇ كۆپ تەرەپلىمە، مۇرەككەپ بولۇپ شەرھلىمەكمۇ قېيىندۇر، شۇڭا ھازىرچە  بۇ مەسىلە تۇرۇپ تۇرسۇن. ئەمما جەمئىيەت ۋە روھىيەت ناھايىتى چوڭ ئورتاقلىققا ۋە ئۆز- ئارا زىچ باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولغاچقا مۇشۇ خۇسۇستا ئالاھىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارايلى.
    تالانتنىڭ جەمئىيەت ۋە مەنىۋىيەتتىن(روھىيەتتىن) ئىبارەت تاشقى ئامىلىغا نىسبەتەن، ماركىسنىڭ كۆزقارىشىغا قايىلمەن. ئۇلۇغ جەمئىيەتشۇناس ماركىسنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن كۆپلىگەن نوقتىنەزەرلىرى بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ماركىس مۇنداق دەپ قارايدۇ، ئەگەر ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەبىئەتكە ئوخشاش تەدرىجى تەرەققى قىلىشنى ئويلايدىكەن، چوقۇم ئۆزىنى تەبىئەتتىكى "قۇياش، تۇپراق، ھاۋا ۋە سۇ" غا تەدبىقلىشى كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەگەر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ " قۇياش، تۇپراق، ھاۋا ۋە سۇ" لېرىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئۇنداقتا تەرەققى قىلىشنىڭ ئاساسىي زۆرۆر شەرتلىرىگە ئىگە بولالمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەت مەدەنىيىتىنى ئىلىگىرى سۈرىدىغان تالانت ئىگىلىرىنىڭ تەبىئىي ھالدا مەيدانغا كېىلىشى مۈمكىن ئەمەس.
   ماركىس- «<جەمئىيەتنىڭ قۇياشى> دىگىنىمىز <ئىدىيە ئەركىنلىگىنى> كۆرسىتىدۇ؛ <جەمئىيەتنىڭ تۇپرىقى> بولسا <پىكىر ئەركىنلىكىنى>؛ <جەمئىيەتنىڭ ھاۋاسى> بولسا <ئاخبارات ئەركىنلىگىنى>؛ <جەمئىيەتنىڭ سۈيى> بولسا <مەتبۇئات ئەركىنلىگىنى> كۆرسىتىدۇ> » دىگەن.  مۇشۇ ئابزاسنى يۇقارقى ئابزاس بىلەن ئالماشتۇرۇشقا بولارمۇ؟
ئەگەر جەمئىيەتتە يوقارقى «قۇياش، تۇپراق، ھاۋا ۋە سۇ» لار بولمايدىكەن، جەمئىيەتتىكى ھەممە نەرسە قۇرۇق سەپسەتە بۇلۇپ قالىدۇ، ھەتتاكى جەمئىيەت بەئەينى بىر سېسىق كۆلچەككە، بىردۆۋە چىرىندى لايغا، ئېچىتىش كۇپىغا، تۇرمىگە ۋە ھەتتا گۆش توغراش ماشىنىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ.
مېنىڭچە، ماركىس تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاپىرىدە بۇلىشىنىڭ تاشقى ئامىللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرۈپ بەردى، شۇڭا مېنىڭ يەنە سىياسىي، ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىن كۈۋەجەپ چىڭقىلىپ تۇرۇپ سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمما شۇ نۇقتىنى جەزىملەشتۈرۈش زۆرۆركى، ماركىس شەكشۇبىھىسىز ھالدا شۇنداق ئەسكەرتكەن، « ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىلا باب باراۋەر» دىگەن ئۈقۈم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە مەلۇم دەەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنسا، ئاندىن يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك جەمئىيەتنىڭ « قۇياشى، تۇپرىقى، ھاۋاسى ۋە سۈيى» ھەقىقى يۇسۇندا ئىپادىلىنىدۇ.
ئىككى مىڭ يىل مابەينىدىكى جۇڭگوغا قايتا نەزەر سالساق، كۇڭزى ۋە كۇكڭزىچىلار ئېقىمى جۇڭگوغا زادى قانداق بىر جەمئىيەت ۋە مەنىۋىيەتنىڭ شەرتلېرىنى ھازىرلاپ بەردى؟ كۇڭزىنىڭ « ئالتە دەستۇر»ى  جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدىكى تەبىئىي، مۇستەققىل، ئەركىن بولغان روھىغا ئەڭ ئۆتكۈر زەھەرلىك دورىنى تەقدىم ئەتتى. كۇڭزى ۋە كۇڭزىچىلار ئېقىمى بار كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلغان «ئىلاھىي ئۇرۇقداشلىق تەبىقىسىنىڭ مۇستەبىت ھاكىممۇتلەق سىياسىي تۈزۈلمىسى، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «قۇياش»، «تۇپراق»، «ھاۋا»ۋە «سۇ» لانى پاك- پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىچكى تەبىئىتىدىكى ، مۇستەققىل، ئەركىن روھىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ «قۇياش»، «تۇپراق»، «ھاۋا»ۋە «سۇ»لېرى قاتارلىق تاشقى ئامىللارنى پايخان قىلىپ سۈپۈرۈپ تاشلىغان تۇرسا ، يەنە قانداقمۇ تالانتلىقلار مەيدانغا چىقالىسۇن. ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارسىدىن تالانتنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمىسا، ھەقىقى تالانت ئىگىلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىنمۇ؟
خۇلاسە كالام، جۇڭگو تالانتلېرىنى زادى كىم نابۇت قىلىۋەتتى دېگەندە، كۇڭزى ۋە كۇڭزىچىلار  پىرقىسىنىڭ  زەھەرلىك «ئېقىم» لېرى ۋە مۇتەئەسىپ «سىياسي تۈزۈلمىسى» دىگەن جاۋاپ ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. بۇ شەخسەن مىنىڭ خۇلاسەم.

百家讲坛  2009.4  “谁毁灭了中国的天才?”作者:黎鸣   
خەنزۇ يازغۇچىسى لىمىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بۇ ماقالىنى 5- ئىيون ۋەقەسىدىن كېيىن ئىدارە دەرۋازىسىدا ئامانلىق ساقلاشتا نۆۋەتچىلىك قىلغان ۋاقتىمدا ئوقۇپ، مەزمۇنىنىڭ ياخشىلىقىدىن تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىپ قالدىم ھەم ، بۇ تۇنجى قېتىملىق تەرجىمە قىلغان ماقالەم بولغاچقا تەرجىمىنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەنلىكى ۋە خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشى تۇرغانلا گەپ، شۇ ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ قويۇپ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى جاپالىرىمنى ئويلىسام بۇ ماقالىنى بۇنداقلا تاشلاپ قويسام، ئۆز ئەمگىگىمگە ھۆرمەت قىلمىغان بولۇپ قالىدىكەنمەن شۇڭا ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئوقۇش بىلەن بىرگە تەنقىدى پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

   ئەگەر بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى توردىن كۆرۈپ سېلىشتۇرۇپ باقاي دېسىڭىز:
http://www.cqvip.com/Read/Read.aspx?id=29984401# بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 22:13  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
36133
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 21:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مانا بۇ ئۆزىنى ھەقىقى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزىنى بېيىتىش يولىدا ئىزدىنىپ يېزىلغان ماقالا... يازغۇچى ئۆزىدىكى مول بىلىمى ۋە چوڭقۇر كۆزىتىش تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ تۇرۇپ ، ئىنچىكە تەھلىللەر ئارقىلىق پاكىت يورۇتقان. جۇڭگو جەمئىيىتىدە تارىختىن بۇيان مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان تالانت ئىگىلىرىنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش ئادىتىنى قىلچە رەھىم قىلماي سۆككەن. جۇڭگو جەمئىيىتىدە مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا دادىللىق بىلەن يول ئاچالايدىغان قەلەمدارلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن بولسا، يېڭى جۇڭگودىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر بولمىغان، ھەقىقى مەنادىكى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىغا يېقىنشىغان ياكى يەتكەن بولاتتى.

UID
28017
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن. ئەگەر باشقا تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئېلان قىلىشتا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
320
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1341
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:24:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر قىپسىز، تەشەككۇر!
      ئىدىلوگىيە ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە «كۇڭزى»لارنىڭ بارلىققا كىلىشى ياخشى ئىش. بىز مۇشۇنداق زۆرۇريەتتە تۇرغاندا بىر تۇركۇم « غالچىلار»نىڭ مەيدانغا كىلىشىمۇ تەبىئى.
       بىز «غالچى» بىلەن  ئىلمىي قوللىغىچىنى پەرىقلەندۇرۇشكە ماھىر بولىشىمىز، « غالچىلار»نى يوقىتىشنى تەزەردىن ساقىت قىلىپ «كۇڭزى »لارنى ئىنكارقىلشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-5 16:17):
ئاخىرقى قۇردىكى «تەزەردىن»نى «نەزەردىن» دەپ تۇزۇتۇپ ئۇقۇشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن!

UID
25814
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2012-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم،بىزنىڭ شىنجاڭ دىيارىدىمۇ ھازىرقى مائارىپ ساھەسىدىكى بىنورماللىقلار،بارلىق ئىشچى -خىزمەتچى ئامانلىق خادىمى بولاي دەپلا قالغان بىر ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى ،ئاساسى قاتلامدىكى ئىلگىرى بىر گۇرپا رەھبىرى سورايدىغان داۋالارنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە يىزا باشلىقى، ھاكىم،ۋالىيلار ئەمەس ئاپتۇنۇم رايونغا كىتىۋاتقانلىقى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەتتىكى مەسىللەر ئەمەس،بۇنىڭغا كاللا قاتۇرۇش مۇشۇنىڭدىن زىيانغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەردىن قاچانىكەم رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئۆتىدىكەن شۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىللەرنىڭ ھەقىقى  يىشىم قىسمى باشلانغان بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

UID
30718
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:52:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ھەممە نەرسىگە ئىنكار پوزىتسىيە تۇتۇشقا بولمايدۇ،نىمىلا دىگەن بىلەن كۇڭزى جۇڭگۇ نىڭ 2000يىلىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ شەخىس .يىقىندا  بىر ئىلمىي ژورنالدا يىقىنكى جۇڭگۇ زىيالىلىرى مۇنداق بىر سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقتى : (غەرب ھازىر تۆھپسىدە قەدىمكى يۇنان مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىدىيەلىرىنى مەنبە قىلغان ،بىز مۇ جۇڭگۇ زىيالىلىرى كۇڭزىنىڭ 21-ئەسىرىنى يارىتىشمىز كىرەك) دەپ ماقالە ئىلان قىلدى .ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھەيران قالمايمىز .چۈنكى غەرىب مەدەنىيتى يۈكسەك دىمكۇراتىك روھقا سۇغۇرۇلغان ئىدى .لىكىن جۇڭگۇ مەدەنىيتى چۇ؟يۇكسەك  مۇستەبىتلىكىنى ئارقا كۆرنۈش قىلىپ ئوتتۇرغا چىققان ئىدى .جۇڭگۇ دا  ئەزەلدىن شەخىسنىڭ قىمىتتىگە سەل قاراپ كەلگەن ،ھاكىمىيەت ئۈچۈن قانچە تالانتلىق كىشىلەر بولسىمۇ يوقىتىۋەتكەن .21-ئەسىردە جۇڭگۇ جەمىيتىدە قانداق ئەھۋال بولىدۇ ..بۇنىڭ غا سىز جاۋاب تاپقۇچى .

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شاڭحەي ئىستىراتىگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇگىجىن «جۇڭگۇلۇقلار ئوزىنىڭ سەۋەنلىكى ئۇستىدە ئويلانمايدىعان مىللەت» دىگەن .شۇڭا مەسىلىنى كوڭزىعا ئارتىپ قويۇش يازعۇچىنىڭمۇ قاتمال ئىدىيەدىن قۇتىلالمىعانلقىنى بىلدۇردۇ  . ھەممە ھوقۇق حەلققە مەنسۇپ دەپ تۇرۇپ حەلقنىڭ كىنىيىش ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋالعاندەك بىر ئىش . بۇ يازعۇچى گەپنى چوڭ قىلعان بىلەن  دۇنيادا ماركىسنىڭ پىشىگە ئىسىلعانلارنىڭ ئاعزى-بۇرنىدىكى قان يوقىلىرىنى كورمىگەن ئوحشايدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
325
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8346
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:24:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىلا  بۇ سەپكە كېرىپ،  قىلغان تەرجىمە ئەسىرىڭىز راستىنلا ياخشى چىقىپتۇ.ئەمدىكى مەسىلە بۇنىڭدىن كىيىن ئىملاغا تېخمۇ دىققەت قىلىپ ،ئىپادىلەش كۈچىڭىزنى ئاشۇرسىڭىز ،لاياقەتلىك بىر تەرجىمان بۇلىشىڭىزدا گەپ يوق.

UID
37146
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ خۇددى ئۆزىڭىز يازغاندەكلا، ئەمما ئەپەندىم ئەيىپ بولسىمۇ سوراۋېرەي، نېمە سەۋەپتىن نوف دەپ قوشىۋالدىڭىز ئىسمىڭىزنىڭ ئاخىرىغا،  پەقەت چۈشەنمىدىم .........

UID
36249
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 17:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۈستىدىكى «بايراق» ئىسىملىك دوستىمىزنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ:
   مىنىڭ مىللىتىم ئۆزبېك، يىلتىزىمىز ئۆزبېكىستان دۆلىتىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدىكى مىسكەرچىلەر مەھەللىسىدە بولۇپ، مەندىن باشلاپ سانىغاندا 9- بوۋامنىڭ ئىسىمى ھەسەنوۋ ئىكەن، ئۇلار ياقۇپبەگ ھاكىميەت يۈرگۈزىۋاتقان دەۋىرلەردە، سودا كارۋىنى بىلەن شىنجاڭغا كىرىپتىكەن، شۇندىن ياقى ئالتاي، تۇرپان، جىمسار ئەڭ ئاخىرىدا گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردا زىمىن تۇتۇپ، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
     بىزنىڭ ھازىرقى جەمەتىمىز گۇچۇڭ، ئۈرۈمچى، سانجى، جىمسار ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ياشاۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئائىلە شەجەرىمىزنى ئاتام ئىزدىنىپ يۈرۈپ ئەڭ بۇرۇنقى بوۋىمىزنىڭ ئىسىمىنىڭ ھەسەنوۋ ئىكەنلىكىنى ۋە تاشكەنتتىن كىرگەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى بىراق ئۇندىن بۇرۇنقىسىنى چىگرا ئاتلاپ بېرىپ ئىنىقلىيالمىدى. شۇڭا ھازىر جەمەتىمىز ئاشۇ «ھەسەنوۋ» دىگەن ئىسىمنى فەمىلە قىلىپ قوللانماقچى. بۇ مىنىڭ فەمىلەم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش