تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1355|ئىنكاس: 13

ئاددىي ئادەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
17588
يازما
51
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2011-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاددىي ئادەم


(ھېكايە)


ماردىكا (ئامېرىكا)


          بىر موماي يېڭىلا ياغقان قارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ ئاستا كېتىۋاتاتتى. شەھەرنىڭ ئاۋات بۇ كوچىسىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمايىتتى. سەل دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ پۇتىدا ئاياغ كىيىم يوقلىقىنى، قارنى يالاڭئاياغ دەسسەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى. موماي كونىرىغان چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئەتمەكچى بولاتتى، ئەمما چاپاننىڭ تۈگمىلىرى تولۇق ئەمەس ئىدى.
           ئۇ ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىپ توختىدى. بېكەتتە سومكا كۆتۈرۋالغان مۆتىۋەر سۈپەت بىرەيلەنمۇ ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتاتتى. ئۇ موماينىڭ ئۈستىبېشىغا قاراپ ئاللىنېمىلەرنى ئويلىدىمۇ قانداق، مومايدىن يىراقراق تۇردى.
ئاپتوبۇس كېلىۋىدى، موماي ناھايىتى تەستە چىقىپ شوپۇرنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرغان ئەر مومايدىن بىزار بولغاندەك قاراپ قوياتتى.
            ئاپتوبۇستىكى بىر بالا ئاپسىغا موماينى كۆرسىتىپ:
            ـــ ئاپا، ئاۋۇ موماينىڭ پۇتىدا ئاياغ يوققۇ، ـــ دېدى.
            ئوڭايسىزلانغان ئانا ئوغلىنى نوقۇغۇنىچە:
            ـــ ئاندېرو، باشقىلارغا قول شىلتىش ئەدەپسىزلىك، ـــ دېدى ۋە سىرىتقا قاراپ ئولتۇرىۋەردى.
            ـــ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىغان باللىرى بار بولغىيتى، ئۇ باللار ئانسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرسە ئويالماسمۇ؟ ـــ دېدى ئاپتوبۇستىكى خۇرۇم پەلتۇ كىيىۋالغان ئايال. چۈنكى ئۇ ئانسىنىڭ ھالىدىن ناھايىتى ئوبدان خەۋەر ئالاتتى.
            ـــ بىز تاپشۇرغان باج مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلالمامدىغاندۇ؟ ـــ دېدى بىر قۇچاق سوۋغاتلىق ئېلىۋالغان ئايال.
            ـــ ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېجىشى كىرەك، ـــ دەپ لوقما سالدى بىر ئىستودىنت، ـــ ئۇ ياشلىقىدا بانكىغا پۇل ئامانەت قويغان بولسىدى، بۇنچە ئېغىر كۈندە قالماس ئىدى، بۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى.
            بۇ گەپتىن ئەتراپتىكىلەر مەمنۇن بولغاندەك باش لىڭشىتتى. ئەمما سودىگەر سۈپەت بىرەيلەن ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ مومايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن بىزار بولدى بولغاي، يانچۇقىدىن 20 دوللار پۇلنى چىقىرىپ موماينىڭ قورۇق باسقان تىتىرەڭگۈ قولىغا تۇتقۇزغىنىچە:
             ـــ خانىم، بۇنىڭغا ئاياغ ئېلىۋالارسىز، ـــ دېدى. موماي بېشىنى لىڭشىتىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. سودىگەر ئۆز ئىشىدىن مەمنۇن بولدى.
             بىر تەقۋادار ئايال بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇ ئىچىدە تىلاۋەت قىلىپ «پەرۋەردىگارىم، مەندە پۇل يوق، ئو مومايغا ياردەم قىلالمايمەن. ئەمما ماڭا شۇ نەرسە ئايانكى، سەن تولىمۇ مىھرىبان، سەن ھەممىگە قادىر، مېھىر-شەپقىتىنىڭنىڭ نۇرى مۇشۇ مۇمايغا چۈشتى، ئاسماندىن ئاياغ چۈشۈرۈپ بەردىڭ، موماي مەۋلۇت بايرىمىدا يېڭى ئاياغ كىيەلەيدىغان بولدى...» دېدى ۋە ئۆزىنى بەك ئالىيجاناپ ھىس قىلدى.
              ئاپتوبۇس يەنە بىر بىكەتكە كەلگەندە بىر يىگىت ئاپتوبۇسقا چىقتى. ئۇ قۇلقىغا نائۇشنىك سېلىۋالغان بولۇپ، بەدىننى موزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ تولغايتتى. ئۇ موماينىڭ ئاياغ كىيىمسىز پۇتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، كۆزى موماينىڭ پۇتىدىن ئۆزىنىڭ پۇتىغا يۆتكەلدى. ئۇ يېڭى، قىممەت پۇللۇق مودا تەنھەركەت ئاياغ كىيىغالغانىدى، يىگىت ئېڭىشىپ ئايغىنى يەشتى-دە، موماينىڭ ئالدىغا كىلىپ يۈكۈندى:
               ـــ خانىم، سىزگە ئايغىمنى كىيگۈزۈپ قوياي.
               يىگىت موماينىڭ تارشىدەك قېتىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پايپىقى بىلەن ئايغىنى كىيگۈزۈپ قويدى. موماي قايتا-قايتا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
               ئاپتوبۇس يەنە بىر بىكەتكە كەلگەندە يىگىت ئاپتوبۇستىن چۈشتى-دە، قاردا يالاڭئاياغ مېڭىشقا باشلىدى. يولۇچىلار دېرىزىدىن سىرىتقا قارغىنىچە مۇنازىرىگە چۈشتى:
               ـــ ئۇ كىمدۇ؟
               ـــ ئۇ چوقۇم بىشارەتچى.
               ـــ ئۇ چوقۇم خاسىيەتلىك ئادەم.
               ـــ ئۇ چوقۇم پەرىشتە.
               ـــ ئۇ چوقۇم تەڭرىنىڭ ئوغلى.
               ـــ ئۇنداق ئەمەس ئاپا، مەن ئېنىق كۆردۈم، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەتتىكى ئادەم، ـــ دېدى ھېلىقى بالا.

ئابلىز ئۆمەر ھاجى تەرجىمىسى
گىزىتتىن كۆچۈرۈپ مۇنبەرگە يوللىغۇچى: كەمىنە  تەلقىن.

               تۈنۈگۈن بىر تاشلىۋىتىلگەن كونا گىزىتتىن كۆرۈپ قېلىپ ئوقۇپ باققان ئىدىم. شۇنداق تەسىر قىلدى. شوڭا ھېكايە بار يېرىنىلا يىرتىۋېلىپ يانچۇقۇمغا سېلىپ قويغان. بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگىمۇ قايىتماي ئىشخاندىلا كومپىيوتىرغا ئۇرۇپ ساقلىۋالدىم. ھەم تورداشلار بىلەن بۇ ياخشى تەرجىمە ئەسەردىن تەڭ بەھىرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللىدىم.

               تورداشلار ھېكايىنىڭ مەزمۇنىدىن نىمىنى ھىس قىلغانلىقىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق دەيمەن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
14849
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
194
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ياخشى ھىكايىكەن . يولۇچىلارنىڭ ئويلىرىمۇ ھەرخىل ، ياخشى ئىشى بىلەن ياخشى ، دىگەندەك كىچىككىنە ياخشىلىق قىلىپ قويسا ''خاسىيەتلىك ئادەم ''،''تەڭرىنىڭ ئوغلى ''قىلىۋەتتى  . بەزى ئىشلارنى ئىغىزدا مىڭ قىتىم دىگەندىن ئەمەلىيەتتە قىلالىغان ئەۋزەلدە

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
583
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
583
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
217 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ياخشى ھېكايە ئىكەن . تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

UID
30558
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت...

UID
37042
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:56:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇ نەق مەيداندا بولسام قانداق قىلار ئىدىم دىگەنلەرنى  ئويلىدىم.

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:24:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ ئىغىز گەپتىن بىر ئىغىز ھەرىكەت ئەلا.

UID
11177
يازما
103
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1633
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:03:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھىر بۇھەببەت .ىنسابغا قانات .
   ئەگەر مەن شۇ ئاپتۇبۇستا بولغان بولسام  ئۇنۇڭغا ئايىقىمنى بىرەلمىسەممۇ  تىگىشلىك ياردەم قولۇمنڭ سۇنغان بولاتتىم.

تىرىشچان ئەزا

دۈشمىنىمنىڭ دۇش

UID
5562
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1227
تىزىملاتقان
2010-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بىر ئېتۇت بارغۇ (ساتراچخانىدا) دەپ ، شۇنىڭدىكى ئەيساغا بىرىلگەن باھالارغا ئوخشايدىكەن .

UID
10525
يازما
306
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3516
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
121 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بۇلغاندىن كېيىن ئەگەر مەنمۇ شۇ ئاپتوبۇستا بولغان بولسام قانداق قىلار ئىدىم دىگەننى ئويلىدىم . قارىغاندا مەنمۇ شۇ سودىگەرچىلىك قىلالىسام كېرەك ........دەسلەپتىلا ئايىغىمنى سېلىپ ئۇنىڭ پۇتىغا كىيگۈزۈپ قويۇش دىگەن نەرسە ئېسىمگە كىېلىپمۇ قويماپتۇ . دىمەك ، پەزىلەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرۇش قارىغاندا ھەممە كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمىسە كېرەك .
   يازما ئىگىسىگە تەشەككۈر !

UID
36476
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:09:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇ نەق مەيداندا بولسام  ھىلىقى مۇزىكا ئاڭلىغان بالىدىك قىلالىشىم ناتايىن ئىدى .......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش